كۆرۈش: 5189|ئىنكاس: 50

بىرىنچى سۇئال     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
48893
يازما
3
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2012-11-2
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-19
توردا
16 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-2 17:00:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايالىمنى ئوپراتسىيە ئۆيىگە ئەكىرىپ كەتتى. تۇغۇت ئوپراتسىيەسى ئادەتتە ئۇنچە قورقۇنچلىق ئەمەس دەيدىكەن. لېكىن تىترەپ تۇرغان قوللىرىم بىلەن ئوپراتسىيە كېلىشىمنامىسىگە قول قويۇپ بولغاندىن كېيىن، ئايالىمنى ئوپراتسىيە ئۆيىگە ئەكىرىپ كېتىۋاتقىنىدا يۈرىكىم ئەنسىز سوقۇپ، پۇت – قوللىرىم بوشىشىپ كەتكەنىدى. ئايالىمنىڭ گەرچە ئاي – كۈنى توشمىغان بولسىمۇ، لېكىن زىيادە ئىششىق ۋە قان بېسىمىنىڭ تەسىرى تۈپەيدىلىن تېزدىن ئوپراتسىيە قىلمىسا قانداق خەتەرلىك ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى دوختۇرلار ماڭا قايتا – قايتا چۈشەندۈرگەنىدى. شۇ سەۋەب ئوپراتسىيە كېلىشىمنامىسىگە قول قويدۇم.

    دوختۇرلار كىرىپ كەتتى، ئۇ كۈنى پەقەت بەشلا ئوپراتسيە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئادەم كۆپ ئەمەس ئىدى. ئوپراتسىيەگە كىرگەنلەرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر  تونۇشمىسىمۇ ئۆز – ئارا پاراڭلىشاتتى، تۇغۇت ئوپراتسىيەسىنىڭ ئاسان ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بىر - بىرىنى خاتىرجەم قىلماقچى بولۇشاتتى. دادام ئاپام ۋە قېينىئاپاملار ئۆز – ئارا پاراڭلىشىۋاتاتتى. لېكىن ئۇلارنىڭ گېپى قەتئىي قۇلىقىمغا كىرمەيتتى. ئايالىمنى ئەكىرىپ كېتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي بىر دوختۇر مېنى چاقىردى. كىرسەم ھېلىقى دوختۇر سەل جىددىيلەشكەن قىياپەتتە:
    - ئايالىڭغا ناركوز ئوكۇلى تەسىر قىلمىدى، مەسئۇل دوختۇر ئويلىشىپ يەنە بىر كىشىلىك ناركوز ئوكۇلى ئۇرۇشنى قارار قىلدۇق، بۇنداق بولغاندا ناركوزنىڭ تەسىرى ۋە ئاغرىق  باشقىلارغا قارىغاندا ئېغىر بولىدۇ، بۇنىڭغا قول قوي...- دېدى. مەن كۆپ ئويلىشىپ ئولتۇرماي قول قويدۇم، چۈنكى بۇ ئويلىشىدىغان ۋاقىت ئەمەس ئىدى. قايتىپ چىقىشىمغا ئاتا – ئانام ۋە قېينىئاپام مەندىن نېمە ئىش بولغانلىقىنى سورىدى، مەن «ھېچ ئىش يوق، قول قويىدىغان بىر ھۆججەت كەم قاپتىكەن» دەپ ئۇلارنى خاتىرجەم قىلدىم. لېكىن ئۆزۈمنى خاتىرجەم قىلىشقا ئامالسىز ئىدىم.

    ئارىدىن توپتوغرا 40 مىنۇت ئۆتتى، بۇ چاغدا ئايالىم بىلەن تەڭ ئەكىرىپ كەتكەن بىرىنى ئېلىپ چىقتى. مەن تېخىمۇ جىددىيلىشىشكە باشلىدىم. مەن ئولتۇرالمايتتىم، ئىشىك ئالدىدا بىرەر تىۋىش ئاڭلاپ قالارمەنمۇ دەپ ئۇياقتىن – بۇياققا توختىماي ماڭاتتىم، بۇ چاغدا  ۋاقىت ماڭا گويا بىر ئىزدا توختاپ قالغاندەك بىلىنىۋاتاتتى. بىرەر تىۋىشمۇ ۋە چاقىرىشمۇ مېنى چۆچۈتىۋېتەلەيتتى. ئارىدىن يەنە 10 مىنۇت ئۆتكەندە دوختۇرلار مېنى چاقىردى. مەن كىردىم. بۇ چاغدا مېنى چاقىرغىنى ئوپراتسىيەگە كىرگەن ئايال دوختۇر ئىدى. ئۇنىڭ يېشى ۋە تەمكىن تۇرقىدىن خېلى تەجرىبىلىك ئىكەنلىكى چىقىپ تۇراتتى. ئۇ مېنى يەنە بىرقانچە جەدەۋلگە قول قويۇشقا بۇيرۇدى. مەن ئالدىراشلا سورىدىم:
    - ئايالىم قانداقراق؟
    - ياخشى، خەتەر يوق، خاتىرجەم بول.
    - قان بېسىمى يەنە ئۆرلەپ كەتمىگەندۇ؟ ناركوز ئوكۇلىدىن ئىككىنى ئۇرىدىغان بوپتىكەنسىلەر، ئۇ ھوشىغا كەلدىمۇ؟
    - ھوشىغا كەلدى.
    - ئەمدى ئۇنىڭغا باشقا خەتەر يوقتۇ؟
    - خاتىرجەم بول، خەتەر يوق.
    - بالامچۇ؟ ساق – سالامەت تۇغۇلدىمۇ؟
    - ھەئە، ھېلى ئەچىقىپ قولۇڭلارغا بېرىدۇ.

    مەن چوڭقۇر تىنىۋەتتىم. جەدەۋەللەرگە قول قويۇۋاتقان چېغىمدا ھېلىقى ئايال دوختۇرنىڭ ماڭا تىكىلىپ قاراپ تۇرغىنىنى بايقاپ قالدىم. ئۇ تۇيۇقسىز ماڭا دېدى:
    - راستىنلا ھەۋەس قىلىۋاتىمەن.
    -رەھمەت.
    -ساڭا ئەمەس، ئايالىڭغا.
    -ھە؟
    -مەن بۇ يەردە ئىشلەۋاتقىلى 20 يىلدىن ئاشتى، قانچىلىغان تۇغۇت ئوپراتسىيەسىگە كىرگىنىمنى ئۆزەممۇ ساناپ بېرەلمەيمەن. لېكىن مەن ھەر قېتىم ئوپراتسىيەدىن چىققاندا ھەرقانداق ئەر كىشى مەندىن "بالام قىزمۇ ئوغۇلمۇ" دەپ سورايتتى. ئاندىن بالىسىنىڭ ياكى ئايالىنىڭ ئەھۋالىنى سورايتتى. بەزىلەر ھەتتا ئايالىنىڭ ئەھۋالىنى سوراپمۇ قويمايتتى. لېكىن سەن باشتىن – ئاخىر ئايالىڭنىڭ ئەھۋالىنى سورىدىڭ، ئاندىن بالاڭنىڭ ئەھۋالىنى سورىدىڭ، قىز – ئوغۇللىقىنى بولسا سوراپمۇ قويمىدىڭ...
    - ھە، مەن ئۈچۈن قىز ياكى ئوغۇل بولسا ئوخشاش، ئايالىم ۋە بالام ساق – سالامەت بولسىلا مەن شۇنىڭغا شۈكرى دەيمەن.
    - ھە، مۇبارەك بولسۇن، سەن ئوغۇللۇق بولدۇڭ...

    دوختۇرنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ نېمە دېيىشنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدىم. شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئىككى مەڭزىدە ياش تامچىلىرىنىڭ بىلىنەر – بىلىنمەس پارقىراۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم. مەن «رەھمەت» دەپلا كەينىمگە بۇرۇلدۇم.

    ئايالىمنى ئوپراتسىيە ئۆيىدىن ئېلىپ چىقىۋاتقاندا ئۇنىڭمۇ ئىككى مەڭزىدىن ياش سىرغىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئەمدىلا 22 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان ئايالىم ئانا بولۇشنىڭ تۇنجى قەدىمىنى خۇددى باشقىلارغا ئوخشاش ئاچچىق ئاغرىق بىلەن ئۆتكۈزگەنىدى. لېكىن ئۇ ماڭا قارىغىنىدا ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن چەكسىز بەختنىڭ يېنىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندەك بولدۇم. دوختۇردىن سورىغان بىرىنچى سوئالىم بەخت ۋە مۇھەببەتنىڭ سىمۇۋولىدەك قەلبىمگە چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەنىدى.




2012 – يىلى ئىيۇن، ئۈرۈمچى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-3 21:28  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
47736
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
8
تىزىملاتقان
2012-10-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-10
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-2 18:56:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزدەك سۇئال سورايدىغان ئەرلەردىن يەنە قانچىلىك باردۇ؟بەك تەسىرلەندىم،سىلەرگە چىن كۆڭلىمدىن بەخىت،سالامەتلىك تىلەيمەن.

تىرىشچان ئەزا

ئۇيغۇران

UID
16846
يازما
439
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
829
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-3
توردا
494 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-2 19:11:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھېكايىڭىز شۇنداق تەبىئىي ۋە تېتىملىق چىقىپتۇ.

كۆيۈمچان ئەزا

خوشاللىق ئۇنتۇل

UID
5688
يازما
98
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2198
تىزىملاتقان
2010-9-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-7
توردا
49 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-2 22:11:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىسياتىڭىزنى تەبىئى ئىپادىلەپ بېرىپسىز . ياخشى يېزىلىپتۇ .

UID
37204
يازما
143
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
143
تىزىملاتقان
2012-5-2
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-4
توردا
105 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-2 23:25:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېرى يىنىدا بىللە تۇرۇپ ،ئەھۋالىنى سوراپ ،مەدەت بىرىپ تۇرۇپ تۇغقان ئايال نى ھەقىقى بەخىت لىك دىسە بولىدۇ ،لىكىن نۇرغۇن ئەرلەنىڭ دەل مۇشۇنداق چاغدا ناھايىتى جىددى خىزمىتى چىقىپ قىلىپ ئايالى نىڭ يىنىدا تۇرال مايدۇ . بۇنى يۇزىگە سالسا  ئۇ ئايال بەك ئىچەتار ،چۈپەي كۆرنۇپ قىينانىلىرىدىن باشلاپ ئىيىپلايدۇ.  سىز خىلىلا ياخشى ئاىلىنىڭ  تەربىيە كۆرگەن بالىسى ئىكەنسىز

UID
47148
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2012-10-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-24
توردا
16 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-2 23:51:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇھىكايىنى ئۇقۇپ 4يىل بۇرۇنقى  ئۇزەمىنى كور  گەنىدەك بولدۇم.  

UID
11266
يازما
64
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1774
تىزىملاتقان
2011-5-16
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-26
توردا
34 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-2 23:53:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەم بالا تېپىش ئۈچۈنلا توي قىلمايدۇ .  ئەگەر شۇنداق بوپقالغىنىدا نىكاھنىڭ ئۇلۇغلىقى نەدە قالىدۇ .
ئىككىلىڭلارغا ياق ئۈچۈلۈڭلارغا بەرىكەت تىلەيمەن .
مەن ھەممىدىن قىز ئوغۇللۇقىغا بەك ئېتىبار بېرىدىغانلاردىن بىزار ، بىزنىڭ قىزلىرىمىز بار شۇنداق ھايالىق.
بىزنىڭ قىزلىرىمىز بار ئوغۇللاردىنمۇ شىجائەتلىك .
بىزنىڭ ئوغۇللىرىمىز بار سادىر پالۋاندەك ، بىزنىڭ ئوغۇللىرىمىز بار شاپتۇل داموللىدەك .
ئاللاھ ئاتا قىلغان پەرزەنتتىن ئىبارەت بۇ نىئمەتنى قانداق مىۋە بەرگۈزۈش دەل ئاتا-ئانىدىن
ئىبارەت بىر جۈپ باغۋەنگە باغلىق .

UID
2005
يازما
25
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
295
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-4
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-3 00:14:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك تەسىرلەندىم.مەنمۇ باش سۈيى ھەددىدىن ئاز،ئۆزى تۇغالمايدۇ دەپ ئوپىراتسىيە بولغان،ئوپىراتسىيىدىن چىقىپ يولدۇشۇمنىڭ دېگەن بىرىنچى ئېغىز گېپى«رەھمەت ساڭا،جاپا چەكتىڭ»دېگەن،شۇ چاغدىلا پۈتۈن 9 ئايلىق ھاردۇقۇم چىقىپ كەتكەن ئىدى.بىر ئايال كىشى ئۈچۈن ھالال جۈپتىنىڭ رازىمەنلىكىدىمۇ ئارتۇق بەخت بولمىسا كېرەك~~~~
سىلەرگە چەكسىز بەخت تىلەيمەن!

كۆيۈمچان ئەزا

يارتىلىشىمىزدىكى مەقسەت ياخشى

UID
12641
يازما
140
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
3321
تىزىملاتقان
2011-6-23
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-1
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-3 00:32:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىلەرگە بەخت خاتىرجەملقك يار بولسۇن ، مەڭگۈ شۇنداق سوئال سوراڭ .

UID
31585
يازما
12
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
12
تىزىملاتقان
2012-3-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-19
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-3 00:53:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرلەر ئانىلارنىڭ قانچىلىك ئۇلۇغ ئىكەنلىكىنى ئايالىنى تۇغۇت بۆلىمىگە ئەكىرىپ كەتكەن شۇ پەيىتتىە ھەقىقى بىلىپ يېتىدۇ!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش