يايرىم ھېيتلىق بەرگىنە
بويۇن قىستى ئاجىزەڭ مۇبارەكسز ئايەمدە،
سالامىڭنى،سۆزىڭنى ھېيتلىق قىلىپ بەرگىنە.
خويمۇ غېرىب بولدۇمغۇسەن يوق سوغۇق خانەمدە،
مۇھەببەتلىك كۆزىڭنى ھېيتلىق قىلىپ بەرگىنە.
ھېيتلىق دېسەم قولۇڭنى ئۇزاتمىغىن يانچۇققا،
شۇ قولۇڭنى تۇتماقنى ھېيتلىق قىلىپ بەرگىنە.
سېغىنىشنى باسالماي بانا قىلدىم ھېيتلىققا،
ۋىسالىڭغا يەتمەكنى ھېيتلىق قىلىپ بەرگىنە.
جانانىڭنى خوش قىلىپ ئۆمۈرلۈك يار بولۇشقا،
نىيەت قىلىپ كەلمەكنى ھېيتلىق قىلىپ بەرگىنە.
بارى ساڭا ئاتالغان يۈرۈكۈمنىڭ قېشىغا،
يۈرۈكۈڭنى قويماقنى ھېيتلىق قىلىپ بەرگىنە!
ئاينۇر مۇھەممەدتۇرسۇن چىن قەلىمىدىن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-30 23:38