«ھارۋىكەش»نىڭ نېمىسى بار؟
(ئابدۇراھمان ئەزىز ئوغلىنىڭ شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژورنىلى 2012-يىل 5-سانىغا بېسىلغان «ھارۋىكەش(2)» ناملىق ھېكايىسىنى ئوقۇغاندىن كېيىن)
[ئىلاۋە: پېقىر ئابدۇراھمان ئەزىز ئوغلى ئاكىنىڭ ھەر بىر ئەسىرىنىڭ قىزغىن ئوقۇرمىنى!]
ھاشىماخۇن-« ئۆزى كۆك نامرات بولغىنى بىلەن خۇدانىڭ قۇتلۇق كۈنى سەھەرلەپ بوۋاينىڭ يېنىا كىرىپ ئەھۋال سوراپ تۇرۇشنى ئۇنتۇمايدىغان»، «ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئايالى ئەتكەن تاماقتىن بىر چىنە كۆتۈرۈپ » دادىسىنى يوقلايدىغان، دادىسى تاماقنى يەپ بولغۇچە بىرگە ئولتۇرۇپ دادىسىغا ھەمراھ بولىدىغان؛ ئۇيان - بۇياننىڭ گېپىنى قىلغاچ، دادىسىنىڭ گەجگىسىنى، پۇتلىرىنى تۇتىدىغان، ھويلىنىڭ ئۇ-بۇ جايلىرىدا يولغا پۇتلىشىپ تۇرۇپ قالغان نەرسىلەرنى رەتلەپ، تازلايدىغان؛ دادىسىنىڭ چىشسىز ئاغزىدىن چىقىۋاتقان ئۇزۇندىن-ئۇزۇن پاراڭلىرىغا ئەستايىدىل قۇلاق سالىدىغان، ھەتتا بۇرۇن نەچچە رەت ئاڭلاپ بولغان گەپ-سۆزلەر بولسىمۇ يەنە دادىسىنىڭ ئېغىزىدىن كۆزىنى ئۈزمەي ئاڭلايدىغان؛ كىرا قىلدۇرغان خەقنىڭ «بەگىنىنى» ئېلىپ ئارانلا كۈنىنى ئۆتكۈزىۋاتقان بولسىمۇ، بازار كۈنى بازاردىن يانغاندا تۆت-بەش سامسىىنى پوتىسىغا تۈگۈپ دادىسىغا ئالغاچ كېلىدىغان، دادىسى ئۈچۈن نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىپ بېرىشنى ئارزۇلايدىغان ۋاپادار ئوغۇل.
ئۇنىڭ بارى يوقى جاڭگالنىڭ چېكىسىگە سېلىنغان كاتەكچىلىك ئىككى ئېغىز ئۆي، ۋىجىك ئىشىكى ۋە كونا ئىشەك ھارۋىسى. لېكىن، ئۇ نۇرغۇنلىرىمىزدىن باي ئىدى. ئۇنىڭدا شۇنچە مۈشكۈل ۋە قېيىنچىلىق ئىچىدە ياشاپ تۇرۇپمۇ، ئۆزىنىڭ ھالال تەرىگە تايىنىشنى ئەلا بىلىدىغان، مەھەللە باشلىقى « قېيىنچىلىقى بار ئائىلىلەر قاتارىغا تېزىملاپ قوياي» دېسىمۇ، « مەھەللە باشلىقىنىڭ ئۆيىدە قىغ چىقىرىدىغان، ئېتىزنىڭ قىرىنى ئالىدىغان، خامان سورۇيدىغان، سۇ تۇتىدىغان» ئىشلارنى قىلىشنى خالىمايدىغان ئەرلىك غۇرۇر بار؛ ئۇنىڭدا خەقتىن بىر سائەت بۇرۇن قوپۇپ بىر سائەت كەچ يېتىپ تېرىشىپ ئىشلەيدىغان، مەينەت-مۇشەققەتتتىن قاچمايدىغان، قاتتىق-قۇرۇق، غورىگىل دېمەي ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئائىلىسىنى بېقىشنى، كىسەلمەن ئايالىنى داۋالىتشنى، يالغۇز قالغان دادىسىنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىشنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويىدىغان يۈكسەك ئەرلىك مەسئۇلىيەت ئېڭى بار؛ ئۇنىڭدا دادىسىنى ئۆزىنىڭ كونىراپ كەتكەن ئىشەك ھارىۋىسىغا ئەمەس موتۇغا مىندۈرۈشنى ئارزۇ قىلىدىغان، دادىسىنىڭ ئۇچىسىدىكى كونىراپ قالغان چاپىنىنىڭ ئورنىغا ئۆيگە دەي كۆكتاتمۇ ئالماي، گۆشمۇ يېمەي كىرا قىلىپ پۇل يېغىپ يېڭى بىر چاپان ئېلىپ بېرىشنى ئارزۇ قىلىدىغان، مۆكچىيىپ قالغان دادىسىنىڭ بىچارە سىياقىغا قاراپ كۆزلىرى نەملىشىدىغان، يېنىدىكى بار پۇللىرىنىڭ ھەممىسىنى دادىسىغا تۇتاملاپ سۇنالايدىغان، دادىسىنى ئۆيىگە ئەكىلىۋىلىپ ھالىدىن ئوبدان بېقىشنى ئارزۇلايدىغان تولىمۇ چوڭقۇر مۇھەببەت بار؛ ئۇنىڭ يەنە قان ئازلىق كىسىلى بولسىمۇ غىڭ قىلماي جېنىنى سۆرەپ يۈرۈپ ھېچنەرسىنى چاندۇرماي يۈرگەن، « دادامنى بىزنىڭ ئۆيىگەئەكىرىۋالايلى، دادامنى بىزنىڭ ئۆيدە تۇر دېمىدىلە، سىلىگە مۇشۇ ئىشەك ھارىۋىسى بىلەن بازار بولسىلا بولدى» دەپ ئۇنىڭ مېڭىسىنى ئۇماچ قىلىۋىتىدىغان» قانائەتچان، كۆيۈمچان، تېرىشىچان، سەۋرلىك ھالال جۈپتى-ئايالى بار. ئۇنىڭ چوڭ-كىچىك، تونۇش-ناتونۇش ھەممىگە چىرايلىق سالام قىلىپ ماڭىدىغان، ئوغلىنى قىيناپ قويۇشتىن، خىجالەت قىلىپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ ئۆز كېسىلىنى يوشۇرىدىغان، قولىنىڭ قىسقىلىقىدىن، بالىسىغا تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىپ بىرەلمىگەنلىكىدىن، يوغان-يوغان پىشايۋانلىق ئايۋانلارنى سېلىپ ئوبدان جابدۇب ئۆي تۇتۇپ بىرەلمىگىنىدىن ئۇھ تارتىپ، ئۆزىنى ئەيىپلەيدىغان، بالىسىغا چەكسىز كۆيۈنىدىغان، ئاقكۆڭۈل، تېرىشچان، ئانىسىدىن كىچىك قالغان «ھارۋىكەش»نى بېقىپ قاتارغان قوشقان تاغدەك دادىسى بار.
ئەتراپىمىزدا، ئارىمىزدا بۇنداق «ھارىۋىكەش»لەر كۆپ، بىراق بىز كۆرەلمەيۋاتىمىز. ساقاللىرى ئۆسۈپ جاۋغايلىرى قاردەك ئاق چۇپۇر بىلەن قاپلانغان، يۈز تېرىلىرى يېرىلىپ، قوۋۇزلىرى قوشۇقتەك ئىچىگە تارتىلىپ كەتكەن، كۆزلىرىنىڭ نۇرى ئۆچۈپ پىلدىرلاپ قالغان بوۋاينىڭ ھارارەتلىك نۇرغا تولغان جىمجىتقىنە روھى دۇنياسى ماددىيەتلەر توسۇۋالغان كۆزىمىزگە كۆرۈنمىدى. ئاقكۆڭۈللۈك، مەرتلىك ۋە ئادىمىيلىك قەدىر-قىممەتنى ئۈستۈن بىلگەن، «نەچچە يېرىنى سىمدا مەھكەم چىرماپ قويۇلغىنىغا قارىماي شاللىرى چۇۋۇلۇپ تۇرغان كونا ئېشەك ھارۋىسىغا يېرىم خالتا ساماننى سېلىپ، ئىككى پۇتىنى لىكىلداتقان پېتى ۋىجىك ئىشەكنى ھەيدەپ» ھالال ئىشلەپ پۇل تېپىپ تۇرمۇشىنى قامداۋاتقان ھاشىماخۇننىڭ غۇرى ۋە ئەركەكلىكى ئەمەس، ياۋاش لەقۋالىقىلا كۆز ئالدىمىزدا چوقچىيىپ تۇرۇۋالدى.
بىز ھەقىقەتەنمۇ ئۆزىمىزنىڭ كۈچىگە، بىلىمىمىزگە، ئېرىشكەنلىرىمىزگە، جاھاننىڭ رەپتارىغا بەكلا ئىشىنىپ كەتكەندەك قىلىمىز. بىر مەزگىل ئەۋج ئالغان كىشلىك تۇرمۇش دەستۇرلىرىنى ئوقۇش قىزغىنلىقى خىلى بىر ۋاقىتلاردىن كېيىن ئۆز كۈچىنى كۆرسەتتى. كۆپىنچىمىز ئۆزگىلەرنىڭ قىممەت قارىشى سەۋەبلىك ئۆزىمىزنىڭ قىممەتلىكلىرىمىزدىن گۇمانلاندۇق، ئاسىيلىق قىلدۇق، ئۆزگىنى قوبۇل قىلىپ «يەرلىك تۈس»كە ئىگە قىلدۇق. بىز بۇ قىسمەتلىرىمىزگە سەۋەب نەرسىلەرنى تېخىمۇ كەڭرەك نەزەردە، ئىگىزرەك نۇقتىدىن كۆزىتىپ باقمىدۇق.
داۋامى بار، داۋامىدا ئاكىمىزنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئالغان تەسىراتىم ۋە ھېس-بايانلىرىم يېزىلىدۇ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-14 10:34