كۆرۈش: 2295|ئىنكاس: 18

پەرزەنتىڭىزگە كىتاب ئوقۇپ بېرىڭ   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
22594
يازما
129
تېما
23
نادىر
1
جۇغلانما
134
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
130 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-5 16:44:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                          پەرزەنتىڭىزگە كىتاب ئوقۇپ بېرىڭ
                                 ئامىنە مۇھەممەت
     كىتاب ئىنسانلارنىڭ ئەقلىي بايلىقلىرىنىڭ مەڭگۈلۈك مىراس قېلىشىنى زور دەرىجىدە ئالغا سىلجىتتى. ئۇ ئىنسانىيەتنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيەت مۇساپىسىنى يورۇتقۇچى جاھاننامە، ئىنسانلارنىڭ ئەقلىي جەۋھەرلىرىنى يورۇتقۇچى مەشئەلدۇر.  
       پەرزەنتلەرنى كىچىكىدىن باشلاپ كىتاب دۇنياسىغا بەنىت قىلىش، ئۇلاردا كىتابقا مۇھەببەت تۇيغۇسى ئورنىتىش پەرزەنت تەربىيىسىدە كەم بولسا بولمايدۇ. بالىلار كىتاب ئارقىلىق ئادەملەرنى، جەمئىيەتنى، دۇنيانى چۈشىنىدۇ. ياشاشنى ۋە يېڭى بىلىملەرنى مەيدانغا چىقىرىشنى، ئىجاد قىلىشنى ئۆگىنىدۇ. كىتاب بالىلارغا مەكتەپ تەربىيەسىمۇ بىرەلمەيدىغان بىلىملەرنى بېرىدۇ.
        قىسسە ۋە ھېكايىلەر بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. بىراق، بۈگۈنكى كۈندە چۆچەك بالىلارنىڭ تۇرمۇشىدىن يىراقلاپ كەتتى، ئاتا-ئانىلارمۇ «چۆچەك بىلمەيدىغان»بولۇپ قالدى. ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا كىتاب ئېلىپ بېرىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، بۇلاردىن سۆيۈنسەكمۇ، ئەمما تېخىمۇ مۇھىم بىر نەرسە باركى، بالىلارنى كىتاب ئوقۇشقا يېتەكلەش. بۇنىڭدا ئاتا-ئانىلارنىڭ رولى چوڭ.
     ئاتا-ئانا  ئاۋۋال  كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈڭ. ئاتا-ئانا كىتاب ئوقۇش ئارقىلىقمۇ بالىنى قانداق تەربىيلەش،بالىغا قانداق كىتابلارنى تاللاپ بېرىشنى بىلەلەيدۇ.  
      ئاتا-ئانا  بالىڭىزنىڭ ياش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن كىتاب تاللاڭ. ھەر قايسى ياش باسقۇچىدىكى بالىلارنىڭ فىزىئولوگىيەلىك ۋە پىسخكىلىق ئالاھىدىلىكى ئوخشاش بولمايدۇ. بالا ھامىلە ۋاقتىدا ئۇنىڭغا يېقىملىق كۈيلەرنى ئاڭلىتىش، قىزىقارلىق چۆچەكلەرنى ئوقۇپ بېرىش نۆۋەتتە بالىنىڭ دەسلەپكى تەربىيىسىدىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل دەپ قارىماقتا. ئىسپاتلىنىشچە، بالا ھامىلە ۋاقتىدىلا سىرىتقى دۇنيانى ھېس قىلالايدىكەن.  0-1 ياشقا بولغان ئارلىقتا بالىلارغا  رەسىملىك، ئاۋازلىق كىتابلارنى ئوقۇپ بېرىش، ئوقۇغاندا قىزىقارلىق، ئىنتۇناتسىيەلىك ئوقۇش، بالىنىڭ  چىراي ئىپادىسىگە نىسبەتەن ئىنكاس قايتۇرۇش كىرەك. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا بالىنىڭ كۆرۈش ۋە ئاڭلاش سېزىمى تەرەققىي قىلىۋاتقان ھالەتتە بولىدۇ. 1-3 ياشقىچە بولغان بالىلارغا شەيئىلەرنى تونۇش ۋە ۋەقەلىكنى ئاساس قىلغان ئاددى، قىزىقارلىق چۆچەكلەرنى رول ئېلىپ ئوقۇپ بېرىش ۋە ئۆز تېلىغا ئايلاندۇرۇپ بايان قىلىش ، بالىلارغا قايتا بايان قىلدۇرۇش بالىنىڭ ئاكتىپ پىسىخكىسىنى يېتىلدۈرۈپلا قالماي، دەسلەپكى بىلىملەرنى ئىگىلىۋىلىشىغا پايدىلىق. 3 ياشتىن 5 ياشقىچە بالىلارغا ئەقىيلىنى سىناش، زېھىنىنى ئېچىش تېپىدىكى، شۇنداقلا ھايۋاناتلار باش پىرسۇناژ قىلىنغان چۆچەكلەرنى ئوقۇپ بېرىش ئۇلاردا ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ ۋە كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىنى يېتىلدۈرىدۇ.
5 ياشتىن 7 ياشقىچە بالىنىڭ ئۆزىنى كىتاب ئوقۇش جەريانىغا قاتناشتۇرۇش زۆرۈر. يەنى بالىلارنى رەسىملەرگە قاراپ ئۆزى ھىكايە توقۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش، بالىسىنىڭ ھىكايىسىنى سەۋرىچانلىق بىلەن ئاڭلاش ۋە ئۇنىڭغا ياخشى باھالارنى بىرىش كېرەك.
     بالىلار مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن، ئۇلارنى مۇستەقىل كىتاب ئوقۇشقا يىتەكلەش كىرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار تۆۋەن يىللىقلاردا چۆچەكلەرنى، يۇقىرى يىللىققا چىققانسىرى مەشھۇر كىشىلەر، ئۆز مىللىتى ۋە ۋەتىنىگە ئائىت ۋەقە، قىسسەلەر مەزمۇن قىلىنغان كىتابلارنى ئوقۇشقا يىتەكلەش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پەننى كىتابلار ئارقىلىق ئۇلانرىڭ دۇنياغا بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كىرەك. يەنە بىر نۇقتىنى ئالاھىدە تەكىتلەشكە توغرا كىلىدۇكى، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا كىتاب  سېتىۋالغاندا كىتابنىڭ مەزمۇنىغا ۋە لايىھەلىنىش، ئىستىتىك گۈزەللىكى، سالامەتلىككى بولغان تەسىرى قاتارلىق تەرەپلەنى  ئويلىشىشى كىرەك. بەزى كىتابلار بالىنىڭ يېشى ۋە تەربىيە ئىھتىياجىغا ماس كەلمەسلىكى مۇمكىن. شۇڭا ھەر قايسى ياش باسقۇچىدىكى زۆرۈر كىتابلارنى تاللاشقا ئەھمىيەت بېرىش كىرەك.


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
46628
يازما
159
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
159
تىزىملاتقان
2012-9-9
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-5
توردا
98 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-5 18:21:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تەربىيە ئۇسۇلى ئىكەن

UID
48071
يازما
18
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
18
تىزىملاتقان
2012-10-14
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-27
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-5 18:23:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  كىچىك  بالىلارغا  ھېكايە-چۆچەك سۆزلەپ بېرىش، كىتاب-ژۇرنال ئوقۇپ بېرىشنىڭ  ھەقىقەتەن بالىلارنىڭ تەپەككۇرىنىڭ ئېچىلىپ ،پىكىر قىلىش قابىلىيىتىنىڭ ئۆسىشىگە پايدىسى بار.

دەلىللەنگەن ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
2154
يازما
1417
تېما
37
نادىر
0
جۇغلانما
43151
تىزىملاتقان
2010-5-28
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-6
توردا
52 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-5 18:40:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرزەت تەربىلەشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل،،،،

كۆيۈمچان ئەزا

ئەتىكى مائارىپ ئۈچۈن داۋاملىق

UID
3725
يازما
435
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
8456
تىزىملاتقان
2010-7-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
101 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-5 21:17:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىغا كىتاپ ئوقۇپ بېرىش ئارقىلىق بالنىڭ سۆزلەش قابىليىتىنى تەرەققىي قىلدۇرغىلى بۇلىدۇ. نىمە ئۈچۈن دىگەندە بالىنىڭ كاللىسىدا بەلگىلىك مىقتداردا سۆزلۈك توپلانمىسى بولمسا ئۇلار قىلغان سۆزمۇ پۈچەك بولۇپ قالىدۇ.

UID
3121
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
185
تىزىملاتقان
2010-7-8
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-4
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-5 21:17:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارلىق ئاتا_ئانىلارنىڭ مۇشۇنداق ياخشى ئۇسۇلنى قوللىنىپ پەرزەنتلەرنى ياخشى تەربىيلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بالىلار كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدى! ياخشى يېزىلغان ماتىريال ئىكەن. رەھمەت سىزگە!

UID
17057
يازما
738
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1848
تىزىملاتقان
2011-11-9
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-27
توردا
156 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-6 00:23:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىدا ساۋاتلىق بولماي تۇرۇپمۇ كىتابقا بىر ئىشتىياق بولغان بولۇشى كېرەك، بولمىسا ئىشەكنىڭ قۇلىقىغا ساتار چالغاندەك بوپ قالىدۇ.

كۆيۈمچان ئەزا

ھاياتنىڭ ھەققى م

UID
2457
يازما
358
تېما
12
نادىر
0
جۇغلانما
10131
تىزىملاتقان
2010-6-2
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-11
توردا
32 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-6 12:22:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇغۇچى ۋاقىتلىرىمدا مۇئەللىمنىڭ ئاتا-ئانىلار يىغىنىدا پەرزەنىت تەربىيلەش توغرۇلۇق قىلىپ  بەرگەن مۇنۇ گەپلىرى ئېسىمگە كەپ قالدى 。:يەھۇدىيلار باللىرنى بوۋاق ۋاقىتىدىن باشلاپلا بىلىمخۇمار قىلىشقا كىتابخۇمار  قىلشقا ناھايتى ئەھمىيەت بېرەتىكەن ,يەنى ئۇلار باللىرى تۇغۇلۇپ ئازراق ۋاققىتىن كېيىن كىتابنىڭ ۋاراقلىلرغا ھەسەل سۈرتۈپ ئۇلارغا بېردىكەن ,كىچىك بالا تاتلىققا ئامراق بولغاندىكىن كەچكىچە كىتابنى قولدىن چۈشەمەي ۋاراقلارنى يالاپ ئوينايدىكەن ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئۇلار چوڭ بولغانسىرى كىتاپ ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا شۇنداق سىڭىپ كىردىكەنكى , كۈندىلىك تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان نەرسىگە ئايلىندىكەن 。دىمەكچى كىتابتىن ئبارەت بۇ بىلىم بۇلىقى ئۇلارغا كىچكىدىن باشلاپ ھەمراھ ئىكەن 。شۇڭا يەھۇدىيلاردىن ئالىم كۆپ چىقىدۇ شۇڭا ئۇلار دۇنيا بويچە ئەقىللق دەپ تەرىپلىدۇ 。

UID
44425
يازما
23
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
23
تىزىملاتقان
2012-7-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-29
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-6 15:02:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزىم 4 ياشقا كىردى ، ھازىر باغچىدا ، مەنمۇ يازمىدا دىيىلگەندەك قىزىقارلىق بالىلار چۆچەكلىرى بار كىتاپلارنى سېتىۋېلىپ ، قىزىم تاكى ئۇخلاپ قالغىچە ھىكايە ئېيتىپ بەرسەم دەيمەن ، بىر نەچچە قېتىم دادىسى بالىلار چۆچەكلىرى كىتابىنى ئاغاچ كىپ قىزىمغا ھىكايە ئۇقۇپ بەرگەن ، ئەمما ئوغلۇم ئويناپ يىرتىۋەتتى ، ئوغلۇم ئاغرىقچان بولغاچقا تالاشسىلا يول قويىمىز قىزىمغا تەسەللى بىرىپ ، ئاكىڭىز ئاغرىقچان ، كۆرىمەن دىسە بىرىڭ ، ئىككىڭلار تەڭ كۆرۈڭلا دەپ ، يىرتىۋېتىدىكەن دىسە ، بوپتۇ ، يېڭىسىنى ئېلىپ بېرەيلى دەيمىز ، دائىم شۇنداق بولغاچقا ، دادىسى شۇنداق كىتاب ئەكەلسىلا قىزىم تىقىۋالىدىغان بولدى جاھىللىق بىلەن ، ئەمما ئوغلۇم تېپىۋالسا يەنىلا يىرتىپ ۋەت - ۋەرىكىنى ئۇچۇرىۋېتىدۇ ، شۇنداق قىپ ھازىر كىتاب ئەكىلىشمۇ بارا - بارا توختاپ قالدى ، ھازىر كۈندە باغچىدىن يانسىلا ھەر قايسى تور بەتلەردىكى بالىلار ھىكايە - چۆچەكلىرى بار فىلىم بەتلىرىنى ئېچىپ ئۆزى تاللاپ قۇيۇپ كۆرىدۇ ، ئاكىسىنىمۇ بىللە كۆرىمىز دەپ قۇلىدىن تارتىپ ئىكران ئالدىغا ئېپ كېلىدۇ ، مەنمۇ شۇنىڭغا كۆنۈپ قېلىۋاتىمەن ، ئەمما يەنىلا ئارزۇيۇم قىزىمغا ئايرىم ياتاق ئۆي قىپ بىرىپ كىتاب ئوقۇپ ئۇخلاتسام دەيمەن .

UID
47371
يازما
10
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2012-10-12
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-4
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-6 17:14:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زامانتاش يوللىغان ۋاقتى  2012-11-5 18:23
كىچىك  بالىلارغا  ھېكايە-چۆچەك سۆزلەپ بېرىش، كىتاب-ژۇ ...

بالىلارغا كىتاپ ئوقۇپ بىرىش ھەقىقەتەنمۇ ياخشى ئىش.بۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار ئالدى بىلەن ئۆزىدە كىتاپ ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش لازىم.ھازىر نۇرغۇن كىشىلىرىمىز كىتاپ دېسە بىشى ئاغرىيدىغان بولۇپ كەتتى.بۇ ئەلۋەتتە ئائىلىنىڭ مەنىۋىي مۇھىتىغا سەلبى تەسىر كۆرسىتىدۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش