ئەلكۈيى مىكرو بلوگى
بۈگۈنكى خەۋەرلەر
كۆيۈمچان ئەزا
يۈر مۇھەببەت كەتتۇق بۇ يەردىن «مۇھەممەد يۈسۈفنىڭ شۇ ناملىق شېئىرىنى ئوقۇغاندىن كىيىن...» ئابلىپىز ئىدىرىس كۆز قىسىدۇ يۇلتۇزلار چىم-چىم، يۈر مۇھەببەت، كەتتۇق بۇ يەردىن. ياش ئاقىدۇ كۆزلەردىن تىم-تىم، يۈر مۇھەببەت، كەتتۇق بۇ يەردىن. چاچماس بوپتۇ گۈلمۇ خۇشپۇراق، مېھىرسىزمۇ بۇ دۇنيا شۇنداق، كىمنىڭ كۆزى ياشلانغان بۇنداق؟ يۈر مۇھەببەت، كەتتۇق بۇ يەردىن. ئاھ، بىز كەتسەك يۇلتۇزلار قالار، جۈپ بولغانلار، يالغۇزلار قالار، شۇ خۇشپۇراق يالپۇزلار قالار، يۈر مۇھەببەت، كەتتۇق بۇ يەردىن. قىيىن ئەمەس جانان ساقلىماق، قىيىن پەقەت ئەھدىن ئاقلىماق، نە بوپتۇ بىر قىزغا ياقمىساق؟! يۈر مۇھەببەت، كەتتۇق بۇ يەردىن. 2012-يىلى9-ئاينىڭ8-كۈنى مەنبە: ئىجادىيەت
جابدۇق ئىشلىتىش پاش قىلىش
ئۈمىدلىك ئەزا
يېڭى يۇلتۇز
تىرىشچان ئەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ
|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش
رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )