كۆرۈش: 3320|ئىنكاس: 17

سىزنىڭ ھەم مېنىڭ دۇئا - تەلەپلىرىمىز   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
48400
يازما
4
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2012-10-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-28
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-20 16:43:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                         سىزنىڭ ھەم مېنىڭ دۇئا تەلەپلىرىمىز

ئەڭ مېھرىبان ۋە شەپقەتلىك ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن:
كېچە-كۈندۈز تائەت-ئىبادىتىڭگە ئاشىق قىلغايسەن يائاللاھ، ئىككى بەيتىڭگە نېسىپ قىلغايسەن، بەش ۋاق نامازغا ئاشىق، سۈبھىگە ئاشىق، قۇرئانۇ كېرىمگە ئاشىق قىلغايسەن، گۇناھىمنى مەخپىرەت قىلىپ، ئۆزەڭگە مېھرىبان، ئۆزەڭنىڭ خاس بەندىلىرىڭدىن قىلغايسەن، تىلاۋەت قىلىپ يىغلىغۇچى قىلغايسەن. ئىبارا خۇدايا كېچىنىڭ بىر قىسمىنى ناماز ئوقۇشقا، قۇرئان ئوقۇشقا ئويغاتقايسەن، جەننەتتە جامالىڭنى كۆرۈشنى نېسىپ قىلغايسەن، رەسۇلىللانىڭ شاپائىتىدىن مەھرۇم قىلمىغايسەن، مۇھەممەدئەلەيھىسالامنىڭ شاپائىتىگە مۇيەسسەر قىلغايسەن، سەكراتىل موۋىتنى ئاسان قىلغايسەن ئامىن. گۆر ئىچى روشەن قىلغايسەن، گۆر ئازابىدىن ساقلىغايسەن، دوزاخ ئوتىدىن ساقلىغايسەن، قىيامەت كۈنى يالىڭاچ قوپۇشتىن ساقلىغايسەن، نامۇ-ئەمەلىمنى ئوڭ تەرەپتىن بەرگەيسەن، ئىككىلا دۇنيادا ئامان قىلغايسەن، تۆۋبەمنى قوبۇل قىلغايسەن يائاللا، ھاياتلىقىمنىڭ ئاخىرقى ئايلىرىدا رامىزان ئېيىنى، كۈنلىرىدە جۈمە كۈنىنى نېسىپ قىلساڭ، سەككىز جەننەت ئىشىكىنى ئوچۇق قىلساڭ، يەتتە دوزاج ئىشىكىنى تاقىغايسەن يائاللاھ، ئىبارا خۇدايا، مېنى قەبرەمگە ئوڭۇشلۇق كىرگۈزۈپ، ئوڭۇشلۇق چىقارغايسەن، ماڭا دەرگاھىڭدىن ھەققە ياردەم بېرىدىغان كۈچ-قۇۋۋەت ئاتا قىلغايسەن، دەرگاھىڭغا پاك بارغىلى نېسىپ قىلغايسەن، نازۇ-نېمەتلىك جەننەت ۋارىسلىرىدىن قىلغايسەن، دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغايسەن، ئەرافات كۈنلىرىدە پەيغەمبىرىمىز رەسۇلىللاھنىڭ شاپائىتىگە ئېرىشتۈرۈپ جەننەتكە كىرىشكە نېسىپ قىلغايسەن، ئاخىرەت ياخشىلىقىنى نېسىپ قىلغايسەن، ئەرافات كۈنلىرىدە شاپائىتىڭنى ياغدۇرغايسەن، ئاللاھ،  مەن سېنىڭ بەندەڭمەن، گۇناھىمغا تۆۋبە قىلدىم، گۇناھىمنى كەچۈرگىن يائاللاھ . ئىبارا خۇدايا، دۇئالارنىڭ ئەبزىلىنى ، ئەمەلنىڭ ياخشىسىنى، ساۋاپنىڭ ياخشىسىنى، ھاياتلىقنىڭ ياخشىسىنى ، ئۆلۈمنىڭ ياخشىسىنى سەندىن تەلەپ قىلۇرمەن، ئاللاھ ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىنى خەيرلىك قىلغايسەن، ئىبارا خۇدايا مېنى ئىمان بىلەن ئىكرام قىلغايسەن، ئۇنى مەندىن تارتىپ ئالمىغايسەن، ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىدا ئازغان بەندىلىرىڭ قاتارىغا كىرگۈزۈپ قويمىغايسەن، پادىشاھلارغا، جىمى مۇسۇلمان بەندىلىرىڭگە، خۇلۇم-خوشنا، يارۇ-بۇرادەرلىرىمگە ئىنساپ-تۆۋپىق ئاتا قىلغايسەن، تائەت-ئىبادىتىمىزگە تەۋپىق بەرگەيسەن، يامان سۆزلەردىن تىلىمىزنى يىغقايسەن، مۆمىن سالىخ بەندىلىرىڭدىن قىلغايسەن، ئۆزۈڭنىڭ كېرىمىڭگە، شەپقىتىڭگە مۇيەسسەر قىلغايسەن، ئۇشبۇ دۇنيادا ياخشىلىقنى كۆپ قىلىشقا بۇيرىغايسەن، يامان ئىشلاردىن كۆڭلىمىزنى يىراق قىلغايسەن، ئىسلام دىنىمىزغا كۈچ-قۇۋۋەت ئاتا قىلغايسەن يائاللاھ ، رەببىم سەن مېنىڭ گۇناھىمنى، نادانلىقىمنى، ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىمنى، قەستەن ، بىلمەستىن، چاخچاق يوسۇنىدا قىلىپ تاشلىغان گۇناھلىرىمنى، ئىلگىرى- كېيىن قىلغان گۇناھلىرىمنى، يوشۇرۇن-ئاشكارا قىلغان گۇناھلىرىمنى مەخپىرەت قىلغايسەن، بۇلارنىڭ ھەممىسى مەندە تېپىلىدۇ، خالىغان بەندەڭنى رەھمىتىڭگە بالدۇر ئېرىشتۈرگەيسەن، سەن ھەممىگە قادىرسەن، ئادىلسەن، كامىلسەن، رەھمەت قىلغۇچى، شەپقەت قىلغۇچى، مېھرىبان بىر ئاللاھدۇرسەن، مېنىڭ گۆدەكلىكىمدىن ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىمنى كەچۈرگىن. ئىبارا خۇدايا مېنى توغرا يولغا باشلىغىن، سەۋرچان قىلغىن، قەلبىمنى كەڭرى قىلغىن، ياخشىلارغا قوشقىن، ياماندىن يىراق قىلغىن، دوستلىرىمنى يېقىن، دۈشمەنلىرىمنى يىراق قىلغىن، كېچىنىڭ بالاسىدىن كۈندۈزنىڭ قازاسىدىن ساقلىغىن، قۇرۇق سۆز، قۇرۇق تۆھمەت، توغرايۇ بالا-قازادىن ساقلىغىن، رەھمىتىڭدىن ئورۇن بەرگىن، كېيىنكىلەر ئارىسىدا ياخشى نامىمنى قالدۇرغىن، نەپسى-خاھىشىغا ئەگەشكەن، ھەددىدىن ئاشقان كىشىلەرگە ئەگەشتۈرمىگىن، ئاتا-ئانامغا، ئۇرۇق-تۇققان، خولۇم-خوشنا، يارۇ-بۇرادەرلىرىمگە مەخپىرەت قىلغىن، خارۇ-زار ئىنتىزارلىقتىن ساقلىغىن، شەيتاننىڭ ۋەس-ۋەسۋەسىسىدىن، زالىمنىڭ زۇلمىدىن، دۈشمەنلەرنىڭ قەھرىدىن  ساقلىغىن يائاللاھ . دۇنيادا ھاياتلارغا يەنى مۇسۇلمان ياش ئوغۇل-قىزلارغا ئىنساپ-توۋپىق ئاتا قىلغىن، سېنىڭ ئەمرىڭنى ئادا قىلىپ، ئىمان-ئىسلام ، بەش ناماز ئوقۇيدىغان ، ھالال-ھارامنى تونۇيدىغانلاردىن قىلغىن، مۆمىن مۇسۇلمان بەندىلىرىڭنى يامان ئىشلاردىن توسىغىن يائاللاھ . پەرزەنتىمگە ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىگە،  ئوغۇل-قىز، كېلىن-كۈيئوغۇللىرىمىزغا ئىنساپ-توۋپىق، مېھرى-شەپقەت ئاتا قىلغىن، پەرزەنتلىرىمىزگە ئىلمىي ناپىئەدىن كۆپ نېسىبە بەرگىن، ھالال كەسپ بىلەن رىزقى ئاتا قىلغىن، يامان ئەخلاق، يامان يوللاردىن يىراق قىلغىن، ئاللاھ سېنى پاك دەپ ياد قىلۇرمەن، سەندىن باشقا خۇدا يوق، سەن تەنھادۇرسەن، جىمى ھەمدۇ-سانا ساڭا خاستۇر، گۇناھىمنى مەخپىرەت قىلغىن، بىتەھقىق سەن كۆپ مەخپىرەت قىلغۇچى، كۆپ رەھىم قىلغۇچىدۇرسەن، ئەي سەبرى قىلغۇچى ئاللاھ، رەھمىتىڭنىڭ ئىشىكىنى ئاچقىن، ئەي پەرۋەردىگارىمىز پەقەت ساڭىلا ئىبادەت قىلۇرمىز، سەندىنلا ياردەم تەلەپ قىلۇرمىز، بىزگە توغرا يولنى كۆرسەتكىن يائاللاھ، ئاللاھ مەھبۇب قىل بىزلەرگە ئىماننى، دىللىرىمىزغا يامان كۆرسەت كۇفرىنى، بەندىڭىز ئاجىز كېرىمىڭىز كەڭ ئاللاھ، يولىمىزنى ئوچۇق دىلىمىزنى يورۇق قىلغىن، ئامىن . .  . . .


                                                                        مەنبە:  شۇ ناملىق كىتاپتىن ئارىيە

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
49161
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2012-11-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-8
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-20 21:33:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن رەخمەت

UID
17057
يازما
738
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1848
تىزىملاتقان
2011-11-9
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-27
توردا
156 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 00:02:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
« ئىبارا خۇدايا» دېمەي، « ئې ئاللاھ» دەيلى.

باھا سۆز

xax189  توغرا.  يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 00:47:35

UID
49108
يازما
42
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
42
تىزىملاتقان
2012-11-8
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-6
توردا
25 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 00:51:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىن توغرىلىق مۇشۇنداق ياخشى يازمىلارنى ھەممىڭلارنىڭ يوللاپ تۇرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.  رەخمەت

UID
15872
يازما
124
تېما
16
نادىر
0
جۇغلانما
214
تىزىملاتقان
2011-10-8
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-30
توردا
158 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 10:41:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامىن !!!

UID
48881
يازما
42
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
42
تىزىملاتقان
2012-11-2
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-7
توردا
35 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 11:12:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭزگە كۆپ رەھمەت ، كۆپ گەپلەرنى بىلىۋالدىم

UID
49187
يازما
35
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
35
تىزىملاتقان
2012-11-9
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-28
توردا
23 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 13:11:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن!

UID
2581
يازما
200
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
6232
تىزىملاتقان
2010-6-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-8
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 19:48:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمىدىگەن ئېسىل تىلەكلەر بۇ، تېما يۇللىغان قېرىندىشىمىزغا اللە رەھمەت قىلسۇن

UID
49763
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-11-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-12
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-22 12:33:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇئانىڭ ناھايىتى كەڭ دائېرسىنى بىلىۋالدىم،ئاللا ھەممىمىزگە رەھمەت ئاتا قىلسۇن!

UID
10525
يازما
443
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
3653
تىزىملاتقان
2011-4-1
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-29
توردا
225 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-22 18:55:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  رەھمەت ، چۈشۈرىۋالدىم .......

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش