- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 6
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 8
- تىزىملاتقان
- 2010-12-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-18
- UID
- 7713
- يازما
- 6
- تېما
- 2
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 8
- تىزىملاتقان
- 2010-12-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-18
- توردا
- 29 سائەت
|
ئاقلاش
ئەمدىلا ئىنىستىتوتنى پۇتكۈزگەن بىر ئادۇۋكات تۇنجى قېتىم تۆمۈر يول ئىدارىسى دەۋاگەرنىڭ 24 تۇياق چوشقىسىنى بېسىپ ئۆلتۈرۈپ قويغان دىلونى ئاقلاپتۇ.
ئۇ زاسېداتىللارغا دەۋاگەرنىڭ تارتقان زىينىنىڭ چوڭلۇقىنى بىلدۈرۈش مەقسىتىدە مۇنداق دەپتۇ :
-ئەپەندىلەر ئويلاپ باقايلى،24 تۇياق تۇڭگۇز،24 زاسېداتىل ئەپەندىلەرنىڭ توپتوغرا ئىككى ھەسسىسى دەڭلا !
ھەيران قالارلىق
تۇدىگۈل پات يېقىندا مەكتەپكە كىرىدىغان ئوغلىغا ئەدەپ-ئەخلاق تەربىيسى بېرىپ :
-مەكتەپتە مۇئەللىمنى كۆرگەندە،مۇئەللىم ياخشىمۇ سىز دېگىن،ئۆيدە دادا،ئاپاياخشىمۇ سىلەر دېگىن،-دەپتۇ.
-ئاپا دەپتۇ بالا بېشىنى تاتلاپ تۇرۇپ،-ئۇنداقتا زادى مۇئەللىم ياخشىمۇ ؟ ياكى سىلەر ياخشىمۇ ؟
ھاراق ئىچىشنىڭ پايدىسى
بىر دوختۇر ھاراقنىڭ زەھەرلىكلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بىر تەجىربە ئىشلەپتۇ.
ئۇ ئىككى ئىستاكانغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا سۇ ۋە ھاراق قۇيۇپتۇ. ئاندىن ئىككى تال قۇرتنى ئىككى ئىستاكانغا ساپتۇ.بىر ھازادىن كېيىن سۇغا سېلىنغان قۇرت ساق-سالامەت تۇرۇپتۇ،ئەمما ھاراققا سېلىنغان قۇرت ئۆلۈپ قاپتۇ.
بىر ھاراقكەش بۇنى كۆرۈپ خوشال ھالدا :
-ھاراق ئىچىشنىڭ پايدىسى كۆپكەن،ھاراق ئىچىدىغان ئادەمنىڭ قورسىقىدا قۇرت بولمايدىكەن ئەمەسمۇ،دەپتۇ.
سەبى گەپ
بىر كۈنى توخنىيازخان بەش ياشلىق ئوغلىدىن سورىدى :
-بالام ، سەن چوڭ بولغاندا نىمە بولۇشنى ئويلاۋاتىسەن ؟
-قىز بالا بۇلىمەن.
-نىمىشقا ؟ قىزبالا دىگەن گۈللۈك كۆڭلەك كىيىدۇ.
-ياق ! مەن قىزبالا بولىمەن،چۈنكى مەندىن چوڭ ئوغۇل بالىلار ئۇرسا ، يۈگۈرۈپ ئاياللار ھاجەتخانىسىغا كىرىۋالساملا ئۇلار كىرەلمەيدۇ ، ئەمەسمۇ !
پەرق
يەكشەنبە كۈنى دەم ئېلىش بولغاچقا ھۇشۇرجان چىۋىن قورىدى،ئايالى ھۇشۇرخان بولسا پوپايكا توقۇدى.بىر دەمدىن كىيىن ھۇشۇرخان يولدىشى ھۇشۇرجاندىن سورىدى:
-خېلى ئاۋارە بولدىڭىز ،نەچچىنى قورۇپسىز ؟
-بەشنى، ئۈچى ئەركەك،ئىككىسى چىشى.
-نېمە دىدىڭىز،-ئايالى ھۇشۇرخان ناھايتى ھەيرانلىق ھىس قىلىپ سورىدى،-سىز چىۋىننىڭ ئەركەك ، چىشىسىنى پەرقلەندۈرەلەمسىز ؟
-بۇ بەك ئاددى ، ئاۋۇ مېنىڭ ئۇستۇر جازامغا قۇنۇۋالغان ئۈچى ئەركەك، سېنىڭ گىرىم جازاڭغا قۇنۇۋالغان ئىككىسى چۇقۇم چىشىدىدى ھۇشۇرجان
بۇ دېگەن.....
بىر شوپۇر كوچا ئاپتۇۋۇزى ھەيدەۋاتقان مەزگىلدە بىر موماي شەھەرگە بېرىپ كوچا ماشىنىسىغا چىقىپتۇ، موماي شەھەرنى تۇلۇق بىلمىگەچكە ،ئاپتۇۋۇزدىن ھەربىر يولوچى چۈشكەندە ھاسىسى بىلەن شوپۇرنىڭ كاسىسىغا نوقۇپ تۇرۇپ،- بۇ نە ؟ دەپ سوراپتۇ،شوپۇر گەپ قىلماي كاسىسىنى سىلاپ قويۇپ جىم ئولتۇرۇپتۇ.
يەنە بىر يەرگە كەلگەندە يەنە شۇنداق سوراپتىكەن ، شوپۇر كاسىسىنى تۇتۇپ تۇرۇپ،-بۇ دېگەن كاسام ، دەپتۇ ئاچچىقداپ.
مەنبە : مىراس ژورنىلى 2004 - يىل 4- سان بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-15 21:51
|
|