كۆرۈش: 763|ئىنكاس: 3

سەنئەتكار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
7713
يازما
7
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2010-12-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-4
توردا
28 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-12 00:33:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                    سەنئەتكار

                                            
                                                ئاپتۇرى : ئادىل ئادىليار


سەنئەتكار - قۇياش . ئۇ زۇلمەتلىك قاراڭغۇ دۇنيانى يورۇتۇپ ، ئىنسان قەلبىنى ئىللىتىدۇ .

سەنئەتكار - ئانا ، ئۇ ئۆز بالىسىنىڭ ھەسرىتى ئۈچۈن ئازاپ چېكىۋاتقان مېھىرلىك ئانىدەك ، باشقىلارنىڭ ئازابى ئۈچۈن ھەسرەت چېكىدۇ .

سەنئەتكار -  زەمزەم . ئۇ كىشىلەرنىڭ تەشنالىقتىن چاڭقىغان يۈرەكلىرىنى ئۆز روھىنى چاقنىتىش ئارقىلىق قاندۇرىدۇ .

سەنئەتكار - ماياك . ئۇ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى داغدام يولغا باشلايدۇ .

سەنئەتكار - يۇلتۇز . ئۇ قاراڭغۇ ئاسماندا ۋىلىلداپ چاقناپ ، كىشىلەرگە ئۈمىد ۋە ئىشەنچ ئاتا قىلىدۇ .

سەنئەتكار- بوۋاق .ئۇ بىر ئۆمۈر ئاشۇ بوۋاق بالىدەك تاتلىق ، سەبى ، پاك ، بىغۇبار ئۆتىدۇ .

سەنئەتكار - شام . ئۇ باشقىلارغا سۆيگۈ ئاتا قىلىش بىلەن بىرگە ئۆز ۋۇجۇدىنىڭ تىنىمسىز خوراۋاتقانلىقى بىلەن قىلچە ھىساپلاشمايدۇ .

سەنئەتكار - ئاشىق . ( قەلەندەر ) . ئۇ چىن مۇھەببەتتىن باشقا ھەر قانداق مال-دۇنيا بىلەن ھەپىلەشمەيدۇ ، چۈنكى ئۇ سان - سېپىرغا قىزىقمايدۇ .

سەنئەتكار - پۇچۇلانغان يۈرەك . ئۇنىڭ پۈتۈن ئۆمرى ئازاپقا تولغان .

سەنئەتكار - بىچارە . پۈتكۈل ناھەقچىلىق ئىزدەپ يۈرۈپ ئۇنى تاپىدۇ .

سەنئەتكار - خورلۇق . ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئۆزىدىن باشقا ھىچكىم چۈشەنمەيدۇ ، شۇڭا ئۇ بەزىدە ئۆزىنى مەخلۇقاتلار بىلەن بىللە ياشاۋاتقاندەك سېزىدۇ .

سەنئەتكار - ساراڭ . نۇرمال ئادەملەر ئۇلارنى شۇنداق دەپ ئاتىشىدۇ .

سەنئەتكار - روھى كېسەل . شۇنداق بولغاچقىلا ئۇ ئىنسان روھىيىتىنى قازالايدۇ .

سەنئەتكار - جاھىل . ئۇلارغا ئۆزىنىڭ پەند-نەسىھەتلىرى  نى ئاڭلىتالمىغانلار شۇنداق دەپ ئاتىشىدۇ .

سەنئەتكار - يېگانە . ئۇنىڭ چىن سۆيگۈدىن باشقا دوستى بولمايدۇ .

سەنئەتكار - سېھىرلىك ئايەت . ئۇ ئىنسانلار ۋۇجۇدىدىكى مەينەتچىلىكلەرنى تازىلاپ ، روھىنى پاكلايدۇ .

سەنئەتكار - ئۆتكۈر تىغ . ئۇ رەزىللىكنىڭ يۈرىكىگە بېرىپ سانجىلىدۇ .

سەنئەتكار - ئەينەك . ئۇ باشقىلارغا ، ئۆزىگە - ئۆزىنى تۇنۇتىدۇ .

سەنئەتكار - ھەقىقەت . ئۇ گۈزەللىك ئۈچۈن ھەر قانداق رەزىللىككە باش ئەگمەيدۇ .

سەنئەتكار - چۈش . ئۇھامان ئۆز تەسەۋۋۇرىدىكى گۈزەل غايىۋى دۇنيادا ياشايدۇ .

سەنئەتكار - بۇلاق . تەپەككۈر ۋە ھېسىيات ، ئۇنىڭدىن بۇلاقتىن ئوخچۇپ چىققان سۇدەك ئوخچۇپ تۈگىمەيدۇ .

سەنئەتكار - روھ . ئۇ ئىنسان قەلبىگە سىڭىپ كىرىپ ۋۇجۇدىنى ئەسىر قىلىدۇ .

سەنئەتكار - ساپ ھاۋا . ئۇ ئىنسانلارنى ئىللىق تەبىئەتنىڭ قوينىغا قايتىشقا ئۈندەيدۇ .

سەنئەتكار - شېرىن مەي . ئۇ ئىنسانلار قەلبىگە ھۇزۇر ئاتا قىلىپ ، ۋۇجۇدىنى ئېرىتەلەيدۇ .

سەنئەتكار - يارامسىز ئاتا ( ئانا ) . ئۇ باشقىلارغا بەرگەن مېھرى - مۇھەببىتىنى ئۆز پەرزەنتلىرىگە بېرەلمەيدۇ .

سەنئەتكار - ۋاپاسىز ئەر( ئايال ) . ئۇ چىن مۇھەببىتىنى ھەرگىزمۇ شەخسىيىتى ئۈچۈن سەرپ قىلمايدۇ .

سەنئەتكار - قەرزدار . ئۇ ئۆز بۇرچىنى بىر ئۆمۈر ئادا قىلىپ بولالماي ئارماندا كېتىدۇ .

سەنئەتكار - چاغلىقلا . ئۇ ئىنسانلارغا ئۇلارنىڭ ئەينى قىياپىتىنى ، پەقەت ئۇلار سەكراتقا چۈشكەندىلا تولۇق كۆرسىتەلەيدۇ ، شۇڭا ئۇ ئازاپتا ئۆتىدۇ .

سەنئەتكار - تراگېدىيە . ئۇ ئاخىرى بۇ دۇنيانىڭ رەزىللىكىدىن يىرگىنىپ ، چۈشكۈنلىشىپ ، بىتخوۋىننىڭ يېنىغا بالدۇرراق كېتىشنى ئويلايدۇ .


                                 مەنبە : شىنجاڭ سەنئىتى . 2005 - يىللىق 1 - ساندىن ئېلىندى .

                                                    ئاپتۇرى : ئادىل ئادىليار

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
4275
يازما
158
تېما
18
نادىر
0
جۇغلانما
5219
تىزىملاتقان
2010-8-7
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-2
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-15 08:09:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھ!! بۇ ھازىرقى زاماندىكى ئەڭ ئورۇنلۇق،قىممەتلىك ھېكمەت دۇردانىللىرى ئىكەن. ئاپتۇرى:ئادىل ئادىليارغا ھەم يوللىغۇچى jula0997 گە كۆپ رەھمەت.ھۆجقىتىمدە ئارخىپ قىلىپ ساقلىۋالاي.

كۆيۈمچان ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
5257
يازما
103
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2713
تىزىملاتقان
2010-9-1
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-26
توردا
16 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-16 15:27:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت دوستۇم

يېڭى يۇلتۇز

ئۇمىىدسىلەنمە پات ئارىدا

UID
48246
يازما
30
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
30
تىزىملاتقان
2012-10-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-14
توردا
18 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-21 01:26:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇتكۇل كايىنات بىر كاتتا سەنئەت    پۇتكۇل كايىناتنى قالتىس ياارتقۇچى ئەڭ كاتتا سەنئەتكار


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش