تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 2636|ئىنكاس: 19

«ئارمان»دىن كۈتىدىغان سەۋرىسىز ئارمانلىرىم     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
35714
يازما
18
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
18
تىزىملاتقان
2012-4-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-16
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                            «ئارمان»دىن كۈتىدىغان سەۋرىسىز ئارمانلىرىم ①

                         («ئارمان»ئېلانلىرى ھەققىدىكى قاراشلىرىم)

                                           ياسىنجان ئوسمان ئەركزات  
  
         21-ئەسىر ئۇچۇر دەۋرى. شۇنداق ئىكەن، ئۇچۇر دەۋرىدە ھەممىمىز تۈرلۈك يېڭى-يېڭى ئېلان ئۇچۇرلارغا ئېھتىياجلىق بولىمىز، ئەلۋەتتە! ئەمما ھەسەلنى كۆپ يېسە، ئەمەن تېتىغاندەك ئېلان-ئۇچۇرلارنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىدا بۈگۈنكىدەك شۇ دەرىجىدە كۆپىيىپ، خۇددى ئەينى چاغلاردىكى سارس، قۇش زۇكاملىرى ۋە نۆۋەتتىكى كومپىيوتېر ۋە ئەيدىز  ۋېروسلىرىدەك بۇنداق دەھشەت بىلەن كۆپىيىپ، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغا قەدەر يامراپ كېتىشىنىڭ پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ بولۇپ كەتتى، ئەلۋەتتە! بۇنىڭ روشەن دەللىرىدىن بىرقىسىم ئېلانلارنىڭ سەلبىي تەسىرى تۈپەيلىدىن گۆدەك، بىغوبار پەرزەنتلىرىمىزنىڭ زەھەرلىنىشى، كۆزى كۆرگەنلىكى نەرسىنى ئالىمەن دەپ تالىشپ بەدخەجلىشىپ كېتىشى، ئاتا-بالىلار ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلار ئوتتۇرىسىدىكى شەرم –ھايا ۋە پەردە شەپلەرنىڭ سۇسلىشىپ كېتىشى، بىر قىسىم نادان كىشىلەرنىڭ ساختا ئېلانلارغا ئالدىنىپ بىخۇدلىشىشى، ئىقسىادىي زىيانغا ئۇچرىشى ۋە يەنە بەزى كۈتۈلمىگەن ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى، ئەڭ ئاددىيسى، مۇشۇنداق مەزىسىز ئېلانلارنىڭ كاساپىتىدىن بىزدىكى رادىئو ئاڭلاش، تېلېۋىزور كۆرۈش ۋە گېزىت- ژورنال ئوقۇپ بىلىم ئىقتىدارىمىزنى يەنىمۇ موللاشتۇرۇش، نەزەر دائىرىمىزنى تېخىمۇ كېڭەيتىش،پەرزەنتلىرىمىزنىڭ دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، خاتىرجەم ھالدا ئارامىنى ئېلىۋېلىپ، ئۆگىنىش قىلىش قىزغىنلىقىمىزنى زور دەرىجىدە سۇسلاشتۇرىۋەتكەنلىكى قاتارلىقلارنىڭ ئۆزىلا  يۇقىرىقى قاراشلىرىمىزنىڭ دەلىلىگە كۇپايە بولسا كېرەك.
قارايدىغان بولساق، بەزىبىر «ئۆتمەس ماتا، زورلاپ ساتار» مەھسۇلاتلار ھەققىدە تولىمۇ تەنتەكلىك بىلەن سەۋدايىلارچە ئىشلەنگەن بەرىكەتلىك بۇنداق ئېلانلىرىدىكى ساختا، پۇچەك، تولىمۇ تېتىقسىزلىقلارغا قارىتا ئاچچىق خىتاب قىلىپ ۋە ئۇنى ئۆتكۈر قامچىلاپ  ياخشى يېزىلغان، تەربىيىۋىي ئەھمىيىتى خېلىلا يۇقىرى بولغان تۈرلۈك ژانېردىكى ئاچچىق-چۈچۈك ماقالە –ئەسەرلەرمۇ مەتبۇئاتلاردا دائىم دېگۈدەك يېزىلىپ، بۇنداق ناكەس ئېلانلار ئىزچىل قامچىلىنىپ تۇرىۋەردى. لېكىن مېزىنى باسسا تېزى، تېزىنى باسسا مېزى چىقىپ تۇرغاندەك بۇ خىل يۈزى قېلىن ئېلانلارمۇ ئۆزى ئارقىلىق «ئابروي» تاپىدىغان مەھسۇلاتلار ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ سادىق مالايلىقنى قېلىپ ئېلان قىلىنىۋەردى.
ھەر قانداق بىر ئادەمدە شەئىيلەرگە نىسبەتەن ئىشتىياق بولغىنىغا ئوخشاش يەنە بەزى شەئىيلەرگە نارازىلىق ۋە بىزارلىق تۇيغۇسى شەكىللەنگەن كۆز قاراشلارمۇ بولىدۇ. مەنمۇ دەل ئەنە شۇنداق بەرىكەتلىك ئېلانلارنىڭ دائىملىق كۆرۈرمىنى ۋە ئاددىي بىر قەلەم ساھىبى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ھەم بۇ ئېلانلارنى كۈندە كۆرىۋەرگەنلىكىم بەرىكىتىنىڭ ئىلھامىدىن  بولسا كېرەك، بۇنداق ھاياسىز، بېزەڭ ئېلانلارغا  قارىتا قەلبىمدە سەۋرسىز سادالار دولقۇنى مەۋج ئۇرىۋاتقان پەيتتە «ئارمان» گۇرۇھى شىركەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 15يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن «ئارمان» مەھسۇلاتلىرى ۋە «ئارمان»ئېلانلىرىغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك تەكلىپ-پىكىر  قوبۇل قىلىش پائالىيىتى ئويۇشتۇردى. مەن مۇشۇ مۇناسىىۋەت بىلەن نۇقتىلىق قىلىپ «ئارمان»ئېلانلىرى ھەققىدىكى سەۋرسىز سادالىرىمنى يەنە شۇ ئېلانلارغا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، دەلىل-ئىسپاتلىق ھالدا تۈۋەندىكىچە ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتمەكچىمەن. بەلكىم، بۇ قاراشلىرىمدا بەزىبىر يېتەرسىز تەرەپلەر، بىر تەرەپلىمىلىك قاراشلار، قىسمەن دارتمىلاشلار بولۇپ قېلىشى مۇمكىن! نېمىلا بولمىسۇن،بۇ مېنىڭ «ئارمان» ھەققىدە نەچچە ۋاقىتلاردىن بۇيان شەكىللەنگەن ھەقىقىي مەنىدىكى پەردەزسىز  تۇيغۇلىرىم بولغاچقا، ئۇنى«دوست ئاغرىتىپ، دۈشمەن كۈلدۈرۈپ ئېيتار» پىرىنسىپى بويىچە ئۇدۇللا ئوتتۇرىغا قويىۋەردىم. مەقسىدىم: مۇشۇ قاراش ۋە تەكلىپلىرىم خەلقنىڭ ئىنكاسى سۈپىتىدە قاراپ چىقىلىپ، بەلگىلىك پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە قىلىنىپ، «ئارمان» ئۈچۈن ئاز-تولا بولسىمۇ ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس، دېگەن ئارماندا مەن!

     1. ماختاش، مەدھىيىلەشلەر چوقۇم ئۆز لايىقىدا بولغىنى، ئېلان ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنراق ئىشلەنگىنى تۈزۈك

  كارتون فىلىم «خىيمەن» دىكى دېئالوگلارغا تەقلىد قىلىىن« ئارمان»دىن ئىبارەت بىر خەلقئارالىق شىركەتنىڭ ئىناۋىتىگە زور دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزىدىغان بۇ«ئۆزگىچە»، «يېڭى» ئېلاننىڭ ئىشلىنىشى كىشىنى قاتتىق ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. «ئارمان-خەلقنىڭ ئارمىنى»! «ئارمان»-بىز ئىنسانلار يەپ-ئىچىدىغان مەھسۇلات. شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئۇنى ھەممىمىزگە تونۇتۇش پۇرسىتى كەلگەندە، بىزنىڭ مۇشۇنداق ئېلانلاردا باش رول ئالماي قېچىپ كەتكىنىمىز بەك قىزىق بىر ئىش  بولدى! خۇددى پادا باققاندا دوستلىشىپ، ياڭاق چاقىدىغان پەيت كەلگەندە قېچىپ كەتكەندەكلا! «ئارمان» بىرنىڭ ئارمىنىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا ئىشلەنگەن بولغاچقا، قائىدە بويىچە، ئۇنىڭ ئېلانلىرىغىمۇ خۇددى ئەينى چاغلاردىكىدەك ئابدۇراخمان ئابلىكىمدەك بوكس شاھلىرى ياكى ئادەتتىكى كىشىلەر چىقسىمۇ، ھەتتا  «ئارمان»نى ئۆزلىرىنىڭ كۈندىلىك ئىستېمالى قىلىۋاتقان سىز، مەن ياكى ئۇ، ئىشقىلىپ قايسىبىرىمىز چىقساق تامامەن بولىۋېرەتتىغۇ؟! ئەجىبا، بۇ ئېلانغا 10نەچچە مىڭ يۈۋەن خەجلىۋەتتۇققۇ سېخىيلىق بىلەن! بۇنداق كارتون نەدىمۇ گەپ قىلالىسۇن؟! مۇشۇنداق تەقلىدۋازلىق«ئارمان»غا يارىشارمۇ؟!!
ئېلىمىز جۇڭگودا ئادەم شۇنچە كۆپ تۇرۇقلۇق، ئادەمنىڭ يۈزىنىى تۆكۈپ، خۇددى ئادەم تېپىلمىغاندەك«خېيمەن»لەرنىڭ ئېلانلارغا چىقىپ يۈرگىنى بەكلا غەلىتە ئىش بولدى-دە! مەن ھەر قانچە ئويلاپمۇ، بۇ ئىشنى شۇنچە توغرا چۈشىنەي دەپمۇ ئەسلا توغرا چۈشىنەلمىدىم. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇنى قەتئىي قوبۇل قىلالمىدىم. ھەتتا مۇشۇ كارتون ئېلاننى ئىشلىگەن مەلۇم بىر ناھەيەدىكى ئۆز كەسپى بويىچە ئالىي مەكتەپنى نەتىجىلىك تاماملىغان گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىسىنىڭ خىزمەتداشلىرى بىلەنمۇ بۇ ھەقتە پىكىرلىشىپ باقتىم. (ئۆزىنى ئىزدەپ-سۈرۈشتۈرۈپ تاپقان بولساممۇ، لېكىن بۇ ھەقتە بىۋاستە ئېغىز ئېچىپ، ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى قىزغىنلىقىغا سوغاق سۇ سەپكۈم كەلمىدى).  نەتىجە شۇ بولدىكى، ئۇ ئۇستاز بۇ ئېلاننى ئىشلەپ 10 نەچچە مىڭ يۈۋەن ئىقتىسادىي كىرىم قىلىۋېلىش بىلەن بىرگە، ئۆزى ئۈچۈن بەلگىلىك نام- ئاتاقمۇ تېپىۋاپتۇ، مۇنداقچە ئېيتققاندا،«بۇغداينىڭ بانىسىدا سۇ ئىچىۋالغان قارمۇق»  بوپتۇ-خالاس! بۇ ئېلان ئارقىلىق«ئارمان»چۇ؟؟؟!!!
  يەنە ئالاھىدە كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىنى شۇكى، تېخىمۇ ئەجەبلىنەرلىكى «ئارمان» ئېلانلىرىغا دائىملا داڭلىق چولپانلارنىڭلا چىقىشىدىن ئىبارەت غەلىتە بىر ھال ئىزچىللىققا ئىگە بولۇپ كەلدى. ئەجىبا، «ئارمان»ئېلانلىرىغا خۇددىي ئەل سۆيگەن خەلقئارالىق رەسسامىمىز غازى ئەمەت ۋە ئابدۇكېرىم نەسىردىندەك ئۇستازلارنىڭ جاھانشۇمۇل شۆھرەتكە ئىگە بولالىغان سىزمىلىرىغىمۇ ھۆسن-لاتاپەت ۋە ئەمەلىي ئىستىتىك قىممەت ئاتا قىلالىغان ئاددىي خەلقىمىز چىقسا نېمە يامىنى؟!! ئەنە شۇلار «ئارمان» قاپلىرىدا،«ئارمان» ئېلانلىرىدا ئۆز جامالىنى كۆرسە چىرايلىرى پۈرۈشۈپ قالارمۇ؟!! خەلقىمىز ئۇلاردىن يىرگىنىپ كېتەرمۇ؟! دەرۋەقە، «ئارمان»نىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىنى يەنە شۇ جاپاكەش دېھقانلار ئاممىسى ئىستېمال قىلىدىغۇ؟! ھېچ بولمىغاندا، ئەنە شۇ«خەلقئارالىق ماركا»نىڭ ھەقىقىي ھەقدالىرى يەنىلا شۇ ئاددىي خەلقىمىزغۇ؟!! شۇڭا، ئېلانلارنى نوقۇللا چولپانلارلا مونۇپۇل قىلۋالماسلىقى، ئۇلارمۇ ئۆزىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئىتى ئارقىلىق ئاران تىكلىگەن ئوبرازىنى بۇنداق ئېلانلارغا تولا چىقىپ، ساختا كۈلۈپ، يالغان ھىجىيپ تولا خۇنۈكلەشتۈرمەسلىكى، ئەكسىچە ئەتراپىمىزدىكى رېئال كىشىلەرمۇ تېلېۋىزور ئىكرانىدا ئارمان ئارقىلىق بولسىمۇ نامايەن قىلىنسا بۇنىڭلىق بىلەن «ئارمان»نىڭ نوپۇز- ئىناۋىتى چۈشۈپ كېتەرمىدى!!؟؟ مەھسۇلاتنى بەلكى ئېلان ئارقىلىقمۇ ياخشى سېتىپ چىقارغىلى بولار، ئەمما  ئېلانىمىز، بولۇپمۇ مەھسۇلاتىمىز چىن، قايىل قىلارلىق، خەلققە ھەقىقىي نەپ يەتكۈزەلەيدىغان بولسىلا، تېلېۋىزور كۆرگۈچىلەر ئېلان چىققان قانالنى يۆتكەپ ئەمەس، ئېلان بېرىلىدىغان قانالنى ئىزدەپ كۆرىدىغان بولىدۇ، بۇنداق مەھسۇلارنى بولسا، ئۆزلىرى نەدىن بولمىسۇن چوقۇم ئىزدەپ تاپالايدۇ! شۇڭا، ئېلان ئىشلەتكۈچىلەر، ئېلان ئىشلىگۈچىلەر، ئۇنى نازارەت قىلغۇچىلار ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك باشقۇرغۇچى تارماق ۋە خادىملار ئومۇملۇققا ئىگە بۇ مەسىلىگە دەل ۋاقتىدا سەزگۈر مۇئامىلە قىلىشى، بولۇپمۇ، بۇ جەھەتتە «ئارمان» شىركىتىدىكىلەر تېخىمۇ  دەققەت قىلىپ، باشلامچى بولۇشى تولىمۇ سەرۋىسىسدۇر!

   2.ئېلانلار زورلاپ ئېلان قىلىنىۋەرمىگىنى، خەلقنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىمىنى تۈزۈك

    مەن ھەر قېتىم تېلېۋىزوردىن بەرىكەتلىك بۇ ئېلانلارنى كۆرىۋېتىپ ئويلاپ قالىمەن: تېلېۋىزېيە ئېلانلىرىنىڭ %90 دىن كۆپرەكىنى «ئارمان»، «ئىخلاس» ۋە «سۇلتان»نىڭ كۆركەم قاپلىق قۇۋۋەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن «سۇلتان»نىڭ شاھانە ئېلانلىرى تولۇق دېگۈدەك مونوپۇل قىلىۋاپتۇ. ئەقەللىي ساۋات شۇكى، ئادەتتە قورساق ئاچمىسا زورلاپ تاماق يېمەيمىز. تاماققا ھاجىتىمىز چۈشسە تاماق تاللاپ ئولتۇرمايمىز. ئوخشاشلا، ئۆزىمىزگە كېرەكلىك ئېلان بولسا، ئۇنى نەدىن بولمىسۇن بۈگۈنكىدەك ئۇچۇر دەۋرىدە چوقۇم ئىزدەپ تاپالايمىز. زۆرۈرىيىتى بولمىسا، بىزگە ئېلان سېزىكلىكى چۈشمىگەندىكىن، ئۇنى ئۇنچە بەك«قانماي» كۆرىۋەرمىسەكمۇ بولىۋېرىدۇ. مەن بەزىلەرنىڭ ئاغزىدىن:« ئەگەر زۆرۈر تېپىلسا ئىئانە توپلاپ بولسىمۇ مەخسۇس ئېلان قانىلى تەھسىس قىلدۇرمىساق بولمامدۇ-قانداق؟! » دېگەن سادالارنى ئاڭلاپ قالدىم. تېلېۋىزورنى ساپلا ئېلان قاپلاپ كەتسە، ئەلدىن شۇنداق ئىنكاس چىقماي نېمە بولماقچى؟! گەرچە بۇ خىل ئىنكاسلارنىڭ پەيدا بولۇشىدا گەرچە يالغۇز «ئارمان»نىڭلا ئېلانى نۇقتىلىق كۆزدە تۇتۇلمىغان بولسىمۇ، ئەمما «ئارمان»نىڭمۇ بەلگىلىك «تۆھپە»سىنى يوق دەپ ئېيتىپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ، ئەلۋەتتە! شۇنىسى ئېنىقكى، كېمىنى كۆتەرگەن سۇ ۋاقتى-سائىتى كەلگەندە يەنە شۇ كېمىنى ھالاقمۇ قىلىۋېتەلىگەنگە ئوخشاش كىشىلەرنى ۋاقىتلىق بولسىمۇ ئۆزىگە «جەلپ»قىلالىغان بۇ ئېلانلار يەنە مۇشۇنداق تېتىقسىزلىشىۋەرسە، خەلقىمىز بۇ ئېلاندىنلا ئەمەس، بەلكى ئۆزىنى جاق تويغازغان شۇ نىجىس ئېلاننىڭ مەھسۇلاتلىرىنىمۇ يېمەي تۇرۇپمۇ،ئۇنىڭغا گېلىغىچە جاق تويۇپ، شۇ مەھسۇلاتلارغا ھۆ بولۇپمۇ كېتەمدۇ-قانداق؟! شۇڭىمىكىن، رادىئو ۋە تېلۋېزوردا تەكرار-تەكرار بېرىلىۋېرىپ ئەمەنلىشىپ كەتكەن بۇ تېتىقسىز ئېلانلار «ئىخلاس»قا بولغان شۇنچە كۆپ ئىخلاسمەنلەرنىڭ  ئىخلاسىمىزنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىپ، «سۇلتان»لارنىڭكىدىنمۇ بۈيۈك «ئارمان»لىرىمىزنى ئۆز كۈچ-قۇدرىتىمىز ئارقىلىق روياپقا چىقىرىشىمىزغا ئېغىز سەلبىي تەسىرلەرنى كۆرسەتمەكتە. ھېچ بولمىغاندا،«ئارمان» ئەمدى بۇنداق داۋراڭنى سېلىۋەرمىسە بولاتتى!!! چۈنكى ئۇ مىللىي كارخانىلار ئىچىدىكى باشلامچى كارخانا. «ئارمان»نىڭ ھەتتا يىراق يېزا-كەنتلەرگىچىمۇ ئېچىلغان ئىككى مىڭدىن ئارتۇق زەنجىرسىمان تاللا بازىرى بار. بۇ ماركا ھېچكىمگە يات ئەمەس! خۇددى ئاسماندىكى قۇياشنى« ئۇ دېگەن قۇياش» دەپ باشقىلارغا چۈشەندۈرىمەن دېيىش تولىمۇ«دانىشمەنلىك» بولغىنىغا ئوخشاش، بۇمۇ يېڭى دەۋردىكى  بىر ئىپتىدائىيىلىق ھېسابلىنامدۇ-قانداق؟!
  ئويلاپ باقايلى: «...قېپى يېڭىلاندى...» مۇشۇمۇ بىر ئېلانمۇ ئەمدى؟ ئەگەر تاماق تەملىك بولسىلا، ئۇنى ئالتۇن قاچىدا ئىچىش نە ھاجەت!؟ ئەلۋەتتە، مەھسۇلاتقا چۈشلۇق قېپى بولۇشى كېرەك-تە!؟ بولمىسا تالقاننى قاپسىز قانداقمۇ ھاجەتمەن ھوزۇرىغا سۇنۇش مۇمكىن؟! ئۇنى كاپ ئەتتۈرۈش مۇمكىنمۇ-يە!؟ بۇنداق ئېزىتقۇ ئېلانلارنىڭ دېپىغا«ئارمان» ھەرگىز ئۇسۇل ئوينىماسلىقى كېرەك!!! ئوبراز تىكلەش بەك مۈشكۈل، ئەمما ئۇنى يوقىتىش- بىردەملىكلا ئىش! بولۇپمۇ بۈگۈنكىدەك ئۆتكۈر رىقابەت ۋە رەھىمسىز خىرس ئالدىدا ئارمان مۇتلەق پۇت تىرەپ تۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم ئۆزىگە خاس ئىجادىي يول تۇتۇشى، بۇنى مەھسۇلات ئىشلەپچىقىشتىن تارتىپ، تاكى سېتىپ چىقىرىشقىچە بولغان ھەر بىر نازۇك ئىش ھالقىلىرىغىچە بولغان جەريانلاردا ئۆزىگە خاس بولغان تەم، چىن يۈرەكتىن چىققان ھەقىقىي سۆز-ئىبارىلەر،  ئەلا ۋە قىزغىن مۇلازىمەت پوزىتسىيىسى قاتارلىقلارغىچە چوقۇم ئكزى باشلامچى بولالىشى تولىمۇ زۆرۈر!!! «ئارمان» يوقلۇقتىن قۇرۇلۇپ، مانا مۇشۇنداق زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى! بۇ يالغۇز رادىل ئابلانىڭلا ئەمەس، بەلكى بىز بارلىق قېرىنداشلارنىڭمۇ ئورتاق شادلىقى! «ئارمان» تەرەققىي قىلىپ،خەلق ۋە جەمئىيىتىمىز ئۈچۈن نۇرغۇن خاسىيەتلىك ئىشلارنى قىلدى، قىلىۋاتىدۇ ھەم قىلىدۇ. مەبلەغمۇ يەتكۈچە بار. مۇشۇنداق ئىقتىسادىي ئەۋزەللىكلىكرى ۋە كۈچلۈك قوللىغۇچىلىرى بار دۇنياۋىي شۆھرەتكە ئىگە كارخانا قەتئىي تەقلىدۋازلىق قىلسا قەتئىي بولمايدۇ!!! يېڭىلىق ياراتتىم، دەپ«ئارمان»خېتىنى يېزىپلا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرېۋەرمەسلىكى، ئۇنىڭدا چوقۇم مىللىيلىك، ئۆزگىچىلىك تولۇقى بىلەن گەۋدىلىنىشى كېرەك. بۇنى رادىل ئەپەندىمۇ ياخشى بىلىدۇ. شۇنداقتىمۇ «ئارمان»دىكى مۇتەخەسىسلەر بۇ جەھەتتە ھەر دائىم سەزگۈر بولۇشى، بار مەسلىھەت ئىش قىلىشنى ئىزچىللىققا ئىگە قىلىشى بەكمۇ زۆرۈر!!!   
بىز كۈندە «قانماي» كۆرىۋاتقان «تېتىملىق» ئېلانلار بىلەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىدا كۆرسىتىلىۋاتقان ئېلانلارنىڭ كۆرسىتىلىش قېتىم سانى ۋە كۆرسىتىلىش ۋاقتىنى ئۆز-ئارا سېلىشتۇرۇپ كۆرسەكمۇ بۇ ئېلانلارغا بولغان بىزارلىق تۇيغىمىز ھەسسىلەپ ئاشىدۇ. يەنى باشقا قاناللاردىكى ئېلانلارنىڭ كۆرسىتىلىش ۋاقتى ئېلان باشلىنىش بىلەن تەڭلا ۋاقىت تەتۈر ھېسابلىنىپ، كۆرگەنسېرى ئاز قالسا، بىزنىڭ ئېلانلىرىمىز كۆرۈرمەنلىرىگە «چەكسىز سادىقلىقى»نى نامايەن قىلىش ئۈچۈن بولسا كېرەك، كۆرگەنسېرى بارا-بارا «بەرىكەتلىشىپ» كېتىدۇ. شۇنىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇكى، بىر خىل مەزمۇندىكى ئېلانلارنى بىر قېتىمدا بىر نەچچە قېتىملاپ تەكرار-تەكرار بېرىۋېرىشنىڭ زادى نېمە زۆرۈرىيىتى؟!  تېلېۋىزىيە پروگراملىرىغا ئېلان قىستۇرۇپ ئىشلەتكۈچى خوجايىنلار ۋە ئېلان ئىشلىگۈچى «مۇتەخەسىسلەر»لەر ئۆزلىرىنى چەكسىز بىلىم خوجىدارلىرى ئالىم-مۇتەخەسسىس، كۆرۈرمەنلەرنى دەلدۈش، نېرۋىسى ئاجىز، ئەقلى ئىقتىدارى تولىمۇ ئاجىز-مەجروھلار… دەپقارامدىكىن، شۇڭا ئۇلار كۆرۈرمەنلەرگە «كۆيۈنۈپ» مۇشۇنداق تەكرارلىقنى قوغلاشسا كېرەك! «ئەگەر ئۇلارمۇ بۇ ئېلانلارنى كۆرسە، ئۆزلىرىنىڭ شۇنداق مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرالىغىنى ۋە شۇنىڭغا ماس ھالدا، ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز قىلىپ ئىشلىيەلىگەن ئېلانلىرىدىن چەكسىز سۆيۈنۈپ شۇنداق ھوزۇرلىنىپ كۆرۈپ كېتەمدىغاندۇ؟»دەپمۇ ئويلاپ كېتىمەن بەزى چاغلاردا. «ئارمان» بۇ جەھەتتە تېخىمۇ سالماق بولغىنى ئەۋزەل!
بىزنىڭچە، ئېلان ئادەمنى ئۆزىگە قىزىقتۇرۇشى كېرەككى، ھەرگىز زىرىكتۈرمەسلىكى، بىزار قىلماسلىقى كېرەك. بولمىسا ئۇنى كۆرۈشكە ھېچكىم سېزىك بولمايدۇ-دە! خۇددى ئېلاندا دېيىلگىنىدەك خېلى كۆپ مەھسۇلاتلارنىڭ«...قېپى يېڭىلاندى...». ئوخشاشلا، دەۋرمۇ زور دەرىجىدە يېڭىلاندى! مۇشۇنداق شارائىتتا دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، تېلېۋىزىيىدەك مۇشۇنداق ئەڭ چوڭ جانلىق تەشۋىقات ۋاستىلىرىدا ئازغىنە ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى دەپ،  مىليونلىغان كۆرۈرمەنلەرنىڭ پۈتكۈل ئىشتىياقى بىلەن بېرىلىپ كۆرۈۋاتقان تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرى، پارتىيىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى قانۇن-نىزام، ئەمىر-پەرمانلىرى ۋە تۈرلۈك خەۋەر-يېڭىلىقلارنى كۆرۈش قىزغىنلىقىغا مانا مۇشۇنداق زىمىستاندىكىدىنمۇ سوغاق سۇ چېچىۋېرىدىغان بولساق، كىم ئېيتالايدۇ كىشىلەرنى ئېلان چىقمايدىغان، باھاسى شۇنچە ئەرزان ھەر خىل قىزىقارلىق مەزمۇندىكى پلاستىنكىلارنى تۈركۈملەپ سېتىۋېلىپ ئېلاندىن خالىي ھالدا خاتىرجەم كۆرۈۋېرىپ، تېلېۋىزىيىدىن بېزىپ كەتمەيدۇ، دەپ! كىم ئېيتالايدۇ داڭلىمىسىمۇ ئىستېمال قىلسىلا ئۆز ۋۇجۇدىغا قۇۋۋەت بولغان ھەم مەڭگۈ بولىدىغان ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋىي تاماقلىرىنىلا يەۋەرمەيدۇ، دەپ!!! بۇ جەھەتتىمۇ يەنىلا «ئارمان» كەم سۆز بولغىنى ياخشى! سالماقلىق- ئېسىل پەزىلەت، تەنتەكلىك-ئەخمىقانىلىق! ئېلان قىلىۋېلىشلا ئۇتۇق قازانغانلىق ئەمەس. چۈنكى ھەر قانداق ئىشنىڭ نەتىجىسى ھېساب. ئاددىيسى تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىدىمۇ باشلىنىش نۇقتىسىدىن چىقىدىغانلار كۆپ، ئەمما ئاخىرقى پەللىگە يېتەلەيدىغانلار ساناقلىقلا بولىدۇ. چۆجىنىمۇ كۈزدە سانايمىز ئەمەسمۇ؟!
  3. كارخانىچىلار ھەم كارخانا خوجايىنى ھەم ئىستېمالچى ھەم ئاددىي بىر  كۆرۈرمەن بولالشى كېرەك

كارخانىچىلار كارخانا خوجايىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆز مەھسۇلاتلىرى ئۈچۈن ھەر خىل ئېلانلارنى ئىشلىتىشنى بىلىشتىن باشقا يەنە بىر كۆرۈرمەن، بىر ئوقۇرمەن، بىر ئاڭلىغۇچى ۋە بىر ئىستېمالچى بولۇپ، ئۆزلىرى شۇنچە كۆپ مەبلەغ سېلىپ ئۆزلىرىنىڭ تېخىمۇ قۇدرەت تېپىشىنى كۆزلەپ ئىشلىتىۋاتقان ھەر بىر ئېلاننى ئۆزلىرىمۇ تېلېۋىزورلاردىن سەمىمىيلىك بىلەن خۇددى تەكرار-تەكرار كۆرسىتىشنى تەۋسىيە قىلغىنى بويىچە تەكرار-تەكرار كۆرۈپ بېقىشى، گېزىت_ ژۇرناللاردىن ئوقۇپ تۇرۇشى، رادىئو ۋە باشقا تەشۋىقات ۋاسلىرىدىن كۆرۈپ، نازەرەت قىلىپ تۇرۇشى، بۇ ھەقتىكى جامائەت پىكرىگە قۇلاق سېلىشى ۋە ئۇنىڭغا ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ-يېڭىلاپ تۇرۇشى، ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى ئۆزىمۇ چىداپ تۇرۇپ ئىستېمال قىلىپ تۇرۇشى، ئۇنىڭدىن ۋۇجۇدىغا  كۈچ-قۇۋۋەت تېپىپ تۇرۇشىمۇ خېلىلا زۆرۈر! مۇبادا، خوجايىنلا بۇ ئېلانلار بېرىلىۋاتقاندا ئۆز دىققىتى  ئىختىيارسىز ھالدا قولىغا تىزگىنەكنى ئېلىپ قانال يۆتكەشكە مەزكەزلىشىپ قالمىسا، گۈلدەك رۇخسارلىرىنىڭ ھاۋانى تۇمان باسقاندەك پۈرۈلۈپ قېلىشىغا  سەۋەپ بولۇپ قالمىسا، ئاڭلاۋېتىپ غىدىقى كېلىپ قالمىسا ياكى تاماكىسىنى قىڭغىر چىشلىتىپ سىرىتلارنى شامالداپ كىرىشكە باشلاپ ماڭمىسا، مەھسۇلاتلىرىدا ئۆزلىرى ماختىغاندىكىدەك تەم-قۇۋۋەتلەر تېپىلمىغاندا ئېغىر خۇرسىنمىسا بۇنىڭدىنمۇ دەبدەبىلىك ئېلانلارنى ئىشلىتىپ، يەنە داۋاملىق ئېلان قىلدۇرۇپ باقسا تامامەن بولىدۇ! ئەمما ئۆزلىرىنىڭ شۇنچە  كۆپ  تەملىك  ھەم  شىپالىق  خۇرۇچلاردىن  تەركىپ تاپقان مەھسۇلاتلىرىمۇ كۆپ «ئىستېمال» قىلىنىۋەرگەنلىكتىن «ئەمەن» لىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان، دېگەنلىرىنىڭ ئەمەلىيەتكە ماسلاشمايۋاتقىنىنى بىلگەن ھامانلا، بۇنىڭغا چوقۇم   ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك. چۈنكى بۇ تولىمۇ خەتەرلىك سېگنال!!!

        4.خوجىدارلار ئۆز مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا نازارەتچىلىكنى داۋاملىق كۈچەيتىشى ۋە تەكلىپ-پىكىر، ئىنكاس-تەلەپلەرگە دەل ۋاقتىدا چوقۇم ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ تۇرۇشى زۆرۈر

بۇ قېتىم  «ئارمان»گۇرۇھى شىركەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 15 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن پۈتكۈل جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ كەڭ دائىرىلىك   پىكىر-تەكلىپ ئېلىش پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، تولىمۇ خاسىيەتلىك ئىش قىلدى. چۈنكى كۆزنىڭ ۋەزىپىسى گەرچە كۆرۈش بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنى ئۆزى كۆرەلمەيدۇ-دە! «ئارمان-خەلقنىڭ ئارمىنى». شۇنداق ئىكەن، ئۇنى ھەممەيلەن قاتارى خوجايىنلار مانا مۇشۇنداق  تېخىمۇ كۆپرەك نازارەت قىلىپ تۇرۇشى، ئاممىدىن پات-پات پىكىر-تەكلىپلەرنى ئېلىپ تۇرۇشى، يالغۇز مۇتەخەسىسلەردىنلا ئەمەس، بەلكى  «ئارمان»نى ھەر كۈنى يەپ-ئىچىپ تۇرغانلاردىنمۇ كۆپرەك ھال-ئەھۋال سوراپ تۇرۇشى، شۇنداقلا بۇنى دائىمىيلاشتۇرۇشى كېرەك. چۈنكى ئارمان يوقلۇقتىن يورۇق دۇنياغا كۆز ئېچىپ، ئەمدى تېخى 15 ياشلىق ئۆسمۈر بولدى. شۇڭا،«ئارمان»جاننىڭ «ئارمان»دا ئوزۇقلۇنۇپ، «ئارمان» مۇھىتىدا ساغلام ئۆسۈپ-يېتىلىپ، تېخىمۇ گۈزەل ۋە تېخىمۇ كۆپ ئارمانلىرىغا يېتىىشى ئۈچۈن يەنە  «ئارمان»نىڭ ئۆزىدە بار بولغان جاسارەتتىن باشقا، خەلقنىڭ «ئارمان»لىرىمۇ قوشۇلىدىغان جەريانلار كېرەك بولىدۇ-دە! بۇنىڭ ئۈچۈن«ئارمان» چوقۇم ئۆز ئوبرازىنىڭ تېخىمۇ كۆپ قەلبلەر تۆرىدە نۇرانە قۇياشتەك پارلاپ تۇرۇشىغا ئىزچىل كاپالەتلىك قىلىشى بەكمۇ زۆرۈر!

       5.«ئارمان» ئېلاندىلا ئەمەس، بەلكى ئۆز مەھسۇلاتلىرىدىمۇ ئىستېمالچىلارنى ھەقىقىي تۈردە رازى قىلىشقا تېخىمۇ تىرىشىشى كېرەك.

نۆۋەتتىكى تەرەققىياتقا ماس ھالدا مىللىي كارخانىلار بارغانچە كۆپىيىپ، خەلقىمىز ئۆز كارخانىچىلىرى ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنى ئىستېمال قىلىش بىلەن ئۇلارنى قوللىماقتا. كارخانىچىلارمۇ ئىستېمالچىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىش ۋە ئۇلارنىڭ ئۇلارنىڭ ئىخلاسىغا جاۋاب قايتۇرۇش مەقسىتىدە مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ۋە مۇلازىمىتىنى ياخشىلاشقا ئىزچىل ئەھمىيەت بەردى. بۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا ئېلانچىلىق سەنئىتىمۇ باشقىچىلا جانلىنىپ، كارخانا بىلەن ئىستېمالچى ئوتتۇرىسىدىكى ۋاستىچىلىق رولىنى ئوبدانلا جارىي قىلدۇدى. بىرەر كارخانا ئۈچۈن  بىرەر مەھسۇلات، بولۇپمۇ بازارلىق مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىپ، ئۇنى ئىستېمالچىلارغا بىلدۈرۈشمۇ بەسىي-مۈشكۈل بىر جەريان. بىر كارخانىچى  بازار رىقابىتىدە ئۈزۈپ چىقىش ئۈچۈن مەھسۇلات سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا  ئېلاندىن پايدىلىنىدۇ، «ئارمان» مۇ ھەم شۇنداق، ئەلۋەتتە! گۈل ھەقىقەتەن شىرنىلىك بولسا، كېپىنەكلەر ئۇنى ئىزدەپ ئۆزى كېلىدۇ. «ئارمان-خەلقنىڭ ئارمىنى».شۇنداق بولغاچقا،«ئارمان» خەلققە ھەقىقىي ساغلاملىق، شادلىق، ئۆزلىرى ۋەدە بەرگىنىدىكىدەك پۈتمەس-تۈگىمەس ئەقىل-پاراسەت، كۈچ-قۇۋۋەت ۋە جاسارەت ئاتا قىلالايدىغانلا بولسا، ئېلان ئۈچۈن بۇنچە كۆپ ئىقتىسادىي سەرپىيات، تېلېۋىزور كۆرگۈچى، رادىئو ئاڭلىغۇچى ۋە گېزىت-ژۇرنال كۆرگۈچىلەر ئۈچۈن بۇنچىۋالا ۋاقىت ئىسراپچىلىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىشنىڭ زادى نېمىگە زۆرۈرۈرىيىتى تۇغۇلۇپ قالدى!؟بۇنى چوقۇم تەكرار-تەكرار ئويلىنىش، جىددىي بىر تەرەپ قىلىپ چىقىش كېرەك! مېنىڭچە،«ئارمان» نىڭ ھەر خىل ئېلانلىرى ئۈچۈن ھەر خىل ئېلانلارنى ئەمەس، قاملاشتۇرۇپ، ئومۇملاشتۇرۇپ، يۈرۈشلۈك، مېغىزلىق ئېلانلاردىن، بەلكى قىسقا فىلىملەردىن ئىشلەپ تارقاتسا، ياكى «ئارمان» مەھسۇلاتلىرىغا قوشۇمچە قىلىپ تارقاتسا تامامەن بولىدىغۇ؟! خۇددى «ئارمان» ئىستاكانلىرىدەكلا! بۇ ھەم تەشۋىقات ھەم خاتىرە بولۇپ قالىدۇ، بۇنىڭدىن ھەر قانداق دىل سۆيىنىدۇ!!!
«ئارمان»لىقلار ھەر خىل ئېھتىياجلىقلارنىڭ  ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن  شۇنچە كۆپ ئىزدىنىپ، مەخسۇس چوڭلار، بالىلار، ئاياللار ۋە دوكتۇر بولغۇچى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئايرىم-ئايرىم مەھسۇلاتلارنى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سالدى. بۇ-ئۆز نۆۋىتىدە كۈنسېرى ھاللىنىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتقان خەلقىمىزنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىگە يېقىنلىشىش ئۈچۈن سېلىنىۋاتقان بىر مول داستىخان! ئەمما«ئارمان دوكتور بالىلار قۇۋۋەت تالقىنى»دېگەن بۇ نام بەكلا دەبدەبىلىك قويۇلۇپ قالغانمۇ-قانداق؟! بۇ تالقان راستىنلا بالىلارنى دوكتۇر قىلالارمۇ؟! مۇبادا بۇ تالقاننى ئىچكەن بالىلار دوكتۇر بولالماي قالسىچۇ؟! دوكتۇرغۇ ئەمەس، تولۇق ياكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىمتىھانلىرىدىن تاسادىپىي  ئۆتەلمەي قالسا، بۇ دوكتۇرلۇق تالقىنىنى ئىستېمال قىلىپ تۇرۇپمۇ، ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغىنى ئۈچۈن ئاتا-ئانىلىرى ئالدىدا قانچىلىك خىجىل بولۇپ كېتەر؟! ئۇنى ئىچكەن چاغدىكى ئالەمچە شادلىقلىرى نەلەرگە يوقاپ كېتەر؟! مۇبادا،«ئۇز خېنىم»نى ئىچىپ، «ئۇز»لاشماقچى بولغانلار «ئۇز خېنىم»نىڭ قۇۋۋەتلىرىدە تېخىمۇ «ئۇز»لۇشۇپ  بودەكلىشىپ كەتسىچۇ؟! ئەڭ ئەقەللىيسى، غۇلجىدىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان شۇنچە ئۇزۇن مۇساپىنى ۋېلىسېپىتلىق بېسىپ كېلەلىگەن ياسىن بوۋايمۇ «ئارمان»نى ئۈزۈلدۈرمەي ئىچكىنى ئۈچۈن شۇڭا ئەنە شۇنداق شۆھرەت قازانغانمىدۇ؟! ئەنە شۇ بىر ئىستاكان«ئارمان» تالقىنى تەركىبىدە زادى يەتتە تال بادام بارمۇ-يوق؟!  مەن«ئارمان»بۇنى ئىنچىكە ھېسابلاپ باقتىم. چۈنكى «ئارمان» قۇۋۋەت تاقىنىنىڭ يەككە باھاسى ۋە بادامنىڭمۇ كونكىرت باھاسى بار ئەمەسمۇ؟! ھەي….دەپ كەلسەك گەپ بەكلا جىق! شۇڭا، ماختاش-مەدھىلەشلەر چوقۇم ئۆز لايىقىدا بولغىنى تۈزۈكمىكىن، دەپ قارايمەن! بەزىدە بىزگە ساپ يالغانلىقى بىلەن بىلىنىپ تۇرغان ماختاشلارمۇ يېقىپ قالىدۇ. شۇڭا،«ئارمان»نىڭ ئۇزۇن يىللىق جاپالىق ئىزدىنىش ئارقىلىق ئاران قولغا كەلگەن بۇ شان-شۆھرىتىنى ھەقىقىي ساقلاپ قېلىش ۋە ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئېلاندىكى بەزىبىر دەبدەبىلىك سۆز-ئىبارىلەرنى چوقۇم چىداپ تۇرۇپ چىقىرىپ تاشلاش كېرەك! بۇنى رادىل ئابلا ئەپەندىم ئۆزىمۇ ئويلۇشۇپ باقسا بولىدۇ! ئويلاپ باقساق بولىدۇ: «ئارمان»تالقانلىرى يوق ۋاقىتلاردىمۇ خەلقىمىز تېرىق تالقانلىرىنى، ياما-ئۇماچلارنى، زاغرا-كۆمەچلەرنى يەپ ئىچىپمۇ يەنىلا ساغلام، بەلكى ھازىرقىدىنمۇ نەچچە ھەسسە ساغلام ياشاۋېرەلىگەن ئىدىغۇ؟! كۆپ يېيىلگەن ھالۋا ئەمەن تېتىغاندەك «ئارمان»ھەققىدە شۇنچە كۆپ دېيىلىۋاتقان گەپلەرمۇ قۇلاقلارغا رېئاكسىيە بېرىۋاتقان ئەھۋاللارمۇ يوق ئەمەس. شۇنىسى ناھايىتى ئېنىقكى، كارخانىچىلىرىمىز، جۈملىدىن،«ئارمان» شىركىتىمۇ دەبدەبىلىك ئېلانلارنى ئىشلەشكىلا ئەمەس، بەلكى سۈپىتى تېخىمۇ ياخشى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش يولىدا ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ، بازار رىقابىتىدە ئۈزۈپ چىقىشقا دائىم ئەھمىيەت بېرىشى كېرەككى، ھەرگىزمۇ بۈگۈن زاۋۇتتىن چىقىرىپ ئەتىسىلا ئۇ ھەقتە ئېلان چىقىرىشقا ئالدىرىماسلىقى كېرەك! ئىستېمالچىلار ئادىل باھا بەرگۈچى. مەھسۇلاتىمىز بازارغا سېلىنىپ، خەلقىمىزگە ياقسا ئاندىن ماختىساقمۇ ئۈلگۈرىمىز. بۇ نۇقتا ئېلانچىلىق شىركەتلىرى، ئېلان تارقاتقۇچى ۋە ئېلان ئىشلەتكۈچىلەر ئۈئچۈنمۇ نوقۇللا ۋاقىتلىق نەپنى ئويلاپ ئەمەس، كېيىنكى ھەقىقىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشتىمۇ رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، بۇنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمىمۇ زور بولىدۇ. «بەرىكەتلىك»ئېلانلار نۆۋەتتە ھەممىمىزنى تولىمۇ بىزار قىلىۋاتقان مۇشۇنداق پەيتتە بولسىمۇ، دۆلەتنىڭ پاتېنېت ھوقۇقىغا ئېرىشىپ، خەلقئارالىشىپ بولغان «ئارمان» شىركىتى ئۈچۈن ئۆز مەھسۇلاتلارنى بۇنچە كۆپتۈرۈپ تەشۋىق قىلىۋېرىشنىڭ يەنە نېمە زۆرۈرىيىتى؟! شۇڭا، مېنىڭچە،«ئارمان»  ئېلانلىرى ئاز، ئەمما ساز بولغىنى تۈزۈك!  چۈنكى راستىنى ئېيتقاندا، ئەنە شۇ ئېلان ئىشلەتكۈچىلەردىن  باشقىلارنىڭ ھېچقايسىسى دېگۈدەك رادىئو، تېلېۋىزور ۋە گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلاننىڭ بۇنچە كۆپ ھەم تەكرار بېرىلىۋېرىشىنى ئەسلا خالىغۇسى، ياقتۇرۇپ كۆرۈپ، قانماي ئاڭلىغۇسى ئەسلا، ئەسلا يوق، دېسەك قەتئىي ئاشۇرىۋەتكەن بولمايمىز!!! ئەقىل-پاراسەتلىك خەلقىمىز يەكۈنلەپ چىققان ھەقىقەتلەردىمۇ ئۆزىنى داڭلىغان، خوتۇنىنى داڭلىغان ۋە يېگەن-ئىچكەنلىرىنى داڭلىغانلارنىڭمۇ نەچچىنچى دەرىجىلك ئەخمەقلاردىن بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى دەلىللەردىنمۇ بىلىۋېلىش تەس ئەمەسكى، ماختاش چوقۇم لايىقىدا بولغىنى تۈزۈك! ئويلاپ باقساق، دۇنيادا ئۆزى ھەققىدە كۆپ سۆزلەشتىنمۇ سەترەك ئىش يوقتەق قىلىدۇ!
«ئارمان» زەئىپ تەنلەرگە  راستىنلا كۈچ-مادار، ھەقىقىي جاسارەت ۋە سالاپەت، ھەممىمىزگە، بولۇپمۇ، بالىلىرىمىزغا ئەقىل-پاراسەت ئاتا  قىلىدىكەن، ئۇنداقتا، راستىنلا بەزى كېسەللىكلەردىن بىزنى ھەقىقىي تۈردە تولۇق قۇتۇلرۇرالارمۇ؟! ئەگەر راستىنلا شۇنداق بولىدىغان بولسا، نېمىشقا ئەنە شۇنداق ساغلاملىققا مۇيەسسەر بولالىغانلار شاھىدلىرىدىن بىرەرى بولسىمۇ، ئۆزىگە ساغلاملىق ئاتا قىلغان بۇ خىسلەتلىك «ئارمان» نىڭ خاسىيىتى ھەققىدە لىللا بىر-ئىككى ئېغىز ھەمدۇ-سانا ۋە قەلب تەشەككۈرلىرىنى ئىزھار قىلىشمايدۇ؟! بىلىپ قېلىش كېرەككى، بىمەنە ماختاش سۆزلىگەننىمۇ ۋە ماختىغاننىمۇ ئوخشاشلا يەرگە ئۇرىدۇ. گىرىممۇ ئۆز لايىقىدا قىلىنسا، كىشىگە گۈزەللىك ئاتا قىلالىغىنى بىلەن، نورمىدىن ئېشىپ كەتسە كىشىنى ئالۋاستىغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ! ئۆينى بەكلا ھەشەم بىلەن بېزىسەك، چاكىنىلىشىمىز، دورىنى كۆپ يېسەك، ساقىيىش تۈگۈل، ئەجدادلىرىمىز مەنزىلگاھىغا بۇرۇنراق يېتىپ بارىمىز. شۇنىسى ھەقىقەتكى، مۇبالىغە قىلىپ ماختاش-خەتەرلىك ماختاش. راست گەپكە پەرداز كەتمەيدۇ. شۇڭا مەيلى ئادەمنى ياكى مەھسۇلاتلارنى مەختىغاندا ماختاپ- ئۇچۇرىدىغىنى  ماختاش سۆزلىرى ئەمەس، بەلكى پولاتتەك دەلىللەر ماختىشى كېرەك.
شۆھرەتلىك فىزىكا ئالىمى پ. پاسكال تولىمۇ ئورۇنلۇق قىلىپ:« ئۆزىڭىزگە ۋە ئۆزىڭىزنىڭ ياخشىلىقلىرىڭىزغا باشقىلارنىڭ ئىشىنىشىىنى خالامسىز؟ ئۇنداقتا، ياخشىلىقىڭىز ۋە ئارتۇقچىلىقلىرىڭىزنى ھەرگىز ماختىماڭ» دېگەنىدى. داڭلىق يازغۇچى ل. تولۇستۇيمۇ:«ئادەم ئۆزىنى ئۆزى كۆتېرەلمىگەندەك، ئۆزىنى ئۆزى ماختىماسلىقى كېرەك. ئەكسىچە ئۆزىنى ماختاشقا ھەرىكەت قىلىش- باشقىلار ئالدىدا ئۆز ئابرويىنى تۆكۈشتۇر» دېگەنىدى. دەرۋەقە، كىشىگە نىسبەتەن ئۆز ئۆزىنى، ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى زورمۇزور ماختاش ماھىيەتتە ئۆزىنى يەرگە ئۇرۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. سانسىزلىغان تارىخىي پاكىتلارمۇ تەكرار-تەكرار ئىسپاتلىغانىكى،ئۆز خىسلەتلىرىنى تولا سۆزلەيدىغان ئادەم  ھېچقاچان ياخشى ئادەم بولۇپ چىققان ئەمەس! بۇ ھەقتە توختىلىپ پەخىرلىك ئەربابىمىز مەرھۇم سەيپىدىن ئەزىزىمۇ بىر روبائىسىدا مۇنداق دېگەنىدى:
  ئازغىنا ئەجرىڭگە قىلما تەمەننا،
                        ماختانچاق ھېچقاچان بولالماس دانا.
  ئەجرىڭنىڭ قىممىتى زادى قانچىلىك،  
خالايىق بەرگۈسى ئورۇنلۇق مەنا!
شۇڭا، ئەڭ ياخشىسى، بىز ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز ماختىمايلى،  ئەگەر ماختىغىچىلىكى بار بولسا، بىزنى، بىزنىڭ مەھسۇلارتلىرىمىزنى خەلقىمىز ئۆزلىرى نەچچىلىك ماختىغۇسى كەلسە، شۇنچىلىك ماختىسۇن!
____________-____
     
① 2010-يىل باھاردا  «ئارمان» گۇرۇھى شىركەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 15يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاتالمىش«خەلق ئارمىنى» نامىدا «ئارمان» مەھسۇلاتلىرى ۋە «ئارمان»ئېلانلىرىغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك تەكلىپ-پىكىر  قوبۇل قىلىش پائالىيىتى ئويۇشتۇردى.كەمىنە پېقىرمۇ بۇ پائالىيەت ئۈچۈن مۇشۇ  پىكىرنى تەييارلاپ، ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ پائالىيەتكە قاتناشتۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتكەن بولساممۇ، ئۇنىڭدىن سادامۇ چىقمىدى. بۇ ھەقتە ئالتايدىكى زاۋۇتىغا، ھەتتا باش لىدىرغا تېلېفون قىلساممۇ، تېلېفون بويۇن قىستى،  ئۇلاردىن  بەزىلىرى  بۇ ئىشتىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، خالاس! دەرۋەقە، «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى»گېزىتى...قاتارلىق بەزى مەتبۇئاتلاردا، بۇ ھەقتىكى بەزى قىسقا-قىسقا ماقالىلاردىن ئاز-تولا بېرىلىپلا، ئىش تامام-ۋەسسالام بولدى،خالاس! نېمىلا بولمىسۇن، بۇنداق خەقئارالىق شۆھرىتى بار شىركەت ئۆز لەۋزىدە تۇرمىقى زۆرۈر ئىدى!  

     2010-يىل ئاپرېل


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
49227
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
8
تىزىملاتقان
2012-11-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-15
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      خەلقىمىزنىڭ ئارماندىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرى چىن ھەم جانلىق ئوتتۇرغا قويۇلۇپتۇ ،  ھەر قايسى  كارخانىلىرىمىزنىڭ ئېلانغىلا ئېتىۋار بەرمەي مەھسۇلات سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .

UID
11179
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
158
تىزىملاتقان
2011-5-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-16
توردا
15 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللا،يەنە شۇ ئېلاننى چۈشەنمەي چەتكە قېقىش مەسىلىسى،قاچانمۇ ئېلاننى ئېلان پېتى چۈشىنىدىغان بولارمىز؟
ئېلانغا كانىدەك چاپلىشىۋالىدىغان بولارمىز.قېپى يېڭىلىنىش دېگەن مەھسۇلاتنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم
ئىش.قېپىنى خەق دوراۋەرگەندىكىن يېڭى قاپ لايىھىلەپ،ئۇنى پاتلاپ(كەشپىيات پاتېنتى سىرتقا لايىھە تۈرى دېمەكچى)ئەشۇنداق قېپى يېڭىلاندى دەپ نەچچە خىل رەڭدار ئېلانلارنى ئىشلەپ خەلقنىڭ دىققىتىنى مايىل قىلغان گەپ،باشقىلار ئىقتىدار يۇ ۋاي قاناس دەپ فرىمانىڭ قېپىنى دورىمىغان بولسا،ئىخلاسمۇ قېپىنى يېڭىلىماستى،بۇ ئەقەللىيلا بىر مەسىلە.نۇرغۇن ئىستېمالچىلار مەھسۇلاتنىڭ قېپىغا يىراقتىن قاراپ شەكىلنى
تونۇيدۇ،رەڭنى تونۇيدۇ،قېپى ئۆزگىرىپ كەتسە،مەھسۇلاتنى تونۇماي قالىدۇ.بۇ ناھايىتى ئومۇملاشقان ئەھۋال،ئىچىدىكى مال ئوخشاش ،ئەمما قېپى يېڭىلىنىپ كەتسە«مەن ئالىدىغىنىم بۇ ئەمەس»دەيدۇ دە،مالنى ئالمايدۇ،مالنىڭ بازىرى چۈشىدۇ.شۇڭا شۇنداق «داۋراڭ سالىدۇ»
كىمنى چىقارغۇسى كەلسە شۇنى چىقىرالايدىغان ئىش بولسا،ئەسقەر كۈل بۆرە،دىلنار ئابدۇللا يەنە باراك ئوبامالارنىمۇ ئارماننىڭ ئېلانىغا چىقىرىشقا بولاتتى،بىراق ھەممە ئادەم ۋاي ئېلانغا چىقسام دەپ كەتمەيدۇ.
غازى ئەمەتتەك مۆھتەرەملەر تېخىمۇ شۇنداق.
داڭلىق چولپانلارنى ئىزچىل چىقاردى دەپسىز،گەپنىڭ سەترەكىنى قىلساق،«مۈشۈكتەك كۆزىڭىزنى يۇمۇۋاپسىز».كەچكىچە چولپاننى ئېلانغا چىقىرىۋاتقان ئىخلاس، ھەرگىز ئارمان ئەمەس.تېلىۋېزورىڭىز بارمۇ
يوقمۇ زادى.ئارمانغا يېقىندا نىجات نىياز ئائىلىسىنى چىقارغىنى بار.ئۇنىڭدىن باشقا 6-7 يىل مابەينىدە
ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق داڭلىق بىر سەنئەتكار ياكى چولپاننى ئېلانغا چىقىرىپ باقمىدى،بەلكى ئاددىي ساددا دېھقانلار،ئوقۇغۇچىلار،كىچىك بالىلار قاتارلىق پۈتۈنلەي تۇرمۇشلۇق ھەم نامسىز ئوبرازلار ئارقىلق
خەلقنىڭ رايىغا يېقىشقا تىرىشتى،بۇنى بىز ئېلانچىلىقتا ،كارخانا باشقۇرۇشتا يۇمشاق ئېلان دەپ ئاتايمىز،بۇمۇ
بىر خىل سىتىراتىگىيە.سىزنىڭ گەپلىرىڭىز ئارماننىڭ مۇشۇ خىل ئەمەلىي قوللىنىۋاتقان ئىدىيە ھەرىكىتى ياكى مۇنداقچە ئېيتقاندا شۇ خىل سىتىراتىگىيىسىگە پۈتۈنلەي زىت،ئاددىي بولغاندا «پىتنە»،ئېغىر بولغاندا«تۆھمەت»ھېسابلىنىدىغان ئىش.
ئېلاننىڭ كۆپ قويۇلۇش مەسىلىسىگە ھازىرچە ئامال يوق.ئېلاننى جىق قويماي بولمايدۇ،سىزگە خوشياقمىغاندا
قانالنى يۆتكىۋەتسىڭىز بولىدۇ.سىز كۆرىۋاتقاندا قوشنىڭىز كۆرۈۋاتقان بولۇشى ناتايىن،ئاغىنىڭىز كۆرۈۋاتقاندا
مۇئەللىمىڭىز كۆرۈۋاتقان بولۇشى ناتايىن.شۇنداق قىلىپ سىز كۆرمىگەندە ئۇ كۆرىدۇ،مەن كۆرمىگەندە سىز كۆرىسىز،بىر ئىككى قېتىم قويۇپ بولدى قىلغاندا بازار چۈشۈپ كېتىدۇ،ھېچقانداق تەسىرات پەيدا قىلغىلى بولمايدۇ.

ئاخىرىدا ئېلاننىڭ سۈپىىتگە تەلەپ قويساق بولىدۇ،مەزمۇنلۇق،تەسىرلىك،چىن،تەبىئىي بولسۇن دېسەك بولىدۇ.
بىراق ئەشۇ مىڭ بىر جاپالاردا زۆرۈر دەپ قاراپ نۇرغۇن پۇلنى ئۆزلىرىمۇ خالىمىغان ھالەتتە مەجبۇرەن
ئېلانغا سەرپ قىلىۋاتقان كارخانىچىلىمىزنى ئۇنى بۇنى دېمەيلى،دېسەكمۇ چۈشىنىپ،قوللاش نۇقتىسىدىن دەيلى.ئېلاننى ئېلان پېتى چۈشىنەيلى.

باھا سۆز

yvsvpjan  ‹‹ئېلاننى جىق قويماي بولمايدۇ››؟؟  يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

UID
5245
يازما
107
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
3467
تىزىملاتقان
2010-9-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-12
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېلان ۋە ئېلانچىلىق ھەققىدە جوڭگۇنىڭ ۋە چەتئەلنىڭ كىتابلىرىدىن بىر قانچىنى ئوقۇپ بېقىڭە ئەپەندىم.
بۇ يازمىڭىزنى ئوقۇپ بولغۇچە نەچچە يەردە تەنلىرىم يىرگىنىشتىن تىتىرەپ كەتتى، قاچانغىچە قۇدۇقنىڭ تىگىدە يېتىۋىلىپ دۇنيانىڭ ھەممىسى شۇ دەپ ئۆتىسىز.

Rank: 8Rank: 8

UID
2533
يازما
968
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
42691
تىزىملاتقان
2010-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-14
توردا
243 سائەت

ئىلغار باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېلاننى كۆپ كۆرمەيمەن، باشقىلارنىمۇ شۇنداقمىكىن دەپ ئويلايتتىم.
بىراق، ئارماننىڭ ئېلانلىرى خېلى بوپ قالىدۇ، ئادەمنىڭ غىدىقىنى كەلتۈرىدىغان كۆرۈنۈش ھەم كۆپتۈرۈشلەر يوق. ئۇلار ئېلان بەرمىسىمۇ بىزنىڭ ئائىلىمىز يەنىلا ئاكتىپلىق بىلەن ئارماننىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالىمىز.

رادىل ئابلا ئېسىل ئادەم. ھەرقېتىم سۆزلىگەن ۋاقىتلىرىنى كۆرۈپ قالسام، ماڭا كەلگۈسىدە تېخىمۇ چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغاندەك تۇيۇلىدۇ. شۇنداقلا مەن ئارمان شېركىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىشىنىمەن.

قوشۇمچە: ھېلىقى ئارمان دېگەن خەتلىك مۇنارنى بىر مۇنچە قاۋۇل يىگىتلەرنىڭ تىكلەيدىغان ئېلانى نوچى-ھە!

ئۆتەر-كېچەر، يىلتىزى يوق بىر نېمىلەر ساڭا ئەسقاتمايدۇ.

UID
48339
يازما
37
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
37
تىزىملاتقان
2012-10-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-15
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېلان دىگەن شۇنداق بولىدۇ.بۇنداق ئىشلارغا ۋايسىغۇدەك جىق ۋاقتىڭلار بارمۇ سىلەرنىڭ.سىز مەن ئويلىغاننى شۇنچىلىك چوڭ گورۇھنىڭ ئېلان بۆلىمىدىكىلەر ئويلىماسمۇ.

UID
48845
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2012-11-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-12
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زەپەرىستان ناملىق تورداشنىڭ گەپلىرىنىڭ خېلى ئاساسى بار. مەن «ئارماندىن كۈتىدىغان سەۋىرسىز ئارمانلار» نىڭ بەزى مەزمۇنلىرىغا ئانچە قايىل بولمىدىم. يەنى؛ ئېلانغا خېيمەن چىقماي ئۆز ئادەملىرىمىز چىقسا بۇلاتتى دىگەن پىكىر گەرچە ياخشى كۆڭۈللۈك بىلەن ئېيتىلغان پىكىر بولسىمۇ،ئەمما بۇ ئېلاننى سەنئەت نوقتىسىدىن ئېيتقاندا خاتا دىگىلى بولمايدۇ. ئەدەبىيات-سەنئەت دىگەندە مۇبالىغە،ئوخشىتىش دىگەنلەردىن پايدىلىنىپ ئۆز مەقسىتىنى ئىپادىلەش نۇرمال ھادىسە ھىساپلىنىدۇ.يەنە كىلىپ،بۇ مەسىلىگە قارىتا ھەممىلا ئادەمنىڭ ئوخشاش كۆز قاراشتا بۇلىشى ناتايىن. سىزگە يارىمىغان خېيمەن بالىلارغا ياراپ كىتىشى ياكى بالىلىقىنى تاشلىمىغان بىراۋلارغا خوپ كىلىشى مۇمكىن. شۇڭا بۇ ئېلاننى ھەممە ئادەمگە يارىمايدۇ دەپ كىسىپلا ئېيتمىغىنىڭىز ياخشى. پىكىرىڭىزگە بەلكىم ئەستايىدىل قاراپ بۇلالمىغان بۇلىشى مۇمكىن. ئەمما شۇنچە چوڭ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغانلارنىڭ قانچىلىك ئالدىراش بۇلىدىغانلىغى ھەممىمىزگە ئايان. خەلقىمىزدىن خەلىقئاراغا يۈزلەنگۈدەك چوڭ شىركەتنىڭ چىقمىغى دىمىسىمۇ ئاسان ئەمەس. نەگىلا قارىسا يېشىل چىراغ يېنىپ تۇرغان بۇ جاھاندا بىز مىللىيلارنىڭ ئىش قىلمىغى ئاسانمۇ؟ ئەمما تەكلىپ -پىكىرلىرىڭىزنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ياخشى نىيەت ۋە كۆپ ئويلىنىشلار ئارقىلىق يېزىپ چىقىلغانلىقىنى كۆرگىلى بۇلىدۇ. بىراۋنىڭ ئىشىغا بۇنچىلىك كۆڭۈل بۈلۈشمۇ ئاسان ئەمەس ئەلۋەتتە. بۇ روھىڭىزدىن شەخسەن مەن خېلى تەسىرلەندىم.

UID
11145
يازما
45
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
1035
تىزىملاتقان
2011-5-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-1
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنىڭ ئارمان شىركىتى ئۈچۈن ناھايتى ‹‹ئىزدىنىپ››بۇ تەكلىپ بىلەن كۈتىدىغان ئۈمىدىڭىزنى يازغىنىڭىزنى توغرا چۈشىنىشكە تىرىشتىم،بىراق مەن سىزنىڭ ئارمانغا بولغان بۇ تېمىڭىزنى پەقەت ئىجابىي نوقتىدىن چۈشىنەلمىدىم،مۇشۇ تېمىڭىزنى ناۋادا ئارمانغا ئەۋەتكەن بولسىڭىز جاۋابسىز قالغان بولسا ناھايتى توغرا بوپتۇ،بۇنى باشتىن باشلاپ ئوقىغان كىشى سىزنىڭ بۇ تېمىنى ئارمانغا ئاچچىق چىقىرىشتىن باشقىغا يازماپتۇ دەپ ئويلايدۇ.
ئارمان نىمىشقا دائىم ئېلان بىرىدۇ،نىمىشقا ئارمان دائىم داڭلىق چولپاننى ئېلانغا چىقىرىدۇ...ۋاي -ۋۇي ئەپەندىم سىز ساقمۇ ياكى ئەمەسمۇ؟ راستنى دېسەم تېمىڭىزنى بىرەر يېقىنلىرىڭىزغا ئوقۇتۇپ بېقىڭ،سىزنىڭ بۇ تېمىڭىزنى ياخشى يازالمىغانلىقكىڭىزنى مانا مەن دەپ سۆزلەپ بىرىدۇ.

UID
11145
يازما
45
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
1035
تىزىملاتقان
2011-5-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-1
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېلان بەرسە نىمە بوپتۇ،نۇرغۇن پۇل تۆلەپ ئېلان بەرگەنگە چۈشلۇق خەلقىمىز ئارماندەك بىر زاۋۇتىدىن گۇرۇھىدىن پەخىرلىنىدۇ،پۇلىڭىز بولسا سىزمۇ ئېلان بىرىڭ،گەپنىڭ سەل سەترەكىنى قىلغاندا مەسىلىلەرگە ئۆز نوقتىئەنەزىرىڭىز بىلەنلا باھا بەرمەڭ،ئارماندىن خەلقىمىز پەخىرلىنىدۇ ھەرگىزمۇ سىزدەك قورۇق گەپ بىلەن رەنجىمەيدۇ.ئىشقىلىپ بۇ تاپشۇرۇق ماقالىڭىزگە مەن 10 نومۇر قويدۇم،بۇ 10 نومۇر سىزنىڭ ماقالە يېزىش روھىڭىزغا بىرىلدى،ئەلكۈيىگە يوللىغانكەنسىز تەنقىدتتىنمۇ قورقماسلىقىڭىز تېمىڭىزدىكى خاتالىقنى بوينىڭىزغا ئالالىشىڭىز كېرەك.

تىرىشچان ئەزا

ئارىسلان مەمەت

UID
29822
يازما
624
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
624
تىزىملاتقان
2012-2-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-14
توردا
230 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        تېلۋىزوردىكى ئېلانلارنىڭ كۆپلىكى ھەقىقەتنمۇ ئادەمنى بىزار قىلىدۇ . ئېلانلارنىڭ كۆپلىكى بىلەن مەلۇم بىر شىركەتنىڭ ئېلانىنى باغلاپ ، مۇشۇ شىركەت سەۋەبىدىن ئېلان كۆپىيىپ كەتتى دەپ تۇرۋالساق ، ياخشى بولماس . بۇ ماقالىنى ئوقۇپ شۇنداقراق تەسىراتقا كېلىپ قالدىم . ناۋادا بىزنىڭ مىللى كارخانىلىرىمىز كۆپ بولغان بولسا ، ئىلان بېرىدىغان شىركەتلەر ساناقلىقلا بولمىغان بولسا ، سىز دىگەندەك 90% ئېلاننى «ئارمان» ، «ئىخلاس» ۋە «سۇلتان»لار مونۇپۇل قىلۋالمىغان بولاتتى . ئېلاننىڭ كۆپ بولۇش مەسىلىسىنى تىلۋىزىيە ئىستانسىلىرى ھەل قىلىشى كېرەك . بۇنىڭ ئېلان بەرگۈچى بىلەن مۇناسىۋېتى يوق .
        ئېلاننىڭ سۈپىتى توغرىسىدا مېنىڭ شەخسەن كۆز قارىشىم : بېرىلۋاتقان ئېلانلار ئاساسەن بولۇپ قالىدۇ . سۈپەتسىز ئېلانلار يوق دىگۈدەكلا . ئېلاننىڭ مەخسىدى ، ئېلان بەرگۈچىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى خەلقى ئالەمگە تونۇتۇش بولغاندىكىن ، ھەر خىل مۇبالىغە ئۇسۇللىرىنىڭ قوللىنىشى ئەقىلغا مۇۋاپىق . ئېلانغا چىقىۋاتقانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ چولپانلار بولىشى ، بۇلارنى تونۇيدىغان كىشىلەر كۆپ . ئاتاقلىق ، ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلەر ئەلۋەتتە كۆپ ، لىكىن بۇ كىشىلىرىمىزنىڭ ئىجادىيەتلىرى بىلەن تونۇش بولساقمۇ ، لىكىن ئۆزى بىلەن تونۇش ئەمەس . «مۇقام» دىگەن رەسىمنى كۆرسەم ، غازى ئەمەت سىزغان دەپ بىلىمەن ، لىكىن ئۇ كىشىنى كۆچىدا ئۇچراتسام ياكى تېلۋىزوردا كۆرسەم ، بىرەرسى تونۇشتۇرمىسا تونىماسلىقىم مۇمكىن . ئېلان بولغاندىكىن كۆپچىلىك كىشى تونۇيدىغان كىشلەرنى چىقارسا ئۈنىمى ئەلۋەتتە ياخشى بولىدۇدە .
      

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش