- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 116
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 3807
- تىزىملاتقان
- 2010-5-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-16
- UID
- 1944
- يازما
- 116
- تېما
- 2
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 3807
- تىزىملاتقان
- 2010-5-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-16
- توردا
- 10 سائەت
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
ھەرەمدىن قايتىپ كەلگەندە، زەمزەم، خورما، شەيتان تېشى تەسۋى، جاينىماز ئالغاچ كېلىدىدىغان، ياكى ئائىلىسىدىكىلەر تەييار قىپ قويۇپ، ھاجى كەلگەندە، يوقلاپ كەلگەنلەرگە تارقىتىدىغان ئەھۋال ئۇزۇندىن بىرى مەۋجۇت.
بۇنىڭ شەرىئەتتە ئاساسى بارمۇ؟ دېگەندە، ئاساس دېگەن: قۇرئان كەرىم ، سەھىھ ھەدىستە رەسۇلۇللاھنىڭ ياكى ساھابىلەرنىڭ ھەجدىن قايتىپ كەلگەندە سوۋغا سالام ئالغاچ كەلگەنلىك خەۋىرى بولمىسا شەرىئەتتە ئاساس بار، دېگۈلى بولمايدۇ.
ئەمدى خورما ياكى زەمزەم ئالغاچ كېلىش مەسىلىسىگە قارىتا، بۇ ئىككى يېمەكلىكنىڭ خاسىيىتى سەھىھ ھەدىستە بار بولۇپ، بۇنى سوۋغات شەكىلدە ئالغاچ كېلىش ئىشىغا قارىتا داۋاملىق ئىزدىنىش ھالىتىدىمەن. شۇڭا، بۇ توغرىلىق چۈشەنچەمنى دېيەلمەيمەن.
ئەمما، شەيتان تېشى تەسۋىغا كەلسەك، بۇ بۇتپەرەسلەردىن مۇسۇلمانلارغا سىڭگەن بۇددا دىنىدىكى راھىبلارنىڭ دىنى بۇيۇمى. شۇڭا، ئۇنى ئىشلىتىش قەتئى خاتا. ھاجىنى يوقلىغىلى كەلگەنلەرگە سوۋغات قىلىش تېخىمۇ خاتا. تەسۋى بۇددا دىنىدىن تارقالغانىكەن، ئۇنى تارقىتىش بۇددا دىنى مەدەنىيىتىنى تارقىتىشقا ھەسسە قوشقانلىق. شۇڭا، ئۇنى مۇسۇلماننىڭ تارقىتىشى توغرا ئەمەس.
جاينىمازغا كەلسەك، رەسۇلۇللاھ نامازنى رەخت، بورا، تاش، تۇپراق،كىيىم قاتارلىقلار ئۈستىدە ئوقۇغان. مەخسۇس ھازىرقىدەك بىر رەختنى جاينىماز قىلىپ شۇنىڭدىلا ئوقۇمىغان. بۇنىڭغا ئاساسلىنىپ، شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيە: جاينىمازدا ناماز ئوقۇش بىدئەت، دەپ پەتىۋا بەرگەن(مەجمۇئۇل فەتىۋادىن). ھازىرقى يوللۇق، ھەررەڭدىكى جاينىمازدا ناماز ئوقۇش تېخىمۇ توغرا ئەمەس. رەسۇلۇللاھ بەلگىسى بار رەختتە ناماز ئوقۇپ بولۇپ، بۇ، مېنىڭ ناماز ئوقۇشۇمغا تەسىر كۆرسەتتى. بۇنى ئەبۇ جەھمىگە بېرىپ، ئۇنىڭ سىدام چاپىنىنى ئەكىلىپ بېرىڭلار، دېگەن(بۇخارى توپلىغان).بۇ ھەدىسكە قارىغاندا، ئۇيغۇر تۇرمۇشىدىكى يوللۇق، گۈللۈك، ھەررەڭدىكى مەسجىد سۈرەتلىرى بار جاينىمازدا ناماز ئوقۇش قەتئىي خاتا. شۇڭا، ئۇنى ھاجىنى يوقلاپ كەلگۈچىلەرگە سوۋغا قىلىش توغرا ئەمەس.
بۇ، مېنىڭ بۇ ھەقتىكى چۈشەنچەم. |
|