بۈيۈك ۋەتەنپەرۋەر ئۇيغۇر شائىر لوتپۇللاھ مۇتەللىپ تەۋەللۇتىنىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرىلەيمىز

2012-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى ئوتيۈرەك ۋەتەنپەرۋەر شائىرىمىز ،ئىنقىلابىي جەڭچى ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمان ئوغلانى لۇتپۇللاھ مۇتەللىپنىڭ توغۇلغان كۈنى، ئوت يۈرەك شائىرىمىز ئۆزىنىڭ قىسقىغىنا 23 يىللىق ھايات مۇساپىسىدە خەلقىمىز ئۈچۈن قىممەتلىك مىراسلارنى قالدۇرۇپ ئۆلمەس ئابىدىلەرنى تىكلەپ بەرگەن .ئۇنىڭ شئىرلىرى تا ھازىرقى دەۋىرغىچە تىللاردا داستان بولۇپ ،مەدھىيلىنىپ بىزگە ئۈمىد -ئارزۇ ۋە ئىشەنچ ئاتا قىلىپ كەلمەكتە .شۇ مۇناسىۋەت بىلەن پەخىرلىك ئوغلانىمىزنى چوڭقۇر ھۆرمىتىمىز بىلەن ئەسلەيمىز شۇنداقلا ئەلكۈيى تورى بارلىق تورداشلار نامىدىن خەلقىمىزنىڭ بۈيۈك ئوغلانى لوتپۇللاھ مۇتەللىپ تەۋەللۇتىنىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرىلەيمىز !زۇلمەت يىللار قوينىدا مەشئەلدەك يانغان بۇ ئوت يۈرەك شائىرىمىزنى چوڭقۇر ھۆرمەت بىلەن ئەسكە ئالىمىز!
لۇتپۇللاھ مۇتەللىپ 1922-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى ھازىرقى قازاقىستاننىڭ ئالمائاتا ئوبلاستى چۈنچى يېزىسى ساي بويى مەھەللىسىدە دۇنياغا كەلگەن.1945-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى گومىنداڭ دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. لۇتپۇللانىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى ھېزىم بولۇپ،مۇتەللىپ ئۇنىڭ بوۋىسى ئىدى. ھېزىم ئاخۇن شەرق كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىن خەۋەردار،ئەرەپ،پارس تىللىرىنى بىلىدىغان ئوقۇمۇشلۇق موللا كىشى ئىدى.
لۇتپۇللاھ مۇتەللىپ 1929-يىلىدىن 1931-يىلىغىچە قازاقىستاندىكى يەتتىسۇ دېگەن يەردە پەننىي مەكتەپتە ئوقۇپ ئۇيغۇرچە،لاتىنچە يېزىقلاردا ساۋادىنى تولۇق چىقارغان ، شۇنداقلا مۇنتىزىم مەكتەپنىڭ«رەسىم»،«قول كۆندۈرۈش» دەرسلىرىدە رەسىم سىزىشقا بولغان قىزىقىشىنى يېتىلدۈرگەن.1931-يىلى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئىلىغا كۆچۈپ كىلىپ نىلقا ناھىيىسىنىڭ دۆربىلجىن مەھەللىسىگە ئورۇنلاشقان. ئۇ چاغلاردا نىلقىدا يېڭىچە ئوقۇش ئورۇنلىرى بولمىغاچ،لۇتپۇللاھ بىر موللىنىڭ قولىدا دىنىي بىلىم ئالغان.
لۇتپۇللاھ مۇتەللىپ 1932-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ غۇلجا شەھىرىدىكى تاتار مەكتىپىدە ئوقۇدى.ئۇ مەكتەپتە تاتار ئوغۇل-قىزلىرى ئوقۇپلا قالماستىن بەلكى ئۇيغۇر، قازاق،ئۆزبىك، قىرغىز، شىبە، خۇيزۇلارمۇ ئوقۇيتتى. مەكتەپتە تىل-ئەدەبىيات، ھېساب، تارىخ،ئالگېبرا، جۇغراپىيە، ۋە دىن دەرسلىرى ئۆتۈلەتتى. لۇتپۇللا مۇتەللىپ تاتارمەكتىپىگە كىرىشى بىلەنلا ئۆگىنىش ۋە مەكتەپ پائالىيەتلىرىدە ئۆزىنىڭ چېچەنلىگى،ئۆتكۈرلىگى ۋە قىزغىنلىقىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى. بولۇپمۇ ئۇ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىرىنى ھەممىدىن ياخشى ئوقۇدى. دەرستە تونۇشتۇرۇلغان ئابدۇللا توقاي قاتارلىق تاتار شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىنى يادلىۋىلىپ ھەممىنى ھەيران قالدۇردى.مۇئەللىملەرمۇ لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ زېھنىگە قايىل بولۇپ ئۇنىڭ ئىمكانقەدەر كەڭ بىلىمگە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن ياردەملىرىنى ئايىمىدى. لۇتپۇللا مۇتەللىپ 1936-يىلى تاتار مەكتىپىنى تۈگىتىپ رۇس مەكتىپىگە كىردى.
لۇتپۇللاھ مۇتەللىپ دۇچ كەلگەن پەۋقۇلئاددە ئۆزگىرىشچان شارائىت ھەم ئۆزىنىڭ ھەممىگە قىزىقىدىغان تەبئىي تالانتى تۈپەيلىدىن، ئەينى چاغدىلا 27ھەرپلىك ئۇيغۇر يېزىقى،28ھەرپلىك ئەرەپ يېزىقى ۋە 32ھەرپلىك لاتىن يېزىقى، كېيىن بولسا تاتار، رۇستىللىرىنى ئۆگەندى ۋە ئۆزلەشتۈردى.
لۇتپۇللاھ مۇتەللىپ ئائىلىسىدىكى ۋاقتىدىلا ئەدەبىيات-سەنئەت ھەۋەسكارى بولۇپ، خەلق ئېغىزئەدەبىياتىغا زور ئىشتىياق باغلىغانىدى. كېيىن ئۇ مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا تاتارۋە رۇس ئەدەبىياتىدىن چۈشەنچە ھاسىل قىلدى ۋە ئۇلارنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغابىرلەشتۈردى. بۇ ھال ئۇنىڭ سەۋىيە جەھەتتىن ئۆسۈشى ۋە بەدىئىي ئىجادىيەت جەھەتتە ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن تۈرتكە بولدى.

لۇتپۇللاھ مۇتەللىپ 1937-يىلىدىن باشلاپ شېئىر يېزىشقا كىرىشكەن، ئۇنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىدىكى شېئىرلىرى «ئىلى گېزىتى»دە داۋاملىق چىقىپ تۇرغان. پىشقەدەم شائىرئەنۋەر ناسىرى لۇتپۇللاھمۇتەللىپنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىگە ناھايىتى چوڭ تەسىركۆرسەتكەن ۋە ئۇنىڭ بەدىئىي ئىجادىيەت جەھەتتە يۈكسىلىشىگە قىزغىن ياردەم بەرگەنىدى.



لۇتپۇللامۇتەللىپ 1939-يىلى سىنتەبىردە ئۈرۈمچى دارىلمۇئەللىمن مەكتىپىگە قوبۇل قىلىندى ۋەئىبراھىم مۇتئىي قاتارلىق ئۇستازلاردىن بىلىم ئالدى. 1941-يىلى سوۋىت ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ تەرجىمانى سالاھىيىتىدە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى ئايلاندى. 1942-يىلىنىڭ باشلىرىدىن 1943يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان مەزگىلدە «شىنجاڭ گېزىتى» ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە ئىشلىدى. بۇ جەرياندا ئۇ شىنجاڭ گېزىتىدە «ئەدەبىيات گۈلزارى» مەخسۇس بېتى تەشكىللەپ، ئەينى چاغدىكى ئۈرۈمچىدىكى نۇرغۇن ئەدىب، ئىلغار زىيالىيلارنى شىنجاڭ گېزىتى ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇردى ۋە شىنجاڭ گېزىتىنى خەلىققە روھىي ئوزۇق بېرىدىغان ۋە ئىلغار ئىددىيىلەرنى تەشۋىق قىلىدىغان قورالغا ئايلاندۇردى. ئىشتىن سىرىتقى ۋاقىتلرىدا بولسا نۇرغۇن پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنى تولىمۇ بىئارام قىلىۋەتتى.

بۇ لوتپۇللاھ مۇتەللىپنىڭ 1942-يىلى قىشتا ئۈرۈمچىدە چۈشكەن سۈرىتى
1943-يىلى شېڭشىسەي سوۋىت ئىتتىپاقىدىن يۈز ئۆرۈپ، گومىنداڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتتى. شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل شىنجاڭ مىقياسىدا ئىلغار دېموكرتىك زاتلارنى تۇت-تۇت باشلىنىپ كەتتى. ئەينى چاغدا ئۈرۈمچىدىكى نۇرغۇن پائالىيەتلەرنىڭ مەرگىزىگە ئايلىنىپ قالغان لۇتپۇللامۇتەللىپكە ئاشكارا قول سېلىشقا ئامالسىز قالغان شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى بىر رەزىل پىلان ئويلاپ چىقتى. ئۇ بولسىمۇ لۇتپۇللا مۇتەللىپنى بىر مەزگىل ئۈرۈمچىدىن يوقىتىپ ئۈرۈمچىدە ئۇنىڭ تەسىرى يوقالغاندا ئاندىن قول سېلىش ئىدى.

1943-يىلىنىڭ ئاخىرىدا شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى لۇتپۇللاھ مۇتەللىپنى ئاقسۇغا يۆتكەپ، ئۇنىڭ خىزمىتىنى«ئاقسۇ گېزىتى»نىڭ مۇئاۋىن مۇھەررىرلىكىگە «ئۆستۈردى».لۇتپۇللاھ مۇتەللىپ ئاقسۇغا كېلىپ ئىشقا چۈشكەندىن كېيىنلا ئۆزىنىڭ ئاقسۇغا ئەۋەتىلىشىنىڭ ھەقىقىي سىرىنى چۈشەندى. لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئاقسۇدا ئۆزىگە يۈكلەنگەن ۋەزىپىلەرنى چاندۇرماي ئورۇنداپ بولۇپ، ئاقسۇدىكى ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ خىزمەتلىرىگە يىتەكچىلىك قىلدى ۋە تەرتىپكە سالدى. بۇ جەرياندا ئۇ ئۆز ئەتراپىدىكى كىشىلەر ئىچىدە نۇرغۇن گومىنداڭ پايلاقچىلىرى بارلىقىنى سېزىۋالىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇئاقسۇ گېزىتىدە «جەنۇب شامىلى» ئەدەبىيات سەھىپىسى تەشكىللەپ، ئاقسۇدىكى ئىلغار زىيالىيلارنى ئۇيۇشتۇرىدۇ.

1944-يىلى ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئىنقىلابى باشلانغاندىن كېيىن گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تېخىمۇغالجىرلىشىدۇ. بۇ مەزگىللەردە لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئىلى تەرەپ بىلەن ئالاقە باغلاشقا باشلايدۇ ھەمدە ئۆز يېقىنلىرىدىن مۈنىرىدىن خۇجا قاتارلىقلارنى تەشكىللەپ«ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» دېگەن بىر ئىنقىلابىي تەشكىلات قۇرۇپ چىقىدۇ. 1945-يىلى يازدا مىللىي ئارمىيە جەنۇبىي شىنجاڭغا ھۇجۇم باشلىدى. لۇتپۇللا مۇتەللىپ«ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» ئەزالىرى بىلەن خەلقنى قوزغىتىپ ئىچكى جەھەتتىن ماسلىشىشقاتەييارلىق كۆرمەكچى بولغاندا بۇ خەۋەر ئىتتىپاق ئىچىگە سۇقۇنۇپ كىرىۋالغان گومىنداڭ غالچىلىرى تەرىپىدىن گومىنداڭ تەرەپكە يەتكۈزۈپ قويۇلدى. گومىنداڭ جاللاتلىرى لۇتپۇللا مۇتەللىپ باشچىلىقىدىكى «ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» ئەزالىرى ۋەباشقا بىر بۆلۈك بىگۇناھ كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلدى ۋە قاتتىق قىيىن-قىستاققا ئالدى.1945-يىلى 18-سېنتەبىر مىللىي ئارمىيە ئاقسۇنى ئازاد قىلىش ھارپىسىدا گومىنداڭ جاللاتلىرى ئۇنىڭغا زەھەرلىك قولىنى سېلىپ ئىسسىق قېنىنى تۆكتى! ئۆلۈم ئالدىدا ئۇ بارمىقىنى چىشلەپ قان چىقىرىپ تۈرمە تېمىغا مۇنۇلارنى يېزىپ قويغانىدى :
بۇ كەڭ جاھان مەن ئۈچۈن بولدى دوزاخ،
ياش گۈلۈمنى غازاڭ قىلدى قانخور ئەبلەخ!

ئوتيۈرەك شائىر ،ئىنقىلابىي جەڭچى ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمان ئوغلانى لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۆزىنىڭ قىسقىغىنا 23 يىللىق ھاياتىدا پەقەت تۇققۇز يىل ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ ، ئاز بولمىغان قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يىزىپ ، كېيىنكىلەرگە قالدۇرۇپ كەتتى . ئۇ ئاشۇ مىراسلىرى بىلەن ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ .
لۇتپۇللا مۇتەللىپ پەقەت 23يىل ياشاپ توققۇزيىل ئىجادىيەت بىلەن شوغۇللانغان بولسىمۇ بىراق ئۇ،‹‹مۇھەببەت ۋە نەپرەت›› ‹‹يىللارغا جاۋاب››،‹‹خىيالچان تىلەك››،‹‹ چىمەنگۈل ››،‹‹چىن مودەن››،‹‹پادىشاھ سامۇرايلىرى ئېغىر ھالسىرايدۇ›› …قاتارلىق شېئر ،فىلىيەتون،ئوپىرا،دىرممىلىرى بىلەن ئۆزى ئۈچۈن يىقىلماس ئابىدە تىكلىدى.ھەم ئىجادى ھاياتىدا لۇتۇن،ل.مۇتەللىپ،قاينام ئۆركىشى،سەنئەت خۇمارى قاتارلىق ئىسىم،تەخەللۇسلارنى ئىشىلىتىپ شۇدەۋىر ئەدەبىياتىنىڭ يۈكسىلىشى ئۈچۈن ئاز بولمىغان تۆھپىلەرنى قوشتى.
ل.مۇتەللىپ-بۇ لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئىجادى پالىيىتىدە ئەڭ كۆپ قوللانغان ئىسىم بۇ ئەسلىدىكى ئىسىم فامىلىنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ،لۇتپۇللا بۇ ئىسىمنى بىر پۈتۈن ئىجادىيەت ھاياتىدا قوللاندى ھەم بۇ ئىسىم بىلەن‹‹ يىللارغا جاۋاپ››،‹‹مۇھەببەت ھەم نەپرەت››قاتارلىق ئۆلمەس شېئىر داستانلىرىنى ئېلان قىلدى.
لۇتپۇللا ئەينى چاغدا ئوقىغان مەكتەپلەردە ياۋرۇپالىقلارنىڭ تەسىرى كۈچلۈك بولۇپ،ياۋرۇپالىقلارنىڭ ئادىتى بويىچە ئىسىمىنىڭ ئاخىرىغائاتىسىنىڭ ئەمەس، چوڭ بوۋىسىنىڭ ئىسمىنى فامىلە قىلىپ قوللىنىدىغان بولغاچقا لۇتپۇللامۇ بۇ،تەسىر تۈپەيلى ئاتىسىنىڭ ئىسمى ھېزىمنى ئەمەس چوڭ بوۋىسىنىڭ ئىسمى مۇتەللىپنى فامىلە قىلىپ قوللانغان .ھەم چەتئەللەرگە ۋە قېرىنداش مىللەتلەرگىمۇ مۇشۇئىسىم بىلەن تۈنۈلغان.
قاينام ئۆركىشى-بۇ لۇتپۇللامۇتەللىپ ئىجادىيەتتە پىشىپ يىتىلىۋاتقان ھەم ئىجدىمائىي پالىيەتلەردە قايناق بىر باسقۇچقا كىرگەن مەزگىلىدە قوللانغان تەخەللۇس بولۇپ،لۇتپۇللامۇتەللىپ بۇتەخەللۇسنى 1939-يىلدىن1945-يىلغىچە ئۈرۈمچى ۋە ئاقسۇلاردا ياشىغان چاغلاردا يازغان شېئىرلىرىدا ئىشلەتكەن.
لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۆتكۈر ئەپەندىم بىلەن يېقىن دوسلاردىن بولۇپ1941-يىلى نويابىردا ئۇلار تەخەللۇس ئالماشتۇرغان.لۇتپۇللامۇتەللىپ ئۆتكۈر ئەپەندىمگە‹‹ئۆتكۈر››دىگەن تەخەللۇسنى تەقدىم قىلغان.ئۆتكۈر ئەپەندىم بولسا،لۇتپۇللا مۇتەللىپكە‹‹قاينام››دىگەن تەخەللۇسنى تەقدىم قىلغان.بىراق لۇتپۇللا مۇتەللىپ‹‹قاينام››غا‹‹ئۆركىشى››نى قوشۇپ ‹‹قاينام ئۆركىشى››دىگەن تەخەللۇسنى ئىشلەتكەن. لۇتپۇللاھ مۇتەللىپنىڭ ساۋاقدىشى ھەم يېقىن دوستى قازاقىستاندا ياشاپ ۋاپات بولغان ئەخمەتجان روزى ئۆزىنىڭ‹‹ ل.مۇتەللىپ ۋە مەن››دىگەن ئەسلىمىسىدە‹‹قاينام ئۆركىشى››دىگەن. تەخەللۇس توغرىسىدا مۇنداق يازىدۇ : لۇتپۇللاھ مۇتەللىپ روسىيىلىك گىئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئەترىتىگەتەرجىمان بولۇپ قەشقەرگە بارغاندا،قەشقەرنىڭ بىرچەت رايۇنىغا چۈشۈپتۇ شۇ رايۇندا ناھايىتىمۇ تېزئاقىدىغان بىردەريا بولۇپ،ئاجايىپ قايناملىرى بار ئىكەن .قاينام سۇلىرىنىڭ ئۆركەشلىرى دەرەخ بويى ئۆركەشلەپ تۇرىدىكەن.شۇ قاينامنى كۆرۈپ لۇتپۇللا ئۆزىگە‹‹قاينام ئۆركىشى››دېگەن تەخەللۇسنى قويۇپتىكەن. ( كىروران ژورنىلىنىڭ2007-يىللىق3-سانى)
گەرچە لۇتپۇللاھ مۇتەللىپنىڭ‹‹قاينام ئۆركىشى››تەخەللۇسى بىلەن ئېلان قىلغان ئەسەرلىرى ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ،لىكىن بۇتەخەللۇس لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئىچكى ھىسىياتى ۋە ئەمىلى پائالىيىتىنىڭ يارقىن ئىپادىسى سۈپىتىدە كەڭ جامائەتچىلىككە تارقالغان. مەرھۇم يازغۇچى،مائارىپ تەتقىقاتچىسى ئابدۇللا تالىپ ئەپەندىممۇ ئۆزىنىڭ لۇتپۇللاھ مۇتەللىپنىڭ ھاياتى،ئىجادىي پالىيىتى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بىئوگىرافك رومانى ‹‹قاينام ئۆركىشى›› گەلۇتپۇللاھ مۇتەللىپنىڭ تەخەللۇسى بولغان قاينام ئۆركىشىنى ماۋزۇقىلغان بولۇپ جەمئيەتتە بەلگۈلىك تەسىز قوزغىدى ھەم بۇ تەخەللۇسنىڭ لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئىچكى ھىسىياتى ۋە ئەمىلى پالىيىتىنىڭ يارقىن ئىپادىسى سۈپىتىدە كەڭ جامائەتچىلىككە تارقىلىشىغا ھەم قەلىب تۆرىدىن ئورۇن ئېلىشىغا ئاساس سېلىپ بەردى.
لۇتپۇللا مۇتەللىپ1941-يىلنىڭ ئاخىرىدىن1943-يىلنىڭ باشلىرىغىچە يازغان ئەدىبىيات-سەنئەتكەدائىر بەزى ئوبزور،ماقالىلىردا قوللانغان تەخەللۇس بولۇپ،لۇتپۇللا مۇتەللىپ1941-يىلى روسىيىلىك گىئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئەترىتىگە تەرجىما بولۇپ جەنۇبى شىنجاڭغا تەكشۈرۈشكە بارىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ قەشقەر سەھنىلىرىدە ئوينىلىۋاتقان، ‹‹چىمەنگۈل››دىراممىسىنى كۆرۈپ، بۇ، دىراممىنىڭ ئوينىلىش جەريانىدىكى ئارتۇقچىلىق،كەمچىلىكلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىش مەقسىتىدە‹‹چىمەنگۈل سەھنىدە››ناملىق بىر مۇلاھىزە ماقالىسى يازىدۇ . بۇ،ماقالە ھەم دىرامما ئاپتۇرىنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى يۇشۇرۇش مەقسىتىدە‹‹ سەنئەت خومار ››دېگەن تەخەللۇس بىلەن شۇچاغدىكى قەشقەر گېزىتىدە ئېلان قىلىدۇ.كېيىن بۇ،تەكشۇرۈش ئەترىتىدىكى ۋەزىپىسىنى تاماملاپ شىنجاڭ گېزىتى ئىدارىسىگە خىزمەتكە چۈشۈپ، بۇ، گېزتنىڭ‹‹ ئەدەبىيات گۈلزارى››بېتىگە مەسئۇل بولىدۇ.ھەم گېزىتتە ،ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ ‹‹تىياتىرنىڭ كېلىپ چىقىشى››،‹‹سەنئەتكە مۇھەببەت››…قاتارلىق ماقالىلارنى ئېلان قىلىدۇ.بۇماقالىلارنىڭمۇ ئاپتۇرىنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىماي‹‹سەنئەتخۇمار›› تەخەللۇسى بىلەن ئېلان قىلىدۇ.گەرچە ‹‹سەنئەت خۇمار›› دېگەن بۇ،تەخەللۇس لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ باشقا ئىسىم تەخەللۇسلىرىدەك كىشىلەر ئارىسىدا ئۇمۇملىشىپ كېتەلمگەن بولسىمۇ ،لىكىن ،لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئەدەبىيات- سەنئەتكە بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقى،ئاشىقانە مۇھەببىتىنى چۈشۈنىشىمىز ئۈچۈن بەلگۈلۈك ئىلمىي قىممەتكە ئىگەئىكەنلىگى بىلەن خارەكتىرلىنىدۇ.


يىللارغا جاۋاپ
لۇتپۇللا مۇتەللىپ
ۋاقىت ئالدىراڭغۇ ساقلاپ تۇرمايدۇ،
يىللار ۋاقىتنىڭ ئەڭ چوڭ يورغىسى.
ئاققان سۇلار، ئاتقان تاڭلار قايتىلانمايدۇ،
يورغا يىللار ئۆمۈرنىڭ يامان ئوغرىسى.
ئوغرىلاپلا قاچىدۇ ئارقىغا يانماي،
بىر-بىرىنى قوغلىشىپ، يورغىلىشىپ.
ياشلىق بېغىدا بۇلبۇللار قانات قاقماي،
يوپۇرماقلار قۇيۇلىدۇ پورلىشىپ.
ياشلىق ئادەمنىڭ زىلۋا بىر چېغى،
تولىمۇ قىسقا ئۇنىڭ ئۆمرى بىراق،
يىرتىلسا كالىندارنىڭ بىر ۋارىقى،
ياشلىق گۈلىدىن تۆكۈلىدۇ بىر تال يۇپۇرماق.
يىللار شامىلى يەلپۈنىدۇ، ئىزلار كۆمۈلىدۇ،
يوپۇرماقسىز دەرەخ بىچارە-بولىدۇ قاخشال.
يىللار سېخى قۇرۇق كەلمەيدۇ ئەكىلىپ بېرىدۇ،
قىزلارغا قورۇق، ئەرلەرگە ساقال.
بىراق يىللارنى تىللاش توغرا كەلمەيدۇ،
مەيلى ئۆتىۋەرسۇن، ئۆزىنىڭ يولى.
ئادەملەرمۇ ۋاقىتنى قولدىن بەرمەيدۇ،
چۆللەرنى بوستان قىلغان ئادەملەر قولى.
يىللارنىڭ قوينى كەڭ، پۇرسىتى نۇرغۇن،
تاغدەك ئىشلار يىللار بىلەن ئۆرە تۇرىدۇ.
قاراب باق ئاخشامقى بوۋاق كىچىككىنە تۇرسۇن،
تۈنۈگۈن ئۆمىلەپ، ھە… بۈگۈن مېڭىپ يۈرىدۇ.
كۆرەشچان بالىلار قوغلىشىپ يىللار،
كۆرەش نەۋرىلىرىنى چوقۇم تاپىدۇ.
ئاخشام بەخىت ئۈچۈن قۇربان بولغانلار،
قەبرىسىنى يادلاپ گۈللەر ياپىدۇ.
مەيلى ساقال سوۋغا قىلسا قىلسۇن يىللار،
مەنمۇ تاۋلىنىمەن يىللار قوينىدا.
ئىجادىم شېئىرىمنىڭ ئىز تامغىسى بار،
ئالدىمدىن قېچىپ ئۆتكەن ھەر يىل بوينىدا
قېرىماسمەن كۆرەشنىڭ كەسكىن چېغىدا،
شېئىرىم يۇلتۇز بولۇپ يانار ئالدىمدا.
ئۆلۈم پەستە قېلىش كۆرەشنىڭ داۋانلىق تېغىدا،
چىدام غەيرەتنىڭ يەڭگىنى ھەريان يادىمدا.
ئېسىلارمەن مىلتىق ئېتىپ تاۋلانغان قولغا،
يېپىشارمەن بايراق بىلەن ئالغا ئاتلىغان يولغا.
كۈرەش باياۋانىدا ھارماسمەن ئەسلا،
كۈرەش بىلەن كىلىپ چىقىمىز كەڭ غالىب يولغا.
يىللار مەيدەڭنى تۇتۇپ قاقاقلاپ كۈلمە،
ئالدىڭدا قىزىرىشتىن ئارتۇق كۆرىمەن ئۆلۈمنى.
قېرىتىمەن دەپ ئارتۇق كۆڭۈل بۆلمە،
ئاخىرقى جەڭگە ئاتاپ قۇيارمەن ئوغلۇمنى.
يىللار دېڭىزى دولقۇنلۇق بولساڭمۇ،
ئۇپقۇنلىرىڭنى يارىدۇ بىزنىڭ كاراپ.
يىلنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قورقىتىپ باقساڭمۇ،
ئىجاد يىللارنى قېرىتىدۇ دەپ بېرىمىز جاۋاب
تەسىراتىم
لۇتپۇللا مۇتەللىپ
ئوقۇپ ئەشئارلىرىنى غەرق مەست بولۇپ،
تەسىراتىم چىنىسىگە تەسىرات تولۇپ.
كۆزۈم بىر نۇقتىغا قاراپ قېتىپ قالىدۇ،
ۋۇجۇدۇم خىيال بەھرىگە پېتىپ قالىدۇ.
يېپىپ كىتابنى ئۆزۈمگە سۇئال بېرىمەن،
«نەۋايى قانداق بىر ئۇلۇغ ئادەمدۇر؟» دەيمەن.
قېنى شۇ نەۋايى؟ قېنى بىر كۆرسەم؟
مۇبارەك قوللىرىدىن ئۇنى بىر سۆيسەم.
قاراپ تۇرسام «خەمسە»نى يازغاندا،
قاراپ تۇرسام قەلەمدە گۆھەر قازغاندا.
قاراپ تۇرسام پەرھادقا رەسىم سىزغاندا،
قاراپ تۇرسام شېرىنگە گۈللەر تىزغاندا.
قاراپ تۇرسام بەھرامنىڭ قىياپىتىگە،
قاراپ تۇرسام گۈلەندەمنىڭ لاتاپىتىگە.
قوي شائىر! سۆزلىمە جۆيلۈپ يوققا،
نەۋايى كۆمۈلگەن ئەمەس تۇپراققا...
.........
.........
ئۇنىڭ مازارىنى ھەربىر ۋاراقتىن ئىزدە،
گۈمبەز قەبرىسىنى ھەر مىسرادىن ئىزدە.
ئۇ ئىجاد دەرياسىغا چۆمۈلگەن،
ئۇ ھەر مىسرا تۈۋىگە كۆمۈلگەن.
1944-يىلى 7-ئايدا ئاقسۇدا يېزىلغان
چال ،سازەندىم
(مۇخەممەس)
لۇتپۇللاھ مۇتەللىپ
_مەشھۇر ناخشىلار ئىجاتچىسى ياش سازەندە زىكرى ئەپەندىگە بېغىشلايمەن
چال سازىڭنى زوق بىلەن،تىنماي چال ،سازەندىم،
ھەركىتىڭ تېتىك ،قوللىرىڭ مەجنۇن تال ،سازەندىم،
ناخشاڭ شىرىن ،تاتلىق سېنىڭ ،گوياكى بال،سازەندىم،
ياشلىقنىڭ زىلۋا چېغىدا،ئىجاد قىلىپ قال ،سازەندىم.
ئىجاد قىل ۋۇجۇدۇڭدا بار ئوبدان غەزەلنى ،
كۈرەشجان سەنئەت مەيدانىدا باشلىغىن بەلنى،
سازلىرىڭ روھى بىلەن راست سۇغارغىن ئەلنى،
سەنئەتتىن مەۋجۇت قىل دولقۇنلۇق سەلنى،
شادىمان ھاياتنىڭ قوينىدا ئوبدان ئەھۋال،سازەندىم.
بۇ ۋەتەندە جاراڭلىسۇن نەغمەڭ ساداسى،
ھاۋالارغا ئۆرلەپ كەتسۇن مۇڭلۇق ناۋاسى،
تەسەددۇق ،خويما كەڭ كۈزەللىك دۇنياسى،
كونا مۇقاملار لەززەتنىڭ ئەڭ چوڭ باباسى،
ئوسۇش ،ئىجاس،يۈكسىلىشكە ئەپلىك ئامال،سازەندىم.
بىھۇدە يات كىرلەرنى تازىلىغاي ئېسىل سەنئەت،
ئىنكاسىدۇر ھاياتنىڭ،جان ئۈچۈن لەززەت،
ئىلھام بېرىپ ۋىجدانغا،تەۋرەتسۇن خسلەت،
سازەندىنىڭ قولىغا بەرمىسۇن ھېچ دەرت،
كۆڭۈل مەيلىنى سازىڭ ئىشقى قىلسۇن ئىشغال،سازەندىم.
مۇقام-سەنەم،سەن بول بىر ئاشىق غېرىپ،
ئۇچرىشىشقا ئالدىرا ۋۇجۇدۇڭ بېرىپ،
مۇھەببەتنىڭ مەنزىلىدە يۈر كۆكىرەك كېرىپ،
ھەر قەدەمدە ئۈنچە-مارجان،ياقۇتلار تېرىپ،
شانۇ-شەۋكەت زىمىنىدا ئوتۇر نىھال،سازەندىم.
ۋەتەن،خەلق ئۈچۈندۇر دائىم بىزنىڭ ئېشىمىز،
ئازات تۇرمۇش ئاشنىسى بولدى ھەر بىر كىشىمىز،
ھور مەقسەتلەر يولىدا بىزنىڭ ئوي ۋە پىكرىمىز،
ئىجات ئېتشتۇر ھارماي يېپ-يېڭىنى زىكرىمىز،
قوبۇل ئەيلەڭ شېئىرىمنى ،سىز بىمالال،سازەندىم.
شائىر ‹چال،سازەندىم›ناملىق بۇ مۇخەممەسنى 1944-يىل 9-ئايدا ھازىرقى مەشھۇر سازەندىمىز ۋە ئاتاقلىق مۇقامچىمىز زىكرى ئەلپاتتاغا بېغىشلاپ يازغان،گەرچە بۇ چاغدا شائىر لۇتپۇللا ئاقسۇدا،زىكرى ئەلپاتتا غۇلجىدا بولسىمۇ،ئۇنىڭ مۇزىكا ئىجادىيىتى شائىرغا زور ئىلھام بېغىشلىغان،شائىر ئۆزىنىڭ مەشھۇر ئوپىراسى‹تاھىر -زۆھرە›غەزەللىرىگە ئاھاڭ ئىشلەشتە زىكرى ئەلپەتتانىڭ مۇزىكا ئىجادىيىتىدىن كەڭ تۈردە پايدىلانغان ئىدى.
2012-يىلى ئوغلان 16-كۈنى (11-ئاينىڭ 16-كۈنى) ئوتيۈرەك ۋەتەنپەرۋەر شائىرىمىز ،ئىنقىلابىي جەڭچى ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمان ئوغلانى لۇتپۇللاھ مۇتەللىپنىڭ توغۇلغان كۈنى شۇنداقلا تەۋەللۇتىنىڭ 90يىللىقى بولۇپ، ئوت يۈرەك شائىرىمىز ئۆزىنىڭ قىسقىغىنا 23 يىللىق ھايات مۇساپىسىدە خەلقىمىز ئۈچۈن قىممەتلىك مىراسلارنى قالدۇرۇپ ئۆلمەس ئابىدىلەرنى تىكلەپ بەرگەن .ئۇنىڭ شئىرلىرى تا ھازىرقى دەۋىرغىچە تىللاردا داستان بولۇپ ،مەدھىيلىنىپ بىزگە ئۈمىد -ئارزۇ ۋە ئىشەنچ ئاتا قىلىپ كەلمەكتە .شۇ مۇناسىۋەت بىلەن پەخىرلىك ئوغلانىمىزنى چوڭقۇر ھۆرمىتىمىز بىلەن ئەسلەيمىز شۇنداقلا ئەلكۈيى تورى بارلىق تورداشلار نامىدىن خەلقىمىزنىڭ بۈيۈك ئوغلانى لوتپۇللاھ مۇتەللىپ تەۋەللۇتىنىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرىلەيمىز !زۇلمەت يىللار قوينىدا مەشئەلدەك يانغان بۇ ئوت يۈرەك شائىرىمىزنى چوڭقۇر ھۆرمەت بىلەن ئەسكە ئالىمىز!

كامالىي ئېھتىرام بىلەن :
ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
ئەلكۈيى تور بېكىتى
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى