كۆرۈش: 2021|ئىنكاس: 8

يازغۇچى ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرى «مەدەنىيەت بوستانى» دا ... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

جاپانىڭ تېگى راھ

UID
2029
يازما
450
تېما
34
نادىر
0
جۇغلانما
14701
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-2
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-15 18:56:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يازغۇچى ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرى  «مەدەنىيەت بوستانى» دا …   





      قاراماي شەھەرلىك مائارىپ تەتقىقات ئورنىنىڭ تىل-ئەدەبىيات پەنلىرى بويىچە ئالى تەتقىقاتچى،شائىر ،ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرى  2012-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى «شىنجاڭ تېلېۋزىيە ئىستانسىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن «بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ ھېكمىتى ۋە قىممىتى» دېگەن تېمىدىكى سۆھبەتكە داخىل بولدى.بۇ سۆھبەت 11-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى 7:30دا،شىنجاڭ تېلېۋزىيەسى 5-قانالدا بېرىلىدۇ.ۋاقىپ بولغايسىلەر.
         بۇ سۆھبەتتە يازغۇچى  ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرى ئۆزىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ھاياتىنى بايان قىلغاندىن باشقا،بۈگۈنكى بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە بالىلار ئەدەبىياتى ئۇچراۋاتقان قېيىنچىلىق ھەم بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيەت مۇساپىسى ئۈستىدە ئۆزىنىڭ تەسىراتىنى،قارىشىنى قىسقا ھەم مېغىزلىق بايان قىلدى.   ئايبېك مۇئەللىم  كۆپ يىللاردىن بۇيان نۇرغۇنلىغان شېئىرلارنى يېزىپ، ئوقۇرمەنلەرگە تەغدىم قىلىپ كەلگەن ئىدى  مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا،ئۇ قارامايلىقلارنىڭ نەزىرىدىلا ئەمەس، بەلكى ئاپتونۇم رايون تەۋەسىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى ئارىسىدىمۇ بەلگۈلۈك تەسىر پەيدا قىلغان ھەم ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشكەن شائىر.ئىگىلىشىمىزچە، ئۇنىڭ «ئۇچار تەخسىدىكى مۇقام ئاۋازى» ناملىق تۇنجى بالىلار چۆچەكلىرى توپلىمى 2005- يىلى نەشىر قىلىنىپ، ئاۋمىندا ئۆتكۈزۈلگەن2006-يىللىق «خەلققارا ئاندېرىسون بالىلار ئوقۇشلىقى» شەرەپ مۇكاپاتىغا  ئېرىشكەن ئىكەن.ئۇ  ھازىرقى بالىلار  مۇھتاج بولىۋاتقان ئەدەبىيات ئۈستىدە كونكېرت ئىزدىنىپ، «ئۇچار تەخسىدىكى مۇقام ئاۋازى»، «چۆمۈلىنىڭ دوست ئىزدىشى»،«پەرىشتە بىلەن ئۆتكەن كۈنلەر»،«بادام دوپپىلىق بۇلبۇل»ناملىق ئىجادىي بالىلار چۆچەكلىرى كىتابلىرىنى كەينى-كەينىدىن نەشر قىلدۇردى.بۇ كىتابلار ئىچىدە «پەرىشتە بىلەن ئۆتكەن كۈنلەر»ناملىق چۆچەكلەر توپلىمى ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ «شەرق شامىلى» قۇرلۇشىغا كىرگۈزۈلدى. بۇ يىل يەنە ئۇنىڭ «ھېسامنىڭ ئىلىم-پەن سەپىرى»ناملىق يۈرۈشلۈك كىتابلىرى شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلغاندىن كېيىن، بۇ كىتاپ ئىپادىلەش شەكلىنىڭ ئۆزگىچىلىكى، تەسەۋۋۇرغا بايلىقى، يۇمۇرىستىك تۇيغۇغىنىڭ موللىقى، بالىلار تۇرمۇشىغا يېقىنلىقى، تىلىنىڭ يەڭگىل، ئاممىباپلىقى بىلەن ئاپتونۇم رايونىمىزدا بەلگۈلۈك دەرىجىدە غۇلغۇلا پەيدا قىلىپلا قالماي، بەلكى يەنە ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ «شەرق شامىلى» قۇرلۇشىغا كىرگۈزۈلۈپتۇ.   ئايبېك ئەپەندى، يەنە ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى تونۇلغان مائارىپ تەتقىقاتچىسى بولۇپ،يېڭى دەرس ئىسلاھىتى يولغا قويۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئىككى قېتىم ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىنى تۈزۈشكە قاتناشقان،يېقىندا يەنە «قولاي ئېلىپبە»ناملىق يەرلىك دەرسلىك تۈزۈپ،ھەم بۇ كىتابنى قاراماي  دەرسخانىلىرىدا  سىناق قىلىۋېتىپتۇ .«قولاي لېىپبە» بالىلار تۇرمۇشىغا يېقىنلاشقان ئېلىپبە كىتابى بولۇپ،بالىلار ھەتتا بۇ كىتابقا خەت يېزىپ ئۆگىنەلەيدۇ،بۇ كىتابتا يەنە مىڭ بەش يۈزدىن ئارتۇق تاق سۆزلەر كىرگۈزۈلگەن بولۇپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆز بايلىقىنى ئاشۇرۇشتا بەلگىلىك يېتەكلەش قىممىتى بار. بىز يازغۇچى ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرىنىڭ ئىجادىيىتىگە زور مۇۋاپىقىيەت تىلەيمىز...

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
49108
يازما
42
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
42
تىزىملاتقان
2012-11-8
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-6
توردا
25 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-16 00:59:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلارغا ئەجەپ قۇلايلىق بوپتۇ .  
مىنىڭمۇ بالىلىق چاغلىرىمغا قايىتقۇم كىلىۋاتىدۇ .

UID
49507
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-11-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-16
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-16 12:55:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
،ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرىغا ئامەت ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن

UID
47876
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2012-10-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-17
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-16 18:55:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازغۇچىنىڭ قىزى مىنىڭ تۇلۇقسىزدىكى ساۋاقدىشىم.

UID
29207
يازما
41
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
41
تىزىملاتقان
2012-2-11
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-28
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-17 18:13:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنىڭ كىتاپلىرىنى بەك ياقتۇرۇپ ئۇقۇيمەن ،

UID
29207
يازما
41
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
41
تىزىملاتقان
2012-2-11
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-28
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-17 18:17:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايبىك ئۈمەر مىنىڭ يىزىقچىلىق ئۇقۇتقۇچۇمنڭى ئىلگىركى ئۇقۇغۇچىسى ئىكەن ، بىزنىڭ مەكتەپتە .ۇقۇپتىكەن ئەسلى ، مەن سۈرىتىنى كۈرۈشتىن بۇرۇن ئايال يازغۇچى ئوخشايدۇ ، دەپ قاپتىمەن ،ئاكىمىزنىڭ قەلىمىگە بەركەت تىلەيمەن .

كۆيۈمچان ئەزا

ئەتىكى مائارىپ ئۈچۈن داۋاملىق

UID
3725
يازما
435
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
8456
تىزىملاتقان
2010-7-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
101 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-18 17:33:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايبىڭ ئەپەندىنىڭ بالىلار ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرى ،مەڭگۈ دىللاردا ساقلانسۇن!

UID
49638
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
8
تىزىملاتقان
2012-11-18
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-22
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-18 23:59:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئايبىك ئۆمەرنىڭ كىتابلىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن.ئۇنىڭ قەلىمىگە بەرىكەت تىلەيمەن.

UID
46332
يازما
27
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
27
تىزىملاتقان
2012-9-1
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-17
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-19 14:42:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايبىڭ ئەپەندىنىڭ بالىلار ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرى ،مەڭگۈ دىللاردا ساقلانسۇن!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش