‹‹مەۋجۇتلۇق تەشنالىقى ››دىن ئالغان ئىلھاملار
ياسىن بۇساق


مەن يېقىندا ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ يېڭىلا نەشىردىن چىققان بىر يۈرۈش كىتابلىرىدىن بىرى بولغان ‹‹مەۋجۇتلۇق تەشنالىقى –ئەنگىلىيەدە كۆرگەن ئاڭلىغانلىرىم ››ناملىق كىتابىدىن بىرنى سېتىۋالدىم . بۇ كىتابنىڭ ئاپتورى نەچچە يىللار بۇرۇنقى ئالىي مەكتەپ ھاياتىمدىكى بەزى ئۇنتۇلماس ئىشلارنى يەنە بىر قېتىم ئېسىمگە سالغان ئىدى .
مەن ئالىي مەكتەپتە تۇنجى قېتىم ئىنستىتۇت ئورۇنلاشتۇرغان بىر قېتىملىق لېكسىيەدە بۇ ئۇستازنىڭ ئەتىراپلىق مۇلاھىزە ، تىرەن پىكىر ۋە جانلىق مىساللار ئارقىلىق سۆزلىگەن سۆزلىرىنى ئۈلگۈرەلگىنىمچە خاتىرەمگە يېزىۋالغان ئىدىم ، ئۇستازنىڭ غايە ، نىشان ، ئىرادە ۋە تىرىشچانلىق ھەققىدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا بەرگەن تەكلىپ –پىكىرلىرى ۋە كۆرسەتكەن يوللىرى ھەقىقەتەن كىشنى قايىل قىلاتتى . ھېلىمۇ ئېسىمدە ، بىر ئوقۇغۇچى ئۇستازدىن ‹‹سىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن يەنە قانداق ئارزۇلىرىڭىز بار؟››دېگەن سۇئالىغا ئۇ :‹‹داۋاملىق ئىزدىنىش ، ئۆز كەسپىمدە نەتىجە قازىنىش ، بولسا ئامېرىكىدىكى خارۋارد،ئەنگىليەدىكى ئوكىسفورت ئۇنۋېرسىتىتىلىرنىڭ بىرەرنىڭ مۇنبىرىدە بىرەر سائەت دەرىس ئۆتسەم دەپ ئارزۇ قىلمەن ››دېگەن ئىدى . شۇ ۋاقىتتا مەن ‹‹بۇ بەكلا چوڭ گەپ بولۇپ كەتتى ، مۇمكىنمۇ ››دەپ ئويلىغان ئىدىم . ئارىدىن نەچچە يىللار ئۆتۈپ كەتتى ، ئۇستازنىڭ ھەرخىل ژانېردىكى ئەدەبىي ۋە ئىلمىي ئەسەرلىرىنى ‹‹شىنجاڭ مەدەنىيىتى ››قاتارلىق ژۇرناللاردا ۋە تور بەتلەردە كۆرۈپ تۇردۇم ،ئۇستازنىڭ يېڭى پىكىر ، يېڭى ئىدىيە ، مول ئۇچۇرمەنبەسىگە ئىگە بولغان ، ئۆزلۈك ، مەۋجۇدىيەت ۋە تەرەققىياتنى چۆردىگەن ھالدا چوڭقۇر ئويلىنىش ، سېلىشتۇرۇش ۋە ئىزدىنىش ئىچىدە يازغان بىر قىسىم ئەسەرلىرى كۆپلىگەن كىشلىرىمىزنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ كېلۋاتقىنى ئوقۇرمەنلەرگە ئايان .
مەن تىلغا ئالغان ‹‹مەۋجۇتلۇق تەشنالىقى –ئەنگىلىيەدە كۆرگەن ئاڭلىغانلىرىم ››ناملىق كىتابمۇ دەل ئۇستازنىڭ يېڭى ئەمگەك مېۋىلىرىنىڭ بىرى ئىدى . مەن كىتابىنى ئېلىپلا ناھايىتى ئەستايدىللىق بىلەن ئۇقۇدۇم .ئۇستازنىڭ بۇ كىتابىنى ‹‹ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا ››ناملىق ئەسەردىن كېيىن يېزىلغان خېلى يۇقىرى ئىلمىي ۋە ئەمەلىي قىممەتكە ئىگە ئەسەر دېيىشكە بولدىكەن . بۇ ئەسەر ئۇستازئۆزى ئېيىتقىندەك ، ئۇنىڭ چەت ئەللەردە ئوقۇش ، ئىلمىي زىيارەتلەر بولۇش ۋە ئىزدىنىشنىڭ نەتىجىسى بولۇپ ، ئۇقۇرمەنلەرنى ئەنگىلىيەنىڭ مەدەنيىتى ، ئىقتىسادى، جۇغراپىيلىك ئەھۋالى، ئۆگىنىش ، كىشلىك مۇناسىۋەت ۋە قىممەت قاراش قاتارلىق كۆپلىگەن جەھەتلەردە ئەڭ يېڭى ھەم تەسىلىي ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەش بىلەن بىللە ، يەنە ئادەمنى ئۆزى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىشقا يېتەكلەيدىكەن .
ھازىرقى جەمئىيەتتە چەتئەل چۈشى ۋە چەتئەل قىزغىنلىقنى بىرخىل ئېقىم دېيىشكە بولىدۇ .ئېنىقكى ، چەت ئەلگە چىققۇچلارنىڭ مەقسەتلىرى ئوخشىمايدۇ . ئوقۇش ، ئىلمىي زىيارەتلەردە بولۇش ، ساياھەت قىلىش ، تۇغقان يوقلاش ، خىزمەت ۋە سودا ، تىجارەت قىلىش ھەم پۇرسەت بولسا ئۇلتۇراقلىشىپ قېلىش ئۈچۈن چىقىدىغانلارمۇ بار ، ھېسانلىساق قانچىلىك كىشى چەتئەللەرگە چىقىۋاتىدۇ ؟بىز قانچىلىكنى بىلىمىز ؟ئېنىقكى بىزنىڭ بىلدىغانلىرىمىز ياخشى تۇرمۇش شارائىتلىرىنى دەپ چەتئەللەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغانلار ئەمەس ، بەلكى دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ تەرەققىياتى ھەمدە كەلگۈسى ئۈچۈن قايتىپ كەلگەنلەر ، شۇنداقلا ماقالە –ئەسەرلىرى ۋە كىتابلىرى ئارقىلىق كىشلەرگە مەلۇم نەرسىلەرنى ھېس قىلدۇرالىغان ۋە ئويلاندۇرالىغان ئاز ساندىكلەردۇر ، ئۇلار نېمە ئۈچۈن يازالىدى ؟ مۇنداقچە ئېيىتقاندا ئاۋۋال ئۇلار نۇرغۇن كىشلەر كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالمىغان نەرسىلەرنى ۋەيېڭىلىقلارنى كۆرەلىدى ، شۇڭا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئالدى بىلەن ھېس قىلالىدى .
ھەممىمىزگە مەلۇمكى ،باشقىلار ئاڭلىغۇدەك ئېتبار قىلغۇدەك گەپ قىلىش ئۈچۈن ، چۇقۇم باشقىلار ئاڭلاپ باقمىغان ، يېڭى ۋە ئەھمىيەتلىك گەپ –سۆزلەرنى قىلىش كېرەك . شۇنىڭدەك باشقىلار ئوقۇغۇدەك ، كىشنىڭ دىققىتنى تارتقۇدەك بىرەر ئەسەر يېزىش ئۈچۈن كۆپ ئوقۇش ، كۆپ كۆزىتىش ، مول جەمئىيەت بىلملىرىگە چوڭقۇر تەپەككۇر ، باي تەسەۋۋۇرغا ئىگە بولۇش ھەمدە بۇلارنى پىشقان يېزىقچىلىق ماھارەتلىرى بىلەن مۇۋاپىق بىرلەشتۈرەلەيدىغان ئىقتىدار بولۇش كېرەك . نېمە ئۈچۈن يازىمىز ؟مېنىڭچە ، يېزىقچىلىق بولسا جەمئىي تەرەققىياتنىڭ مۇھىم مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى ، تەبئىي پەنلەر ماددى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرسە ، ئىجتىمائىي پەنلەر مەنىۋى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ، يەنى تەرەققىياتنى نەزەرىيەۋى ئاساسلار بىلەن تەمىنلەيدۇ ، شۇڭا ئىككى تەرەپ بىرلەشكەندىلا ئاندىن جەمئىيەت تەڭپۇڭ ھالدا ئىلگىرلەيدۇ . دەرۋەقە ئىجتىمائىي پەنلەر دەل يېزىش ئارقىلىق ئۆزىنى ئىپادىلەيدۇ . نۇرغۇن ئادەملەر ئويلىيالايدۇ ، لېكىن شۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئاز بىر قىسىملىرىلا ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى ھەم باشقىلارنىڭ ئويلىغانلىرىنى يېزىپ چىقالايدۇ .
ئەسەردىن شۇنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولدۇكى،ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەڭ بۇرۇن سانائەت ئىنقىلابى بولغان تەرەققىي قىلغان دۆلەتكە چىقىپ ئوقۇش پۇرسىتنى ئاز بولمىغان تىرىشچابلىقلار ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن ھەمدە چەتئەلدە ئىلمىي زىيارەتلەردە بۇلۇش جەريانىدا ئانا زېمىندا ياشاۋاتقان خەلىقنىڭ تۇرمۇشى بىلەن شۇ يەرلەردىكى كىشلەر ئوتتۇرسىدىكى پەرقلەرنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈپ ئويلانغان ، چوڭقۇر ئىزدەنگەن شۇنداقلا بۇ پەرقلەرنى كۆرسىتىش ، ھېس قىلدۇرۇش مەقسىتىدە يېزىشنى ئۆزىنىڭ ۋىجدانىي قەرز ھېسابلاپ ،ئۇنى قەلەم ئارقىلىق ئىپادىلگەن .
.بىزدە يەنە شۇنداق ‹‹زىيالىيلار ››باركى ، ئۇلارنىڭ شوئارى بولسا ‹‹جاننى قىيناپ نېمە كەپتۇ ؟جاھاننىڭ رەپىتارى بويىچە ياشىساقلا بولدى !›› مېنىڭچە ، بىر زىيالىنىڭ ۋەتەن –خەلققە تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىردىغان روھى ھەم شىجائىتى بولمىسا ، پەقەت شەخىسيەتچىلىك بىلەن ئۆزى ئۈچۈنلا ياشىشى تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولىدۇ . ئۆزىمىز ئۈچۈنمۇ ياشايلى ، مۇھىمى ، باشقىلار ئۈچۈنمۇ ياشاشنى بىلەيلى .
بىر كىشى ئىللىق ئائىلىسى ۋە تىنىچ –خاتىرجەم تۇرمۇشنى تاشلاپ نۇرغۇن رىيازەتلەرنى چېكىپ ، ئاز بولمىغان قۇربانلارنى بېرىپ ۋە ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەپ ، چەتئەللەردە ئوقۇسا نېمە بوپتۇ، چوڭ ئىش ئەمەسقۇ!ئۇلار شۇ بىرەر تال ماقالە ياكى كىتاب يېزىپتۇ ، يەنە بېرەر قېتىملىق داغدۇغلىق لېكسىيە سۆزلەيدۇ شۇ ، يازغانلىرى ۋە سۆزلەيدىغانلىرى چەتئەلدە كۆرگەن ، ئاڭلىغانلىرى ، يېگەن ئىچكەنلىرى ، بىرى قاتار زارلىنىش ۋە قاخشاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ، چوڭ ئىش ئەمەسقۇ !››دېيىشلىرى كىشنى ئويغا سالماي قالمايدۇ . ئەلۋەتتە ھەر قانداق جەمئىيەت غەيۋەت –شىكايەتتىن خالي بولغان ئەمەس ھەم بولالمايدۇ . لېكىن ، قانداق ئادەمنىڭ غەيۋىتنى قانداق ئادەمنىڭ قىلۋاتقانلىقى ، يەنى ‹‹ئىلمىي غەيۋەتخورلار ››نىڭ كۆپىيىشى بۇ ئويلىنىشقا تېگىشلىك ناچار بىر ئەھۋال ، تېمىغا بەك مۇناسىۋەتلىك بولمىسمۇ ، بۇ يەردە مۇنداق بىر مەزمۇننى قوشۇپ قويغۇم كەلدى . مەن ‹‹بىلىم –كۈچ››ژۇرنىلدىن مۇنداق بىر پارچە ماقالىنى ئوقۇپ قالدىم . ماقالىدە ‹‹يەھۇدىي جەمئىيتىدە ،ئالىملار بىلەن ئوقۇتقۇچىلار ئىنتايىن يۇقىرى ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدۇ . ئۇلار مۇنداق بىرگەپكە ‹ھەتتا بارلىق مۈلكۈڭنى سەرپ قىلىپ بولسىمۇ ، قىزىڭنى ئالىمغا ياتلىق قىل ، ياكى ئالىمنىڭ قىزنى ئالغىن ›دېگەن ھېكمەتلىك سۆزگە ئەمەل قىلىدۇ . بىريەھۇدىي ئائىلىسىگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا ، شۇ ئائىلىدىن بىر ياكى بىر قانچە دوكتورنىڭ چىقىش چىقماسلىقى شۇ ئائىلنىڭ شان –شەرىپى بولۇپ ھېسابلىندۇ ››دەپ يېزىلغان ئىكەن . بۇ گەپلەر ماڭا بەكلا تەسىر قىلدى . بىزمۇ دەل شۇنداق قاراش ۋە ئىدىيەلەرنى يېتىلدۈرۈشمىز ، ئادەمنىڭ قىممىتنىڭ ئۇنىڭ قانچىلىك ئۇزۇن ياشىغانلىقىدا ياكى قانچىلىك پۇل ۋە بايلىقنىڭ بولغانلىقىدىلا ئەمەس ، بەلكى جەمئىيەتكە قانچىلىك قىممەت يارتىپ بەرگەنلىكىدە ، خەلققە نېمىلەرنى بېرەلگەنلىكىدە ئىكەنلىكىدەك تەرەپلەردىنمۇ كۆرۈشمىز كېرەك .ئىمتىھان بەرگەنلەر ۋە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقانلار چەتئەلدە ، بولۇپمۇ ئەنگىلىيەدەك تەرەققىي تاپقان دۆلەتتە ئوقۇش ھەرگىزمۇ ئاسان ئىش ئەمەس ئىكەنلىكنى ئوبدان بىلىدۇ ، شۇڭا بىز بۇنداق زىيالىيلارنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشمىز ۋە ئىرادىسدىن ، شىجائىتىدىن ئۆگىنىشمىز كېرەك .گۈل –چەمبىرەكلەرنى سەنئەتكارلارنىڭلا ، چولپانلارنىڭلا بويۇنلىرىغا ئاسىماي ، مىللەتنىڭ پاراۋۇزى بولۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتۋاتقان مۇشۇنداق زىيالىيلارنىڭ بوينىغمۇ ئېسىشمىز كېرەك .
نېمىلا دەيلى ،ئۇستازنىڭ توختىماستىن تىرشىدىغان ، جاپا مۇشەققەتتىن ۋە قىيىنچىلىقدىن قورقىمايدىغان قەيسىرانە ئىرادىسى ئۆگىنىشمىزگە ئەرزىيدۇ .ئاپتور 40ياشتىن ئاشقاندا ئىللىق ئائىلىسى ، مۇقىم خىزمىتى بار ھالەتتىمۇ ۋاقىتلىق ھەممىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ ئۆز-ئىرادىسى ۋە تىرىشچانلىقى بىلەن قىسقا ئەمما ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئوقۇش پۇرسىتگە ئېرىشتى . تېخى ئوقۇشقا مېڭىشتىن بۇرۇن ئايرىم ۋاقىت چىقىرىپ شېنجىندا ئىككى ئايدەك ئىنگىلىزتىلى ئېغىز تىلى مەشىق قىلغانلىقى ، ئەنگىلىيەگە بارغاندىن كېيىنمۇ ۋاقىتنى بوشقا ئۆتكۈزمىگەنلىكى ، بولۇپمۇ سۆھبەتلىششتىن بۇرۇن ئالدىنئالا سۇئال تەييارلاپ ، تەييارلىق قىلىپ كېلىشلىرى ئۇستازدىكى بىرخىل كەمتەرلىك ۋە كىرزىس تۇيغۇسىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكنى بىلدۈرىدۇ . بۇنىڭدىن بىز ئارزۇ –ئارمانغا يېتىش ئۈچۈن ساپ-نىيەت ، پۈتكۈل ۋۇجۇد بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسەتسە ، دۇنيادىكى ھەممە كىشنىڭ ياردەمدە بولدىغانلىقنى ھېس قلالايمىز .
ئۇستازمەيلى شېنجىنغا ئىنگلىزتىلى ئۆگەنگەنلىكى بارغاندا بولسۇن ، مەيلى لوندونغا بارغاندا بولسۇن ، ياخشى نىيەتلىك قېرىنداشلارنىڭ ھەر ۋاقىت ئۇنىڭغا مېھىر –مۇھەببەت يەتكۈزۈپ تۇرغانلىقىدىن ئۇستازنىڭ ئادىمىيلىك پەزلىتنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكنى ، شۇڭا يۇقىرى ھۆرمەت-ئىناۋەتكە ئىگە ئىكەنلىكنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ . ئاخىردا ماقالىنىڭ بېشىدا ئېيىتقاندەك ، ئۇستازنىڭ چەتئەلدىكى داڭلىق ئۇنۋېرسىتېتىلارنىڭ مۇنبىرىدە دەرس ئۆتۈش ئارزۇسى رېئاللىققا ئايلىنىپتۇ دەپ ئويلىدىم . چۈنكى ئۇستاز لوندون ئۇنۋېرسىتېتىدا ‹‹ئۇيغۇر تىلى ئۇقۇتقۇچىسى ››بولۇپ چەت ئەللىك ئىككى ئوقۇغۇچىغا يەنە كېلىپ دوكتور ئاسپىرانتىلىرىغا قىسقا مەزگىللىك دەرس ئۆتكەنلىكى بايان قىلىنغان قۇرلارنى ئوقۇغاندا بەك سۆيۈندۇم ھەم ئۇستازنىڭ ئەينى ۋاقىتتا لېكسىيەدە ‹‹ئامېرىكىدىكى خارۋارد ، ئەنگىلىيەدىكى ئوكىسفورد ئۇنىۋېرستېتىلىرىنىڭ بېرەرسىنىڭ مۇنبىرىدە بىرەر سائەت دەرس ئۆتسەم دەپ ئارزۇ قىلمەن ››دېگەن سۆزلىرى قۇلاق تۈۋىمدە ياڭرىغاندەك بولدى .
قىسقىسى ،‹‹مەۋجۇتلۇق تەشنالىقى ››ناملىق ئەسەرنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئالغان تەسىراتىم شۇ بولدىكى ، يازالىغانلار چوقۇم يېزىشى كېرەك ئىكەن.
بۇ يازمامنى باشقا تورلارغا قالايمىقان كۆچۈرۈشكە رۇخسەت يوق