تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 1391|ئىنكاس: 14

مۇھاببەت لېرىكىلىرى     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
10525
يازما
375
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
3585
تىزىملاتقان
2011-4-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-10
توردا
171 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-19 12:07:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                       مۇھاببەت لېرىكىلىرى
                                                      
يۈرۈپ كەتتۇق ،
ماشىنا نۇرلىرى گىرەلەشكەن يوللارنى بويلاپ .
بەلكىم ماڭدىڭ ،
ئۆزەڭگە تونۇش مەنزىلگە باشلاپ .
ئەمما مەن ماڭغاندەك ،
گويا
بۇ دۇنيانى تاشلاپ .
كېتىۋاتىمىز ،
ماي يولىنىڭ ئىككى ياقىسىدا كۈز ياتىدۇ ،
يوپۇرماقلار كۈز تىلىدا شىۋىرلايدۇ .
مەن ئانا تىلىمدا شىۋىرلىدىم ،
ئانا تىلدا شىۋىرلىشىم ،
تېلىفونۇڭغا ئۈچۇر بوپ كەلدى ........
سۆيۈش مەردانلىق ،
سۆيۈلۈش بەخت ،
سۆيۈپ سۆيۈلماسلىك بەختسىزلىك ،
سۆيۈلۈپ سۆيمەسلىك زېرىكىشلىك .@
شۇ تاپ
بىزار قىلغان مەنىسىزلىك ئىچىدىن ،
قىمىلداپ يۈرگەن ئادەم ھەم ماشىنىلار ئارىسىدىن ،
كەتتۇق ئۇزاپ .
داۋامى يوق يولنىڭ جىمجىتلىقى ،
كەلدى ئوراپ .
ئاسماندا ھىلال ئاي ،
يەردە شۇ ھال .
سەن ماڭا ئېگىلدىڭ ،
مەن ساڭا ئېگىلدىم ،
ماشىنا ئورۇندۇقىغا قونغان ھىلال ئاي بولدۇق .
كۆزۈم كۆزۈڭگە ،
كۆزۈڭ كۆزۈمگە سايە تاشلىدى .
قالدىم تەمتىرەپ .
سۆيۈش مەردانلىق ......
تىنىقىڭغا قوشۇلۇپ كەتتىم ،
يۈرىكىڭدىن قونالغۇ ئىزدەپ ،
بەلكىم
ئەركەكلىكىڭدىن ئۆزۈمنى ئىزدەپ .
لەيلىگەندەك قاراڭغۇلۇقتا ،
سۈكۈتلەرگە ئەل بولدۇق بىر پەس ،
قولۇڭ قولۇمدا ،
قولۇم قولۇمدا ،
ئاڭلىنار پەقەت ئىگىز - پەس نەپەس .
سەزدىم
بەرگەن بولساڭمۇ جېنىمغا بىر جان ،
دىلىڭدا ئىمان
نەپسىڭگە يەنە قالدۇردۇڭ ئىمكان .
شۇ بىر رەت ،
بەلكىم تۇنجى ياكى ئاخىرقى بىر رەت ،
روھىمغا بەردىم شامالدەك ئەرك ،
ئالالمىدىم دەم
كۈز ئالماشتى باھارغا بىردەم ........
تېنىم تېنىمگە قايتتى ،
جېنىم جېنىمغا قايتتى ،
تۇرۇپ يەنە
ئاسىي قوللىرىم ،
بوينۇڭغا سالدى گىرە .
راست - يالغانمۇ دىدىڭمىكىن ،
قاراپ قويدۇڭ بىرە - بىرە .......
ئاڭلانغاندەك بولدى شۇ تاپ ،
قۇلىقىمغا ئۇنتۇلغان ناخشا ،
ئۆزۈم ئۈچۈن
قىلغۇم كەلدى ئۇزۇن بىر دۇئا ......
رەببىم !
مېنى ئۆزۈمدەك ياشىغىلى قوي ،
رەببىم !
سۆيگۈم كەلگەننى بىر سۆيگىلى قوي ،
رەببىم !
ئىجازەتسىز يوللىرىڭدا بىر ماڭغىلى قوي ،
رەببىم !
مۇھاببەتتە كۈز پەسلىم مېنىڭ ،
باھارىمغا بىر قايتقىلى قوي .......
بىلگۈم كېلىدۇ ،
قىلغانسەنمۇ مەندەك بىر دۇئا ؟!
بىلگۈم كېلىدۇ ،
بولغاندىمۇ سېنىڭدە شۇنداق مۇددىئا ؟!
كېچە ئاغزىنى يوغان ئاچتى ،
ئاخىرى يوق يولغا
ماشىنا چىرىقىنىڭ پىپسىمان نۇرى يېيىلدى ،
بەلكىم ئەركىنلىكنىڭ ئاخىرى چېكى كېسىلدى .
يۈرۈپ كەتتۇق ،
تۈننىڭ قوچىقىدا ئەللەيلىنىپ ،
تەلپۈنىشتىن چارچىغان جىسمىم ،
كۆتەردى غۇۋغا .
سېنىڭ كۆزلىرىڭ يولدا ،
قوللىرىڭ رولدا ،
قۇتۇپ يۇلتۇزى تامام ئېگىلگەن بولدۇم ،
بەلكىم قىلغاندىمەن ،
ۋىسال دەملىرىدەك سۆيۈشنى سوۋغا .
ئىككى ياندا يوپۇرماقسىز دەرەخلەر ،
داۋامى يوق يول
قالدى تاشلىنىپ .
ئەمما شېئىرىمدا قالدى يادلىنىپ .
« خوش » دىدىڭ ،
« خوش » دىدىم ،
شۇنچە يېقىن ئارىلىقتىن « خوش » دىيىشىمىز
تۇنجى ياكى ئاخىرقى قېتىم ........






ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
10525
يازما
375
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
3585
تىزىملاتقان
2011-4-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-10
توردا
171 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-19 16:00:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   يۇقىرىدىكى شېئىرغا « خاتىرەمدىن » دەپ ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇپتىمەن .
بىر پارچە شېئىر ئارقا كۆرىنىشى بار تاسادىپىيلىق .
                                                 ئابدۇقادىر جالالىددىن

UID
49108
يازما
36
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
36
تىزىملاتقان
2012-11-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-28
توردا
22 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-19 16:49:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۆيۈپ سۆيۈلماسلىك بەختسىزلىك ،
سۆيۈلۈپ سۆيمەسلىك زېرىكىشلىك .@
بۇ مىسىرالار ماڭا بەك ياقتى.

باھا سۆز

koygandengiz  مەن بۇ مىسرالارنى توردىن كۆچۈرىۋالغان ........  يوللىغان ۋاقتى 2012-11-20 10:11:13

كۆيۈمچان ئەزا

شۇنداق بىر كۈنلە

UID
2736
يازما
127
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
3061
تىزىملاتقان
2010-6-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-9
توردا
84 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-19 21:49:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكمۇ ياقتۇرۇدۇم...
مۇھەببەت ئىككى يۈرەككە تەئەللۇق بولسا،ئازاپ كۆپىنچە ھاللاردا بىرلا قەلىبكە يۇشۇرۇنغان بولىدۇ...

باھا سۆز

koygandengiz  بۇ سۆز باش سۈرىتىڭىزدەكلە گۈزەلكەن ........  يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 11:28:09

UID
31585
يازما
11
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
11
تىزىملاتقان
2012-3-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-21
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-20 00:41:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاسىي قوللىرىم

UID
49735
يازما
14
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
14
تىزىملاتقان
2012-11-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-10
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-20 22:08:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى چىقىپتۇ، بىراق«مۇھەببەت لىرىكللىرى» بىرلا شېئىرنى كۆرسەتسە بولمايدۇ! داۋامىنىمۇ يوللاڭ.

باھا سۆز

koygandengiz  ئەسلىدىغۇ ئۇنداق قىلىش خىيالىم يوق ئىدى ، تەۋسىيە قىلىپسىز ، شۇنداق قىلاي ..  يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 11:27:07

UID
30549
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2012-2-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-21
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 10:42:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ھۇزۇر ئالدىم ،رەھمەت!

UID
49550
يازما
11
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
11
تىزىملاتقان
2012-11-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-5
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-22 17:32:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۆيۈش مەردانلىق
سۆيۈلۈش بەخت ،
سۆيۈپ سۆيۈلماسلىك بەختسىزلىك ،
سۆيۈلۈپ سۆيمەسلىك زېرىكىشلىك .
تولىمۇ ياكتۇردۇم .

UID
49550
يازما
11
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
11
تىزىملاتقان
2012-11-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-5
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-22 17:32:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۆيۈش مەردانلىق
سۆيۈلۈش بەخت ،
سۆيۈپ سۆيۈلماسلىك بەختسىزلىك ،
سۆيۈلۈپ سۆيمەسلىك زېرىكىشلىك .
تولىمۇ ياكتۇردۇم .

UID
49550
يازما
11
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
11
تىزىملاتقان
2012-11-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-5
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-22 17:32:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۆيۈش مەردانلىق
سۆيۈلۈش بەخت ،
سۆيۈپ سۆيۈلماسلىك بەختسىزلىك ،
سۆيۈلۈپ سۆيمەسلىك زېرىكىشلىك .
تولىمۇ ياكتۇردۇم .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش