تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 2797|ئىنكاس: 41

لۇتۇندەك بىر ياشاپ باققۇم بار     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
49098
يازما
27
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
27
تىزىملاتقان
2012-11-7
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-10
توردا
41 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-12 17:58:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لوتۇندەك بىر ياشاپ باققۇم بار...

(ۋەتەنپەرۋەر شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ تەۋەللۇتىنىڭ 90يىللىقىنى خاتىرلەپ...)

قاراخان

بوۋام ئەمەس دوستۇم دىسەم لوتۇننى ،
دوستقا لايىق ۋەزنىم يوقكەن ئويلىسام.
ئاقارتىپتۇ يىللار ساقال بۇرۇتۇمنى،
لۇتپۇللادەك يىلغا سۇئال قويمىسام.

بايرونمۇ ئۇ كازاكلاردىن تۇغۇلغان،
تاڭجارىق -ئۇ قازاقلاردىن تۇغۇلغان،
ئىنسانىيەت شائىرىكەن ئەسلىدە ،

گويا ساندور فىتوپىدۇر بوغۇلغان.

مەن ئۇنىڭدەك سۈرگۈن بولۇپ باقمىغان،
ئوتتا كۆيۈپ، ئەل سۈيىدە ئاقمىغان.
‹‹مىرزا قاماق›› تۈرمە، زىندان دىگەنگە،
چۈشۈمدىمۇ بىر رەت كىرىپ ياتمىغان.

لوتۇن ئۈچۈن ھەپسە ساراي ئەمەسقۇ،
ئەل بىلەن تەڭ ئالماق قىيىن نەپەسقۇ.
يۈرىگىنى مەشئەل قىلغان دانكودەك،
مەندە يوقكەن شامچىلىك بىر  ھەۋەسقۇ.

ئاتا-ئانا قېرىنداشتىن ۋەتەننى ،
ئۇلۇغ بىلىپ سالدى ئىشكەل كىشەننى.
ئەل ئوغلىكەن بۆشۈگىدە يېتىلگەن،

كۆرمىدىممەن ئۇنداق شائىر چىچەننى.

قىزىلگۈلدەك ھاياتىنى چەيلىگەن
ھېكىمنۇرنىڭ يۈرىگىدە مەن تىكەن.
ئەلەم شۇكى بىزدىن چىقتى مۇناپىق،
قالمىدىغۇ يات ئالدىدا يۈز دىگەن.

ئاخىرەتتىن قايتىپ كەلسە ئەگەردە،
ئاڭا ھەمرا بولار ئىدىم ھەريەردە.
شائىرىنى قوغدىيالماس بۇ ئەلنىڭ،
ھالى قانداق بولار ئىكىن مەھشەردە؟!

ئانا يۇرتنىڭ تۈندە چاققان چاقمىقى،
چىنارىمنىڭ جۇدۇن سوققان ياپرىقى.
دۈنيا قايىل باھادىر،مەرت ئوغلانغا،
غورۇرۇمنىڭ لەپىلدىگەن بايرىقى.


                                          پەرۋا قىلماي مىلتىق بىلەن قىلىچقا،
                                        << تەنسىتوڭ>>دەك قەسەم قىلغان بۇرۇچقا.
                                        قانخور تىمساخ ئاغزىدەك چوڭ جادۇ ھەم،
                                          جاللاتنىمۇ قويغان ئاچچىق  نومۇسقا.



قارا يەرنىڭ بولۇپ كەتكەن قايمىقى،

ئاڭا مۇشتاق ئۈچ ۋىلايەت ئايمىقى.

<<ماۋزېدوڭ>>مۇ ھېجرانىغا چىدالماي،

دىگەن ئۇنى ئەلنىڭ ئۆلمەس بايلىقى.


ئەلەمدار ۋە قەلەمدار سەن نىلقىلىق،
سېنى ئەسلەپ كۆزۈم تولدى ياشقا لىق.
سەندەك ياشاپ ئۆتەي مەنمۇ ئەل ئۈچۈن،
شېئىرلىرىڭ بىزگە ئۈنسىز  چاقىرىق!

2012-يىلى 16-نويابىر


تولۇقلىما مەزمۇن (2012-11-12 23:57):
ئۇ ئىدىغۇ جەسۇر قاينام ئۆركىشى،
تۈن قوينىدا ئىڭرىغانلار دىلكىشى.
ئۇچقۇن ئىدى رەقىبلەرنىڭ كۆزىدە،
يىللارنى ئۇ ئوسال قىلغان ئەر كىشى.


كىچىگىدىن ئىدى سەنئەت خۇمارى،
ھۆرلۈكنى ئۇ قىلغان ئەلنىڭ شۇئارى.
ئەر دۈشمىنى ياندا تۇرۇپ بىلىنمەس،
لەنەت بولسۇن خائىن چىقتى نىگارى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
49098
يازما
27
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
27
تىزىملاتقان
2012-11-7
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-10
توردا
41 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-12 23:56:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەتتى قارا يىل قوينىدا بەس شېھىت ،
ئۇنىڭ ئۈچۈن قاقشاپ، يازساقمۇ بېيىت.
ياندا بارنى قەدىرلىمەك غەنىمەت،
قەدىرلىسەڭ ھىجرانىڭمۇ  بولۇر  ھېيت

UID
9900
يازما
32
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
32
تىزىملاتقان
2011-3-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-16
توردا
11 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-13 13:09:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي، بىر يىللاردا بەك داغدۇغا بىلەن ئۆتكۈزۈلەتتى بۇ شائىرنىڭ خاتىرە كۈنى. ئەمدىلىكتە سۈكۈت ئىچىدە ئۆتمەكتە.

UID
49227
يازما
12
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
12
تىزىملاتقان
2012-11-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-21
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-13 13:45:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بارىكاللا دوستۇم .......     
پەخىرلىك ئوغلانلىرىمىزنى قانچىلىك مەدھىلىسەكمۇ ئازلىق قىلۇر ، بۈيۈك ئەجدادلىرىمىز قەلبىمىزدە مەگگۈ ياشىسۇن ...!

UID
5821
يازما
118
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2398
تىزىملاتقان
2010-9-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-8
توردا
50 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-13 13:52:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر  ئاڭلىسام رەھمەتلىكنىڭ  قەۋرىسىمۇ  تارىخقا ئايلىنىپ  قالاي  دەپتىغۇ؟!
ئاقسۇلۇق قېرىنداشلار بۇ راسما؟

UID
49135
يازما
9
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
9
تىزىملاتقان
2012-11-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-1
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-13 14:18:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەندە ئىلگىرى ئۅزەم ياقتۇرۇپ ساقلىۋالعان بىر يۇرۇش رەسىملىرى بار ئىدى، يوللاشنى بىلمەيدىكەنمەن ،

UID
42474
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-6-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-7
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-13 14:31:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئادەمنىڭ قەۋرىسىنى ياسايدىغان ، بىر  بايمۇ چىقمىغان بولسا ... تۈگەشتۇقمۇ نىمە

UID
37509
يازما
191
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
191
تىزىملاتقان
2012-5-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-10
توردا
32 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-13 15:45:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ‹‹لەنەت بولسۇن خائىن چىقتى نىگارى››؟ قايسى ‹‹نىگارى››؟! شائىرنىڭ ئايالى سوفىيە(كۇچالىق) شائىر قەتلى قىلىنغاندا كۇچادا ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىدە تۇغۇتلۇق ئىدى. ئۇ ھەتتا شائىرنىڭ ئۆلۈمىنىمۇ كېيىن بىلگەن. يەنە بىرى، بۇ ئېسىل شېئىرنىڭ يېزىلغان ۋاقتى خاتا بولۇپ قالمىغاندۇ؟2012-يىلى 16-نويابر(11-ئاينىڭ 16-كۈنى ) تېخى كەلمىدى، بۈگۈنمۇ تېخى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى.
  ئومۇمەن، بۇ شېئىر ماڭا ياقتى! شائىرنى ئەسلەپ قالدىم...
  قىزىلگۈلدەك ھاياتىنى چەيلىگەن
ھېكىمنۇرنىڭ يۈرىگىدە مەن تىكەن.
ئەلەم شۇكى بىزدىن چىقتى مۇناپىق،
قالمىدىغۇ يات ئالدىدا يۈز دىگەن.

ئاخىرەتتىن قايتىپ كەلسە ئەگەردە،
ئاڭا ھەمرا بولار ئىدىم ھەريەردە.
شائىرىنى قوغدىيالماس بۇ ئەلنىڭ،
ھالى قانداق بولار ئىكىن مەھشەردە؟!

UID
48919
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-11-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-5
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-13 19:17:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا   شۇمۇ گەپ بولدىمۇ ئەمدى نوچى بولساڭ ئۆزۇڭ يازساڭ بولمامدۇ؟ قەچانغىچە مۇشۇنداق بىر بىرىمىزنى ياراتماي يۇرىيمىز.............

دەلىللەنگەن ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
2154
يازما
1365
تېما
36
نادىر
0
جۇغلانما
43100
تىزىملاتقان
2010-5-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-29
توردا
42 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-13 21:25:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوت  يۈرەك ،ۋەتەنپەرۋەر شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ تەۋەللۇتىنىڭ 90يىللىقىنى خاتىرلەپ  يازغان بۇ شىېرنى  بەك ياقتۇرۇپ ئۇقۇدۇم،،،،رەخمەت سىزگە ،،،بۇ شىېرىڭىز  كىشىنى ئويلاندۇرىدىكەن،،،،،مانا مۇشۇنداق ئېسىل شىېرلىرىڭىزنى  مۇنبەردىن ئايىمىغايسىز،،،

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش