سۆزى ۋە مۇزىكىسىنى ئۆزەم ئىشلىگەن << سۆيمەس >> تېمىسىدىكى ناخشامنى ئەلكۈيى تورىدىكى دوسلارنىڭ قۇربان ھېيتىغا ئالدىن سوۋغا قىلاي ئاڭلاپ تەكلىپ پىكىر بىرىپ بېقىڭلار !
مۇزىكىسىنى چۈشۈرمەكچى تۈۋەندىكى ئادرىسنىڭ ئۈستىگە مائۇسنى ئەكىلىپ
ئوڭ كۈنۈپكىسىنى بېسىپ ئاندىن 目标另存为نى بېسىڭلار:
http://media.65933.com:5858/20120907/65933_com_201209071631506408.mp3
سۆيمەس
مامۇتجان ئابدۇرھىم سازلان
چوغدەك يېنىپ يۈرۈگۈم ساڭا،
قىلغان ئىدىم مۇھەببەت ئىزھار،
ئۈمۈتلىرىم بولدىغۇ خازان،
سۆيگۈم قۇبۇل ئەتمىدىڭ زىنھار.
سۆيمەس ، سۆيمەس ، سۆيمەس ، سۆيمەس
سىنى سۆيمەس ھېچكىم مەندەك ...
كۆڭلۈم ئىچىرە ئۆزۈڭ بىر تەنھا،
ياشاپ كەلدىڭ ئۇزاقتىن بىرى،
ھالىم خاراپ سەن بولمىغاچقا،
خىيالىمدىن بىر دەممۇ نېرى.
سۆيمەس ، سۆيمەس ، سۆيمەس ، سۆيمەس
سىنى سۆيمەس ھېچكىم مەندەك ...
ئىشىق دەردى ئەتتىغۇ خاراپ ،
قەلبىمدە سەن ئەي گۈزەل گۈليار ،
مەڭگۈ يېنىپ كۆيەتتىم ساڭا ،
بىلمەي قالدىڭ باقمىدىڭ بىر بار .
سۆيمەس ، سۆيمەس ، سۆيمەس ، سۆيمەس
سىنى سۆيمەس ھېچكىم مەندەك ...
|