كۆرۈش: 55181|ئىنكاس: 37

يازغۇچى مويەننىڭ خۇشاللىقى ۋە قورقۇنچى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
7483
يازما
60
تېما
10
نادىر
1
جۇغلانما
695
تىزىملاتقان
2010-11-25
ئاخىرقى قېتىم
2014-2-2
توردا
36 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-13 02:38:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مويەننىڭ خۇشاللىقى ۋە قورقۇنچى
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، مويەن  بۇ يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلاپ، قاتتىق خۇشال بولغان ھەم قورققان.  خۇشاللىقىنى چۈشەنمەك ئاسان، چۈنكى ئۇ 30 يىللىق ئىجادىيەت ھاياتىنىڭ ھاردۇقىنى چىقاردى، مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ ئەسەر يازىدىغان ھۇجرىسىدىن چىقىپ، مېديا ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق خەلققە گەپ قىلىدىغان كاتتا شەخسكە، جۇڭگولۇقلارنىڭ جاھان بازارىدا ئۆزىنى كۆرسىتەلەيدىغان كۇزۇرىغا ئايلاندى.  ھازىرقى ۋاراڭ-چۇرۇڭدىن قارىغاندا، ماختاش سادالىرى ئاساسىي ئېقىمدا.  ئىش مۇشۇنداق كېتىۋەرسە مويەننىڭ خۇشاللىقىمۇ ئۇزاق داۋاملىشىدۇ.  ئەمدى قورقۇشىغا كەلسەك، بۇنى چۈشەنمەك ئۇنچە ئاسان ئەمەس.  ئۇ بۇ مۇكاپاتقا نامزاتىدا بىرىنچى رەتكە تىزىلىپ قىززىق نۇقتىغا ئايلانغاندا "سۇمرۇغ" تېلىۋىزىيىسىنىڭ مۇخبىرىغا بەرگەن جاۋابىدا، ئادەتتە ئۆزىنى يارىماس دەپ ناھايىتى كەمسىتىدىغانلىقىنى، بېيجىڭغا بېرىپ قالسىمۇ تاكسى شوپۇرلىرىغا تاماكا سۇنۇپ ئاندىن پاراڭلىشىدىغانلىقىنى، بەك ماختىلىپ كەتسە باشقىلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ قويۇشىدىغان ئەنسىرەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ ئادەتتىكى تۇرمۇشتا ئۆزىنى بىچارە كۆرگەچكە، يېزىقچىلىق ئارقىلىقلا كۈچلۈك بولۇشقا ئىنتىلىدىكەن. رىئاللىقتا يوق ئالاھىدىلىكىنى ئەسەردىكى پىرسۇناژلىرىغا يۈكلەپ، شۇلار ئارقىلىق ئۆز كۆڭلىدىكى ھاياتنىڭ كارتىنىسىنى سىزىدىكەن. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى:  نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ھەقىقەتەن دۇنيادىكى ئەڭ كاتتا ئەدەبىيات مۇكاپاتى، لېكىن تولىستوي، كافكا قاتارلىق ئۇلۇغ يازغۇچىلارمۇ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىگەن.  مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەرنىڭ ئەسەرلىرىدىمۇ ئادەم قايىل بولمايدىغانلىرى بار.  شۇڭا بىز خۇددى مۇشۇ مۇكاپات ئۈچۈنلا ئەسەر يازىمىز دەپ ئويلاپ، جىددىيچىلىك پەيدا قىلساق بولمايدۇ.  مەن ئىلگىرى بۇ مۇكاپات ھەققىدە گەپ قىلىشتىن ئۆزەمنى قاچۇرۇپلا كەلدىم، چۈنكى، ئەگەر مەن بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىمەن دېسەم، جۇڭگولۇق يازغۇچىلارنىڭ بۇ ئارزۇسى، بۇ سەۋدالىقى تۈگىمەيدۇ، دېيىشىدۇ؛ ئەگەر ئارزۇ قىلمايمەن دېسەم،  يالغان گەپ قىلىۋاتىدۇ، ئۆزىنى يوشۇرۇۋاتىدۇ، يېيەلمىگەن ئۈزۈم ئاچچىق... دېيىشىدۇ. شۇڭا مەن، بۇ مۇكاپاتقا كۆڭۈل بۆلىمەن، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەرنى ئوقۇيمەن، ئۆگىنىمەن... دەپلا گەپنى تۈگىتىمەن.
مويەن بۇ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن، ۋاڭ مېڭ، يۈخۇا، سۇتوڭ، ئالەي، مەيجيا قاتارلىق يازغۇچىلار، جو گوپىڭ، جى لىيەنخەي قاتارلىق ئوبزۇرچىلار تۇشمۇ تۇشتىن پىكىر بايان قىلىشتى.  ۋاڭ مېڭ: مويەننىڭ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىشى جۇڭگو ئەدەبىياتىنىڭ دۇنيانىڭ دىققىتىگە سازاۋەر بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، دېسە. ئالەي: نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى زىيادە ئۇلۇغلاپ كېتىشكە بولمايدۇ، يەرلىك ئەدەبىيات ئىلھاملاندۇرۇشقا مۇھتاج، دەپتۇ. يۈخۇا بىلەن سوتۇڭ مىكرو بلوگىدا قىسقا گەپلەر بىلەن خۇشاللىقىنى ئىپادىلەپتۇ. ئەمما گەپ باشقا، ئىش باشقا.  خەنزۇ  مىللىتىنىڭ خاراكتېرى، بۇ مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ ئىستىلى، خۇي پەيلىنى ئوبدان بىلىدىغان مويەن شۇنچە ماختاشلارغا قارىماي، بۇ ماختاشلارنىڭ كەينىدىكى ھەسەت، غەيۋەت، تۆھمەتلەرنىمۇ ئاللىبۇرۇن پەملەپ، مىكرو بلوگىدا "مېنى كۆتۈرگەنلەرنىمۇ، تەنقىدلىگەنلەرگىمۇ رەھمەت" دېگەن گېپىنى ئۈزۈلدۈرمەي تەكرارلىدى. دەرۋەقە، بىرسى تېڭشۈن بلوگىدا مويەننى " نوبېل مۇكاپاتىنى باھالاش ھەيئىتىدىكىلەرگە ياخشىچاق بولغان، ئارقا ئىشىكتىن ماڭغان" دەپ سېسىتىشقىمۇ ئۈلگۈردى.  شائىر ئابلەت ئابدۇللانىڭ "چىدىساڭ ياشا" دېگەن شېئىرىدا، "شۆھرەتكە دائىما ھەسەت چاپلىشار" دېگەن مىسرالار بولىدىغان، مويەننىڭ ھازىرقى ھالىغا دەل چۈشىدۇ.
مويەن قانداق يازغۇچى؟ بىزنىڭ زۇنۇن قادىرغا، زوردۇن سابىرغا، ئەختەم ئۆمەرگە ئوخشاش قاتتىق چېنىققان، ئېتىز-قىرلاردىن ئىلھام ئالغان  يازغۇچى.  ئاكىسىنىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە، ئۇ كىچىكىدە ئالىقاپ، ئويۇنپەز بالا بولۇپ، نېمە يېڭى نەرسە ئۇچرىسا تۇتۇپ سىلاپ باقىدىكەن.  قىشتا قاغا ئاتىدىغانلارنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇ قاغىنىڭ ئىسمى نېمە، بۇ قاغىنىڭ ئىسمىچۇ دەپ سورايدىكەن. كەپسىز بولغان بىلەن كىتاب دېسە جېنىنى بېرىدىكەنتۇق ، ئۆيىدە ئوقۇيدىغان كىتاب قالمىغاندا خەقنىڭ ئۆيىدىكى كىتابلارنى ئارىيەت ئېلىش ئۈچۈن كىتاب ئىگىسىنىڭ بەدىنىنى بىر كۈن ئۇۋىلاپ قويىدىكەنتۇق. ئۇ يەنە باشلانغۇچتا "شىنخۇا لۇغىتى"نى پۈتۈنلەي يادلاپ بولغان بولۇپ، ئوڭدىنمۇ، تەتۈردىنمۇ يادلاپ، قايسى خەتنىڭ قايسى بەتتە ئىكەنلىكىنىمۇ دەپ بېرەلەيدىكەنتۇق.  5 - سىنىپنى پۈتتۈرگەندە  مەدەنىيەت زور ئىنىقىلابى باشلىنىپ كېتىپ، 11يېشىدىن 17 يېشىغىچە دېھقان بوپتىكەن، پادا بېقىپتىكەن. ئەسكەر بولغىچە ئارىلىقتا شەندۇڭنىڭ گاۋمىي ناھىيە بازىرىدا مەدىكارچىلىق قىلىپتىكەن.  دېمەك،كىچىك تۇرۇپلا ئېتىزلىق، خامانلىق، لاي كارىزدىن چىقالمىغان، يىللاپ-يىللاپ قارنى تۈزۈك تويۇپ باقمىغان، كىتابتىن، خىيالدىن ئۈمىد ئىزدىگەن، ئەسكەرلىك ئارقىلىق چىقىش يولى تاپقان بىر دېھقاننىڭ، پادىچىنىڭ، ئىشلەمچىنىڭ ئەدەبىياتنى شوتا قىلىپ ئۆزىنى جاھانغا تونۇتالىشى، ئەدەبىي تەخەللۇسى(سۈكۈت، مۆرىمەس)نىڭ ئەكسىچە، يۈرەك ساداسىنى، روھىي تىۋىشلىرىنى باشقىلارغا ئاڭلىتالىشى ھەر كىمنى قايىل قىلىدىغان تەسىرلىك ھېكايىدۇر.
شەك-شۈبھىسىزكى، مويەن تالانتلىق، تىرىشچان يازغۇچى؛ زىيادە تەسىرچانلىقى، خىيالچانلىقى، كەمسىنىشلىرى، ئاچلىقتىن، زوراۋانلىقتىن، كەمسىتىلىتشتىن قورقۇشلىرى ماھىيەتتە ئۇنىڭدا بىر خىل خاراكتېر، ئۆزگىچە تالانت شەكىللەندۈرگەن. تالانتنىڭ مەيدانغا چىقىشى ئۈچۈن روھىيەتتىن بىر چىقىش يولى، سىرتتىن بىر ئىمكانىيەت، خۇشاللىق ۋە خاپىلىقىنى ئىچىدە ساقلىسا ئۆلۈپ بېرىدىغاندەك بىر خىل تەقەززالىق كېرەك، بۇنى ھېچكىمگە ئېيتقىلى بولمايدۇ، ئەمما ھېكايە، روماندا ئىپادىلىگىلى بولىدۇ.  ئۇنىڭ ئويۇنقېپىلىقى، سەتلىكىدىن ئۆزىنى كەمسىتىشى، غايىۋى مۇھەببىتىنى باشقىسىنىڭ خوتۇن قىلىپ كېتىشىدىن ئازابلىنىشى، ئەمما ئىچىدىن قايىل بولماسلىقى، دەرتمەنلىكتە جاندىن تويسىمۇ كىتابتىن ئايرىلالمىغانلىقى، مەھەللىسىگە باغلانغان رىشتى، ئەتراپىدىكى غەيرى، نورمال ئادەملەردىن تۇغۇلغان مۇرەككەپ ھېسسىياتى، ئەدەبىيات ئارقىلىق ئىچىدىكى بۇرۇقتۇرمىلىقتىن ئازاد بولۇش ئىشەنچى... مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى يېزىقچىلىق ئۈستىلىگە بەنت قىلغان ماھىيەتلىك سەۋەبلەر بولۇشى مۇمكىن.  ئىمكانىيەت ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىرى بولسا ئۇنىڭ ئەسكەر بولۇپ، كۇتۇبخانىدا ئىشلەپ، ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇپ، ماگېستىرلىقنى پۈتتۈرگەندىن كېيىنكى گەپلەردۇر.
نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى باھالاش ھەيئىتىدىكلەر مويەنگە « خەلق چۆچەكلىرىنى سېھرىي رىئالىزم ئارقىلىق تارىخ بىلەن زامانىۋى تۇرمۇشقا بىرلەشتۈرگەن» لىكى ئۈچۈن بۇ مۇكاپاتنى بېرىپتۇ، ئويلىدىمكى، ئۇ  ئۆزىدىكى كەمسىنىش، چەتكە قېقىلىش، ئاچ قېلىشتىن قورقۇش ھېسسىياتىنى ئەدەبىياتتىن ئالىدىغان ئۈمىد، خۇشاللىق، گۈزەللىك بىلەن ياخشى بىرلەشتۈرگەنلىكى، روھىدىكى غەليان بىلەن كۆڭلىدىكى ئىزتىراپنى، تارىخىي زۇلمەت بىلەن زامانىۋى كۈلپەتلەرنى  كۈتۈلمىگەن ۋەقەلىك، قارا يومۇر بىلەن ئىپادىلىيەلىگەنلىكى،  بايان، تەسۋىر، تىل ماھارەتلىرىدە پىشىپ يېتىلگەنلىكى ئۈچۈن  بۇ مۇكاپاتنى ئالدى. سېھرىي رىئالىزم ئېھتىمال  ئۇنىڭ مەھەللىسىدىن، ئۆتمۈشىدىن، قاپقارا ياكى كۈلرەڭ  ئەسلىمىلىرىدىن كەلگەن. رىئاللىقنى ئۆزگەرتەلمىگەن مويەن ئەسەردىكى مۇھىت ۋە كەيپىياتنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق رىئاللىقتىكى ئادەملەرگە تەسىر كۆرسىتىشنى ئويلىغان بولسا كېرەك.
پېقىر مويەننىڭ خاراكتېرى، ئۇسلۇبىغا 1997-يىلدىن باشلاپ قىزىققان، بۇ قىزىقىش "تولغان ئەمچەك، سېمىز ساغرا" دېگەن روماننىڭ ماۋزۇسىدىن باشلانغان. ئەدەبىيات-سەنئەت شۇنداق سەزگۈر نەرسىكى، ناخشىچىنىڭ "ھا" قىلىپ باشلىغان ناخشىسىدىنلا ئۇنىڭ ۋايىغا يەتكۈزەلەيدىغان، يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى بىلگىلى بولغاندەك،  بەزىدە بىر ئەسەرنىڭ ماۋزسى، بېشىدىكى بىر جۈملە گەپتىنلا ئاپتورنىڭ تالانتى ۋە دىتىنى بايقىۋالغىلى بولىدۇ.  ئۇنىڭ شەخسىي بلوگىدىكى ماقالىلىرى، چەت ئەلدە سۆزلىگەن نۇتۇقلىرىمۇ ناھايىتى سەۋىيىلىك، يومۇرلۇق ھەم يېقىملىق.  ماقالىلىرىدىن تارتىپ، سۆزلىرىگىچە ئۇنىڭ  دېھقانلار، ئىشلەمچىلەرگە خاس ساددىلىق ۋە كەمسىنىشلىرىنىڭ سايىدەك ئەگىشىپ يۈرگەنلىكىنى، ئۆزىنى مەسخىرە قىلىشتىن ھۇزۇرلىنىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، شۆھرەتكە ئېرىشىپ كەتسە باشقىلارنىڭ رەنجىپ قېلىشىدىغان قورقىدىغان بۇ يازغۇچى ئەمدى قەددىنى تىك تۇتۇپ ياشىيالامدۇ ياكى  100 ماختاش ئىچىدىن بىر تەنقىدنى ئاڭلاپ قالسا ئازابلىنىپ، ئۆز مىللىتىدىن قاقشاپ يۈرەمدۇ، ئۇققىلى بولمايدۇ.

UID
35714
يازما
33
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
34
تىزىملاتقان
2012-4-19
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-25
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-13 16:21:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  نېمىلا بولمىسۇن، بۇ كاتتا مۇكاپات ساھىبىنىڭ مۇيەن بولۇشى دۇنيا ئەھلىنىڭ ئالتىدىن بىرىنى ئىگىلەيدىغانلار ئۈچۈن بۇ جەھەتتىكى تىل قىسىنچىلىقىنى بولسىمۇ تۈگەتتى.....

باھا سۆز

yarkn  نوبىل مۇكاپاتى بەمىدى .نامزاتلىققا كۆرسەتكەن .خالاس .  يوللىغان ۋاقتى 2012-10-17 10:57:38
nazi  قىلمىغان.تۈرمىدىكى ھېلىقى بىرسگە نوبىل تېنىچلىق مۇكاپاتىنى بەرمىدىمۇ؟؟؟  يوللىغان ۋاقتى 2012-10-15 16:13:47
nazi  تىل قىسىنچىلىقى ئالدىنىقى يىلىلا تۈگىگەن ،لېكىن جۇڭگۇلىقلار ئېتىراپ  يوللىغان ۋاقتى 2012-10-15 16:12:56

UID
46473
يازما
35
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
35
تىزىملاتقان
2012-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2015-1-25
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-13 18:55:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇڭگۇلۇق يازغۇچى مويەننىڭ نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكىنىنى خەۋەردىن كۆرگەندىن بېرى ئۇ توغرىسىدا نۇرغۇنلىغان ھەرخىل قاراشلارنى ئاڭلىغان ئىدىم ، ئەرتۈرك ئەپەندىنىڭ بۇ ماقالىسىدىكى ‹‹مويەن قانداق يازغۇچى؟ بىزنىڭ زۇنۇن قادىرغا، زوردۇن سابىرغا، ئەختەم ئۆمەرگە ئوخشاش قاتتىق چېنىققان، ئېتىز-قىرلاردىن ئىلھام ئالغان  يازغۇچى. ›› دىگەن قۇرلىرىنى ئوقۇغاندىن كىيىن ئۇ توغرىسىدا كۆرگەن بەزى قارشى پىكىرلەرنىڭ پەقەت ئۇنى كۆرەلمەيدىغان بىرقىسىم كىشلەر تەرىپىدىن ئويدۇرۇلغاندەك ھىس قىلدىم. ماقالىنى ئوقۇپ ئۇنىڭ ئەسەرلىرىگە بولغان قىزغىنلىقىم كۆتۈرۈلدى ، ئەمما توردىن ئۇنىڭ بىرەر تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلىرىنى ئىزدەپ تاپالمىدىم.
خۇددى ئۈستىدىكى قەۋەتتىكى دوستىمىز ئېيىتقىنىدەك بۇ جۇگگۇلۇقلارغا نىسبتەن خېلىلا چوڭ ئىش. ئۇيغۇرلىرىمىزدىنمۇ شۇنداق مۇكاپاتلارغا مۇيەسسەر بولغۇدەك يازغۇچى چىقارمۇ؟..

باھا سۆز

semerqent  چىقىدۇ ، ئالتۇن بېشىم ئامان بولسىلا ، ئىنشائاللاھ ، مەن ئېرىشىمەن . ھى -ھى ..  يوللىغان ۋاقتى 2012-11-9 01:05:52

UID
37030
يازما
75
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
75
تىزىملاتقان
2012-4-30
ئاخىرقى قېتىم
2015-2-16
توردا
32 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-13 19:42:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىملا بولمىسۇن مويەننىڭ بۇ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى تەبرىكلىمەي تۇرالمايمىز ، ماڭا مويەننىڭ‹تىرىشچان لىقى،  زىيادە تەسىرچانلىقى، خىيالچانلىقى،   شۇنچە جاپا تارتسىمۇ كىتاب ئوقۇشتىن توختاپ قالمىغانلىق › ئالىجاناپ ئېسىل پەزىلىتى ھەممىدىن بەك تەسىر قىلدى .
مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئاچقۇچى تىرىشچان بولۇش، چىداملىق بولۇش، تاكى نەتىجە ئۇتۇق قازانغانغا قەدەر.
ھەرقانداق غەلبە چوقۇم ئۆزگىگە بولغان قەتئىي ئىشەنچ ئارقىلىق كېلىدۇ.

باھا سۆز

semerqent  ئۆزىگىمۇ ، ئۆزگىگىمۇ ؟  يوللىغان ۋاقتى 2012-11-9 01:06:35

UID
37204
يازما
202
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
202
تىزىملاتقان
2012-5-2
ئاخىرقى قېتىم
2015-3-16
توردا
178 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-13 21:25:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇڭگگۇلۇقلانىڭ نوبىل مۇكاپاتى چۈشىنىڭ  رىيالىققا ئايلان غىنىدىن  خوش بولدۇم.

كۆيۈمچان ئەزا

قىيىنچىلىق، مېن

UID
7347
يازما
288
تېما
23
نادىر
0
جۇغلانما
8299
تىزىملاتقان
2010-11-19
ئاخىرقى قېتىم
2015-3-19
توردا
87 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-13 22:09:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مو يەن توغرىسىدا ئازراق چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم.

UID
17057
يازما
1326
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2436
تىزىملاتقان
2011-11-9
ئاخىرقى قېتىم
2015-1-10
توردا
232 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-13 22:35:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
afiyfiy يوللىغان ۋاقتى  2012-10-13 22:09
مو يەن توغرىسىدا ئازراق چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم.

مەنمۇ شۇنداق.

كۆيۈمچان ئەزا

تارىم ئۆركىشى

UID
10314
يازما
132
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
2742
تىزىملاتقان
2011-3-23
ئاخىرقى قېتىم
2014-10-19
توردا
44 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-13 23:22:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشقىلىپ ئاخىرى بىرسى بولسىمۇ چىقىپتۇ .

UID
19002
يازما
26
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
26
تىزىملاتقان
2011-12-25
ئاخىرقى قېتىم
2014-3-16
توردا
23 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-13 23:59:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  گەرچە مويەن نوبىل مۇكاپاتقا بولغان خوشاللىغىنى  ئىپادىلەشتە ناھايىتى سوغۇققان، كەمتەرلىك بىلەن ئىپادىلەۋاتقان بولسىمۇ لىكىن ئەمەلىيەتتە بۇ مۇكاپات مويەن ئۈچۈن ئالەمچە خوشاللىق بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. چۈنكى بۇ مۇكاپات ئۇنىڭغا مىسلىسىز شۆھرەت-نوپۇز ۋە غايەت زور ئىقتىسادى كېرىم ئېلىپ كېلىدۇ.
  1. ئۇ جوڭگودىن تۇنجى بولۇپ نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى. شۇڭا نوپۇزلۇقلار ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرى بۇ مۇكاپاتنى مەيلى ئېتراپ قىلسۇن ياكى ئىنكار قىلسۇن، ئەل ئىچىدىكى يېرىم ئەسىردىن بۇيانقى نوبىل مۇكاپاتىغا بولغان ئىنتىلىش ۋە ئېرىشكۈچىگە بولغان ھۆرمەت يۈزىسىدىن كۆتىرىلگەن ئالقىش سادالىرىنى كۈچەيتىدۇكى پەسەيتەلمەيدۇ. نوبىل مۇكاپاتى 3كۈنگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە مويەننى پۈتۈن جوڭگولۇقلارغا تونۇتۇۋەتتى ۋە جوڭگولۇقلاردىكى مىللى ئىپتىخار ھېسىنى ئويغاتتى، بۇ جەھەتتە دۆلەت ئىچىدىكى ھەرقانداق كاتتا مۇكاپاتتىن نەچچىسىنى يىغىپ كەلسىمۇ بۇ مۇكاپاتنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ. جوڭگودىن چىققان تۇنجى نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن مويەننىڭ ئىسمى تارىختىن ئۆچمەس ئورۇن ئالىدۇ.
  2. مويەن جوڭگۇلۇقلاردىن نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا تۇنجى ئېرىشكەن يازغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ مۇكاپاتنىڭ شان-شۆھرىتىدىن غايەت زور ئىقتىسادى مەنپەئەتكە ئېرىشىدۇ. نوبىل مۇكاپاتىنىڭ تۈرلىرى ئىچىدە ئەدەبىيات مۇكاپاتىدىن باشقىلىرىمۇ ئىقتىسادى مەنپەئەت بىلەن مەلۇم دەرىجىدە چېتىلىشلىق بولۇشى مۆمكىن، لىكىن ئەدەبىيات مۇكاپاتى بۇ جەھەتتە ئورۇن باسقۇسىز ئۈستۈنلۈككە ئىگە، چۈنكى ئۇ مۇكاپات ساھىبى ئۈچۈن دۇنياۋى «ئەڭ نوپۇزلۇق ئىلان» رولىنى ئۆتەيدۇ، يازغۇچىنى پۈتۈن دۇنياغا تونۇتىدۇ، شۇنىڭغا مۇناسىپ شۇ يازغۇچىنىڭ ئەسەرلىرى ئەڭ بازارلىق نەشىر مەھسۇلاتىغا ئايلىنىدۇ. مىليارت نوپۇسقا ئىگە، تەرەققى قىلىۋاتقان جوڭگودا مويەن چوقۇم بۇ تۈردىكى مۇكاپات ساھىبلىرىنىڭ ئەڭ تەلەيلىكىگە ئايلىنىدۇ (ئەلۋەتتە بۇنىڭدىن ئەڭ ئالدى بىلەن نەشىرىيات سودىگەرلىرى ۋە قارا باسمىچىلار نەپ ئېلىشى مۆمكىن، لىكىن يازغۇچىغا ئېلىپ كېلىدىغان ئىقتىسادى نەپ يەنىلا ئاز بولمايدۇ). كىتاپخۇمارلار دىققەت قىلغان بولسا كىتاپخانىلاردا ھازىرلا مويەن ئەسەرلىرى قىزغىنلىغى كۆرۈلۈشكە باشلىدى. شۇ تاپتا نەشىرىياتلار جىددى تۈردە مويەننىڭ تۈركۈملەپ كىتاپلىرىنى بېسىۋاتقان بولۇشى مۆمكىن. پات يېقىندا، نەشىرىياتلارنىڭ «تەييارلىغى پۈتۈپ» تۈركۈملەپ يۈرۈشلۈك ئەسەرلەر بازارغا سېلىنغاندا «نوبىل مۇكاپاتى» نەشىرىيات ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئەڭ چوڭ تەشۋىقات-ئىلان كوزىرىغا ئايلىنىدۇ ھەمدە بۇ مۇكاپات ۋە مويەن توغرىلىق يەنە بىر قېتىم داۋراڭ يۇقىرى دولقۇنى بارلىققا كېلىدۇ. شۇنىڭدىن كىيىن مىللەت سۆيەر جوڭگولۇقلارنىڭ پۇلى مويەن ۋە ئۇنىڭ كىتاپلىرىنى نەشىر قىلغۇچى سودىگەرلەرنىڭ يانچۇغىغا قاراپ ئېقىشقا باشلايدۇ.
   شوڭا نوبىل مۇكاپاتى توغرىلىق كىملەر نىمە دىيىشىدىن قەتئىنەزەر ئۇنىڭ ھەممىسى مويەننىڭ شۆھرىتىنى ئاشۇرىدۇكى تۆۋەنلىتەلمەيدۇ، ھەتتا بۇ جەھەتتە پىكىر ئىختىلاپى قانچە كۆپ، قانچە كەسكىن بولسا مويەنگە شۇنچە پايدىلىق بولىدۇ. ئۆمرىدە ئۇخلاپ چۈشىگىمۇ كىرمىگەن بۇ شان-شۆھرەت ۋە كەلگۈسى مەنپەئەتلەر ئالدىدا ناۋادا مويەن يەنە ئۆزىگە بېسىم ھېس قىلسا ئۇ پەقەتلا چىرايلىق گەپ ئويۇنى خالاس.

باھا سۆز

مالىك  بەك ياخشى ئىنكاس بوپتۇ !  يوللىغان ۋاقتى 2013-10-31 09:51:50
yarkn  تۈرمىدە ؟ كىم كەن ئۇ ؟ھەجەپ مەن ئۇمايمەنكغۇ ...  يوللىغان ۋاقتى 2012-10-17 10:55:35
nazi  مويەن جۇڭگۇدىكى نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن 2-كىشى.1-قېتىم ئىرىشكىنى تۈرمىدە  يوللىغان ۋاقتى 2012-10-15 16:15:31
zilnur  دوستۇم سىزنىڭ يازغان ئىنكاسىڭىز بەك ئەملىي بوپتۇ. ماڭا شۇنداق يارىدى.  يوللىغان ۋاقتى 2012-10-15 13:43:08
ئۇيغۇرۇم  ھەقىقەتەن تېتىملىق ئىنكاس يوللاپسىز ! رەھمەت  يوللىغان ۋاقتى 2012-10-15 10:51:38

UID
46454
يازما
19
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
19
تىزىملاتقان
2012-9-7
ئاخىرقى قېتىم
2015-1-17
توردا
29 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-14 11:55:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جوڭگۇلۇقلارنىڭ نوبىل مۇكاپاتى چۈشىنىڭ  رىئالىققا ئايلانغىنىدىن  خوش بولدۇم.باشقا ساھە باشقا مىللەتلەردىنمۇ كوپلەپ نوبىل مۇكاپاتى  ساھىبى چىقىشىنى تىلەيمەن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش