
سېرىقچىلىققا پۈركەنگەن خەلق باغچىسى
ئەسلى خازان پەسلى شۇنداق بېزىگەن ئۇنى...
يېقىندىن بۇيان ھاۋا بەك تىنجىق
تاقەت قاچتى
تۆت تام ئىچىدە تۇرغۇسىز.
ئەنە
ئەتراپتىكى مەنزىرىدىن ھوزۇرلانغان ئەر
شاراقشىتىپ ياپراقلارنى دەسسەپ كېلەر.
ئولتۇردى خالىيدىكى قوش كىشىلىك ئورۇندۇقتا
چىقتى بىردىن سېنتەبىرنىڭ مەيىن شامىلى
ۋاھ!
راھەت بېغىشلاپ جان جېنىغا
سىيپاپ ئۆتتى يۈزلىرىنى،چاچلىرىنى.
يۇمۇۋالدى كۆزلىرىنى چىڭڭىدە
ھوزۇرىنى سۈرمەكچى بەلكىم ئەركىنلىكنىڭ
تىنجىقتا قالغان روھىنى سەگىتمەكچى
ئاللىقانداق مەستخۇش خىيال ئىلكىدە...
لەرزان شامالدا تېڭىرقاپ ئۇچقان
يېشىللىقىنى يوقىتىپ شاختىن تۆكۈلگەن
بەك بەكمۇ يېنىك
قۇرۇپ قالغان قەدىرسىز ياپراقلار
يېنىك لەيلەپ چۈشتى نەچچىسى
ئەر ئولتۇرغان ئورۇندۇقنىڭ ئۈستىگە...
"دادا!"
تۇيۇقسىز ئاڭلاپ سەبىي قىز ئاۋازىنى
خىياللىرىدىن چۆچۈگەنچە
كۆزلىرىنى ئاچتى ئەر
تۇراتتى ئالدىدا ئوماق قىزى قولىنى تەڭلەپ:
"جۈر ئۆيگە قايتايلى!ئاپام قالدى يولۇڭغا قاراپ"
ئېرىنچەكلىك بىلەن تۇرۇپ ئورنىدىن
قىز قولىنى تۇتقىنىچە ماڭدى ئۆيىگە
شۇ ئەسنادا دىققىتىنى تارتتى
سەللا نېرىدا
ھالال جۈپتىنى ئۇنتۇغان بىر ئەر
كۆزلىرىدە شەھۋەت قاينىتىپ
يۈرەتتى ناتونۇش قىز كەينىدىن
سەدىقە ئالالمىغان دىۋانە كەبى سوكۇلداپ.
شۇئان ئاجايىپ بىر سېزىمدە كەتتى تىترەپ
ياكى كۆردىمىكىن
بايا سۈرگەن خىياللىرىنىڭ ئەكسىنى...
ئوماق قىزىنىڭ قىيغىتىشىدىن
تاپتى ئۆزىنى
چىڭڭىدە تۇتقىنىچە قىزنىڭ قولىنى
ۋۇجۇدىغا ئىللىقلىق تاراپ
يۈرۈپ كەتتى ئۆيىگە قاراپ.
يولنى بىر ئالغان ساپسېرىق خازان
مەزمۇت قەدەملەرئاستىدا
جىملىقنى بۇزۇپ تۇراتتى شاراقلاپ...
2010-يىلى17-ئىيۇن.تۇمار.