- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 4
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 4
- تىزىملاتقان
- 2012-11-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-12-2
- UID
- 48829
- يازما
- 4
- تېما
- 1
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 4
- تىزىملاتقان
- 2012-11-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-12-2
- توردا
- 0 سائەت
|
يىگىتلەر...
-ئوپال
ھايات مەۋسۇمى ياشلىقنىڭ بوسۇغىسىغا يىقىنلاشقانسىرى خىيال قۇشلىرىمنى باشقۇرالمايدىغان بولۇپ قالدىم. ئۇنىڭ چوقان سۈرەنلىرى قۇلاق- مىڭەمنى يەپلا كېتىدۇ. بۇنداق ۋاقىتلاردا نائىلاج خىيال قۇشۇمنى قويىۋېتىپ ئۇنىڭغا قىيمىغان ھالدا كەينىدىن ئۇچىمەن. بەزى ۋاقىتلاردا يەنە ئۇنىڭ بىلەن مۇڭدىشىپمۇ قويىمەن...
ھەي، ۋاقىت نىمىدىگەن تىز ئۆتكەن – ھە! بىردەمدىلا 19 ياشقا كىرىپ قاپتىمەن. بۇرۇتلىرىم خېلى قارىداپ قاپتۇ. مەن تۈنۈگۈنۈمنى ئەسلەيمەن. بۈگۈنۈمگە نەزەر سالىمەن. ئەتە مىنى ھەممىدىن بەكرەك ئويلايمەن. راسىتنى ئيتسام ئاسمان مۇشۇنچىلىك دەپ، قۇدۇق ئاغزىنى كۆرسىتىدىغان، قۇدۇق ئىچىدىكى پاقا ئىكەنمەن. «باغ ئىچىدىكى بۆرەك»تەك يېڭى بىخ سۈرگەن نوتا ئىكەنمەن. ئەتەمگە نەزەر تاشلىدىم. مەن ھەرگىزمۇ كىچىك ئەمەس. 19 نىڭ قارىسىنى ئالغان جەسۇر يىگىتمەن. ھازىر ئاتا- ئانام، ئۇستازلىرىمنىڭ ئالدىدا بىر نوتا بولسام، ئەتە- ئۆگۈن بىر ئائىلىگە تۈۋرۈك بولىمەن. بىراۋنىڭ ئۆمۈرلۈك ھەمراھى بولىمەن. دېمەك، زىممەمگە ئېغىر مەسئۇلىيەت يۈكلەنگەن. مىنىڭ ئۈستۈمدىكى يۈك ھەقىقەتەن يىنىك ئەمەس ئىكەن. مانا مۇشۇنداق خاسىيەتلىك دەقىقىلەردە ئۆزۈم ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك سوۋغا تەييارلاشنى، پىكىر چاچمىلىرىمنى ئەجداد مىھنىتى ۋە ئۈمىدى بىلەن يۇغۇرۇپ دىلغانەمگە ئىلىم نۇرى پۈركەشنى، بىر قىسىم گۈل ئۇرۇقى تەييارلاپ ئۇنى قەلىب ئىكىنزارلىقىمغا چېچىپ، سۇلىرى تۈگىمەس بۇلاقتىن قەلىب بوستانىمنى سوغۇرۇپ تۇرۇشنى نىيەت قىلدىم.
ھازىرقىدەك ئىسىمدە، مەھەللىدىكى بىر ياشانغان تۇغۇت ئانىسىدىن: «ئوغۇل بالا بەك ئاسان تۇغۇلىدۇ، چۈنكى ئوغۇل بالا جەسۇر، باتۇر، جۈرئەتلىك كىلىدۇ. شۇڭا بۇ دۇنياغا تىزلا كۆز ئاچىدۇ» دىگەننى ئاڭلىغان ئىدىم. شۇنىڭدىن كېيىن مەن ھەمىشە «ۋىجدانلىق، جۈرئەتلىك، باتۇر، ئەخلاقلىق، پەزىلەتلىك، ئىلىم- دىيانەتنى دىلغانەم سەرۋازلىرى ئىنتىلىدىغان نىشان قىلىپ، ئېتىقاد- ئىمانى بىلەن ھەممە تەرىپلىشىدىغان ئۇيغۇر يىگىتى بولۇپ پەخىرلىنىمەن ھەم مۇشۇ بۈيۈك ئارمىنىم ئۈچۈن كۈرەش قىلىمەن.» دەپ پىچىرلىغان ئىدىم.
يېقىندا مۇنداق بىر ۋەقەگە دۇچ كەلدىم.
مەكتەپتىن چۈشكە يىقىن قويۇپ بەردى. ئۆيۈم مەھەللىدىكى چوڭ مەسچىت يېنىدىلا بولغاچقا مەن دەل شۇ مەسچىتنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىپ باراتتىم. مەن بىلەن تەڭ دىمەتلىك بىر قانچە بالا مەكتەپتىن قايتقان قىزلارنى يول ئېغزىدىلا توسۇۋالغان ئىدى. بۇ ئىشقا يىگىتلىك ۋىجدانىم يول قويمىدى. ئۇلارغا كايىدىم:
- ھەي، سىلەرمۇ ئوغۇل بالىمۇ، نېمە دىگەن قىلىقسىزلىق- بۇ؟ مەسچىت ئالدىدا شۇنداق سەتچىلىكلەرنى قىلىشتىن نومۇس قىلمامسىلەر؟- ئۇلار دەسلەپ بىر نېمە دىمەكچى بولدىيۇ كېيىن ئەتراپقا تۇشمۇ- تۇشتىن كىشىلەرنىڭ يىغىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ گەپ قىلماي كېتىشتى.
كىيىن ئويلىنىپ قالدىم. سىنىپىمىزدىكى بەزى قىزلارنىڭ «ۋىجدانىنى چاشقان پېتىقلىۋەتكەن» دىگەن سۆزلىرىنى ئاڭلىغىنىمدا، ئۇنداقلار زادى قانداقتۇر؟ دەيتتىم. مانا ئەمدى بىلدىمكى ئۇنداقلار ئەنە شۇنداقلار ئىكەن.
پاكىزە قەلبىمدىن چاقنىغان ئۇچقۇنلار مانا ئەمدى يالقۇنغا ئايلىنىپ گۈلخان كەبى يىنىشقا باشلىدى. ئوقچۇپ چىققان ئەلەم ئارلاش بۇ ھىسسىياتىمنى زادىلا باشقۇرالمىدىم. «يىگىت، يىگىت!» دەپ سوقۇۋاتقان يۈرىكىم رېتىمسىز تەۋرىنەتتى.
قارايدىغان بولساق، كىلاسسىكلىرىمىزنىڭ ئۆز ئەسەرلىرىدە ئوغۇللارنى شۇنداق باتۇر، تەڭداشسىز تەسۋىرلىشى ھەرگىزمۇ ئوغۇللارنىڭ كۈچلۈكلىكىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاۋۋال ئەخلاق- پەزىلىتىدە، ئەل ئۈچۈن ئات چاپتۇرۇپ ياۋ كۆكسىگە خەنجەر كەبى سانجىلغانلىقىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ.
«ئاھ قىز...» دەپ، ۋىسال ئۈچۈن پەرھات كەبىي تاغلارنى تالقان، چۆللەرنى بوستان قىلغان. ئەنە شۇ ۋىسالغا يەتمەكنى بۈيۈك نىشان قىلىپ جان پىدا قىلغان يىگىتلىرىمىز، شۇ قىزلارنىڭ يۈرىكىگە ساپ «ھىجران» ئوتىنى سالغان ياش قىرانلىرىمىز نۇرغۇن، شۇ دەقىقىلەردە يۈرىكى قان قىزلار نېمە ئۈچۈن ئازابلىناتتى؟ ئەل- خەلق نېمە ئۈچۈن شۇ نۇسرەت ئىگىلىرىگە ھۆرمەت بىلەن قارايتتى؟ سەۋەبى شۇكى يىگىتلىرىمىزنىڭ باتۇرلۇقى بۇنىڭدىنمۇ بەك ساپ ئەقىدە ئۈچۈن كۈرەش قىلغان روھىيىتى ئەنە شۇ ھېسسىياتلارنى پەيدا قىلغان. دۇنياغا باشقىچىلا خۇشاللىق، ئۈمىد ئېلىپ كەلگەن.
چېھرىمدىكى غەلىبە نۇرلىرىدىن قوياش رەڭ ئالسا، كۈچلۈك ئىككى بىلەكلىرى بىلەنلا سالغان قورغانلىرىدىن دۈشمەنلىرى ھاڭ- تاڭ قالغان؛ قاقاقلىغان ساپ كۈلكىسىدىن چەشمىلەر زۇۋانىغا كەلسە، نۇرغۇن بايقۇشلار ھەسەت ئوتىدا پۇچىلانغان؛ كۆزلىرىدىكى ئۇچقۇندىن گۈزەللەر يۈرىكىدە سۆيگۈ ۋۇلقانى پارتلىسا، دىل قەسىرلىرى قاينام تاشقىنلىققا چۆمگەن؛ ئىللىق تەبەسسۇمى ئىشىق ئەھلىنىڭ يۈرىكىگە مەلھەم بولسا، غەزەب بىلەن قاراشلىرى دۈشمەنلىرىگە خەنجەر بولۇپ قادىلىپ، (قەلىبلەرنى سۆيگۈگە نائىل قىلغان نومۇس، پاكلىق، شەرىم- ھايا، ۋاپادارلىقنىڭ ئانىسى بولغان) قىزلار قەلبىدە ھۆرمەت ھىسسىياتىنى قوزغىغان؛ دەرھەقىقەتكى، يىگىت دىمەك- ساداقەت، پەزىلەت، باتۇرلۇق، جەسۇرلۇق دىمەك ئىدى.
ھەي!... ئەنە شۇ يىگىت ئۈچۈن ئۆرتەنگەن يۈرەكلەر ئەمدى ئەپسۇسلۇق، ئېچىنىش، نادامەت ئىچىدە ئاھ ئۇرۇپ «يىگىتلىرىمىز نەگە كەتتى!» دەپ خىتاپ قىلسا، بىز ئۆزىمىزنى نەگە قويمىز؟بېشىمىزنى قانداقمۇ كۆتۈرۈپ مەغرۇر يۈرەلەيمىز؟
بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقىنىمىزدا «ئوغۇل تۇغۇلسا جاھان كۈلىدۇ. قىز تۇغۇلسا كۈلۈڭ (كۈلىدۇ)» دىگەنلەرگە تۇنجى «ئېڭە» لىرىمىز بىلەن جاھاننى كۈلدۈرىدىغانلىقىمىزنى جاكارلاپ ئەقىدىلەرنى يۇمران قەلبىمىزگە تىرغان ئىكەنمىز، بۇنىڭدىن نۇرغۇن گۈزەل ئارزۇ- ئارمانلار بىخ سۈرگەندۇ!؟ ئەمدىلىكتە، ئەتراپىمىزدىكىلەرنىڭ يىگىتلەرگە بولغان قارشى، ئەيىنلەش، قاقشاشلىرى، ئۇلارغا تىكىلگەن ھەر خىل نەزەرلەردىن يۈرەك ئاغىدۇ.
ئەقىدىسىگە ساداقەت كۆرسىتىش، ئۇنىڭ ئۈچۈن ۋىجدانىنى ساقلاش يىگىتلكنڭ ئەقەللى جۇملسىدۇر. بەزى يىگىتلىرىمىز ئېغىزدىكى ۋىجدانىنى پەش قىلىپ، ئەمەلىيەتتە بولسا «ۋىجدانىنى چاشقان پېتىقلىۋەتكەن» دەكلا ئىش قىلىۋاتىدۇ. قاراپ تۇرۇپ روھىيەت ئالىمىنىڭ قايناق بازارلىرىدا نومۇس قىلماي «ۋىجدان تىلەمچىلىرى»گە ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ.
بولدى بەس! ئۇلار ئۆزى بىلەنلا بولدى قىلماي نۇرغۇن ۋىجدانلىق يىگىتلىرىمىز كەينىدىن ھەسەت قىلىپ، پىتنە- ئىغۋا تارقىتىپ، ئۇلارنىمۇ ۋىجدان كوچىسىدىن ھەيدەپ، ئۆزىگە ئوخشاش «تىلەمچى» كوچىسىغا ئىتتىرىۋاتىدۇ. بۇرۇن بىز ھەسەتنى پىتنە- ئىغۋانى قىز- جۇۋانلار ئارىسىدا ئىزلەيتتۇق. ئەمدىلىكتە بۇ ھۈنەرنى يىگىتلىرىمىز «جان باقار» كوچىلىرىغا ئەكىرۋاپتۇ. ئەھۋالىدىن قارىغاندا بۇ ھۈنەر خېلى پۇل بولۇپ قالغان چېغى ...
تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلايدىغان بولساق، بىز ئۇيغۇرلارنى، ئۇيغۇر يىگىتلىرىنى ‹سەنئەتنى سۆيىدىغان› دەپ يېزىپتۇ. ئەمدىلىكتە «ئۇ دىگەن تارىخ» دەپلا ئولتۇرىمىز. مۇقام، ئەلنەغمە دىسە باشلىرىمىز ئاغرىپ ئۆزىمىزنى كوچا ئۇسۇلىغا ئاتىمىز.
ھەي، قېرىندىشىم ھەر كۈنى ئاخشىمى «يۈز گىرام قېقىۋالدىم» دەپ كوچىلاردا تولغىنىپ «ئۇسۇل» ئوينىغىنىڭ يېتەر !ئەمدى ئۆزۈڭنى تۇتىۋال،ئەدەپكە قايت!
ئەسلى يىگىت دىگەن ئەل- ۋەتەننىڭ ئۈمىدى. ۋەتەن ئەنە شۇلار ئارقىلىق گۈللەپ- ياشنايدۇ. ئەمدىلىكتە قارايدىغان بولساق يىگىتلىرىمىزنىڭ ئاغزىدىن ئەل- ۋەتەن، مىللەت دىگەندەك پاساھەتلىك سۆزلەر تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ. ئەپسۇسكى، يۈرىكى «غەرىپچە ئەركىنلىك» نى ئىستەيدۇ. خىيالىدا ئەنە شۇلار ھۆكۈم سۈرىدۇ.
ئىقتىسادىمىز تەرەققى قىلىپ مۇشۇنداق بەختىيار كۈنلەرگە كەلگەندە «ھەممىنىڭ ئاكىسى پۇل» دەيدىغانلار كۆپەيدى. ئەلۋەتتە، پۇل بولمىسىمۇ بولمايدۇ. بىراق پۇلنى بۈيۈك ئېتقاتنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش نىمانچىلا ئەقىلسىزلىك؟!
غەرىبچە كىيىملەرنى قارا قويۇق كىيىپ ئۈستىۋىشىغا قارىماستىنلا قولىغا قەلەم ئېلىپ «قېنى بىزدىكى كىيىم- كىچەك مەدەنىيىتى؟» دەيدىغانلار؛ ئاشخانىغا كىرىپ توخۇ قورۇمىسىدىن نەچچە تەخسە بۇيرۇتۇپ، ئۇنى ئىسپىرىت بىلەن بىللە ھەزىم قىلىپ، ئاخىرىدا ئۆيىگە بېرىپ كەيىپچىلىكتە «قېنى بىزدىكى تائام مەدەنىيىتى؟» دەپ بىرنىمىلەرنى سۆزلەيدىغانلار؛ تاماكىسىنى توغرىسىغا چىشلىۋېلىپ «تاماكا چەكمەڭ، زىيانلىق» دەپ «ۋەز» ئېيتىدىغانلار؛ ئاخشاملىرى «رەڭلىك سورۇنلار»دا ئولتۇرۇش قىلىپ مىللەتنى تەۋرىتىدىغان «ئەسلى» ئىسىل قىزلارغا بىزەڭ چاقچاقلارنى قىلىپ، ئۆيىگە بارغاندا بولسا «قېنى قىزلىرىمىزدىكى نومۇس؟» دەپ داۋراڭ سالىدىغانلار تۇرمۇشىمىزدا ئاز ئۇچرايدۇ دەمسىلەر؟... بۇنىڭغىمۇ «بۇ دىگەن مودا» دەپ جاۋاب بېرىش كېرەكمۇ؟ نومۇس دىگەن نېمە؟ كىيىدىغان رەختمۇ، يەيدىغان يىمەكلىكمۇ- يە؟ بۇنى ئاڭقىرىشقا ئەقلى يەتمەيدىغان شۇ يىگىتلىرىمىزگە نېمە دىگۈلۈك. ئۆزىمىز يولدىن چىقىپ كەتسەك «ئاشۇ بۇزۇق مىنى ئازدۇردى» دەپ بىگۇناھ قىزلىرىمىزغا گۇناھنى دۆڭگەشلىرىمىز، بىزدىكى ئومۇمىي ئادەتكە ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. «چىرايلىقنىڭ دەردى كۆپ» دىگەن سۆزنى ئۆزىمىز تېپىپ، ئۆزىمىزنىڭ «چىرايلىق»نىڭ دەردىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا سەۋەب بولغانلىقىمىزنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتىمىز.
كىيىنچە بىر ئائىلىگە تۈۋرۈك بولدىغىان بۇ يىگىتلىرىمىزنىڭ «شاخلاپ» كىتىشى كىيىنكى ۋاقىتلاردا بۇ «شاخ»لارنىڭ چاتىلىدىغانلىقىدىن دىرەك بىرىدۇ. كۆپ شاخلىغان تىرەك ھېچنىمىگە يارىمايدۇ، ئەلۋەتتە.
مەن دىمەتلىك يىگىتلىرىمىزنىڭ قەلىب قەسىرلىرىگە ھەر خىل ھۇجۇملارنىڭ يىغىپ كىتىدىغانلىقى مۇقەررەر. دەل مۇشۇ پەيىتتە سىزنىڭ جەسۇرلۇقىڭىز، باتۇرلۇقىڭىز شۇ ھۇجۇملارنى چىكىندۈرۈشى كېرەك ئىدى. سىز تىخى ياشلىق پەسلىنىڭ بوسۇغىسىدا تۇرىۋاتىسىز. بۇ مەزگىلدە كەلگۈسىگە ئۇل سېلىپ ئىستىقبالىڭىزنى ئويلىشىڭىز، ئەنە شۇ قەلىب ئېتىزىڭىزنى پات- پاتلا سۇغۇرۇپ يېڭى بىخ سۈرگەن مايسىلىرىڭىزنى ياخشى پەرۋىش قىلىشىڭىز كېرەك ئىدى.
قېنى يىگىتلەر! پەرھاد كەبى تاغنى تالقان قىلىپ، ئىمان- ئېتىقادىڭلار بىلەن بۈيۈك نىشانىڭلار ئۈچۈن تىرىشىپ «چۆل»لىشىشكە يۈزلەنگەن قەلىب ئېتىزىڭلارغا ئىلىم بۇلىقىدىن قايتا سۇ باشلاپ، بوستانلىققا ئايلاندۇرۇڭلار! شۇندىلا ئەل- ۋەتەن، مىللەت روناق تاپىدۇ . بىر يىگىت ئۈچۈن بۇنىڭدىن ئارتۇق بەخىت بارمۇ؟....
2009 -يىلى يېزىلغان.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا news تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-1 17:00
|
|