قىرىق ئەرگە تەگسىمۇ قىز پېتى تۇرىدىغان پەرىزات مەمتىمىن ئابلىز
(فېليەتون)
مۇشۇ زامان،مۇشۇ جاھاندا جەمەتى زىمىننى قاپلىغان، شەيتاندىن تەلىم ئېلىپ ئادىمىزاتنى ئۆزىگە ئەرمەك قىلىپ ئوينايدىغان، ئادەم ئۇنىڭغا تويمايدىغان بىر پەرىزات يۈرمەكتە. ئۇ مىھرىنىڭ ئىسسىقلىقى، چېھرىنىڭ ئىللىقلىقى، ئىشقىنىڭ يالقۇنلىقى ۋە كۆپكە قادىر قۇدرىتىنىڭ ھىمايىسىدە ماددى دۇنيادىن روھى دۇنياغا نازغىپ كىرىپ تەسىر دائىرسىنى چەكسىزلىككە سۈرمەكتە. ئۇ پەرىزات كۆيمەي كۆيدۈۈرۈپ، سۆيمەي سۆيدۈرۈپ، كۈندە كۈندە قىرىق ئەرگە تېگىپ قىرىقتىن تۇغۇپ، نەچچە قىرىق ئەرنى قەۋرىسىگە ئۇزىتىپ قويۇپ، يەنە لېۋەن قىز پېتى ئالدىدىكىلەرنى ئارماندا، كەينىدىكىلەرنى ھىجراندا ئۆرتەپ، بىلەكنىڭ ئۇچىدا ئويناپ، يۈرەكنىڭ ئۈستىدە ئۇخلاپ بىخىرامان كۈلمەكتە!. ئىش ھەركەتنى بويلاپ ، بازارلاردا تويلاپ، كەمبەغەلنى يوقلاپ، باينىڭ ئۈيىگە كۆنمەكتە!. ئەقىللىقنى قوللاپ، ھاماقاتنى گوللاپ، يول تاپقاننى ئۇخلاتماي، تەييارتاپنى ئويغاتماي، يوقسۇللارنى تەلمۈرتۈپ، ھۆپىگەرنى سەمرىتىپ، ھۇرۇنلاردىن كەچمەكتە!. سەھرالارغا كۆپ بارماي، بارسا ئۇزاق تۇرالماي، قول ئۇچۇنى دىھقانغا يازدا، كۈزدە سۆيدۈرۈپ، قالغان چاغدا ئوتىدا كاۋاپ قىلىپ كۆيدۈرۈپ، تۇتۇق بەرمەي بېلىقتەك دېڭىز تامان ئۈزمەكتە!. ئايلىقچىغا ئايدا بىر ۋىسالىنى جام قىلىپ، ئاي توشقىچە جام قۇرۇپ تاقىتىنى شام قىلىپ، ئۇزۇن تۇرماي ھوجرىدا، رېستۇرانغا كەتمەكتە!. ھۆددىگەرگە مەيدىسىنى، ھۆپىگەرگە دۈمبىسىنى، دېرىكتۇرغا بېلىنى، پارىخورغا لېۋىنى، تەمەخورغا قېشىنى، پايلاقچىغا چېچىنى، تىلەمچىگە پېشىنى تالاشتۇرۇپ كەلمەكتە. بەزىلەرنى گۆرىگە ، بەزىلەرنى تۈرمىگە... ھۆكۈم قىلىپ ياتقۇزۇپ، بەزىلەرنى قۇتقۇزۇپ، بەزىلەرنى قۇسقۇزۇپ، بەزى جايغا پاخالدەك، بەزى جايغا ساقالدەك كېلىپ قويۇپ جىم تۇرماي، ھىچكىشىگە ئۆمۈرلۈك بولماي مەردانە ھەم شاھانە دەۋران سۈرمەكتە! ئويلاپ بېقىڭ، ئۇ پەرىزات نەرسىمۇ يا ئىنسانمۇ؟ سىز ئۇنىڭغا قۇلمۇ ياكى سۇلتانمۇ؟ پەزىلەت ئۈچۈن پەرىزاتتىن كىچەلەمسىز ياكى پەرىزات ئۈچۈن پەزىلەتتىن كەچكەنمۇ ؟!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا news تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-21 17:55
|