ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەلكۈيى تورىدىكى ئەزىزلەر :
پېقىردىن ھەممىڭىزلارغا سەمىمىي ، ئاددى سالام بولسۇن !
بىر نەچچە كۈنلەردىن بىرى ئارىمىزدىكى بىر قىسىم ئەخلاقى ناچار كىشىلىرىمىز ئەل سۆيگەن سەنئەتكار ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ كەينىدىن ھەرخىل ئۆسەك ، پىتنە ئىغۋالارنى تارقاتقىنىدىن تور ئەھلى خەۋەرسىز بولمىسا كىرەك . بەزىدە شۇنداقمۇ ئويلاپ قالىمەن ، بىز تېخى تورغا چىقىشىنى ، تورغا چىقىپ نىمە قىلىشنى بىلمەپتۇق !
ئۇشبۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈنۈگۈن كەچتە قولۇمغا قەلەم ئېلىپ يازغان ‹ ...دەڭ› ناملىق بۇ ئاددى شىئېرىمنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنغۇم كەلدى ، نەزىرىڭىزلارغا ئىلىنسا ئەجەپ ئەمەس ، بۇ يالغۇز ئابدۇكېرىم ئابلىز ئاكا ئۈچۈنلا ئەمەس ، شۇنىڭغا ئوخشاش پىتنە ئىغىۋا ، ئۆسەكلەرگە ئۇچراۋاتقان بارلىق كىشىلىرىمىزگە ئاتاپ يېزىلىدى ! ئاللاھ ياخشىلارنى ئامان قىلغاي ، پىتنىدىن يىراق قىلغاي ، روھىمىزنى ساغلام ، ئىشىمىزنى بەرىكەتلىك قىلغاي !
خوش ، بۈگۈن ئۇلۇغ جۈمە ، ھەممىڭىزلارنىڭ جۈمە كۈنى قۇتلۇق بولغاي ، ئاللاھ بەرىكەت بەرگەي !
دەڭ
تۇرسۇن (ئارسلان )
ئىشمۇ ئۇ ھەق سۆزنى سۆزلەش،راس ئۈچۈن يالغاننى دەڭ.
راستىقا نەدە چول تۇرۇپتۇ، ئىت كەبى قاۋىغاننى دەڭ .
ئەل ئۈچۈن باسسا قەدەم، يەڭ تۈرۈپ بەلنى چىگىپ .
قوللىماق نەدەتۇرۇپتۇ ، تىللىماق شۇئارى دەڭ .
ئەيبىڭىز ئېچىلسا ئاچچىق،كۈلكىدە ئىتوت بىلەن ،
ئىشمۇ ئۇ تۈزىتىش دىگەن ، تۇتلغاي زۇۋانى دەڭ .
چىقسا گەر رەستىلەرگە ، ھەق-نىكاھ خاتۇن بىلەن ،
تارقىتىڭ ئۆسەكنى دەرھال ،ئۇچوقۇم ئاشناسى دەڭ .
كوچىلاردا تىلەمچىگە بەرسە پۇل ساۋاپنى دەپ ،
قىمارغا ئالغان قەرىزنى نەق بۈگۈن تۆلەپتۇ دەڭ .
رىيازەتتە ئەل ئۈچۈن ،يۈرسە كۈن –تۈن جاپادا ،
ئابدۇكېرىم ئابلىز خالايىق ،ئاق چىكىپ ئۆلەپتۇ دەڭ.
راستنى راس دەيلى جامائەت ، پىتنىدىن ئاللاھ بىزار ،
ئاقنى-ئاق،ياخشىنى –ياخشى ، ھەممىنى ئۆز ئەينى دەڭ.
ئەي جېنىم دوستۇم ئۆسەككە كۆيسىڭىز شۇنچە ئەگەر ،
ئارسلان چوماقچىسى بولغان شىئېر يېزىپتۇ دەڭ !
تولۇقلىما مەزمۇن (2012-11-9 17:04):
بىر نەچچە يەردە ئىملا خاتالىقىم كىتىپتۇ ، تەھرىرلىگىنى بولمىدى ، ئۆزرە ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا news تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-9 17:06