ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسى ‹‹ياشلىق ساداسى››پروگراممىسىدا ئەلكۈيى تورىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇھەممەدجان ئۈمىدۋار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى

ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسى ياشلىق ساداسى پروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى مېھراي رىشات، شۆھرەت ئۆتكۈر ۋە ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى،ئەلكۈيى تورىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇھەممەدجان ئۈمىدۋار بىرگە 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 8دىن 9گىچە بىر سائەت ئۈرۈمچى خەلق رادىئو ئىستانسىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىدىغان <<ياشلىق ساداسى>>پروگراممىسىغا رىياسەتچى شۆھرەت ئۆتكۈر،مىھراي رىشاتلارنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى،ئەلكۈيى تورىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇھەممەدجان ئۈمىدۋار تەكلىپ قىلىنىپ،مۇھەممەدجان ئۈمىدۋار بىلەن ئەلكۈيى تورى ھەققىدە ۋە مۇھەممەدجان ئۈمىدۋارنىڭ بورۇنقى ۋاقىتلىرىدىكى ئېگىلىك تىكلەش ۋە تور بېكەت قورۇش ھەققىدىكى بىر قىسىم ئىش-ئىزلىرى،ئەلكۈيى تورىنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى تەرەققىيات نىشانى ھەققىدە ئەركىن -ئازادە سۆھبەت ئۆتكۈزۈلۈپ رادىئو ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلغان ئىدى.

بۇ يەرنى بېسىپ ئاڭلاڭ! ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسى ياشلىق ساداسى پروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى مېھراي رىشات، شۆھرەت ئۆتكۈر ۋە ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى،ئەلكۈيى تورىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇھەممەدجان ئۈمىدۋار رادىئو دولقۇنلىرىدا سۆھبەتتە
بىر قىسىم تورداشلار بۇ قېتىملىق سۆھبەت ھەققىدىكى مىكرو ئۇچۇر ئەلكۈيى مىكرو بلوگىدا ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن،ئۆزلىرىنىڭمۇ ئاڭلاش ئارزۇسى بارلىقىنى،ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن ئاڭلىيالمىغانلىقىنى قالدۇرغاچقا،بىز ئەلكۈيى تورىدىكى بارلىق تورداشلارنىڭ بۇ سۆھبەتنى تور ئارقىلىق ئاڭلاش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەقسىتىدە سۆھبەتنىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسىنى تورىمىز ئارقىلىق تورداشلارغا تەمىن ئەتتۇق. رادىئو ئاڭلىتىش جەريانىدىكى رەسىملەردىن ئارىيە 

ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
ئەلكۈيى تور بېكىتى
2012-يىلى11-ئاينىڭ 23-كۈنى
|