- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 1448
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 43182
- تىزىملاتقان
- 2010-5-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-13
- UID
- 2154
- يازما
- 1448
- تېما
- 36
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 43182
- تىزىملاتقان
- 2010-5-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-13
- توردا
- 77 سائەت
|
شېئىرى تېپىشماقلار
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەلكۇيى مۇنبېرىدىكى بارلىق قېرىنداشلار ھەممىڭلارغا ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن،،يېقىندىن بىرى ئەلكۇيى مۇنبېرىگە يوللانغان نۇرغۇنلىغان پايدىلىنىش قىممىتى بولغان ئېسىل،نادىر تېمىلارنى ئوقۇدۇق ھەم شۇ تېمىلار ئۈستىدە مۇنازىرە قىلىشدۇق. بەزى تېمىلار بىزلەرنى ئويغا سالسا ،بەزى تېمىلار ئاچچىق يۈتكۈزدى،،،بەزى تېمىلار كۈلدۈرسە ،بەزى تېمىلار يىغلاتتى،،،،مانا مۇشۇنداق قىلىپ مۇنبەرنى ئاۋاتلاشتۇرۇپ كېلىۋاتىمىز.
بۈگۈن مەنمۇ بىر تېما يوللاي دەپ ئولتۇرسام،،قىزىم ماڭا بۇ ‹‹ ئۇيغۇر خەلق تېپىشماقلىرى›› دېگەن كىتاپنى بېرىپ ،سەندىن تېپىشماق سوراپ باقايمۇ ئاپا دەپ قالدى،،،مەنمۇ شۇ قىزغىنلىقتا ،ئەلكۈيىنىڭ قىزغىنلىقىنى ئاشۇراي دەپ ھەم بۇ ېپىشماقلارنىڭ جاۋابىنى سىلەر بىلەن تەڭ تاپاي دەپ ھوزۇرۇڭلارغا سۇنۇپ ئولتۇرۇپتىمەن ،،،
بارلىق تېپىشماقلارنىڭ جاۋابىنى توغرا تاپقانلارغا 100مۇنبەر تەڭگىسى مۇكاپات بېرىلىدۇ،،،،،مېنىڭ غەزىنەمدىن بېرىلىدۇ جۇما،،،،،
1. قېشى قارا يۈزى ئاق،
ساڭا ياردۇر ھەممە ۋاغ.
چاقنىتىدۇ دىلىڭدا،
ئۆچمەيدىغان نۇر چىراق.؟
2. قىزىل رەڭلىك بىر قۇتا،
ئىس چىقىرار بۇرنىدا.
ئارقىسىدا قوللىرى،
كىرەر يەرنىڭ باغرىغا.؟
3. كىچىك-كىچىك چىرايلىق،
گۈللۈك قەغەز تۈگۈنچە.
ئاچساڭ چىقار ئىچىدىن،
تاتلىق،شېرىن ئۈزۇمچە.؟
4. كىچىككىنە سومكىغا،
سالسام مۇھىم سۆزۇمنى.
يىراق يۇرتقا تېگىپتۇ،
يۇمۇپ لاچسام كۆزۇمنى.؟
5. كۆتۈرۈلۇپ دېڭىزدىن ،
كۆككە ئۇچۇپ بارىدۇ.
كۆكتىن قايتىپ چۇشكەندە،
ھەممە گىياھ قانىدۇ.؟
6. كۆكتە پاختا لەيلەيدۇ،
گاھ چۇشىدۇ،ئۆرلەيدۇ.
ئۆز شەكلىنى ئۆرگەرتسە،
ئېتىز-باغلار كۆكلەيدۇ.؟
7. كۆز بىلەن كۆرەلمەيسىز،
قول بىلەن تۇتالمايسىز.
سىز ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ،
بىر مىنۇت ياشالمايسىز.؟
8. كۈندۈزى كۈنگە قاراپ،
ئاخشىمى ئايغا باقار.
پەرۋىش قىلىپ ئۆستۇرسەك،
مايلىرى سۇدەك ئاقار.؟
9. گۇمبەز ئوخشاش بىر ئايۋان،
ئىچىدە بار بىر يىلان.
ئۆزى سۇغا چۆكۇكلۇك،
ئاغزىدا ئوت چىشلەكلىك. ؟
10. مېڭىپ-مېڭىپ تىنمايدۇ،
ھېرىشنىمۇ بىلمەيدۇ.
بارىدىغان جايىغا،
زادىلا يېتەلمەيدۇ.؟
مەنبە: ‹‹ ئۇيغۇر خەلق تېپىشماقلىرى›› دېگەن كىتاپتىن ئېلىپ رەتلەندى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا news تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-15 13:15
|
|