تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 1014|ئىنكاس: 7

ئالەم ئاسمىنىدا چاقنىغان چولپان ئىدىڭ (لۇتپۇللا مۇتەللىپ)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
49494
يازما
9
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
9
تىزىملاتقان
2012-11-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-20
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالەم  ئاسمىنىدا چاقنىغان چولپان ئىدىڭ
نەسىر
نۇرمۇھەممەد توختى (مەرگەن)
ۋەتەنپەرۋەر ئوت يۈرەك شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرلەيمىز !
ۋاقىت ئالدىراڭغۇ،ساقلاپ تۇرمايدۇ،  
يىللار شۇ ۋاقىتنىڭ ئەڭ چوڭ يۇرغىسى.
ئاققان سۇلار ئاققان تاڭلار قايتىلانمايدۇ،
يۇرغا يىللار ئۆمۈرنىڭ يامان ئوغرىسى.

ياشلىق ئادەمنىڭ زىلۋا بىر چىغى،
تۇلىمۇ قىسقا ئۇنىڭ ئۆمرى بىراق.
يىرتىلسا كالىندارنىڭ بىر ۋارىقى،
تۆكىلىدۇ ياشلىق گۈلىدىن بىر ياپراق.
بۇ مىسرالارنى ئاڭلىغىنىمىزدا، ھەممىمىزنىڭ قەلبىدە تەبىئىي ھالدا بىرخىل ئىپتىخارلىنىش تۇيغىسى پەيدا بۇلىدۇ  بۈگۈن بىز  بۇيەرگە جەم بولۇپ ، سېنىڭ شانلىق قىسقىغىنە بىباھا  ھاياتىڭنى خاتىرلىمەكتىمىز سېنىڭ ھايات يولۇڭ ، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان ئاجايىپ جەڭگىۋار ئۇلۇق يۇل ئىدى. شئېرلىرىڭنى ھەربىر ئۇقىغىنىمدا خۇددى پەرىشتە كەبى ئەڭ يىقىن دۇستۇم بىلەن ھازىرلا دىدارلىشىدىغاندەك ھاياجان ئېلكىدە يىراق يىراقلاغا زارىقىپ قارايمەن. ئەپسۇس،تۈمەنمىڭ ئەپسۇس، دەل بۈگۈنكىدەك قۇتلۇق كۈندە ، ئىلىمپەن ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان ئېسىل مىنوتلاردا سەن يۇق ،ئەي سۈيىملىك شائىر سەن بىزنىڭ قەلبىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن ئېتىلىپ چىققان ۋولقاندەك پەۋقىلادە ئۈتكۈر شائىر ئىدىڭ ،سەن ئەشۇ چاغ دىيارىمىزنىڭ تەڭرىتاغ ئاسمىننى كويا  بىر دەقىقە ئىچىدىلا چاقماق  كەبى يۇرۇتۇپ ئۈچكەندەك قىسقىغىنە ھاياتىڭدا مەڭگۈ ئۈچمەس ئەسەرلىرىڭنى بىزگە قالدۇرۇپ كەتتىڭ.ئەشۇ پۈتۈن دۇنيا ئەھلىنىڭ ئالقىشىغا ئىرىشكەن‹‹يىللارغا چاۋاپ››ناملىق شىئىرىڭنى ھەربىر قىتىم ئوقۇغىنىمدا خۇددى تىنىچ ئوكياننىڭ ھاۋاي تاقىم ئاراللىرىدا ئۈزۈپ  يۈرگەن  لەڭ  بىلىقتەك  چۇڭقۇر ئويغا پىتىپ قالىمەن.
20- ئەسىرنىڭ باشلىرى، نويابىرنىڭ شىۋىرغانلىق بۇرانلىرى كۇچىدىكى قاتار كەتكەن دەل-دەرەخلەرنىڭ ئالتۇنرەڭلىك يۇپۇرماقلىرىنى ئۇچۇرتۇپ كوچىلاردا ئۈزلىرىنى سۇغۇقتىن قاچۇرۇش ئۈچۈن پاناھ ئىزدەپ ئالدىراش كىتىۋاتقان مىسكىن چىراي كىشىلەرنىڭ يۈزىنى مۇزلىتىپ ئۈتەتتى،  ئەمما بۈگۈن بۇ يىزىدىكى ھىزىماخۇن ئىمامنىڭ ئائىلىسىدە بۇنىڭ ئەكسىچە بۇلۇپ،بۇ ئائىلە كىشىلىرى ئىللىق چىراي ئىدى. چۈنكى بۇگۈن بۇ ئائىلىدە ئاي يۈزلىك بىر ئوماق بۇۋاق دۇنياغا كىلىپ ئەمدىلا يۇرۇق دۇنياغا كۈز ئاچقان ئىدى. بۇ ئاي يۈزلۈك  بوۋاق دەل ئىنسانىيەتنىڭ شائىرى يەنى ئوت يۈرەك شائىر لوتپۇللا مۇتەللىپ ئېدى. ! ئەپسۇس ، سېنىڭ يورۇق دۇنياغا كۆز ئېچىپلا كۆرگۈنىڭ، ئىللىق مېھرىنى چاچقان قۇياش نۇرى ئەمەس بەلكى ، « قارا بوران » ھەم «تۇمانلىق شىۋىرغان›› بۇلدى.ھەم جۇدۇن  دەستىدىن مۇكچىيىپ چەيلەنگەن خەلقىڭ بولدى ...
سەن بىر دىننىزات ئائىلىدە تەربىيىلىنىپ چوڭ بۇلدىڭ ھەم كىچىگىڭدىنلا ئېلىم سۆيەر، غورورلۇق ، ۋېژدانلىق ئادالەتپەرۋەر گۈھەردەك بالا ئىدىڭ،  ئەدەبىيات ۋە رەسىم سىزىشقا يۈكسەك ئشتىياق باغلاپ ، 1937- يىلى يەنى  ، 15 يېشىڭدىلا  « ئېلى گېزىتى » دە ، « لۇتۇن » دېگەن ئەركىلەتمە ئىسىمىڭ بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت سىپىگە قەدەم  باستىڭ . شۇنىڭدىن ئىتىۋارەن ، ھۇجۇدىڭدا مىللەت پەرۋەرلىك ،ئادالەتپەرۋەرلىك، ۋەتەن پەرۋەرلىك ھەقىقىي شائىرلارغا خاس جاسارەت ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ، بارا – بارا پىشىپ يېتىلگەنتىڭ ، سېنىڭ شۇچاغ سەن قاۋاندەك دەششەتلىك ھۈكىرەپ چىقىۋاتقان قارا بورانغا قىلچە تىز پۈكمەي مەردانىلارچە كۈكرەك كىرىپ ئەڭ ئالدىدا ماڭغان ئىدىڭ،سىنىڭ تىز پۈكمەس قەيسىرانە ئىرادەڭ ، يالغۇز ساڭىلا ئەمەس بەلكىم ئادالەتسىزلىك ۋە تەڭسىزلىك ئىچىدە ياشاۋاتقان  پۈتكۈل مەملىكەت خەلقىنى غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئۇيغۇتىپ ، كۈرەش قىلىشقا چاقىرغان ئىدى . مانا قىسقىغىنە 23 ياشلىق ھاياتىڭدا ئىجات قىلغان مەڭگۈ ئۈلمەس ئەسەرلىرىڭ خەلقىمىز قەلبىدىن چۇڭقۇر ئورۇن ئىلىپ تىللاردا داستان بۇلماختا.
ئەپسۇس ! سەن دەل ئۆمۈرىڭنىڭ ئەڭ گۈزەل ۋاقىتلىرى، ياشلىقىڭنىڭ ئەڭ ئېسىل چاغلىرىدا بىزدىن ئايرىلدىڭ . سەن سۆيگەن ۋە سېنى سۆيگەن خەلقىڭدىن ، كىندىك قېنىڭ تۆكۈلگەن ئەشۇ ئانا يۇرتىڭدىن ئايرىلدىڭ ! مەن كۆزلۈرۈمگە لىق ياش ئالغان ھالدا ئەتىراپقا بىقىپ . سىنىڭ ئىگىلمەس- سۇنماس چەڭگىۋار ئوبرازىڭنى تەخلىدى سىزىپ چىقتىم
توغرا ، سېنىڭ ۋاپاتىڭ بىز ئۇچۈن يەنى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىڭ ئۈچۈن زور يوقۇتۇش بولغاندى . ئەگەر سەن زىيانكەشلىككە ئۇچىرىمىغان بولساڭ بەلكىم بۇ چاغ بىزگە نۇرغۇن ئىنقىلابىي ئەسەرلىرىڭنى سۇنغان بۇلاتتىڭ ، ئۆزۈڭنىڭ ئۆتكۈر قەلىمى ئارقىلىق يەنىمۇ كۆپ ئۆلمەس ئەسەرلەرنى يازغان بولاتتىڭ . ئاھ ، لۇتپۇللا مۇتەللىپ ! سېنىڭ ھۇجۇدىڭدىن ھالقىپ ئېتىلىپ چىققان ، گويا ھۈنچى-مەرۋايىتتەك مىسرالىرىڭ ۋە ھەر بىر مىسرالىرىڭ بىزگە مەنىۋى ئوزۇق ئاتا قىلغان ئىدى . بىزنى ياشاشقا ، ھاياتقا ، پارلاق يولغا يېتەكلەشكە دەۋەت قىلغان ئىدى. گەرچە سەن قېشىمىزدا بولمىساڭمۇ سېنىڭ ھوجۇدىڭدىكى مىللەت سۆيەر ، يۇرىت سۆيەر ، ئېسىل پەزىلەتلىرىڭنى ھېس قىلماقتىمەن، چۈنكى سەن شۇ خىسلەتلىرىڭىنى ئۆز قەلىمىڭ ئارقىلىق ھەر بىر مىسراغا سىڭدۈرىۋەتكەن ئىكەنسەن . ئېھ ! خەلقمىزنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى ، ئوت يۈرەك شائىرى ، سەن خەلقىمىزنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ياد ئىتىلىپ ساخلىنىسەن، يەنى ۋەتىنىمىز ئاسمىنىدا مەڭگۈ- مەڭگۈ چاقنايسەن !
2012-يىلى15-نويابىردا ئوت يۈرەك شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ90يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن يىغىن زالى مۇنبىرىدە ئوقۇلغان نەسىر.

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
49098
يازما
16
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
16
تىزىملاتقان
2012-11-7
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-19
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرگەن مۇئەللىم پەقەت سىزدەك بىر پۈتۈن ھاياتىنى لۇتپۇللا مۇتەللىپنى تەتقىق قىلىش ،خاتىرلەشكە بېغىشلىغان ئالىجاناپ ئۇستازدىن مانا مۇشۇنداق لىرىك مۇھەببەت -نەپرەت ئۈرغۇپ تۇرىدۇ،نەسىرىڭىزنىڭ ئىملاسىنى دىمىگەندە ئۇ سىزنىك تىپىك ھېسلىرىڭىزنىڭ تەبئى ھاسىلاتى بولۇپتۇ. ئۆز ۋاقتىدا سىز مائارىپ ئونۋېرسىتىتىدىكى كۇرستا نامەلۇم بىر ئايال مۇئەللىمەنىڭ لۇتپۇللا ئەسەرلىرى ھەققىدىكى چاكىنا ،مەمەدان ،ئۆسەكچى زۈخۇي سۇپەت كۆزقارىشىنى 2000مىڭدەك ئوقۇغۇچى ئالدىدا رەسۋا قىلىپ ھەتتا شۇ خانىمنىڭ كىيىنىشتىكى ئۇستازلارغا بىمۇناسىپ تەققى-تۇرقىنى قامچىلاپ پۈتۈن رايۇنىمىزغا تونۇلغان ئىكەنسىز ،سىزنىڭ لۇتپۇللا مۇتەللىپ ھەققىدە قىلىنغان ھەرقانداق ھاقارەتكە چىداپ تۇرالمايدىغان ئېسىل پەزىلىتىڭىزمۇ بىزنىڭ ئۈگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ،چۈنكى سىز ھەريىلى بۇ دۈنيا شائىرى ئۈچۈن خاتىرلەش پائالىيىتى ئېلىپ بارىسىز ،ھەم ئۇنىڭ سىماسىنى بىزگە سىزىپ كۆرسىتىسىز...روھىڭىز ئۇرغۇپ تېنىڭىز سالامەت تۇرغاي؟

UID
11629
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
35
تىزىملاتقان
2011-5-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-17
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقۇرىدىكى ئەسەرنى يوللىغان نۇرمۇھەممەت توختى (مەرگەن) بولسا مىنىڭ ئوقۇتقۇچۇم بولىدۇ ، بۇ ئوقۇتقۇچۇمنىڭ تىرىشچانلىقىغا ،مىللەت پەرۋەرلىكىگە ، مىللى غۇرۇرىغا  مەن ئىنتايىن قايىل داۋاملىق  ئاپىرىن ئوقۇيمەن .
جەمىيەتتە  بۇ ئوقۇتقۇچۇمدىن باشقا  بىرەر ئوقۇتقۇچى مىللى ئەنئەنىنى قوغداش ، مىللى تىل يېزىقنى قوغداش ، توغرىسىدا ئىزدىنىش قىلىپ باققىنى يوقمىكىن دەپ ئويلايمەن ، ھازىرقى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى زىيالىلار ،بىرقىسىم يازغۇچىلار ئۆز مىللىتى توغرىسىدا گەپ قىلىشنى ئويلىسا بېشى ئاغرىدىغان ھەتتا ئويغۇر دىگەن ئانداق ئويغۇر دىگەن مانداق دەپ سۆكۈشتىن باشقىنى قىلمايدۇ . شۇ ئىللەتلەرنى تۈزۈتىدىغان ئادەم ئەسلىدە ئوقۇتقۇچى مائارىپچىلاردۇر ، ھازىرقى مارئارىپچىلاردىن مائاشچىلار كۆپ، يۇقۇردىقىدەك مىللى ئاڭ  مىللى غۇرۇرى ئۈستۈن ئوقۇتقۇچىلار تۇتىيادەك قىممەتلىك بولغاچقا بىزدىكى تەرەققىياتقا يۈزلىنىش ئاستا سىياسەتتىن تولۇق پايدىلىنالمايمىز قانۇندىن پايدىلىنالمايمىز .
  لۇتپۇللا مۇتەللىپ بولسا ھەقىقەتەن ئۇيغۇرلار ئۇنتۇپ قالسا بولمايدىغام مۇھىم تارىخى شەخىس . بۇ مۇئەللمىم بىزگە گۈزەل سەنئەت دەرىسى بەرسىمۇ  ل مۇتەللىپنىڭ شېئىرلىرىنى بالىلارغا يازغۇزاتتى ھەم يادىلىتاتتى لۇتىپۇللا مۇتەللىپ توغرىسىدا پاراڭ قىلىپ بېرەتتى ،ئۇيغۇرنىڭ داڭلىق تارىخى شەخسلىرى توغرىسىدا ئۇزاق ئۇزاق پاراڭلارنى سېلىپ بېرەتتى ، چۈنكى بىزدەك ئەسلىنى بىلمەيدىغان بىلىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قلىنغانلارنى ئەسلىنى ئۇنتۇپ قالمىسۇن دەپ ئەنسىرەيتى  .
  ل مۇتەللىپتەك بىرەر نوتا بولسا شۇنى قايتا پەرۋىش قىلىپ ل مۇتەللىپنى قايتا رىئاللىقتا كۆرسەم دەپ ئويلامتىكى !!!
               تورداشلارغا شۇنى تەۋسىيە قىلمەن  نۇرمۇھەممەت توختى (مەرگەن ) ھەقىقەتەن ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىللىرىنىڭ سەركىسى !   ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىللىرىنىڭ ئۈلگۈسى !  ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىللىرىنىڭ سەردارى !  
                         بۇ ئادەم ئۆزىنى مىللەتنىڭ مەنپەتى ئۈچۈن ئاتىۋەتكەن كىشى !!!!
  

UID
29207
يازما
27
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
27
تىزىملاتقان
2012-2-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-19
توردا
11 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  شائىرنى ئەسلەيمەن  ....

UID
11983
يازما
31
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
31
تىزىملاتقان
2011-6-3
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-18
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياشاڭ مۇئەللىم بىزلەرگە پەقەت سىزگە ئوخشاش ئوقۇتقۇچىلار كىرەك .

UID
49570
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-11-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-17
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۈزى قىپقىزىل،
خۇددى جىنەستە.
زىلۋا بويلىرى،
سىرلىق گۈلدەستە.

UID
49494
يازما
9
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
9
تىزىملاتقان
2012-11-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-20
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالەم ئاسمىنىدا چاقنىغان چولپان ئىدىڭ

UID
45583
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2012-8-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-18
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 10:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللىتىمىزنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى ، شائىرنى مەڭگۇ ئەسلەيمەن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش