كۆرۈش: 9963|ئىنكاس: 29

مۇھەببەت دۇئاسى ( مەلەك ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

مەن سەن ئوقىمىغا

UID
1990
يازما
418
تېما
30
نادىر
0
جۇغلانما
16049
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2011-8-7
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-17 18:43:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

 مۇھەببەت دۇئاسى

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى:مەلەك



ئەي رەببىم!بىر ئىنسان قوي قەلبىمگە،ئەمما ئۇ ئىنسان سېنىڭمۇ سۆيگۈنىڭ بولسۇن!


ۋە ماڭا شۇنداق بىر ئىنساننى سۆيدۈركى،ئۇ ئىنساننىڭ قەلبى سەن بىلەن سۆيۈشكەن بولسۇن .
مېنى شۇنداق بىر ئىنسان بىلەن تېپىشتۇركى،مەندىن بۇرۇن ئۇنىڭ بىلەن تېپىشقان پەقەت سەن بولغىن.
ئۇنىڭ بىلەن قول تۇتۇشقىنىمىزدا ئۈستىمىزدە سېنىڭ قولۇڭ بولسۇن !

ماڭا شۇنداق بىر كۆزلەرنى كۆرسەتكىنكى ،مەن ئۇ كۆزلەردىن ساڭا قاراي.
ماڭا شۇنداق بىر سۆيۈملۈكنى بەرگىنكى ئۇنىڭ كۆزلىرى جەننەتكە ئېچىلغان دەرىزە بولسۇن !


ئۇنىڭ بىلەن شۇنداق بىر يولدا ماڭايكى،يول باشلىغۇچىمىز پەقەت سەن بولغىن ئەي رەببىم !

ماڭا شۇنداق بىر سۆيۈملۈكنى بەرگىنكى ئۇنى قۇچاقلىغىنىمدا پۈتكۈل كائىنات بىزگە باقسۇن،بىربىرىگە گىرە سالسۇن !
سۆيگۈمىز بۆرە بىلەن قوزىچاقنى ياراشتۇرسۇن،بىزگە قاراپ شەيتان ئادەمگە سەجدە قىلسۇن !
گۇناھلار ساۋاپ ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلسۇن!
ئۆلۈكلەر بىردىن بىردىن ئويغانسۇن سۆيگۈمىزدىن.
بىزگە شۇنداق بىر سۆيۈملۈكنى بەرگىنكى ئەي رەببىم !
سۆيگۈمىزدە پەيغەمبىرىمىز( ئۇنىڭغا سالاملار بولسۇن ) سۆيۈلسۇن !
شۇنداق سۆيەيلىكى بىر بىرىمىزنى، ھەزرىتى خەدىچە ئانىمىز سامادىن بىزگە قاراپ   :" قارىغىنە ، ئەي مۇھەممەت ( ئۇنىڭغا سالاملار بولسۇن) شۇ ئاشىقلارغا،ئۇلار بىز بىلەن بىللەدۇر،بىز ئۇلار بىلەن .
قارا،مۇھەببىتىمىز  يەر يۈزىدە يەنە بىر قېتىم تەكرار ياشاۋاتىدۇ ،ئاللاھ بىزنىڭ مۇھەببىتىمىزدىن شۇنداق رازىكى ،بىزنىڭ مۇھەببىتىمىزنى مىڭلارچە ئىنساننىڭ قەلبىگە سېلىۋاتىدۇ .

ئامىيىن !!

ئەسكەرتىش: ھەر قانداق تور بەتكە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ!

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدى يىغىش سەۋەبى
ئايتۇغ + 30 ئەجرىڭىزگە ت ..

ھەممە باھا نومۇرى :  + 30   باھا خاتىرىسى

يۈرىكىم يىغلايدۇ،كۆزۈم يىغلايدۇ،ھالىمنى سورىما!

UID
2830
يازما
27
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
928
تىزىملاتقان
2010-6-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-5
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-17 20:09:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي-ۋۇي مەلەك سىڭلىم بەكلا ئىسىل تىمىلارنى يوللايدىغان بولۇپ كىتىپ بارىلا جۇما؟!!! ئۇلۇغ ئاللا ئاشۇ قوللىرىغا دەرت بەرمىگەي،ئىمانلىرى تىخمۇ مۇستەھكەم ۋە تەۋرەنمەس بولغاي.ئامىن!!! داۋاملىق مانا مۇشۇنداق ئىسىل نادىر بايلىقلارنى چىقىرىپ تۇرغايسىز-ھە مەلەك خىنىم؟!!!
    بۇ دەرۋەقە ناھايىتى ئىسىل دۇئا ئىكەن بولسا ھەربىرىمىز مانا مۇشۇنداق ئىسىل دۇئالارنى قىلىپ كەلگۈسى بەختىمىزنى تىلەيلى.تىلىسەك،نىيەت قىلساق شۇنىڭغا ماس ئەمەل قىلساق ھامان بىر كۈنى ئاللاھدىن بىزگە ياخشى جاۋاپلار كىلىدۇ بىز شۇندىلا شۇ نەتىجىنىڭ تەمىنى ھەقىقىي تىتىپ لەززىتىدىن بەھرىمان بولالايمىز ئىنشائاللا...................
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدى يىغىش سەۋەبى
ئايتۇغ + 10 ياخشى ئىنكاس

ھەممە باھا نومۇرى :  + 10   باھا خاتىرىسى

ئاللا رەھمەت قىلسۇن.ئامىن!!!

UID
2696
يازما
24
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
898
تىزىملاتقان
2010-6-8
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-1
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-17 20:13:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي جېنىم مەلەك،تىمىڭىزنى بەكمۇ ياقتۇردۇم جۇمۇ.قاچان سىزدەك پەيزى تەرجىمە قىلالايدىغان بولارمەن مەنمۇ....داۋاملىق ئېسىل تىمىلارنى ھە تاتلىق!

UID
2830
يازما
27
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
928
تىزىملاتقان
2010-6-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-5
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-17 20:26:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپمۇ پىششىق ئىكەنسىز مەلەك باشقا تور بەتكە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ دەپ پىچەت چاپلىۋىتىپسز-يا ئاۋۇ ئىشىككە؟!!! ھەق بەرسەك ئاندىن كۆچۈرۈشكە بولامدا خىنىم؟ مەن ئاتۇشلۇق بىلەن بىللە يۈرۈپ خىلى نسىدىن تەلەي يوق دەيدىغان بولۇپ قاپلا جۇما. دىمىسىمۇ سۇنۇقتىن باشقىسىنىڭ ھەممىسى يۇقىدۇ دىگەن گەپ بار ئىدى ئەمدى بۇ خىنىمغا يۇققان بولسا كىرەك.ھى.....ھى.....ھى.................
    لىكىن رۇخسەتلىرىنى ئالمايلا باشقا تور بەتكە كۆچۈرمىگەن بىلەن ماۋۇ خاتىرەم بولغان تور بەتكە كۈچۈرۋالدىم-ھە؟! خاپا بولمىسىلا جۇما خاپا بولسىلىمۇ كۆڭۈللىرىنى ئايرىم بىر ئېلىۋالامەن-ھە؟!!!     
ئاللا رەھمەت قىلسۇن.ئامىن!!!

UID
2247
يازما
722
تېما
43
نادىر
0
جۇغلانما
24828
تىزىملاتقان
2010-5-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-1
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-17 20:35:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەلەك ئاياق مىيىنى يۈزىگە سۈرتىۋىلىپ"دېڭىز شىرى زەربىدارلار ئەتىرتى"گە ئوخشاپ قالسىلا تازا ئالىقاناپ قىزچاق ئوخشايدۇ،دەپ قاپتىكەنمەن.ئەسلىدە دۇنيانى كۈزىتىدىغان يەنە بىر كۆزى باركەن ئەمەسمۇ؟
تۈرۈكلەرنىڭ داڭلىق شەخىسلېرى ۋە ئۇلارنىڭ ئىدىيە سېستىملېرى بىلەن كۆپلەپ تۇنۇشتۇرۇشىڭىزغا تەشنامىز.
ۋەتىنى يوق ئادەم ئۈنى يوق بۇلبۇل!(ماقال-تەمسىل)

UID
2538
يازما
13
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
190
تىزىملاتقان
2010-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2010-6-22
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-17 20:40:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەنە شۇناق مۇھەببەت نىسىپ قىلسا ئاللاھ ..........
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ....ئەجەپمۇ كۆڭلۈمدىكى ئويلىغىنىمنىڭ  ئۆزى يېزىلىپتا.....ئاللاھنىڭ سۆيگۈسى بىلەن نۇرلانغان قەلىبتىن نۇر چاچقان مۇھەببەت.......................
سەۋېر قىلىمەن ......

تىرىشچان ئەزا

مىھرى-مۇھەببەت ئ

UID
1946
يازما
155
تېما
8
نادىر
0
جۇغلانما
1670
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2011-11-16
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-17 20:46:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاياجاندىن يىغلاپ سالسام يىراقتا تۇرۇپ كۆز ياشلىرىمنى سۈرتۈشكە ۋاقىت بارمۇ -يە ئوماق ؟
بەك ياخشى تېما ئىكەن ،يۈرەكنى تىتىرەتكۈدەكلا .
قەلەم تۇتقان قوللىرىڭىزغا دەرد كەلمسۇن جانىم !
پىكىر قىلىۋاتىمەن ،دىمەك مەۋجۇتمەن .

كۆيۈمچان ئەزا

http://sajidasulayman.blogbus.

UID
2517
يازما
457
تېما
24
نادىر
0
جۇغلانما
15898
تىزىملاتقان
2010-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-28
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-17 20:52:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەلەك قىز!

شۇ تاپتا كونۇپكا تاختىسى ئۈستىدە ئويناۋاتقان بارماقلىرىڭىزغا ئالماس ئۈزۈك سېپ قويغۇم كەلدى.

كۆيۈمچان ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
1935
يازما
197
تېما
12
نادىر
0
جۇغلانما
9861
تىزىملاتقان
2009-1-25
ئاخىرقى قېتىم
2014-8-30
توردا
22 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-17 21:46:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما دۇئانى بىر ئۆگىنەي جۇمۇ...
ھەركىم باشقىلارنىڭ ئىشىغا دانا.

UID
1931
يازما
742
تېما
41
نادىر
0
جۇغلانما
27947
تىزىملاتقان
2010-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2014-7-27
توردا
88 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-17 21:59:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزلارنىڭ بەختى ھامان ئۆزىنىڭ قولىدا دەيمىزۇ ئۇنىڭ ئاچقۇچىنىڭ ئۆمۈرلۈك جورىمىزلىققا پۈتۈلگەن  ئەركەكلەرنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى ئىتىراپ قىلماي تۇرالمايمىز.
اللاھ ئىگەم ھەممە قىزلىرىمىزغا ھامى بولغۇدەك،قەلبى يورۇق،ئىتىقادى مۇستەھكەم،غورۇر-ۋىجدانغا سادىق،قىز-ئاياللىرىنى قوغدىيالىغۇدەك ئەقەللىسى نىكاھنى قوغدىيالىغۇدەك ،مۇھەببەت مەسئۇلىيىتىنى تۇنىيالىغۇدەك،سەگەك يىگىتلەرنى ئاتا قىلسۇن.

بۇ ئىنكاسنى يېزىۋېتىپ قايسى كۈنى كۆرگەن(بۇرۇتلۇق خانىم)دىگەن يازما ئىسىمگە كىلىپ قالدى...
ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر مەلەكچاق.
شۈمشەيگەن يىلانغا ئەيلىمە شەپقەت،                                            قايغۇغا ھامىلدار بىردەملىك غەپلەت! http://saadat.blogbus.com
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش