







ھازىرقى ج ك پ مەركىزىي كومتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، ج ك پ مەركىزىي كومتېتنىڭ باش شۇجىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ پېڭ لىيۈەننىڭ ئېرى ئىكەنلىكىنى كۆپچىلىك ئوبدان بىلىدۇ. بۇ ئىككى ئاممىۋى شەخس قۇرغان ئائىلە ھەقىقەتەن كىشىلەرنىڭ دىققەت- ئېتىبارىنى قوزغايدۇ. ئۇلار توي قىلغان 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە ئۇلارنىڭ ئائىلىدە بىللە تۇرغان ۋاقتى گەرچە ئىنتايىن ئازدەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئۇلار تۇرمۇشتا بىر- بىرىگە ئۆز ئارا ياردەم بىرىپ، ئىناق ئەر- خوتۇنلاردىن بولۇپ ئۆتۈپ، گۈزەل مۇھەببەت ھېكايىسىنى يېزىپ قالدۇرغان.
1986-يىلى يىل ئاخىرىدا پېڭ لىيۈەننىڭ دوستلىرى ئۇنىڭغا بىر لايىقنى تونۇشتۇرىدۇ. ئۇلار تونۇشتۇرغان بۇ لايىق ئەينى ۋاقىتتىكى فۇجيەن ئۆلكىسى شىيامېن شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى شى جىنپىڭ ئىدى. پېڭ لىيۈەن دەسلەپتە، ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرسە ئىككى جايدا ئايرىلىپ تۇرۇشتىن ئەنسىرەپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكۈسى كەلمەيدۇ. لېكىن ئۇ دوستلىرىدىن بۇ كىشىنىڭ «يۇقىرى مەرتىۋىگە ئىگە ئادەم» ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە ماقۇل بولىدۇ. ئۇلار كۆرۈشىدىغان كۈنى، پېڭ لىيۈەن لايىقىنىڭ پەقەت تەققى- تۇرققىلا ئەھمىيەت بىرىدىغان كىشى ياكى ئەمەسلىكىنى سىناپ بېقىش نىيىتىدە، قەستەن كېلەڭسىز ھەربىيچە شىم كىيىپ، ئۈستى- بېشىنى ئانچە تۈزەشتۈرمەيلا بارىدۇ. ئويلىمغان يەردىن، شى جىنپىڭمۇ خۇددى پېڭ لىيۈەنگە ئوخشاش ئاددىي- ساددا كىيىنىپ كېلىدۇ. پېڭ لىيۈەن بۇ ھالەتنى كۆرۈپ، شى جىنپىڭنى ياقتۇرۇپ قالىدۇ. شىن جىنپىڭ ئۇنىڭدىن: «ھازىر قايسى ناخشا مودا بولىۋاتىدۇ؟»، «سەھنىگە چىقىش ھەققى قانچە پۇل؟» -دەپ سوراشنىڭ ئورنىغا، ئەكىسچە: «ناخشا ئېيتىشنىڭ قانچە خىل ئۇسۇلى بار؟» -دەپ سورايدۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان پېڭ لىيۈەن كۆز ئالدىدىكى بۇ ناتونۇش ئادەم بىلەن ئورتاقلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يىتىدۇ.
كېيىن، پېڭ لىيۈەن شۇ قېتىمقى «بىر كۆرۈپ ئاشىق بولۇپ قېلىش» تىن ئىبارەت ئۇچرىششىنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: «ئەينى ۋاقىتتا مەن: ‹بۇ كىشى قەلبىمدە ئىزدەپ يۈرگەن كۆڭۈلدىكىدەك ئەر ئىكەن›، -دەپ ئويلاپ، يۈرىكىم سېلىپ كەتكەن ئىدى. دېمىسىمۇ، بۇ كىشى ھەقىقەتەن ساددا، ئاقكۆڭۈل بولۇپلا قالماي، يەنە تەپەككۇرغىمۇ باي ئىكەن. كېيىن ئۇمۇ ماڭا: ‹سىز بىلەن كۆرۈشۈپ، 40 مىنۇت بولمايلا، سىزنىڭ ئايالىم بولۇشقا مۇناسىپ ئىكەنلىكىڭىزنى جەزىملەشتۈرۈپ بولغان ئىدىم›، -دېگەن ئىدى».
بىراق، پېڭ لىيۈەننىڭ ئاتا- ئانىسى قىزىنى يۇقىرى تەبىقىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ ئوغلىغا ياتلىق قىلسا، خارلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇلارنىڭ بۇ ئىشىغا قوشۇلمايدۇ.
شى جىنپىڭ پېڭ لىيۈەنگەن تەسەللىي بىرىپ: «مېنىڭ داداممۇ دېھقان پەرزەنتى بولغاچقا، باشقىلار بىلەن ئاسانلا چىقىشىپ ئۆتەلەيدۇ. ئاكا- ئىنىلىرىمنىڭ تاپقان لايىقلىرىمۇ ئاۋام پۇقرالارنىڭ پەرزەنتلىرى، مەن بۇ ئىشنى ئاتا- ئانىڭىزغا ئېنىق چۈشەندۈرسەم، ئۇلار مېنى قوبۇل قىلالايدۇ»، -دەيدۇ.
شۇنداق قىلىپ، 1987-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۇلارنىڭ مۇراد- مەقسىدى ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا، بېيجىڭدا تۇرۇۋاتقان پېڭ لىيۈەن شى جىنپىڭ بىلەن تېلېفۇندا كۆرۈشۈپ، ئازراق مەسلىھەتلىشىۋالغاندىن كېيىن، ئىدارىسىگە بېرىپ تونۇشتۇرۇش خېتى ئېلىپلا، ئايروپىلان بىلەن شىيامېنغا قاراپ ئۇچىدۇ. ئۇ شىيامېنغا يىتىپ بارغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ ئۇنى ئۇدۇل سۈرەتخانىغا ئاپىرىپ تويلۇق سۈرەتكە چۈشىدۇ، ھەمدە توي خېتى بىجىرىپلا، ئاددىي توي مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ.
تويدىن كېيىن، ئۇلار پادىچى قىز بىلەن توقۇمچى يىگىتتەك، ئىككى يەردە ئايرىلىپ تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. بىر قېتىم شى جىنپىڭ ۋاقىت چىقىرىپ بېيجىڭغا پېڭ لىيۈەننى يوقلاپ كەلگەندە، قېرىشقاندەك، پېڭ لىيۈەن تۇيۇقسىز يۇقىرىنىڭ ئويۇن قويۇش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. ئۇ ئېرىنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ، بىر ھازاغىچە زۇۋان سۈرمەي تۇرىدۇ. شى جىنپىڭ بۇ ئىشنى ئۇققاندىن كېيىن، ئۇنىڭ كۆڭلىنى تىندۇرۇپ: «ھېچقىسى يوق، سىز بېرىۋىرېڭ، بىز ھامان بىر كۈنى جەم بولىمىز. مەن ئۆزۈمنى دەپ، سىزنى سەھنىدىن ئايرىۋەتسەم تولىمۇ شەخسىيەتچىلىك قىلغان بولىمەن، سىز مېنىڭ ئەڭ لاياقەتلىك ئايالىم»، -دەيدۇ.
ھەر قېتىم شى جىنپىڭ توغرسىدا گەپ بولۇنغاندا، پېڭ لىيۈەن ئۆزىنى تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلىپ: «مېنىڭچە، ئۇ بارلىق ئاياللارنىڭ نەزەرىدىكى ئەڭ لاياقەتلىك ئەر»، -دەيدۇ. شۇندىن باشلاپ، پېڭ لىيۈەن ئېرى شى جىنپىڭغا ھەر جەھەتتىن كۆيۈنۈپ، دەردىگە دەرمان بولىدۇ.
بىر يىلى قىشتا، پېڭ لىيۈەن فۇجيەنگە شى جىنپىڭنى يوقلاپ بېرىپ، جەنۇپتا كىشىلەرنىڭ پار يوق ھالەتتە قىش ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بايقايدۇ. ئۇ بېيجىڭغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئېرىگە پاختا يوتقان تىكىپ بەرمەكچى بولىدۇ. چۈنكى، بازاردا سېتىلىۋاتقان يوتقانلار قىسقا بولغاچقا، شى جىنپىڭدەك ئېگىز ئادەملەرنىڭ پۇتى چىقىپ قالاتتى. ئۇ ئانىسىغا ھاۋالە قىلىپ 3 كىلوگرام پاختا ئاتقۇزۇپ، دۇكاندىن يوتقانلىق رەخت سېتىۋېلىپ، يىپ- يىڭنە بىلەن يېڭى بىر يوتقاننى تىكىپ چىقىدۇ. شۇ چاغ ئۇنىڭ سىرىتقا چىقىپ ئويۇن قويىدىغان ۋاقتى بولغاچقا، ئالدى بىلەن شەرقىي شىمالغا بېرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا فۇجيەنگە بارىدۇ. پېڭ لىيۈەن يول بويى كۆپ جاپالارنى تارتىپ، ئۆزى تىككەن يېڭى يوتقاننى فۇجيەننىڭ نىڭدې شەھىرىدە ئېرىنىڭ قولىغا تۇتقۇزىدۇ. شى جىنپىڭ يوتقاننى يېپىنىپ، ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەي ماختىغاندىن كېيىنلا، پېڭ لىيۈەن خاتىرجەم بولىدۇ.
ئائىلىدىكى ۋاقىتتا، پېڭ لىيۈەن دائىم ۋېلسىپىتكە مىنىپ، كۆكتات سىتىۋالغىلى باراتتى. بۇنداق چاغدا بەزىلەر ئۇنىڭدىن: «سىز بىرسىگە ئەجەپ ئوخشايدىكەنسىز»، -دەپ سورىسا، ئۇ: «كىمگە ئوخشايدىكەنمەن؟» -دەيىتتى. ئۇلار: «سىز پېڭ لىيۈەنگە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىكەنسىز» -دەپ جاۋاب بىرەتتى.
شىن جىنپىڭ پېڭ لىيۈەندىن بىر نەچچە ياش چوڭ بولۇپ، دائىم ئۇنىڭغا سىڭلىسىدەك كۆيۈنەتتى. ھەر قېتىم سىرىتقا چىققاندا، شى جىنپىڭ سومكىسىغا كىچىك بىر ئۈنئالغۇ ۋە پېڭ لىيۈەن ئېيىتقان ناخشىلارنىڭ بىر نەچچە ئۈنئالغۇ لىنتىسىنى سېلىۋىلاتتى. ئۇ گەرچە ناخشا ئېيتىشنى بىلمىسىمۇ، ئايالىنىڭ ناخشىسىنى تولىمۇ ياقتۇرۇپ ئاڭلايىتتى.
ئۇلارنىڭ بىرلا يالغۇز قىزى بار بولۇپ، ئەركىلەتمە ئىسمى مۇزى، ھەقىقىي ئىسمى شى مىڭزې ئىدى. پېڭ لىيۈەننىڭ ئېيتىشىچە، شى مىڭزې دېگەن بۇ ئىسىمنى شى جىنپىڭنىڭ دادىسى شى جوڭشۈن كەلگۈسىدە نەۋرىسنىڭ «پاك- دىيانەتلىك، جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم» بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىپ قويۇپ بەرگەن ئىكەن. قىزى تىلغا ئېلىنسا، پېڭ لىيۈەن ناھايىتى ھاياجانلانغان ھالدا: «مەن دەسلەپتە ئوغۇل تۇغۇشنىلا ئويلايىتتىم. ئەمما، جىنپىڭ مەندىن قىز تۇغۇپ بىرىشنى ئارزۇ قىلاتتى. نەتىجىدە، ئۇنىڭ ئارزۇسىدىكىدەك بولدى. قىزىمىز ئۇنىڭغا بەك ئوخشايدۇ. ئۇ قىزىمىزنى قەۋەتلا ياخشى كۆرىدۇ. مەن قىزىمىز بىلەن قالغان ۋاقتىمدا، ئۇ ماڭا تولا ئۆكتەمىلىك قىلىپ، گېپىمنى ئاڭلىمايدۇ. لېكىن دادىسى بىلەن بىللە بولسىلا، گەپ ئاڭلايدىغان يۇۋاش مۈشۈككىلا ئوخشاپ قالىدۇ»،- دەيدۇ.
1992-يىلى پېڭ لىيۈەننىڭ تۇغۇتى يېقىنلاپ قالغاندا، فۇجيەن ئۆلكىسى دەل تەيفېڭ بورىنىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراۋاتاتتى. شى جىنپىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە خىزمەتلەرگە قوماندانلىق قىلىۋاتقان بولۇپ، توپ- توغرا ئۈچ كېچە- كۈندۈز ئۆيىگە قايتالمايدۇ. بۇ ھالەتتە، ئۇنىڭ دوختۇرخانىغا بېرىپ ئايالىغا ھەمراھ بولۇشىدىن تېخىمۇ ئېغىز ئاچقىلى بولمايىتتى. شى مىڭزېمۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ نەسىھەتى بىلەن سىرىتقا ئانچە چىقمايىتتى. ئۇ ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ بالىلىرى بىلەن خاڭجۇدىكى چەتئەل تىلى مەكتىپىدە ئوقۇيىتتى.
پېڭ لىيۈەن ئائىلىسىگە تولىمۇ ئېتىبار بىرەتتى. ئۇ ئىلگىرى تۈزلا قىلىپ: «ئەگەر مەن ئائىلەمگە ۋە بالامغىمۇ قارىماي، ئۆزۈمنى كەسىپكىلا بېغىشلىغان بولسام ياخشى بولمىغان بولاتتى. ئائىلە ئاياللارنىڭ تۈۋرۈكى ۋە ئىللىق ماكانى. مېنىڭ ئائىلەممۇ بارلىق پۇقرالارنىڭ ئائىلىسىگە ئوخشاشلا ئاددىي، ئەمما بەختلىك بىر ئائىلە»، -دەيىتتى.
پېڭ لىيۈەن تۇنجى قېتىم سىياسىي كېڭەشكە ئەزا بولۇپ سايلانغان ۋاقىتتا 30 ياشقا كىرگەن ئىدى. ئۇ ناخشىچىلىقتىن باشقا يەنە، مەملىكەتلىك 8-، 9-، 10-، 11-نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىقىدىن ئىبارەت مۇھىم سالاھىيەتكە ئىگە ئىدى. ھەر يىلى ئىككى يىغىن چاقىرىلغاندا، پېڭ لىيۈەن ھەربىيچە فورما ياكى مىللىيچە كىيىم كىيىپ، باشقا ئەزالار بىلەن بىللە چوڭ ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ يىغىن مەيدانىغا كېلەتتى. ئۇ ھەرقېتىم ئوتتۇرىغا چىققاندا، ئەتراپتىكى نۇرغۇن ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتاتتى. ئۇ سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كېلىۋاتقان 1992-يىلىدىن بۇيان، يىغىنلاردا تەكلىپ سۇنۇش ۋە مۇراجىئەتنامە چىقىرىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. بالىلار ئۈچۈن ئۈچ قېتىم تەكلىپ سۇنۇپ، ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە بولغان قىزغىنلىقى ۋە غەمخورلۇقىنى ئىپادىلەپ بەردى.
2009-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى، پېڭ لىيۈەن جۇڭگو تاماكىنى تىزگىنلەش جەمئىيىتى تەرىپىدىن «تاماكا تىزگىنلەش ئوبراز ئەلچىسى» لىكىگە تەكلىپ قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە، «مەملىكەتلىك تۇبېركۇليۇز كېسلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش خىزمىتىدىكى ئوبراز ئەلچىسى» بولۇپ، ھەر بىر بىمارنىڭ تۇبېركۇليۇز كېسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئاساسلىق بىلىملەرنى پۇختا ئۆگىنىدۇ. 2009-يىلى ئۇ گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىنىڭ دوڭۋەن شەھىرى ۋەنچېڭ رايونىدىكى ھۆكۈمەت مەيدانىدا دېھقان ئىشلەمچىلەرگە «ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش دەرسلىكى» نى تارقىتىپ بىرىدۇ. ئۇ: «مەن سوئال سوراش شەكلى ئارقىلىق، كۆپچىلىككە ئۆزۈم بىلىدىغان بىلىملەرنى دەپ بىرىشنى، ھەمدە ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ ئۇنى ئۆز ئارا تارقىتىشىنى خالايمەن»، -دەيدۇ.
كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئۆزىنىڭ ناخشىسى ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ قەلبىگە تەسەللىي ۋە ئىلھام بىرىپ كېلىۋاتقان پېڭ لىيۈەن ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق، ئۆزى كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ئاممىۋى ساغلاملىق ئىشلىرىغا ھەقىقىي تۆھپە قوشىدۇ. ھازىر ئۇنىڭ ئەيدىز سەۋەبىدىن ئاتا- ئانىلىرىدىن ئايرىلىپ، يىتىملىك دەردىنى تارتىۋاتقان بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقىنىغا بەش يىلدىن ئاشقان بولۇپ، ئۇ ئاللىقاچان ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى خالىس تەشۋىقاتچىغا ئايلاندى.
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىگە جايلاشقان دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابى قىزغىن كەيپىياتقا چۆمگەن بولۇپ، بۇ كۈنى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى چېن دوكتور بىر مۇھىم ۋەزىپىنى ئېلان قىلىدۇ. بۇ چاغدا يىغىن زالىدا چېن دوكتورنىڭ: «مەن ھازىر زور خۇشاللىق ئىچىدە، پېڭ لىيۈەن خانىمىنى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تۇبېركۇليۇز ۋە ئەيدىزگە تاقابىل تۇرۇشتىكى دوستلۇق ئەلچىلىكىگە تەيىنلەيمەن!» دېگەن ئاۋازى ياڭرايدۇ.
پېڭ لىيۈەن جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرىغا ئىزچىل تۈردە ئۆزىنى بېغىشلاپ كېلىدۇ. 10 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۇ مەملىكەتنىڭ ھەممە يېرىگە باردى. جۇڭگو قىزىل كىرسېت فوندى جەمئىيىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاممىۋى پاراۋانلىق، خەيرى- ساخاۋەت تېمىسىدىكى سەنئەت كېچىلىكىنىڭ سەھنىلىرىدە، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسسى سىچۈەندىكى يەر تەۋرىگەن ئاپەت رايونىغا ھال سوراش ئويۇنى قويغىلى بارغان چاغدىكى نەقمەيدانلاردا، سارسقا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى بېيجىڭ شىياۋتاڭشەن دوختۇرخانىسىدا... پېڭ لىيۈەن ئۆزىنىڭ ناخشىسى ئارقىلىق، بەختسىزلىككە ئۇچىرغان پۇقرالار، ئۇلارنى قۇتقۇزۇۋاتقان قەھرىمان جەڭچىلەر ۋە خادىملارغا بەخت تىلەيدۇ.
تەرجىمە قىلىپ يوللىغۇچى: ئەلقۇچار
مەنبە: سوخۇ(ئىزدەش) تورى