كۆرۈش: 4664|ئىنكاس: 48

ئاكا، مېنى چاقىرماڭ   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
12329
يازما
44
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1274
تىزىملاتقان
2011-6-16
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-19
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-6 23:01:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
             بۈگۈن نەۋرە ئاچامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولغاچقا، ئىشتىن چۈشۈپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە تاماق يېيىشكە دېيىشىپ قويغان ئىدىم. بىز دېيىشكىنىمىز بويىچە، ساماۋەر شورپىخانىسىغا كىرىپ غىزالاندۇق، قايتىدىغان ۋاقىتتا سائەت ئەمدىلا يەتتە بولغان بولسىمۇ قاراڭغۇ چۈشكەن ئىدى.  ئاشخانا بىكەتكە يىراق بولغاچقا،  تاكسىدا كېتىش مەقسىدىدە يول بويىغا چىقتىم، يول بويىدا بىر ئەر تۇراتتى. ئەمدىلا يولغا چىقىشىمغا ئۇ مېنى چاقىردى:
           ___ ھەي!
         سەل ئەنسىزلىككە چۆمدۈم. . . . شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىماسقا سېلىپ مېڭىۋېرەي ماڭغاچ بىرەر تاكسى ئۇچراپ قالار دەپ ئويلىدىم. بىراق ئۇ يەنىلا توختاپ قالماي مېنى چاقىرىۋەردى:
           ___ ھەي، توختاڭە! توختاپ تۇرۇڭ!
          بىراق يەنىلا ئاڭلىماسقا سېلىپ مېڭىۋەردىم، بىراق ئىچىمدە:« خاتا چۈشىنىپ قالمىغاندىمەن؟ ئۇ يە بىرە گەپ سوراي دەپ چاقىرغان بولارمىتىكى؟» دەپ ئويلىدىم. ئالاھىزەل بىر بېكەتچە ماڭغاندىمەن، ئاپتوبۇس بىكىتىگىمۇ كېلىپ قاپتىمەن، شۇڭا بۇ يەردە ئادەم بولغاندىن كېيىن، ئاپتوبۇستىلا كېتەي دەپ ئويلاپ تۇرغۇنۇمن بىلىمەن، ھېلىقى ئادەم بىردەمدىلا قېشىمدا ئۈندى.
        ___ ھەي نەگە باراتتىڭىز؟
        ___ نېمە كارىڭىز؟ دېدىم مەن سەل ئەنسىرەپ.
        ___ ئىككىمىز  بىر ماشىنا توسۇپ كېتەيلى، قىزىل بايراق يولىغا بارامتىڭىز؟
        ___ بولدى رەھمەت، مەن ئۆزۈم كېتەلەيمەن.
        ___ بىللە كېتەيلى ھېچنېمە بولمايدۇ، يولدا چۈشۈپ قالسىڭىز بولىدىغۇ؟
        ___ ياق رەھمەت.
       بىراق ئۇ گېپىمنى ئاڭلىمىغاندەك بىر ماشىنىنى توستى دە، ماشىنىغا چىققاش مېنى «مېڭىڭە» دېگىلى تۇردى. مەن كەينىمگە داجىدىم، كەينىدىن بىر ماشىنا كېلىۋېدى،  شۇنىڭغا چىقتىم، ھېلىقى ماشىنىغا چىققان ئادەم بولسا، ئالدىمدىكى ماشىنىدا بەش مېتىر ماڭمايلا ماشىنىدىن چۈشۈپ قالدى.
     «خۇداغا شۈكرى» دېدىم ئىچىمدە، راستىننى ئېيتقاندا ھەم قورقتۇم ھەم ئەپسۇسلاندىم. ئەپسۇسلىنىشىمدىكى سەۋەپ، ھېچ بىر تونۇش بولمىغان بىر ئەرنىڭ ئوبرازى قەلبىمدە ئاجايىپ بىر خىل پەس ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى. بەلكىم بۈگۈن ئۇ مېنى چاقىرمىغان بولسا، ئۇنىڭ ئوبرازى بەلكىم قەلبىمدە باشقىلارغا ئوخشاش ياخشى بولغان بولاتتى.  بەلكىم بۇ كىشى بۇنى كۆرىشى ياكى كۆرمەسلىكى مۇمكىن، نېمىلا بولسۇن، ئەرلىرىمىزنىڭ، يىگىتلىرىمىزنىڭ ئىنسابىنى تىلەيمەن!


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-9 19:17  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
21067
يازما
14
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
14
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-25
توردا
28 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-7 18:53:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەرقانداق ئادەمدە بىخەتەرلىك سەزگۈسى بولۇشى كېرەك . سىزنىڭ بۇ قىلىغىنىڭىز توغرا بوپتۇ ...
يولدا دىققەت قىلارسىز يەنە كەچ قالغاندا ....

UID
12329
يازما
44
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1274
تىزىملاتقان
2011-6-16
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-19
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-7 20:28:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
muztagapandi يوللىغان ۋاقتى  2012-11-7 18:53
ھەرقانداق ئادەمدە بىخەتەرلىك سەزگۈسى بولۇشى كېرەك . سى ...

شۇنداق رەھمەت كۆڭۈل بىلگىنىڭىزگە، دائىملا كەچ قېلىپ يۈرمەسمەن. . .

UID
48626
يازما
20
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
20
تىزىملاتقان
2012-10-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-1
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-7 21:05:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشې  قىپسىز   قىلدېغانغا ئش يوقمىكې  بۇ خەقكە .

UID
19619
يازما
29
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
29
تىزىملاتقان
2011-12-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-24
توردا
36 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-7 22:28:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي يەي خۇدايىم ساقلاپتۇ سىزنى .چوڭ بالا قازادىن ساقلىنىپ قالغاندەك قىلسىز

UID
9899
يازما
24
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
475
تىزىملاتقان
2011-3-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-13
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-7 23:51:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يات دىندىكىلەرنڭ ئورپە ئادىتىگە ئەگىشىمەن دەپ نەس باسقىلى تاس قاپتىدە سىزنى ..............قىرىندىشىم  سائەت يەتتە دىگەن ،دىيارىمىزدا  مۇسۇلمانلارنىڭ خۇپتەن نامازنى ئوقۇپ بولىدىغان ۋاقتى ....ئسلامدا  ئاياللارنىڭ سىرتلاردا يۇرۇشى چەكلەنگەن ،بولۇپمۇ    شام  دىن كېيىن ، بىرەر  خەتەر بوپ قالسا ،  سىرىتتا شورپا  ئىچكىچە ئويدە سۇيقاش ئىچسەمچۇ  دەپ پۇشايمان قىلغاننىڭ پايدىسى يوق ...ھەمىمىزنى اللاھ ئىگەم  ئوز پاناھىدا ساقلىسۇن .

UID
49078
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2012-11-7
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-9
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-8 15:40:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمىسىمۇ ھازىر ئەسكى ئادەملەر بەك كۆپىيىپ كەتتى،   ھەر ئېھتىمال دىققەت قىلغان ياخشى،   

UID
47394
يازما
92
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
92
تىزىملاتقان
2012-9-27
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-15
توردا
33 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-8 15:52:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر خەققە بىر نەرسە دىگىلى بولمايدۇ.دىققەت قىلغان ياخشى

UID
47394
يازما
92
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
92
تىزىملاتقان
2012-9-27
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-15
توردا
33 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-8 15:52:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر خەققە بىر نەرسە دىگىلى بولمايدۇ.دىققەت قىلغان ياخشى

UID
12329
يازما
44
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1274
تىزىملاتقان
2011-6-16
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-19
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-8 22:03:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
anam يوللىغان ۋاقتى  2012-11-7 23:51
يات دىندىكىلەرنڭ ئورپە ئادىتىگە ئەگىشىمەن دەپ نەس باس ...

ياد دىندىكىلەرنى دورايمەن دەپ دېگىنىڭىز نېمىسى؟ گەرچە بەش ۋاق ئوقۇمىساممۇ، سىزدەك دىندىن تولۇق خەۋەردار بولمىساممۇ، سۆز ئىبارىڭىزگە دېققەت قىلىشىڭىزنى سورايمەن، ھەممىلا ئادەم باشقىلارنى دوراۋەرمەيدۇ، ھېچ بولمىسا مەن باشقىلارنى دوراشنى ئويلاپ باققان ئەمەسمەن. ئەجىبا سىزنىڭ ئەترراپىڭىزدىكىلەر يەتتىدە سىرىتتا بولىدىغان ۋاقىتلىرى يوقمۇ؟ پىچاقنى ئۆزۈڭگە سېلىپ ئاغرىمىسا خەققە دېگەن گەپ بار، ئەگەر گەپلىرىم كۆڭلىڭىزگە كەلگەن بولسا كەچۈرۈم سورايمەن، بىراق سىزنىڭ مېنى ئۇنداق دېگىنىڭىز مېنىڭچە قاملاشمىدى.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش