ئابدۇكېرىم ئابلىز ھەققىدە تارقالغان ئۆسەك سۆزلەرگە بىلدۈرگۈ
ئەلكۈيى تورى ئوغلان 6-كۈنى مەخسۇس خەۋىرى: ئەلكۈيى تورىغا 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى ‹‹ئابدۇكېرىم ئابلىز باش رولىدىكى ‹مۇھاببەتكە تولغان سەپەر›ناملىق كىنونىڭ سۈرەتكە ئېلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەخسۇس نەق مەيدان خەۋىرى بىرىلگەن ئىدى.

ئابدۇكېرىم ئابلىز نەق مەيداندا يەنگۇاڭسەن بىلەن بىرلىكتە كىنوغا رىژىسسورلۇق قىلماقتا
شۇ چاغدا ئېلان قىلىنغان خەۋەر تەپسلاتى:
http://news.alkuyi.com/show.php?mid=15741
تورداشلار مەزكۇر خەۋەر ئارقىلىق بۇ فىلىمنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق سىياسى قانۇن كومتېتى ۋە تەڭرىتاغ كىنو سىتودىيەسى بىرلىشىپ ئىشلەۋاتقان <<مۇھاببەتكە تولغان سەپەر>>ناملىق كىنو ئىكەنلىكىنى، بۇ فىلىمدە ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ كىنودا باش رول ئېلىش ۋە يەنگۇاڭسەن بىلەن بىرلىكتە رېژىسسورلۇق خىزمىتىنى ئىشلىگەنلىكىدىن خەۋەردار بولغان ئىدى.

خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن كۆپ ساندىكى كىشىلىرىمىزدە بۇ فىلىمگە بولغان قىززىقىش ئىستىكى قوزغالغان ئىدى،بۇ كىنودا ئىچكىرىگە ئالداپ ئەكىتىلىپ،ئوغۇرلۇققا سېلىنغان بىر بالىنىڭ شىنجاڭغا ياندۇرۇپ ئېلىپ كىلىنگەندىن كىيىنكى ئاتا-ئانىسىنى ئىزدەش جەريانى شۇنداقلا ئىزدەش جەريانىدا بۇ بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ئىسپاتلانغاندىن كىيىن بىر ئاقكۆڭۈل ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ بۇ بالىنى بېقىۋالغانلىقى ئاساسىي تېما قىلىنغان ۋەقەلىكتىكى فىلىم بولۇپ،بۇ فلىمدە ئابدۇكېرىم ئابلىز بىر قارا جەمئىيەت كاتتىبېشىنىڭ رولىغا چىققان.

يۇقارقى رەسىم ئەلكۈيى تورى ئېلان قىلغان خەۋەردىكى فىلىم سۈرەتكە ئېلىنىۋاتقان نەق مەيدان رەسىمى بولۇپ، ئەلكۈيى تورى ئېلان قىلغان خەۋەردە بىرگە تەمىنلەنگەن.خەلقىمىزنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى ،ئەل سۆيگەن ئىتوت ئارتىسى ئابدۇكىرىم ئابلىز بۇ فىلىمدە رىژىسسورلۇق خىزمىتىدىن باشقا بىر قارا جەمئىيەت كاتتىبېشىنىڭ رولىنى ئالغان بولۇپ،ئەلكۈيى تورى ئېلان قىلغان رەسىم دەل قارا جەمئىيەت كاتتىبېشى بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدىكى بىر قىسقا كۆرۈنۈش سۈرەتكە ئېلىنىۋاتقان نەق مەيدان خەۋىرى ئىدى. ھەم بۇ خەۋەر نۇرغۇن تورداشلارنى قىززىقتۇرغان. ئەپسۇس مەزكۇر خەۋەر ئەلكۈيىدە ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن يېقىنقى بىر ئىككى كۈن ئىچىدە ئارىمىزدىكى ئەخلاقى پەزىلىتى ئىنتايىن ناچار،ئادىمىيلىكىدە ئېغىر مەسىلە بار بىر قىسىم كىشىلىرىمىز نېرى-بېرىسىنى سۈرۈشتە قىلماي، ئەلكۈيى تورى ئېلان قىلغان خەۋەردىن بىر پارچە رەسىمنى كىسىپ ئېلىپ، بۇ رەسىمنى ئۈندىدار(ۋېيشىن،سىنا مىكرو بلوگى ۋە جەمئىيەتتىكى ئەپقاچتى پاراڭلار)غا چىقىرىش ئارقىلىق ئابدۇكېرىم ئابلىزنى ساقچىلار تۇتۇپ كىتىپتۇ،ئابدۇكېرىم ئابلىزغا نىمە بولغاندۇ؟ ئابدۇكېرىم ئابلىز نىمە جىنايەت ئۆتكۈزگەندۇ؟...دېگەنگە ئوخشاش يالغان خەۋەرنى تېلىفۇنمۇ-تېلىفۇن،ئېغىزمۇ-ئېغىز تارقاتقان.نەتىجىدە بىر قىسىم ساددا، بۇنداق يالغان – ياۋىداق خەۋەرلەرنى تارقىتىشقا ھېرىسمەن ئۈندىدار(ۋېيشىن)ئابۇنتلىرى، قىلچىمۇ تەپتارتماستىن، قۇتراتقۇلۇق قىلىپ ئابدۇكېرىم ئابلىزنى تۇتۇپ كىتىپتۇ ..دېگەندەك ئىنكاسلار بىلەن رەسىمنى كۆپلەپ تارقىتىپ، جەمىئىيەتتە يامان تەسىر پەيدا قىلغان.

ئابدۇكېرىم ئابلىز ئەلكۈيى تورى، ئەلكۈيى مىكرو بلوگىدا بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ كىنو ئىشلەۋاتقان نەق مەيدان رەسىمدىن يەنە بىر قانچە پارچە يوللاپ بۇ ئىغۋاگەرچىلىك ھەقىدە :<<بۇ ھازىر تارتىلغان سۈرەت،ئىككى كۈندىن بۇيان مىنى ساقچىلار تۇتىۋاپتۇ دېگەن خەۋەر سەل ئاۋۇپ قاپتۇ،خۇدايىم ساقلىسۇن،مەن يېڭىدىن ئىشلىنىۋاتقان فىلىمدە ‹‹قارا جەمئىيەت ››كاتتىبېشىنىڭ رولىنى ئوينىدىم خالاس.ۋاقىپ بولۇپ قالغايسىلە>>دەپ چۈشەنچە بەردى.

ئابدۇكرىم ئابلىز ئەلكۈيى مىكروبلوگىدا بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان مىكرو يوللانمىسىنىڭ رەسىمى

يۇقارقى ئەھۋاللارنى كۆزىتىشىمىزچە، بىرقىسىم تورداشلار ئۈندىدار(ۋېيشىن)،سىنا مىكرو بلوگى قاتارلىق ھەرقايسى خەنزۇچە تور بېكەتلەردە ئەلكۈيى تورى ئېلان قىلغان رەسىمدىكى خەۋەر مەزمۇنىنى ئېلىۋېتىپ ،بۇ رەسىمنى كۆپلەپ تارقىتىپ باشقىلارغا ئويۇن قۇيۇپ بەرگەن.
ئۆسەك سۆز تارقىتىش مەسىلىسى تور بېكەت،مىكرو بلوگلاردا يوللانغاندىن كىيىن ئۆچۈرۋەتكەندىن كىيىنلا ھەل بولىدىغان مەسىلە بولماستىن،باشقىلارنىڭ ئىززەت-ئابرويىغا ،كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى تەرۇز قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ،شۇنداقلا ناچار بولغان ئۆسەك - سۆز تارقىتىپ جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقان قىلىش قىلمىشىگە كىرىدىغان بولۇپ،نۆۋەتتە جامائەت خەۋپسىزلىك ئورۇنلىرى بۇ ھەقتە يالغان خەۋەرنى ئۈندىدار (ۋېيشىن)،خەنزۇچە مىكروبلوگلارغا باش تارقاتقۇچىنى جىددىي تەكشۈرىۋاتىدۇ.
يېقىندىن بۇيان ئارىمىزدا تېلىفۇن تورى ۋە كومپيۇتېر تورىدا يۈز بىرىۋاتقان بىر قاتار ئۆسەك سۆزلەرنىڭ ئەۋج ئېلىپ كىتىشى ، خەق نىمە يوللىسا قارا-قۇيۇق تارقىتىۋېرىدىغان،ئۇچۇر دەۋرىدىكى ئەخلاقسىزلىك ئەدەپ كىتىۋاتقان، ئۆزىنىڭ تەپەككۇرىنى قىلچىلىك ئىشلەتمەيدىغان كىشىلەرنىڭ مىللىتىمىزدە كۆپلەپ مەيدانغا كىلىشى ھەممەيلەننى ئويلاندۇرۇپ قويدى.شۇنداقلا بۇ قىلمىش ئۇزاقتىن بۇيان بىز رىئايە قىلىپ كىلىۋاتقان بۈيۈك مىللىي ئەنئەنىمىزگە ئېغىر كىرزىس ئېلىپ كەلدى.
نۆۋەتتە رەقەملەشكەن دۇنيادا تېلىفۇن ۋە تور دۇنياسى ساپاسى بىر مىللەتنىڭ ئىدىئولوگىيە ۋە مەدەنىيەت ھادىسىلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ.بۇ ئۈسكىنىلەر ئارىمىزغا كىرگەندىن باشلاپ نادان كىشىلىرىمىز ۋاي پالانى ناخشىچىنىڭ ئۆپكىسى ئىككى ئىكەن،ۋاي پالانى چولپان ئۆلۈپ قاپتۇ،ۋاي پالانى چولپان ئۇنداق بوپتۇ،پۇستانى مۇنداق بوپتۇ،پالانى قىز يىلانغان ئايلىنىپتۇ،بۇ سۆزى 20 ئادەمگە يانفۇنىڭزدا تارقاتمىسڭىز زىيان-زەخمەتكە ئۇچرايسز...دېگەن ئوخشاش ئۆسەك گەپلەر بىلەن ئارقىلىق <<ئويۇن-تاماشا>> قىلىپ كىلىۋاتىدۇ،ئەمما بۇنىڭ جەمىئىيەتكە قانچىلىك زور ئېغىر ئاقىۋەت ۋە ئۆز مىللىتىمىزگە زور مەدەنىيەت بۇزغۇنچىلىقى بولغانلىقىنى ھېچقانچە ھىس قىلمايۋاتىدۇ.
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بارلىق تورداشلارغا شۇنى ئەسكەرتىمىزكى: ھەممەيلەن ئۆزىمىزنىڭ شۇنداقلا ئۆز چولپانلىرىمىزنىڭ،ئوقۇمۇشلۇق كىشىلىرىمىزنىڭ ئابرويىنى ئۆزىمىز قوغدىمىساق، باشقىلار ئەلۋەتتە بىزنىڭ قەدرىمىزنى قىلىپ بەرمەيدۇ.بىز ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز ھۆرمەتلىسەك ئاندىن باشقىلارمۇ بىزنى ھۆرمەتلەيدۇ.
بىرمىللەت ئەخلاق پەزىلىتى ۋە كىشىلىك قەدىر قىممىتى بىلەن دۇنيادا تېخىمۇ روناق تاپالايدۇ.ئۈندىدار(ۋېيشن)ئىشلىتىش،تورغا چىقىش ۋە توردا گەپ قىلىشتا بۇ رەقەملىك ئالاقە سۇپىسىنىڭ ئىلغار تەرىپىدىن پايدىلىنايلى، ھەرگىزمۇ كىملىكىمنى ھېچكىم بىلمەيدۇ دەپ، خەقكە ئويۇن قويۇپ بىرىدىغان، ئۆز ئابرويىمىزنى ئۆزىمىز دەپسەندە قىلىدان ئەقىلسىزلىك قىلمايلى! ئۆز ئىزىمىزدىن ئۈنگەن تىكەننىڭ ئەۋلاتلارنىڭ پۇتىغا مىخ بولۇپ سانچىلىدىغانلىقىنى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇپ قالمايلى!
كامالىي ئېھتىرام بىلەن :
ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
ئەلكۈيى تور بېكىتى
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 06-كۈنى
ئىزاھات: مەزكۇر تېمىنى مەزمۇن قالايمىقانچىلىقى چىقارماسلىق ئۈچۈن ھەرقانداق سەۋەب بىلەن قالايمىقان يۆتكەشكە ،باشقا مۇنبەر ۋە تور بېكەت،بلوگلارغا چاپلاشقا بولمايدۇ.