- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 28
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1299
- تىزىملاتقان
- 2010-6-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-6-28
- UID
- 2869
- يازما
- 28
- تېما
- 7
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1299
- تىزىملاتقان
- 2010-6-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-6-28
- توردا
- 0 سائەت
|
ھۈرمەتلىك دوستلار، مەن ئۇزۇن يىللىق خىزمەت ئىشلەش جەريانىدا تىل-ئەدەبىيات ئۇقۇتقۇچىلىرىغا نىسبەتەن ماقال- تەمسىللىەرنىڭ مەنىسىنى ئەدەبىي ئۆلچەملىك تىلدا ئىزاھلاشنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى ھېس قىلغان ئىدىم.دەرس سۆزلىگەندە ماقال -تەمسىللەرنى مەنىسىنى چۈشۈنىپ ئىشلىتىمىزيۇ، ئۇنى ئىزاھلاشتا تىل بايلىقىمىز ئاجىز كېلىپ قىلىپ قېينىلىمىز.
مەندە شۇ تۇغرىسىد ماتىريال بار ئىدى. تىل-ئەدەبىيات ئۇقۇتقۇچىلىرىغا ئازراق بولسىمۇ ياردىمى تىگىپ قالار دىگەن مەقسەتتە بۇ تىمىنى يوللىدىم . << تاما-تاما كۆل بۇلار >> دىگەندەك، كۆپچىلىكمۇ بىلدىغانلىرىنى ئاياشماي خالىغانلارنىڭ ئىنكاس شەكلىدە يوللىشىنى قارشى ئالىمەن.
ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا،
رەڭگى روھىڭ سامان بولماس.
مەنىسى:ۋەتەندە تىنچ-ئىەتتىپاقلىق مۇھىتى بولغاندىلا كىشلەر شاد-خورام ،بەختلىك تۇرمۇش شارائىتىغا ئېرىشەلەيدۇ.
ئەل بار يەردە ئەر بار
مەنىسى: ئەل ئارسىدىن نى-نى ئالىجاناب، پەزىلەرلىك، قەيسەر، باتۇر ئادەملەر چىقىدۇ.
ئەل بىلەن ئۆلۈم بەجايىكى توي.
مەنىسى: ھەر ۋاقىت ھەممە ئىشتا ئاممىدىن ئايرىلماي ، جاپادىمۇ،راھەتتىمۇ جامائەت بىلەن بىللە بۇلۇش لازىم.
ئەلگە باققان خار بولماس.
مەنىسى: ھەر كىم يۇرتىنى خەلقىنى سۈيۈپ، بارلىقىنى خەلققە بېغىشلاپ، ئىتتىپاقلىقنى قۇغدىغاندىلا ئىززەت-ھۈرمەتكە ئېرىشىپ،قەدىر-قىممىتى بىلەن ياشايدۇ.
ئەل ئىچى ئالتۇن بۆشۈك.
مەنىسى:خەلقنىڭ ھىممىتى، مىھىر-شەپقىتى زور بايلىق، خەلق دوستقا،سەمىمى، ئاقكۈڭۈل ئادەمگە قوينىنى كەڭ ئىچىپ، ئىللىقلىق ئاتا قىلىدۇ، غەمخورلىقىنى ئايىمايدۇ.
ئەل رەھمىتى خۇدا رەھمىتى
مەنىسى: ھەرقاچان ، خەلقنىڭ جامائەتنىڭ ئارزۇ-ئۈمىدى، رازىلىقى بۇيىچە قىلىنغان ئىش ئاللانىڭ رازىلىقى، رەھمىتىگە سازاۋەر بۇلىدۇ.
ئەل سۆيمىگەن ئەر _____ مىۋىسىز دەرەخ.
مەنىسى: خەلقتىن يۈز ئۆرىگەن ، زىيان سالغان ئادەم ئىنسانى قەدىر-قىممىتىدىن مەھرۇم قىلىپ، خۇددى مىۋىسى يوق قۇرۇپ قالغان دەرەختەك ئاقىۋەتكە قالىدۇ.
ئەل قايان، سەن شۇيان.
مەنىسى: ھەرقانداق كىشى تۇرمۇشتىا جاپادىمۇ، راھەتتىمۇ ئامما بىلەن بىرگە بۇلۇپ ، ئاممىنىڭ رايى بۇيىچە ئىش قىلىپ ، ئاممىدىن ئايرىلماسلىق.
ئەل ھىممىتى دەريا
مەنىسى: خەلقنىڭ دوسھتقا ۋە ئاقكۈڭۈل ،سەمىمى كىشلەرگە نىسبەتەن قوينى كەڭ، مىھىر شەپقىتى چەكسىز،مەرھىمىتى، ياخشىلىقى، ياردىمى ھىساپسىز.
پادىشاھلىق ئەل بىلەن،
تۆمۈرچىلىك يەل بىلەن.
مەنىسى: ھەر قانداق باشلىق، رەھبەر ئاممىغا تايىنىش، ئاممىغا كۈيۈنۈش بىلەن قۇدرەت تاپىدۇ.ھۈنەرۋەن ھۈنىرىگە تايىنىپ نام چىقىرىدۇ.
تۇغۇلغان يەرنىڭ تېشى گۈھەر،سۈيى كەۋسەر.
مەنىسى:ھەركىمنىڭ قەدىر-قىممىتى ،ئىززەت ئابرۇيى تۇغۇلۇپ ئۈسكەن يۇرتىدا، ئۆز ۋەتىنىدە.
كىشىنىڭ يۇرتىدا سولتان بولغىچە،
ئۆز يۇرتۇڭدا ئولتان بول.
مەنىسى: ھەر كىم ئۈچۈن تۇغۇلۇپ ئۈسكەن يۇرت- ۋەتىنى ھەممىدن ئەزىز.
خەلقنى ئالدايمەن دىگىنىڭ ئۆزۈڭنى ئالدىغىنىڭ.
مەنىسى: تۇرمۇشتا ساختىپەزلىك قىلماي، سەمىمى ئاقكۈڭۈل بۇلۇش، سودا سىتىقتا ئادىل، گەپ-سۆزدە راستچىل بۇلۇش.
خەلق ياندۇرغان چىراغنى پۈۋلىگەننىڭ ساقىلى كۈيەر.
مەنىسى: خەلق رايىغا قارشى ئىش تۇتقانلارئاخىر ھالاكەتكە يۈز تۇتۇپ ئۆز بىشىنى يەيدۇ.
دەريادىكى بىلىقنىڭ باھاسى يوق.
مەنىسى: ھەر ئادەم ياكى نەرسىنىڭ قەدىر-قىممىتى ئۆزى ۋۇجۇدقا كەلگەن ۋە ياشىغان يۇرت-ماكانىدا ۋە ۋەتىنىدە ئىپادىلىنىدۇ.
دىلى ئۇچۇقنىڭ قۇلى ئۇچۇق،
ئەل سۆيگەننىڭ يۇلى (ئۇچۇق).
مەنىسى: كۈڭلى يۇمشاق ،رەھىمدىل ئادەم باشقىلاردىن ھىچنىمىسىنى ئايىمايدىغان، مەرت-سېخى بۇلىدىغانلىقى ،يۇرتىنى خەلقنى قەدىرلەيدىغان ئىسىل پەزىلەتلىك ئادەمنىڭ ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق يۈرىشىدىغانلىقى.
سەل تاش سانىساڭ،
خلق قۇم سانايدۇ.
مەنىسى: بىر ئادەمنىڭ ئەقىل -پاراسىتىگە قارىغاندا ئاممىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى كۆپ.
قۇلۇڭدىن كەلسە،
ئەلدىن ئايىما.
مەنىسى: ئادەم ھۈرمەت -ئابرويغا ئېرىشىش ئۈچۈن ھەرۋاقىت خەلق ئۈچۈن ئىشلەش، خلق مەنپەئەتىنى كۆزلەش، خەير-ساخاۋەتلىك ئىشلارنى قىلىش كېرەك.
ئۆزۈڭ ئۈچۈن كۈلەرسەن،
يۇرتۇڭ ئۈچۈن ئۆلەرسەن.
مەنىسى: ئادەم كۈڭۈل شادلىقى ۋە شان-شەرەپكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئەل يۇرتنىڭ ئىشلىرىغا ھەسسە قۇشۇش، بارلىقىنى بېغىشلاش كېرەك.
ئۆز ئېلىڭنىڭ نېنىنى يە،
كىچە-كۈندۈز غېمىنى يە.
مەنىسى: ھەر ئادەم ئۆز يۇرتىدا تېرىكچىلىك قىلىشنى ئەلا بىلىپ ،ئۇنىڭ ئوتىدا كۈيۈپ، سۈيىدە ئېقىشى لازىم.
داۋامى بار |
|