تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 476|ئىنكاس: 4

ئۆچتى ئارمان كۆچكەندەك قۇملار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
49208
يازما
9
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
9
تىزىملاتقان
2012-11-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-15
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-9 19:06:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



ئۆچتى ئارمان كۆچكەندەك قۇملار


تورلىرىڭنى يېيىپ سەھەردە ،
يىغىۋالدىڭ چىڭقى چۈش پەيتى .
بۈرجىگىدىن ئىلىندى يۈرەك ،
ھالسىراتتى قۇياشنىڭ تەپتى .


تەلمۈرگىنىچە قىلماقتا نالە ،
چاك - چېكىدىن يېرىلدى لەۋلەر .
تىلىگەنتى ئۈمۈد ئىچىدە ،
چىن سۆيگۈدىن ئىچىشنى كەۋسەر .


يۈرىكىدىم تامچىغان زەرداپ ،
قان رەڭگىدە بوياق ئۇپۇقنى .
نالىسىدە تىتىرىدى ساھىل ،
ياپقاچ ئاڭا ئەلەم يۇپۇقنى .


مۇڭ ھەسرەتلەر ئېلىپ قوينىغا ،
تىلىم - تىلىم تىلىندى يۈرەك .
ئۆچتى ئارمان كۆچكەندەك قۇملار ،
ئۆكسۈپ - ئۆكسۈپ يىغلىدى تىلەك .


ئۈمۈد يەنە تىكىلدى دوغا


گاھ كۆرۈنۈپ يوقايسەن گاھى ،
تەشۋىشلەرگە سېلىپ كۆڭۈلنى .
تىلسىم ئىكەن ھەر بىر بېقىشىڭ ،
ئۈزەلمىدىم ئەجەپ ئۈمۈدنى .


ئىككىلىنىپ تۇرساممۇ شۇنچە ،
كۈتتۈم سەندىن كۈتتۈم ۋىسالنى .
سەن نىمانچە ھىلىگەر توۋا ،
ئاستىڭمۇ يا شەيتان تۇمارنى .


سىھىرلىدىڭ كۆڭۈل ھەم كۆزنى ،
بەرسەڭمۇ دەرت دۇنيادا بىر سەن .
رەڭدار سىزما پەقەت مەن  ئۈچۈن  ،
قارچۇقلارغا دائىم سىزىمەن .


پايانى يوق غەملەر ئىچىدە ،
تاپالمىدىم ئىزلەپ كۈلكىلەر .
كۆز قىسشىپ كەلسىمۇ ھىجران ،
كۆرۈنمىدىڭ كۆزگە تۈلكىلەر .


ۋىسال ئاتلىق تونغا ئورىنىپ ،
ھىجىيىسەن مىڭ خىل مۇئەمما .
بىھۇشلۇقتا ئەقلىم لال بولۇپ ،
ئۈمۈد يەنە تىكىلدى دوغا .


خوش دىمىگىم  تەس بولدى ئەجەپ

ئۇزاتماقچى بولۇپ يار سېنى ،
تەشۋىش ئارا باردىم بېكەتكە .
چاناقلارغا تولۇپ ئازاپلار ،
سىرغىپ چۈشتى نىمجان يۈرەككە .


خوش دىمەكچى بولۇپ يار ساڭا ،
دىيەلمىدىم ، دىگۈم يوق ئەسلى .
سەنسىز بولغاچ يۈتەرمۇ ئەمدى ،
ھاياتىمنىڭ نەۋ باھار پەسلى .

خوش دىمىگىم تەس بولدى ئەجەپ ،
دىدىم ، يۈرەك ئىزىلدى ئۇندەك .
سېغىنىشنىڭ ئاراچلىرىدا ،
ئۆتەرمەنمۇ ئۈششىگەن گۈلدەك .



چىقتى روھىم تۇرمىدى تەندە


كېلىمەن دەپ بېرىپسەن ئۇچۇر ،
تاڭ سەھەردە بۇلبۇلدەك گويا .
يوللىرىڭغا تەلمۈرەر كۆزەم ،
كۈتتۈم سېنى شەپەقلەر ئارا .


سۈكۈت ئىچرە ئاي ۋە يۇلتۇزلار ،
تەشۋىشىمگە ھەمرادۇر ھەمرا .
شەكلەنمىدىم كېلەر سەن ھامان ،
لېكىن مۇڭغا چۆمدىغۇ دۇنيا .


قان رەڭگىدە بۇيالدى ئۇپۇق ،
ھەسرىتىمدىن ئاققان تامچىدا .
كۈتۈشلىرىم بولغاچ جاۋاپسىز ،
يۈرەك زەرداپ باغرىمدۇر يارا .



تەمتىرىدىم چۆلدىمەن گويا ،
نە قىلارنى بىلمىدىم پەقەت .
قارچۇقلارنى قاپلىدى تۇمان ،
ئارمان بولۇپ قالدى مۇھەببەت .



ئۈمۈدسىزلىك قاپلاپ ۋۇجۇدنى ،
ئەلەم ئارا قايتتىم سەھەردە .
گۈلشەنلىرىم بولدى مازاردەك ،
چىقتى روھىم تۇرمىدى تەندە .


مەنبە : ئىجادىيەت .




ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەلكۈيىدىكى دىلكەش دوسلار كەمىنە گۆھەردىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالاملار بولسۇن . مۇنبەرگە قۇرۇق قول كەلگۈم كەلمىدى .

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
49208
يازما
9
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
9
تىزىملاتقان
2012-11-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-15
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-10 22:29:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمانداق تەستە تەستىقلايسىلەر تىمىنى ؟

UID
44322
يازما
141
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
141
تىزىملاتقان
2012-7-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-10
توردا
71 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-16 18:04:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نا
ئۈمۈدسىزلىك قاپلاپ ۋۇجۇدنى ،
ئەلەم ئارا قايتتىم سەھەردە .
گۈلشەنلىرىم بولدى مازاردەك ،
چىقتى روھىم تۇرمىدى تەندە .



ئۈمۈد سىزلىك شەيتان ئىشىدۇر ،
ئىشەنىچ بىلەن  باققىن ئۇپۇققا،
   گۈلشەنلەرنى ئارلىغىن دوستۇم .
روھىڭ شۇندا ئەگىشەر ساڭا

قاملاشمىسۇمۇ  قاپىيە كەلتۈرۈپ قويدۇم
بەك ياخشى يىزىپسىز ، رەھمەت سىزگە !.

UID
50223
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-11-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-4
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-30 18:08:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆچتى ئارمان كۆچكەندەك قۇملار،
تۈن كېچىدە يوقالغان ئايدەك.
قانداق قىلاي تەشۋىشلىرىڭگە،
گويا ماڭاچاپلاشتىڭ لايدەك.

ساڭا قاراپ ئاتقاندا ‹‹ چالما ››،
ماڭا قاراپ ئاتتىڭ بىر ئالما.
ئەمما لېكىن دېدىڭ سەن ماڭا،
مېنى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇپ قالما.

‹‹قاملاشسۇندۇر،قاملاشمىسۇندۇر،
ئۈشبۇ شئېرنى يازدىم ئەي دوستلار.
كەم قېپقالغان يەرلىرى بولسا،
تارتىنماستىن ئېيتىۋېرىڭلار.

UID
50223
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-11-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-4
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-30 18:20:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش