جان قاخشايدۇ ھىجران چۆلىدە
ئەمەتجان زۇنۇن
غەزەللەر
1
كۆيۈپ - كۆيۈپ ئىشقىڭدا يار، ئۆچمەس گۈلخانغا ئايلاندىم،
ئەقىدەمنى قىلدىڭغۇ خار چەكسىز ھىجرانغا ئايلاندىم.
سۇنسام ئاپئاق يۈرىكىمنى كۆرسىـتىپ سەن كىبىرىڭنى،
تاۋلىنىپ مەن قىسمەتلەردە باتۇر مەردانغا ئايلاندىم.
ئەل قىلىشنى نىيەت قىپسەن، ساختا نازىڭدا ئالداپسەن،
يوللىرىڭنى بېسىپ ئۆتكەن ئۇلۇغ قىيانغا ئايلاندىم.
تاشنى تاياققا تاڭغاندەك قالدىم توپاندا قالغاندەك،
چىن ۋىسال ئۈچۈن ئاتلانغان ئاشىق كارۋانغا ئايلاندىم.
قۇرۇپسەن كۈندە مىڭ توزاق پەدىسىز كۈيلىرىڭ ياڭراق،
روھىمنى يورۇتقان نۇرغا سۈزۈك ئارمانغا ئايلاندىم.
2
جامالىڭنى ئەپقاچما يار ئۇزلۇقىڭدىن قالارسەن،
مەئىشەتنىڭ سېھرىگە ئالدىنارسەن قانارسەن.
چىن سۆيگۈنى چۈشەنمەي بېقىپ غىل - پال ئالۋۇنغا،
قۇرۇت يىگەن ئۆرۈكۈڭنى ئاپتاپ قاققا سالارسەن.
بىلىپ - بىلمەي كىرسەڭ ئەگەر بەڭباش كۆڭلۈڭ كەينىگە،
خۇشال يۈرگەن پاك، بىغۇبار كۈنلىرىڭنى سانارسەن.
زېرىكىسەن مال - دۇنيادىن ئايلانغاندەك بولۇپ قۇلغا،
سەن كۆزلىگەن زەر يوللاردىن ئارمانلاردىن تانارسەن.
يۈرىكىڭدىن تۆكۈلسە قان سوراقلىسا ھەم ۋىجدان،
تامچە سۇدەك يەر قوينىغا سىڭىش ئۈچۈن تامارسەن.
3
كېتىپ قالسام ئەزىز دوستلار پارلاپ ئارمانلىرىم قالسۇن،
ئىزلىرىمغا سىڭدۈرۈپ ئىز ئۇلۇغ كارۋانلىرىم قالسۇن.
كۆيۈپ كۈل بولغاننى بىلمەس ئىشقى قاتقان ئادەم ئەمەس،
ئۆزىنى پەرى چاغلىغان سەرۋى جانانلىرىم قالسۇن.
ھەق ئۈچۈن ياشاپ ئۆتتى دەر ئاق نىيەتلىك سەپداشلىرىم،
رەزىللىك باغرىغا ئوق بولۇپ مەردۇ - مەردانىلىرىم قالسۇن.
قەبرەمگە كەپتىرىم قونسۇن تىلىدىن قان تۆكۈپ سايراپ،
ھورۇن چاشقان ھەييار بولغان قازناقتا دانلىرىم قالسۇن.
شۇم ئەجەل سۆيسە ۋاقىتسىز ياخشىغا كۈن يوق دەيسىلەر،
رەقىبكە مىڭ ئۆلۈم كۈندە چەكسىز پىغانلىرىم قالسۇن.
بالام دەپ
ھەشەمەتلىك ساراي سالدىم بالام دەپ،
ھوسۇللۇق چەش - خامان ئالدىم بالام دەپ.
يوللىرىغا گۈللەر تېرىپ ھەر زامان،
نى قىسمەتلەر غەمدە قالدىم بالام دەپ.
ھەق - ۋىجداننى روھىغا يار قىلسۇن دەپ،
پاك نىيەتتە ئۈمىد -ئارمان چېچەكلەپ،
ھالال مېھنەت، ئەجىر بىرلە قۇت تىلەپ،
كېچە - كۈندۈز ھاردىم - تالدىم بالام دەپ.
بارلىقىمنى ئىقبالىغا ئاتىدىم،
ئەجداد ئىزى، پەزىلىنى سۆي دېدىم،
ياخشىلىقتىن ئەل - يۇرتقا تۇغ قادىدىم،
يۈرىكىمنى تار قىپ چالدىم بالام دەپ.
ئانا تىل
ئانا دەپ چىققان تىلىم ئانا جانىم ئانا تىل،
بارلىقىمسەن، بەختىمسەن، كۈچ - مادارىم ئانا تىل.
ھېكمىتىڭدىن يورىغان بۇ دىلىم تاڭ سەھەردەك،
ساپ ھاۋالىق، شىپالىق ناھارىمسەن ئانا تىل.
جۇتتا كۆيدۈم رىشتىڭدىن ئادەم بولدۇم مېھرىڭدىن،
جەننەت ھىدى خۇشپۇراق باھارىمسەن ئانا تىل.
ئەقىل تاپتىم سەن بىلەن ئىزلىرىمدا گۈل - چىمەن،
مەنزىللەردە تايانچىم مەدەتكارىم ئانا تىل.
تىنىقىم ئوت، جىسمىم ئوت خىسلىتىڭدىن ياردۇر قۇت،
ھەق سۆيگۈنىڭ يولىدا پىداكارىم ئانا تىل.
چاڭقىغاندا زەم - زەمسەن، قىبلىگاھىمدۇر ۋەتەن،
رەقىبىنى يەر چىشلەتكەن زۇلپىقارىم ئانا تىل.
ئۇلۇغلايمەن ھەر زامان قالغۇچە بىر تامچە قان،
ئەل قوينىدا پارلىغان ئارمانىمسەن ئانا تىل.
بىللىمەن
گۈل - چېچەككە پۈركەنگەن پەسلى باھاردا بىللىمەن،
يۈرەكلەرنى ئويغاتقان سۈزۈك ناھاردا بىللىمەن.
بارى - يوقنى تەڭ كۆرۈپ بىللە يىغلاپ بىللە كۈلۈپ،
زېمىستاندا مېھرىمدىن ئوتلار ياقاردا بىللىمەن.
سۆيگۈ ياشنار ۋاپادىن، نە قورققۇلۇق جاپادىن،
كۈمۈش تەرلەر ئاققۇزۇپ خامان ئالاردا بىللىمەن.
قۇرۇق زاغرا يېسەكمۇ، دىيانەتتە كۈلگەي تىلەكمۇ،
مەنزىللەردە مەردانە ئاتلار سالاردا بىللىمەن.
توي - مەشرەپلەر ئوينايمىز، سۆيگۈ پەيزىگە قانمايمىز،
چىن ۋىسالنى قەدىرلەپ سازلار چالاردا بىللىمەن.
تۇمۇچۇق
پەرۋازىڭدىن كۆيىدۇ ئاسمان،
ئۈنلىشىڭدىن سۈيۈنىدۇ جان.
ئويغىنىدۇ باياۋان چۆللەر،
كۈلۈپ باھار كۆكلەيدۇ ئارمان.
تۆكۈلىدۇ تىلىڭدىن كۈيلەر،
ئېچىلىدۇ ئىزىڭدىن گۈللەر.
چېقىلىدۇ رەڭدار قەپەسلەر،
بوغۇلىدۇ قاراڭغۇ تۈنلەر.
تىنىقىڭدىن كۈل بولىدۇ جۇت،
ئېچىلىدۇ سۈكۈتلەرگە سوت.
يوقۇلىدۇ غېرىب ئۇقۇمى،
پەيلىرىڭدىن چاقنايدۇ ئۇز قۇت.
يامان دەپسەن
پىراقىڭدا دەرتكە كۆنسەم يامان دەپسەن،
كۆڭۈل بېرىپ ساڭا كۆيسەم يامان دەپسەن.
ئارمانلىرىم چىچەك ئاچار سەن بىلەن دەپ،
يامانلاردىن قوغداپ يۈرسەم يامان دەپسەن.
سەنەم بىلىپ ئۆز-ئۆزۈڭنى كوچا-كويدا،
ئەقىدەمگە سالدىڭ كۈرمىڭ جەۋرى-جاپا،
تەڭقىسلىقنىڭ،ئاھانەتنىڭ جۇتلىرىدا ،
ھەق يولىدا قانلار تۆكسەم يامان دەپسەن.
جاندىن بۈيۈك ئەزىزلىسەم گۈل بويۇڭنى،
چىمەنلەرگە لىق تولدۇرسام بار يولۇڭنى،
گىدىيىپسەن تۇتقۇزمىدىڭ قوللۇرۇڭنى،
ۋاپا ئەيلەپ تەنھا كۈتسەم يامان دەپسەن.
غېرىبلىققا كۆندۈرمەكچى بوپسەن تېخى،
ۋىسال كۈتۈپ ئاتىۋەتسەم بارلىغىمنى،
ئېلىپ تامام ئىچ سىرىمنى ،كەچمىشىمنى،
بارلىغىمدىن كىچىپ سۆيسەم يامان دەپسەن.
كىملەر
كىملىكىمنى ئەسلىشەر كىملەر،
ئىزلىرىمدا ئەسنىشەر كىملەر.
كۈلۈشۈمنى كۈتكەنلەر پىنھان،
قۇت-بەختىمنى قەستلىشەر كىملەر.
ئېچىلغاندا قېنىم گۈل كەبى،
چېچىلغاندا روھىمنىڭ نۇرى،
ئارمانلىرىم قالسا كۈل پېتى،
ۋىسال ئۈچۈن ئەپلىشەر كىملەر.
ئۇچۇپ كەتسەم پەيلىرىم قاناپ،
ئۈمىدلىرىم بولغاندا قانات،
مەنزىلىمنى رەڭلەردە بوياپ،
سەپلىرىمنى سەپلىشەر كىملەر.
تاراپ كەتسەم زىمىنغا نۇردەك،
چۆلدە ئاقسام تامامى سەلدەك،
سىڭسەم يەرگە ئەسلى ئۆزەمدەك،
ھەق قاتارى خەپلىشەر كىملەر.
مەنبە: قەلەم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا news تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-21 18:21