تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 12471|ئىنكاس: 26

بارى‹قوغلىنىش›قا قارىتا بايانات ئېلان قىلدى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

UID
14103
يازما
4
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
64
تىزىملاتقان
2011-8-18
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-5
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بارىنىڭ «يېشىل شەھەر كوماندىسىدىن قوغلىنىش ۋەقەسى»ئېلان قىلغان تولۇق باياناتى


ياخشىمۇسىلەر:
مەن شىنجاڭلىق ئۇيغۇر پۇتبولچى بارى.ئىشىنىمەنكى نۇرغۇن كىشىلەر تۈنۈگۈنكى يېشىل شەھەر كۇلۇبىدا يۈز بەرگەن ئىشلاردىن خەۋەردار بولدى.قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە نۇرغۇنلىغان تاراتقۇلار ماڭا تېلىفۇن تېلىفۇن قىلىپ قىلىپ،تېلىفۇن زىيارىتى ئارقىلىق ئاۋازىمنى ئاڭلىغۇسى بارلىقىنى ئېيتتى.مەنمۇ بۈگۈنكى نۇرغۇنلىغان تور بېكەتلەردە «بارى رويىخەتتىن ئۆچۈرۈلدى،بارى كوماندىدىن قوغلاندى»دېگەنگە مۇناسىۋەتلىك ھەرخىل خەۋەرلەرنى كۆردۈم.ھەرخىل ئاقما گەپلەر ئۈزۈلمىگەن،ناتوغرا گەپلەر ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ يۈرگەن،توختىماي تارقىتىلغان،بۇ ئەمەلىيەتتىن تامامەن چەتنەپ كەتكەن.
بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ قىشلىق مەشىقتىن ئىلگىرى، مېنىڭ يېشىل شەھەر كۇلۇبى بىلەن تۈزىگەن توختامىمنىڭ ۋاقتى توشۇشقا ئەڭ ئاخىرقى بىر يىل قالغاندى،بىراق بۇ ۋاقىتتا كۇلۇب بىلەن نۇرغۇنلىغان پۇتبولچىلار «توختامنى بىكار قىلىدى»،يېشىل شەھەر كۇلۇبىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىمۇ ئاشكارلاندى.قىشلىق مەشىق  مەزگىلىدە،ئاز بولمىغان پۇتبول كوماندىسى مەن بىلەن توختاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، بىراق مېنىڭ يېشىل شەھەر كۇلۇبى بىلەن يەنە بىر يىللىق توختامىم بار بولغاچقا،كۇلۇپنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىم كېرەك ئىدى، بۇنى ئىككى كۈلۈب ئۆز ئارا كېلىشىش ئارقىلىق بېكىتەتتى ،مەن ئۆزۈم بىتەرەپ قىلالمايتىم.
مەن ئالدى بىلەن بىر  ھۇجۇمچى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن،ئالدىنقى قېتىمقى مۇسابىقىدە كوماندىنىڭ بىرلەشمە مۇسابىقىسى ھەم ئاسىيا قىتئەسى مۇسابىقىسىدە توپ كىرگۈزدۈم،دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسىغا ئاتلانغان ۋاقىتتىمۇ ئاساسى كۈچ قىياپىتىدە مەيدانغا چىقتىم، شۇڭا مەن ئۆزەمنىڭ قابىلىيىتىنى ھەم قىممىتىنى ياخشى بىلىمەن.

گاڭتىيەن ترېنېر مەن  يېشىل شەھەر كۇلۇبىغا يىڭىدىن كىرگەندە ماڭا:بارى مەن ساڭا بەك ئامراق،سېنىڭ قابىلىيىتىڭنى ياخشى بىلىمەن.ئالدىنقى قېتىملىق ئاسىيا قىتئەسى ئولىمپىك مۇسابىقىدە سېنىڭ بىر توپ كىرگۈزۈشىڭ نۇرغۇنلىغان بىرلەشمە مۇسابىقە پۇتبولچىلىرىنى ھەيران قالدۇرغان،دېدى.
بىراق گاڭتىيەن ترېنېر يەر بويلىتىپ توپ تېپىش ئۇسۇلۇمغا بەكرەك قىزىققان،شۇڭا ئۇ مېنى كۆپ ۋاقتتا زاپاس ئەزا سالاھىيىتى بىلەن مەيدانغا چىقاردى ،قارشى تەرەپنىڭ مۇداپىئە سېپىگە ھۇجۇم قىلدۇردى،يېرىم مۇساپىلىك بىرلەشمە مۇسابىقىدىن كېيىن،مېنىڭ مەيدانغا چىقىش ۋاقتىم ئاز بولغان بولسىمۇ،مەن يەنىلا ئىككى قېتىم ياردەمچى پاس بەردىم،شۇ ۋاقىتتا نۇرغۇنلىغان كوماندىلار مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ،يىل ئاخىرىدا مېنىڭ ئەركىن توپچى ھالىتىمدە كۇلۇب يۆتكىلىپ بېرىشىمنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم:رويىخېتىم ئۆچۈرۈلۈشتىن ئىلگىرى،باۋ مۇدىر ماڭا توختامنى داۋاملىق ئۇزارتسا باجغا 60مىڭ يۈەن بېرىدىغانلىقىنى،يەنە بىر توپ ئۇرالىسام 10 مىڭ يۈەن بېرىدىغانلىقىنى،ھەتتاكى ئىككى توپقا ياردەمچى ھۇجۇمچى بولسام 10مىڭ يۈەن مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان،ئەگەر چوڭ كۆلەمدە ئىش ھەققىمنى %80 ئۆستۈرسە،ئۇنداقتا مېنىڭ ئىلگىرىكى ئىش ھەققىم 10مىڭ يۈەنگىمۇ يەتمەي قالمامدۇ؟ئەينى ۋاقىتتا مەن قايتا ئويلىنىپ بېقىشنى ئېيتقان،نېمىلا دېمىگەن بىلەن مېنىڭ ئېغىر بولغان ئائىلە ئىقتىسادى زىمىسى ئۈستۈمدە بار،داۋاملىق توختاملىشىشتەك بۇنداق مۇھىم ئىشنى مەن ئۆيدىكىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىشىم كېرەك،ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ ۋاقىت  بىرلەشمە مۇسابىقىنىڭ ئەڭ كەسكىن ۋاقىتلىرى ،ئەينى ۋاقىتتا باۋ مۇدىر بىلەن توختامنى داۋاملىق تۈزىدىغان ئىشنى بىرلەشمە مۇسابىقىدىن كېيىن خاتىرىجەم ھالدا دېيىشىنى كېلىشكەن،يېشىل شەھەر ناھايىتى مۇھىم مەزگىلدە،مەن پۈتۈن زېھنىمنى مۇسابىقە مەيدانىغا قۇيىشىم كېرەك.ۋاستىچىمنىڭ توختامنى داۋاملاشتۇرىشى تەلىپى بىلەن كوماندا باشلىقى ۋاڭگاۋ ئوخشاش دەرىجىدە دېگەن گەپكە كەلسەك،بۇ تۈپتىن بىمەنە سەپسەتە،ھېچبولمىغاندا ھازىر مېنىڭ قايتىشىم،يىللىق ئىش ھەقىمنى مەسلىھەتلىشىتە مەن ئۆزۈم دېيىشىمەن،ۋاستىچىم دېگەن ئىش مەۋجۇت ئەمەس.مېنىڭ بازار قىمىتىمدىكى ئورنۇمنىڭ قانچىلىكلىكىنى ئۆزۈم بىلىمەن،گاۋ ئاكام بولسا كونا ئەزا،ھەر قايسى تەرەپتە خىزمەت ئىستاژى بولسۇن ،تەرجىمھالى بولسۇن مەندىن يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ،مېنىڭ ھەققىم ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش بۇلىشى مۇمكىن ئەمەس،بۇ تەرىپى ماڭا ئايان.
21-ئۆكتەبىر(شەنبە)مېھمان ھالەتتە 2 دە 0نەتىنجە بىلەن بېيجىڭ گوئەن كوماندىسىنى يەڭگەندىن كېيىن،شۇ كۈنى كەچتە مەن باۋ دېرىكتوردىن رۇخسەت سوراپ،ئۆيدە توي ئىشى بولغانلىقتى ئۈرۈمچىگە قاراپ يولغا چىقىشنى ئېيتقان، باۋ دېرىكتور ماقۇل بولغان،شۇنداقلا ماڭا ھەپتىنىڭ ئىككىسى چۈشتىن ئىلگىرى كوماندىغا كېلىپ مەشىققە قاتنىشىشىمنى ئېيتقان،ھەپتىنىڭ ئىككىسى ئەتىگەندە ئۈرۈمچىدىن خاڭجۇغا قاراپ ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ بېلىتىنى سېتىۋالدىم،بىراق نۆۋەتچى ئايروپىلان شىئەندە توختاپ نەچچە سائەت كېچىكىپ قالغانلىقتىن ۋاقتىدا كوماندىغا قايتىپ تىزىمغا ئالدۇرالمىدىم،شۇ ۋاقىتتا مەن قانچىلىك چۈشەندۈرسەممۇ بىكارلىقىنى بىلىمەن،گاڭتىيەن ترېنېر مەن بىلەن ئالايىتەن ئايرىم پاراڭلىشىپ،ماڭا:«بارى،ئىلىگىرى سېنىڭ تەييارلىق كوماندا بىلەن بولغان مۇسابىقىدا ئۆلچەم بۇيىچە ئەتىگەنلىك غىزا يىمىگەن قىلمىشىڭ بار ئىدى، بۇ قېتىم يەنە كوماندىغا كېچىكىپ كەلدىڭ،بۇ قىلمىشىڭ كوماندا ئىچىدە ياخشى بولمىغان تەسىرلەرنى بەردى،شۇڭا مەن سېنى ۋاقتىنچە زاپاس كوماندىغا چۈشۈرۈشنى قارار قىلدىم،كېيىنكى ئىپادەڭگە قارايمەن»دېدى.
ئەينى ۋاقىتتا مەنمۇ قايتا ئويلىنىپ، تەييارلىق كوماندىدا ياخشى ھالەتنى ساقلاشقا تەييارلىق قىلدىم،بالدۇرراق بىرىنچى كوماندىغا قايتىشقا تىرىشتىم، بىراق جوڭگۇلۇق ترېنېر گۇرىپىسى ئەزالىرى ماڭا؛«سەن ئۆيگە قايتىپ قايتا ئويلانغىن،تەييارلىق كوماندىسىدا مەشىق قىلىپ يۈرمە،كوماندا سېنى ئۈچتە توختاتتى،مەشىقتە توختاتتى،مۇسابىقىدە توختاتتى، ئىش ھەققىدە توختاتتى»دېدى.شۇ ۋاقىتتا مەن چۈشەندۈردۈم،گەرچە گاڭتىيەن ترېنېر مېنىڭ تەييارلىق كوماندىسىدا قېلىپ قېلىپ مەشىق قىلىشىمنى ئۈمىد قىلغان بولسىمۇ،جۇڭگو تەرەپ ترېنېرى قەتئىي ھالدا«چۇقۇم ئۆيگە قايتىش»تا چىڭ تۇردى.
ئۈرۈمچىگە قايتقاندىن كېيىن ئاتا-ئانام ماڭا ئۇزاقىچە تەربىيە ئىشلىدى، توپنى ياخشى تىپىپ، ياخشى ئادەم بۇلۇشۇمنى ئۈمىد قىلىدى،شۇنداقلا خاڭجۇغا بارغاندىن كىيىن،بۇ <<ناچار>> ئادەتلىرىمنى تۈگىتىشىمنى ئېيتتى.خاڭجۇغا قايتقاندىن كېيىن «يېڭىدىن باشلاش»نى قارار قىلىدىم،بىراق ئەمدىلا كوماندىغا قايتىپ بارغىنىمدا گاڭتىيەن ترېنېر مېنى كۈرۈپلا :«كىم سېنى قايتىپ كەت دېدى؟مەن سېنى تەييارلىق كوماندىسىدا مەشىق قىل دېدىممۇ؟جۇڭگو كوماندىسى ترېنېرى دېدىمۇ؟ مەن ھەجەپ بىلمەيدىكەنمەنغۇ؟»دەپ مېنى تەنقىدلەپ كەتتى.
شۇ ۋاقىتتا كۇلۇب مېنىڭ ئىككى ئايلىق مۇئاشىمنى كەينىگە سۈرۈدى،ماڭىمۇ خىراجەت لازىمدە، مەن ئائىلەمنى بېقىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن يەنە ئۆينىڭ قەرزىنى تۆلەشتەك ئېغىر مەسئۇلىيەت زىممەمگە يۈكلەكلىك، مەن باۋ دېرىكتوردىن قانداق ۋاقىتتا مۇئاشنى تارقىتىدىغانلىقىنى سورىدىم،ئىلگىرىكى كېچىپ قالغانلىق سەۋەبىدىن تۇتىۋالغان پۇلدىن ئاشقان ئىش ھەققىمنى ھەم مۇكاپاتىمنى بېرىشىنى ئېيتتىم،ئەمما كوماندىنىڭ مالىيىسى بولامدۇ ياكى باۋ دېرىكتور بولامدۇ يەنىلا تارقاتمايدىغانلىقىنى ئېيتتى،باۋ دېرىكتور ئىلگىرى ماڭا ئۇچۇر يېزىپ:«:داۋاملىق توختاملاشسام مۇئاشىمنى مۇكاپاتىمنى بېرىش بىلەن بىرگە يەنە كېچىكەندە تۇتىۋالىدىغان پۇلنىمۇ بېرىدىغانلىقىنى»ئېيتقانىدى.
مەن گاڭگىراپ قالدىم شۇنداقلا بىئارام بولدۇم،كۇلۇپتا  ئۈچ يىل تۇرۇپ ئاخىرىدا بۇنداق ئاقىۋەتكە چۈشۈپ قالدىم.مېنىڭمۇ ئاز بولمىغان كومانداداشلىرىم بولغان ، 89-يىللىقلار ئولمىپىك كوماندىسىدىكى نۇرغۇنلىغان سىرداش كوماندىداشلىرىم بىلەن پىكىر ئالماشتۇردۇم،ماڭا ئەينى ۋاقىتتىكى ئەھۋاللارنى ئېيتتى،ئۇلارنىڭ ماڭا پىكىر بېرىشىنى ئۈمىد قىلدىم، ھەممەيلەننىڭ ماڭا بەرگەن پىكىرى ئوخشاش بولدى:يېشىل شەھەر كۇلۇبى بۇنداق ئىشلارنى قىلغانىكەن ،ئاخىرىغىچە بەرداشلىق بەرگىن ،مۇسابىقە مەزگىلىدە ئەركىنلىككە ئېرىشەلمىسەڭ،ئاندىن مۇئاشى تېخىمۇ ياخشى ،ئىستىقبالى پارلاق بىرەر كۇلۇبنى تاللىغىن،دېدى.
مۇئاشىم بىلەن مۇكاپاتىم داۋاملىق تۇتىۋېلىپ تارقىتىلدى،يېشىل شەھەر كۇلۇبى دەرىجە ساقلاپ قېلىش ھەل قىلغۇچ باسقۇچىقا كىرىدى.15-سىنتەبىر يېشىل شەھەر كۇلۇبى باش مەيدان بۇلۇپ ئوينىلىدىغان مۇسابىقىدىن ئىلگىرى مېنىڭ ئىككىنچى كۈنلۈك مۇسابىقىدە مەيدانغا چىقىدىغانلار تىزىملىكىدە ئىسم بارلىقىنى ئېيتتى،شۇنداقلا ئاساسلىق ئەزا بولۇپ چىقىدىغانلىقىمنى ئېيتتى،گاڭتىيەن ترېنېر:«ھازىر دەرىجە ساقلاپ قېلىشنىڭ ئەڭ ھالقىلىق پەيتى،ئۇنىڭدىن باشقا ھەر قانداق ئىشلارنى قۇيۇپ قۇيايلى،كوماندىمىز ئەڭ كۈچلۈك ماھارەت بىلەن بۇ قېتىم دەرىجە چۈشۈپ كېتىشىمىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك »دېدى،بىراق ئىكىنچى كۈنى مۇسابىقە كېچىكتۈرۈلگەنلىكتىن كوماندىنىڭ لىياۋنىڭدىكى مۇسابىقىسى شياڭخې مەيدانىدا ئېلىپ بارىدىغانلىقىغا ئۆزگەرتىلدى،ئەمما مەن مۇسابىقىدىن ئىلگىرى ھەقىقەتەن تاماقتىن زەھەرلىنىپ ياندۇرغاچقا،كوماندا دوختۇرىنىڭ كۆرسىتىشى بۇيىچە خالىغانچە مۇسابىقىگە چىقسام بولمايتتى،بىراق ئورگان  تەرەپ:«23-ئۆكتەبىر مېھمان تەرەپ لىياۋنىڭ خۇڭيۈن جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە بارى ئۆزىنى مىجەزىم يوق دەپ تۇرىۋالغاچقا ترېنېر گۇرىپىسى ئەزالار تۇلۇق بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا،پۇتبولچىلارنى قوغداش تەرىپىدە تۇرۇپ،مەيداندا ئارام ئېلىپ تېزراق ئەسلىگە كېلىشنى ئېيتقان. بىراق بارى ترېنېر  گۇرۇپىسىدىن رۇخسەت سورىمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېتىپ كۆپ قېتىم يالغانچىلىقىنى يېپىشقا ئۇرۇنغان»دېدى.
مەنمۇ بۇ ئېنىق بولمىغان مەقسەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن،مەن ھازىرغىچە نۇرغۇن سەبداشلىرىمنىڭ ماڭا تەسەلىي بېرىپ:«بارى،يېقىندىن بۇيان ساڭا ھەققىقەتەن ئۇۋال بولدى،ئەمدىلا 18 ئادەمنىڭ تىزىملىكىگە كىرىشىڭگە سالامەتلىكىڭ يار بەرمىدى»دېدى.

ئۆكتەبىر بايرىمىدىن كېيىن مەن يەنە كۇلۇب بىلەن مەسلىھەتلەشتىم،ھېچبولمىغاندا ئاز قىسىم مائاشىمنى بېرىشنى ،ھازىر تۇرمۇش بېسىمىغا يۇلۇقۇپ قالغانلىقىمنى ئېيتتى،بىراق باۋ دېرىكتور ئەينى ۋاقىتتا ئىشخانىسىدىلا ماڭا چېچىلىپ ھەتتا ئۈستىلىگە ئۇرۇپ تۇرۇپ :«داۋاملاشتۇرامسەن ياكى داۋاملاشتۇرمامسەن؟داۋاملاشتۇرماسلىقىنى سىنماقچى بولساڭ بىز ھەرقايسى تاراتقۇلار ئارقىلىق سېنى ئىشتىن بوشاتقانلىقنى ئاشكارىلايمىز ھەتتاكى سېنى جۇڭگو پۇتبول جەمئىيتىىگە ئەنگە ئالدۇرىمىز،ئۈزۈڭنىڭ كەلگۈسىگە بولغان تەسىرىنى ئۆزۈڭ ياخشى بىلىسەن»دېدى.
مۇشۇنداق مەجبۇرى توختام ئۇسۇلى مېنى نەپرەتلەندۈردى،نەچچە ئاي ئىلگىرى مەن تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىپ ئەھۋالنى بىلدۈرۈشنى ئۈمىد قىلدىم ،بىراق نۇرغۇن كىشىلەر مېنى توسۇپ:«بولدى،يەنە ئازىراق چىدىغىن،كۇلۇب يەنىلا سەن بىلەن داۋاملىق توختاملىشىشنى ئويلايدۇ، ئۇلارنىڭ ئويلايدىغىنى سەن ئەركىن ھالدا كۇلۇب يۆتكەلسەڭ،كۇلۇب يۆتكىلىش ھەققىنى ئالالمايدۇ، سەنمۇ كېتىپ قالىسەن ،ئۇنىڭدىن باشقا يېشىل دۇنيادىن ئىبارەت بىر سەھنە بولمىغان بولسا بارىنىڭ بۈگۈنى بولمايتتى،شۇڭا سەن مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى بىلىشىڭ كېرەك»دېدى.
مەن ساقلىدىم، لېكىن كۇلۇب يەنىلا ئېغىز ئاچمىدى،يەنىلا ماڭا ئۈچنى توختىتىشنى يۈرگۈزدى،ھەتتاكى مېنى «كۈدە كۆرپىسىنى كۈتۈرۈپ قايتىش»نى ئېيتتى.ئامالسىزلىقتىن مەن ئۆزۈمنىڭ بەدەن ھالىتىمنى ساقلاپ قېلىشنى ئويلاپ ئۈرۈمچىگە قايتىم شۇ جاينىڭ يېنىك ئاتلىتكا كوماندىسىغا ئەگىشىپ جىسمانى كۈچۈمنى ساقلاپ قالدىم،ئاز بولمىغان كۇلۇبلارنىڭ مەن بىلەن توختاملىشىش مەقسىدىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ مەن بىلەن ئالاقىلاشقان،ئۇلارغا:«مۇشۇ ئەڭ ئاخىرىقى بىر ئاينى ئۆتكۈزىۋەتسەم تامامەن ئەركىن ئادەم بولغاندىن كېيىن ھەممە ئىشتىن خالاس بۇلالايمەن».

يېشىل شەھەر كۇلۇبىنى ئېيتقان مەن قۇشۇمچە خىراجەت يولىدا ماڭغانلىقىم ئىشىغا كەلسەك ،ئىلگىرى باشقا ھېچقانداق بىر تىجارەتچى مېنى تەكلىپ قىلمىغان، تۈنۆگۈن ئاخشام «ئەركىن ئادەم» بولغان مېنىڭ مائاشىمنى بەرمىگەچكە ئېلانغا چىقتىم،مەنمۇ ياشىشىم كېرەكتە.
ئەمەلىيەتتە تۈنۆگۈن ئورگان تەرەپنىڭ مېنى تىزىملىكتىن چىقىرىۋەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن،مەن بەك ھەيران قالمىدىم، چۈنكى مېنىڭ ئىدىيە جەھەتتىن تەييارلىقىم بارئىدى، 26-ئۆكتەبىر  بىزنىڭ قۇربان ھېيتىمىز،بىزنىڭ ناھايىتى مۇھىم بايرىمىمىز،ئەسلى ناھايىتى شادلىققا تولغان بىر كۈن،بىراق بىر قىسىم توردىكى ئاقما گەپلەر ۋە ھەرخىل تېلىفۇن زىيارىتى مېنى قىيناپ ئارام بەرمىدى.

نۇرغۇن كىشىلەر،بارى ئوقۇرىنى ئېگىز قىلىۋالىدۇ دەپ قارايدۇ، مەن ئويلايمەنكى مېنى چۈشىنىدىغان كىشىلەر مېنىڭ قانداق ئادەملىكىمنى ياخشى بىلىدۇ،مەن ئەزەلدىن ئۆزۈمنىڭ نام چىقىرىشىم ئۈچۈن ھەرقانداق بىر قىلمىشلارنى قىلغىنىم يوق.بەلكىم ئىلگىرى ئۆزۈمنى ئىپادىلەشكە ماھىر بولمىغاچقا ئاز بولمىغان چۈشەنمەسلىكلەرنى كەلتەرۈپ چىقارغان.
يېشىل شەھەر كۇلۇبىنىڭ تۈنۆگۈنكى ئارخىبتىن ئۆچۈرىۋېتىش باياناتىدا ۋاقتىنى 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى دەپ ئېيتقان،باۋ دېرىكتورنىڭ سىرىتقا قارىتا چۈشەندۈرىشىدە ئېيتىشىچە كۇلۇب تەرەپ 9-ئاينىڭ ئاخىرىدا بارىنى تىزىملىكتىن چىقىرىشنى قارار قىلغان،بىراق بۇنىڭدىن ئىلگىرى كۇلۇبنىڭ ئىشلىرى بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا تېخىمۇ كۆپ زېھنىنى كوماندىنىڭ دەرىجە ساقلاپ قېلىش ئىشىغا قويغانلىقتىن،تۈنۆگۈن ئاران ئېلان قىلغان.

ئەمەلىيەتتە ، بۇ قېتىملىق قوغلىۋېتىش ئېلانى بولمىغان بولسا،10 كۈندىن كېيىن مەن ئەركىن ئادەمگە ئايلىناتتىم،يېشىل شەھەر كۇلۇبىنىڭ بۇ قىلمىشى زادى مېنى نابۇت قىلماقچىمۇ ياكى مېنىڭ كەسپىمنىڭ ئستىقبالىنى نابۇت قىلىشمۇ بۇ ھەممە ئادەمنىڭ كۆڭلىگە ئايان.باۋ دېرىكتورنىڭ ئېيتقان يېشىل شەھەر كۇلۇبى بۇ قارارنى بىتەرەپ قىلىشنى جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيتىگە دوكىلات قىلدۇق، بىراق ئۇنىڭ باشقا كۇلۇبلارغا ئالمىشىغا تەسىر يەتكۈزۈلمەيدۇ،ئۇ تېخى ياش ،بىزمۇ بارىنىڭ بۇ قېتىملىق ساۋاقنى قۇبۇل قىلىپ،كەلگۈسىدىكى كەسپى ھاياتىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆتكۈزىشىنى ئۈمىد قىلىمىز،دېگەنتى.مەنمۇ باۋ دېرىكتور ئېيتقىنىدەك مېنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىمغا تەسىر يەتكۈزمەسلىكنى ئۈمىد قىلىمەن. بىراق باۋ دېرىكتور تېلىۋىزور زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا يەنە گەپلەرنى بىر قىسىم چۈشىنىكسىز گەپلەرنى قىلغان،ئۇ ،بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇنداق ۋەقەلەر سادىر بۇلۇپ باقمىغاچقا،«كەلگۈسىدە بارى مۇۋاپىقىيەتلىك ئەركىن بۇلالامدۇ يوق بۇنى بىزمۇ بىلمەيمىز»دېگەن.ئىش ھەققىمنىڭ قەرىز قالغىنىغا نىسبەتەن باۋ دېرىكتور مېنىڭ ئىلگىرى باشقا سەبداشلىرىمدىن پۇل ئارىيەت ئالغانلىقىمنى،ھەتتاكى بىر قىسىم ئايروپىلان خىراجىتى قاتارلىقلارغا ئىش ھەققىمدىن ۋە مۇكاپات پۇلۇمدىن تۇتىۋالغانلىقىنى ئېيتقان.باشقىلاردىن قەرز ئالغان ھۆجەتنى چىقىرىپ جامائەتكە ئاشكارلىيالامدۇ يوق ؟
مەن كەسپىي يۇلۇمنى يەنىلا داۋاملاشتۇرىمەن،بۇ قېتىملىق ئىشلار ماڭىمۇ چوڭقۇر ساۋاق بولدى،مېنىڭ نۇرغۇن يىتەرسىزلىكىمنى تۇنۇپ يەتتىم.مەيلى قانداقلا بولمىسۇن،يېشىل شەھەر كۇلۇبى بىلەن مېنىڭ تەقدىرىم زىچ باغلانغانىكەن،مەن يەنىلا يېشىل شەھەر كۇلۇبىدەك شۇنداق بىر سەھنىگە ،ماڭا كۆڭۈل بۆلگەن، ياردەم بەرگەن،مېنى قېزىپ چىقان ترېنېرىمغا مىنەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن،سىلەر بولمىغان بولساڭلار بەلكىم مەن ھازىرقىدەك ئوتتۇرا كۈچلۈك سەھنىگە كىرەلمەسلىكىم مۇمكىنتى، يېشىل شەھەر كۇلۇبىدىكى پۇتبول ھەۋەسكارلىرى سىلەرگە رەھمەت .خاڭجۇ مېنىڭ ئىككىنچى يۇرتۇم،سىلەرنىڭ خۇاڭلۇڭ تەنتەربىيە مەيدانىدىكى قىقاس چۇقانلىرىڭلار مەڭگۈ يادىمدىن چىقمايدۇ.ئەگەر باۋ دېرىكتور ۋە يېشىل شەھەر كۇلۇبىنىڭ ماڭا نىسبەتەن باشقىچە پىكىرى بولسا بىز ئىسپاتلىرىمىز ئارقىلىق جامائەتكە ئۇچۇق ئاشكارىلاپ تۇرۇپ دېيىشسەك بۇلىدۇ.


دەپ باياناتنامە ئېلان قىلغۇچى : بارى مەمەتئەلى

2012-يىل 10-ئاينىڭ 26-كۈنى



بارىنىڭ كوماندىدىن قوغلىنىش ۋەقەسىگە ئىچكىرىدىكى ھەرقايسى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى مەخسۇس خەۋەر بىرىپ بۇ نوقتىغا مۇھىم قارىدى،ئۇنداقتا بارىنىڭ قېرىنداشلىرى بولغاان  بىز بۇ ئىشقا قانداق پۇزىستىيەدە بۇلىمىز؟


مەنبە:http://news.alkuyi.com/show.php?mid=15790

بۇ تېما ئەلكۈيى تورىنىڭ روخسىتىسىز باشقا تور بېكەتلەرگە،تاراتقۇلارغا ئېلان

قىلىنىشقا بولمايدۇ

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   news تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-1 14:00  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
30917
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-10-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-6
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قارىۋاشلار تايىنلىق تارىختىن قېنىمىزغا سىڭگەن مەردانە غەيۇرلۇقنى ...خاراكتىرىمىزدىكى سالاپەت مەغرۇرلۇقنى ..مۇھىمى ئىشەنىچ ۋە تالانىت جەسۇرلۇقنى كۆزىگە تىقالمىغان گەپ...چىدىماي..بولدىلا گەپ قىلسام بارىدىنمۇ بەكرەك سۆزلەپ قالىدىغاندەك قىلىمەن.....لاتىۋاشلار...........

باھا سۆز

semerqent  قارىۋاش دەپسىز ، سىزمۇ غۇلجىلىق ئوخشىمامسىز ؟  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

تىرىشچان ئەزا

ئەقلىڭنى تاۋلا !

UID
8802
يازما
38
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
979
تىزىملاتقان
2011-1-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-1
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما ئىگىسى، كۆڭلىڭىزگە كەلمىسۇن، «خەۋەر» بولغاندىكىن ئەڭ يېڭىلىرىنى يوللىسىڭىز، يەنە كېلىپ ئەلاكۈيىدەك چوڭ بىر تور بىكەتنىڭ نامىدا يوللانغان خەۋەر بولغاندىكىن تېخىمۇ شۇنداق بولۇشى كېرەك.  ھەپتە ئىلگىرىكى ئىشلارغۇ بۇ. 30-چېسلادىكى خەۋەردە، بارى ئۆزىنىڭ «بايانات» ئېلان قىلغانلىقىنى ئىنكار قىپتۇ.
مەنبە:
巴力遭经纪人蒙骗后悔未续约 称从未发过声明
يەنە كېلىپ توردىكى خەۋەرلەرنىڭ ھەممىسىگە ئىشىنىپ كەتكىلى بولمايدۇ، بارى ئۆزى مۇنبەرگە كىرىپ بىر نىمە دىسە ئۇ باشقا گەپ.

بولسا، باشقا تورداشلارمۇ ئېچىشقان يەرنى تاتىلىماي، كۆيۈملۈك تەكلىپ-تەنقىد، ئىلھام-مەدەت ۋە تەسەللىي بەرسەڭلار. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا بارى مۇشۇنىڭغا بەكرەك موھتاج ئوخشايدۇ.

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-11-1 16:06):
«ئەلاكۈيىدەك» ئەمەس، «ئەلكۈيىدەك» دىمەكچى.

UID
30608
يازما
12
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
12
تىزىملاتقان
2012-4-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-22
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىنىڭ بۇ  باياناتنى يېزىپ بىزلەرگە ئۆزىنى نېمە ئۈچۈن كوماندىدىن ھەيدەلگەنلىك  تەپسىلىي ئۇچۇرىنى كەڭ تور ئەھلىگە سۇنۇپتۇ .بۇ زادى بارى دىگەندەك ئىشمۇ ؟ نېمە ئۈچۈن ئويدۇرما گەپ چىقرىپ بارى توغۇرلۇق پايدىسىز سۆزلەرنى قىلىپ،  ھەر قايسى تاراتقۇلارغا دېيىشنىڭ سەۋەبى زادى نېمىدۇ؟ باۋ دېرىكتور ۋە باشقىلار نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ ؟

UID
6643
يازما
70
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1661
تىزىملاتقان
2010-10-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-5
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىنىڭ بۇندىنكېيىنكى ئىشلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ كۇڭۇللىكىدەك بۇلۇپ كىتىشىگە تىلەكداشلىك بىلدۈرمىز.سىزگە مەدەت بىرمىز.سىزگە ئىشىنمىز.

كۆيۈمچان ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
11199
يازما
295
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
6655
تىزىملاتقان
2011-5-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-1
توردا
81 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارى ئەپەندىنى پۇتبولچىلىقىمىزنىڭ سەركىسى بىلەتتىم ، تۇلىمۇ ئەپسۇس.
قۇتادغۇبىلىگىدە سەركىلەرنىڭ   قابىل ياردەمچى، ھۇشيارلىق، ساقلىق، قىلىق‹خۇي-پىئىل› مۇشۇ تۆت نوختىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى تەكىتلەنگەن.قايسى بىر مۇسابىقىدىكى بارى تەپكەن چاخپىلەك ‹داۋگا› ھىلىمۇ ئىنىق يادىمدا بەك پەيزى توپ بولغان.يەنە شۇ خىش قۇيۇشنى دىسەم بولغىدەك،تۇپراققا سۇنى ئىلىشتۇرۇپ ئۆمەللىسەك لاي بۇلىدۇ.بارىنىڭ ھازىرغىچىلىك مۇساپىسىنى لاي بولدى دىيىشكە بۇلىدۇ. كاماندىدىن چىكىنىشىنى قىلىپقا سىلىپ چاسىلاپ تۇزەش دەيمىز.مەيۇسلەنمىسە تىخى ،ھاۋادا ئاپتاپتا قۇرتىلىدىغان گەپ،ئاندىن خۇمداندىكى ئوتتا ئالدىرماي پۇشۇرلىدۇ،،،،،،ئاندىن خۇدا بۇيرىسا ئۆلچەملىك خىش بۇلىدۇ.شۇتا ئىگىز، مۇساپە ئۇزۇن.

UID
2247
يازما
724
تېما
41
نادىر
0
جۇغلانما
24826
تىزىملاتقان
2010-5-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-1
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر شىركەتلېرى مەبلەغ سىلىپ ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقىغا تۆھپە قۇشسا ياخشى بۇلاتتى.

UID
6643
يازما
70
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1661
تىزىملاتقان
2010-10-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-5
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تادۇ يوللىغان ۋاقتى  2012-11-1 16:18
بارى ئەپەندىنى پۇتبولچىلىقىمىزنىڭ سەركىسى بىلەتتىم ،  ...

نادىر ئىنكاس بۇپتۇ.

UID
11145
يازما
43
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
1033
تىزىملاتقان
2011-5-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-1
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارى مەيلى نىمە دېسۇن،نىمە قىلسۇن ئۇنىڭغا بۇ قېتىملىق تەربىيە ئاچچىق ساۋاق بولىشى كىرەك.نام قازانغان ئادەملەردە بولىدىغان ئېغىر بېسىقلىقنى،ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا سۆزلەشنى شۇنداقلا ھىسيات بىلەن ئەمەس ئەقىل بىلەن ئىش قىلىشنى ، كىچىك بالىدەك قېلىقنى تاشلىشى كېرەك.توردا مۇنداق ئىنكاسلار باركەن بۇ يەرگە ئەكىلىپ قويدۇم.

30 مىڭنىڭ 80% تى ۋە باشقا تاراق تۇرۇق بولاپ ، يىللىق مائاشى مىليونغا يېقىن .
ھەرقايسى بىرلەشمىلەرنىڭ ۋە ھەرقايسى كۇلۇپلارنىڭ قائىدە نىزامنامىسى بار .
كۇلۇپقا قانداق كىرگەن بولسا شۇنداق چىقىپ كېتىدىغان قائىدە بار . يەنى توختام توشقۇزۇپ ئەركىن توپچى بولاپ چىقىپ كەتسىمۇ يەنىلا شۇ قانۇن ئاساس بويىچە .
يەنە بىرسى ھېچقانداق پۇتبولچىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ . ھەم شۇنداقلا مىكورو بىلوگ ۋە باشقا تاراق تۇرۇق شەكىللەر ئاقىلىق كۇلۇپ توغرىلۇق سۆزلەشكە بولمايدۇ . پەقەت سىيدىم ، چىشتىم دىگەندەك گەپلەرنى قىلسا بولىدۇ .
ھەرقانداق بىرلەشمىدە ، شۇ كۇلۇپنىڭ ئاخبارات ئىلان قىلىشقا بىكىتكەن ئادىمى بولىدۇ ، ئاندىن باشقىلارنىڭ ئاخبارات ئىلان قىلىشىغا بولمايدۇ .
ھاۋا رايى ناچار ، ساھىبخان مېھمان كىيىم رەڭگى ئامەت ئەكەلمىدى ، مەيدان چىمى ياخشى ئەمەسكەن دىگەندەك پاراڭ قىلسا بولىدۇ ، لىكىن ئۇندىن ئارتۇق پاراڭ قىلىشقا بولمايدۇ ، كاسىنودا ئۇتۇش ئۈچۈن تېرنىر ۋە كۇلۇپ خوجايىنى ئورۇنلاشتۇرغان بولسىمۇ ، شۇ ئىشلارنى ئاشكارلىۋەتسە بولمايدۇ ،
ئەنگىلىيە پۇتبول بىرلەشمىسىدىكى پۇتبولچىلارمۇ مىكرو بىلوگلاردا سىدىم چىشتىم دىن ئارتۇق پاراڭ قىلشى رۇخسەت قىلىنمايدۇ ۋە مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىن ى خالىغانچە قوبۇل قىلىشى رۇخسەت قىلىنمايدۇ ، بولمسىا شۇلارنىڭ مىكرو بىلوگىغا ،كۇلۇپ ۋە مەستانىلەر تور بېتىگە ۋە ياكى ھەرقانداق شەكىلدىكى تەنتەربىيە تور بېتىگە كىرىپ بېقىڭ .


ئەنگىلىيە پۇتبول بىرلەشمىسىدىمۇ مۇشۇنداق . بالاتولىدەك ئۆزەمنىڭ ئۆيىغۇ دەپ كۆيدۈرۋەتسىمۇ ئوخشاشلا جازاغا تارتىلىدۇ .
بىرلەشمە مۇسابىقە ئاياقلىشىپ كانىكولغا چىققان ۋاقىتتىلا باشقا يەرگە ساياھەتەكە بارسا بولىدۇ ، بىرلەشمە مۇسابىقە ۋاقتى ئاخىرلاشماي تۇرۇپ ، ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا مۇسابىقە يوق كۈنلىرى ئۇ بۇ شەھەرگە بارسا ، ئۆزەمنىڭ ئەرلىك ئىىتىيارى دەپ بەچچىخانا ياكى پاھىشخانىلارغا كىرسىمۇ ئوخشاشلا جازالىنىدۇ ، ئېغىر بولسا موما يەيدىغان ئورۇنغا ئاپىرىپ بېرىلىدۇ .
ھەرقانداق بىر بىرلەشمىنىڭ ۋە كۇلۇپنىڭ نىزامنامىسى بولىدۇ شۇ بويىچە ئىش كۆرۈش كىرەك .
ئۇ بالىنىڭ بىرلەشمە ئاياقلاشماي تۇرۇپ ئۈرۈمچىگە ، قارمايغا كىلىپ كىتىپ تۇرۇشىنىڭ ئۆزىلا ھەرقانداق  بىرلەشمىدە شۇ كۇلۇپ ۋە پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ نىزامنامىسىگە خىلاپ .
پەقەت ئۇيغۇرنىڭ دۆلەت قانۇنىنىمۇ ئاياق ئاستى قىلىۋېتەلەيدىغان دۆلەت قانۇنى بىلەن چاتىقى بولمايدىغان ھەممىدىن يۈكسەك مىللىي ھېسىياتىدا ھېچقانداق كەسپىي ئەخلاق ئەلەي بەلەي نىزامنامىگە خىلاپ ئەمەس .

باھا سۆز

maxal20  نادىر ئىنكاس  يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 03:36

UID
38102
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-11-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-2
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لىكىن ئۇ ئۆيگە قايتىدىغاندا تېرىنىردىن روخسەت سورىغان تۇرسا،،ئەجىبا بۇ روخسەت ھىساب ئەمەسما؟؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش