بۇ fanaقەۋەتتىكى 2010-06-21 10:02يوللىغاندىكىگە بالىلىرىڭىزغا پات-پات پۇل بېرىپ تۇرۇڭ ھەم قانداق خەجلەشنى ئۈگىتىڭ ! :
مەن ئادەتتە ئىككى بالامغا قىلغان ئىشىغا قاراپ ھەق بېرىمەن . مەسىلەن : ئوغلۇم ئاياغلارنى سۈرتۈپ ، ئاياغ ئىشكابىنى رەتلەپ قويسام ماڭا بىر كوي بېرەمسەن ، دەيدۇ . مەن ماقۇل بولىمەن . ئۆزىنىڭ كۈچى يېتىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا قاراپ پۇل بېرىمەن . قىزىمغا مۇقىم ھەپتىلىك مائاش بېرىمەن . ،مەسىلەن : قاچا يۇيۇش ۋە ئاشخانىنىڭ پولىنى سۈرتۈش دائىملىق خىزمىتى . ئۇنىڭدىن سىرىت ، ماڭا ياردەملىشىپ قىلغان ئىشلىرىغا يەنە ھەق قوشۇپ بېرىمەن . شۇڭا ئىككى بالام بىرەر ئىشنى قىلامسىلەر دېسەم ھەرگىز ياق دېمەيدۇ . تەرلەپ-پىشىپ ئەمگەك قىلىپ ، كەينىدىن پۇل تاپىدىغانلىقى ئۈچۈن ، ئىنتايىن ئاكتىپلىق بىلەن ئىشلەيدۇ .
بالىلارغا كىچىكىدىن باشلاپ پۇل ئېڭىنى ئانچە-مۇنچە سىڭدۈرۈشنىڭ يامان يېرى يوق . لېكىن ، بىزدە بالىلار پۇل بىلەن بەك يېقىن بۇلۇپ كەتسە مىجەزى بۇزۇلۇپ كېتىدۇ دەيدىغان بىر گەپ بىلەن ھەرقانداق ئىشنى خالىس قىلىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ . ئەلۋەتتە بۇ خىل تەربىيىنىڭ ياخشى تەرەپلىرى كۆپ . بىراق بۇنداق تەربىيلەنگەن بالىلاردا ئىقتىسادىي كاللا تازا ئۇچۇق بولمايدۇ ، قورقۇنچاق بۇلۇپ قالىدۇ .
بۇنىڭدىن كىيىنكى دەۋىر ئىقتىدار تېخىمۇ تەكىتلىنىدىغان ، ئىقتىدارسىزلار شاللىنىپ كېتىدىغان ، ھەمدە پۇل تېپىشنى بىلىدىغان ئىقتىسادىي كاللىسى بارلار تېخىمۇ ئەتىۋارلىنىدىغان دەۋىر بۇلۇپ قالىدۇ . شۇڭا كىچىكىدىن باشلاپ بالىلارغا پۇل توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىش ، قىلغان بەزى ئىشلىرىغا مۇۋاپىق ھەق بېرىش ، ھېيت-بايراملاردا ھېيتلىق پۇل بېرىش ھەمدە ئۇنى قانداق يېغىش ، قانداق خەجلەش توغرىسىدا تەربىيە بېرىش ئىنتايىن مۇھىم .
بالا تەربىيلەش ئانىلارنىڭ ئالدىغا قويۇلغان مۈشكۈل بىر مەسىلە . كەلگۈسىدە بالىلىرىمىزنىڭ تۇرمۇشىنىڭ قانداق بولىشى بىزنىڭ ئۇلارغا سىڭدۈرگەن تەربىيلىرىمىزگە زور دەرىجىدە باغلىق بولىدۇ .
ھەركىمگە ئاتا-ئانىسى ، ئەدەپ-تەربىيە ئۆگەتمىسە ، زامان ئۇنىڭغا تۈرلۈك جەبىر -جاپالار ئارقىلىق تەربىيە بېرىدۇ . 
سىز بالىلىرىڭىزغا پۇل بېرىش بىلەن بىللە ، شۇ پۇلنى نىمىگە سەرىپ قىلغانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈڭ ، شۇنداق قىلغاندا بالىڭىزنىڭ ئىقتىسادى كاللىسىنى تەرەققى قىلدۇرۇش بىلەن پۇلنى ئورۇنلۇق قايغا سەرپ قىلشنى ئۆگىتەلەيسىز ، لىكىن نۇقۇل ئىش قىلسا پۇل بېرىپ ، ئىش قىلمىسا پۇل بەرمەيدىغان ئادەتنى بەك يىتىلدۈرىۋەتمەڭ ، بۇنىڭ پايدىلىق تەرىپى بىلەن بىللە زىيانلىق تەرىپىمۇ بار .