كۆرۈش: 2614|ئىنكاس: 18

سەندە مېسسىي بولسا مەندە C رونالدو بار(كىم كۈچلۈك)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

UID
14103
يازما
28
تېما
24
نادىر
0
جۇغلانما
88
تىزىملاتقان
2011-8-18
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
120 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-9 12:43:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەلكۈيى تورى ئوغۇز 9-كۈنى تەنتەربىيە خەۋىرى: تۈنۈگۈن تاڭ سەھەردە ئىسپانىيە پۇتبول كۇلۇب بىرلەشمىسى ئا دەرىجىلىكلەرنىڭ "دۆلەت دېربىسى National Derby" ئۆتكۈزۈلدى ، شۇنداقلا C رونالدو بىلەن مېسسىينىڭ بۇ يىللىق ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشىشنى تالىشىش ھالقىلىق رىقابىتى رەسمىي ئىلىپ بېرىلدى.


خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى بىلەن بارسىلونا كوماندىسى ، ئىككى كونا رەقىب قايتا تۇتۇشتى ، ئىككى كوماندىدىكى بۇ ئىككى ئاتامان ماھىرنىڭ ھەربىر ئىپادىسى مۇسابىقىنىڭ پۈتۈن جەريانىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇردى.



ئىككىلى توپچى بۇ بىر مەيدان مۇسابىقىنىڭ مۇھىملىقىنى روشەن بىلەتتى ، 90 مېنۇتلۇق كەسكىن رىقابەتتىن كىيىن ، ئىككى ئەزىمەت ھەرئىككلىسى ئىككىدىن توپ ئۇرۇپ مۇسابىقە 2:2 نەتىجە بىلەن تەڭلىشپ ئاياغلاشتى ، بۇ نەتىجە توپ مەستانىلىرىغا بۇ ئىككى ئەزىمەتنىڭ بىر-بىرىدىن پەرقلەنمەيدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم رەسمىي ئىسپاتلىدى.

تۈنۈگۈن سەھەردە ئىلىپ بېرىلغان بۇ بىر مەيدان مۇسابىقە بۇ مۇسابىقە پەسلىدە ئىككى تەرەپنىڭ تۇنجى قېتىم ئايلانما مۇسابىقىدىكى ئۇچرىشىشى بولۇپ ، بارسىلونا كوماندىسىنىڭ خان جەمەتى كوماندىسىدىن 8 نومۇر ئالدىدا تۇرۇشى كۆپلىگەن كىشلەرنى پەقەت بۇ مەيدان ئايلانما مۇسابىقىدە خان جەمەتى كوماندىسىنى يەڭسىلا ، بارسىلونا كوماندىسى بۇ بىر پەسىللىك مۇسابىقىنىڭ چىمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش يولى تامامەن ئېچىلىدۇ دىگەننى ھىس قىلدۇرغان ئىدى. روشەنكى،خان جەمەتى تەرەپمۇ بۇ بىر مەيدان مۇسابىقىنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىدۇ، باش تېرىنىر مۇرىنىئوۋ ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ياۋروپا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسدا ياخشى توپچىلىرىمىزنى مەيدانغا كۆپ چىقارماسلىقىمىزنىڭ سەۋەبى بىزنىڭ رەقىبىمىز بارسىلونا كوماندىسىنىڭ ئۈستىدىن غالىب كىلىش ئۈچۈن ئىدى ، دىگەنىدى.


C رونالدو ئۇدا 5 مەيدان بارسىلونانى يېڭىش رىكورتى بىلەن نوكامپۇ مەيدانىغا كەلگەن ئىدى ، ئەمما مۇسابىقىنىڭ 22-مىنۇتىغا كەلگەندە ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ تارىخىنى يەنە توختىماستىن ئۆزگەرتىشكە باشلىدى. خان جەمەتى ئالدىنقى سېپى قايتا-قايتا ھۇجۇم قوزغىدى ، ئاخىرىدا C رونالدو سەپدىشى بېنزېمانىڭ پاس بېرىشى بىلەن سول پۇتى ئارقىلىق قاپقىغا توپ ئۇرۇپ تارىختىكى ئۇدا 6 مەيدان مۇسابىقىدە بارسىلونا كوماندىسىغا توپ ئۇرغان ماھىرغا ئايلاندى، بۇنىڭ بىلەن C رونالدو يەنە مېسسىينىڭ دۆلەت دېربىسى مۇسابىقىسىدە 5 مەيدان مۇسابىقىدە توپ ئۇرۇش رىكورتىنى يېڭىلىغان بولدى. ئۆتكەن پەسىللىك پادشاھ لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىكى ئىككى قېتىملىق ئۇچرىشىش باشلانغاندىن باشلاپ ، C رونالدو ئايلانما مۇسابىقىلەردە ، ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى مۇسابىقىلىرىدە بارسىلونا كوماندىسىنىڭ قاپقىسىغا توپ ئۇرغان ماھىر ئىدى. ئۇ بىر توپ كىرگۈزگەندىن كىيىن نوكامپۇ توپ مەيدانىغا "تىنىچ" دىگەن قول ئىپادىسىنى كۆرسەتتى ، ئۇنىڭ ئۇرغان بۇ توپى ئارقىلىق ھەقىقەتەن مەيداننى تىنىچلاندۇرۇشقا ھوقوقى بار ئىدى.


بىر توپ كەتكۈزىۋەتكەندىن كىيىن بارسىلونا كوماندىسى تېخىمۇ كۈچەشكە باشلىدى ، بارسىلونا كوماندىسى ئۆزىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ئوتتۇرا مەيدان كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى ، خان جەمەتى كوماندىسى بولسا بىر توپ ئۈستۈنلۈككە ئۆتكەندىن كىيىن بىرخىل پاسسىپ ھالەتكە ئۆتۈپ قالغان ئىدى. پۈتۈن مۇسابىقە جەريانىدا ، بارسىلونا كوماندىسىنىڭ توپ كونترول قىلىش نىسبىتى 70% گە يېقىنلاشقان ئىدى. 31-مىنۇتقا كەلگەندە ، خان جەمەتى كوماندىسىنىڭ ئارقا سېپىدە خاتالىق كۆرۈلۈپ پېي پېي قارشى تەرەپ ئەزاسىنى تورايدىغان ۋاقىتتا يېقىلىپ چۈشتى ، بارسىلونا كوماندىسىنىڭ ماھىرى مېسسىي بۇ قىممەتلىك پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ قاپقىغا غەلبىلىك توپ ئۇردى ، مۇسابىقە نەتىجىسى 1 : 1 بولدى . توپ ئۇرغاندىن كىيىنكى مېسسىي خۇشاللىقىدىن ناھايىتى ھاياجانلاندى ، ئۇ مەيداندا يۈگۈرەپ تەبرىكلىگەچ توۋلىدى ، ئاخىرىدا يەنە قوللىرىنى كۆتۈرۈپ پۇلاڭلىتىپ تەنتەنە قىلدى. مۇسابىقىنىڭ 61 مىنۇتىدا مېسسىي ئىختىيارى توپ تېپىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپ بىۋاستە قاپقىغا تېپىپ ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ مۇسابىقە نەتىجىسىنى 2 : 1 گە ئايلاندۇردى ،  بۇ مېسسىينىڭ نوكامپۇ توپ مەيدانىدا ئۇرغان 150-توپى بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە ئايلانما مۇسابىقە جەريانىدا 100 توپ بار. بۇ مۇسابىقە پەسلىدە 8 توپ كىرگۈزدى ، بۇ ھەم ئۇنىڭ دۆلەت دېربىيدا كىرگۈزگەن 17-توپى ھىسابلىنىدۇ. 21 مەيدان دۆلەت دېربىي مۇسابىقىسىدە 17 توپ كىرگۈزگەن مېسسىي بۇ مەيدان مۇسابىقە ئاياغلاشقاندىن كىيىن ئىسپانىيە كونا چولپىنى لاۋئېرنىڭ سانىدىن ئېشىپ چۈشتى.


ئەمما مېسسىينىڭ مەيداندىكى مۇنەۋۋەر ئىپادىسى C رونالدونىڭ قابىليىتىنى توسىيالمىدى ، 5 مىنۇتتىن كىيىن خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى قايتۇرما ھۇجۇم تەشكىللەپ C رونالدو  يەنە بىر توپ ئۇرۇپ مەيدان مۇسابىقە نەتىجىسىنى تەڭلەشتۈردى ، مۇسابىقە 2 : 2  نەتىجە بىلەن ئاياغلاشتى.



"كۈچلۈك رەقىبكە دۇچ كەلدۇق ، ئەمما بىز بۇ مەيدان مۇسابىقىنى ياخشى تەپتۇق"،مۇسابىقە ئاياغلاشقاندىن كىيىن مېسسىي تەكىتلەپ،بارسىلونانىڭ ھەممە ئەزالىرىنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولدى،"ئالتۇن توپ مۇكاپاتى؟ مەن ئۆزۈمنىڭ شەخسىي ئىپادەم توغرىسىدا گەپ قىلمايمەن"،دىگەن. ئەمما مېسسىي يەنىلا C رونالدونى ماختاپ مۇنداق دىدى: "كىرىستىئانو ھەقىقەتەن ياخشى توپ ماھىرى ، بۇنى ھەممىمىز ناھايىتى ئېنىق بىلىمىز ، ئەمما C رونالدودىن باشقا يەنە نادىر توپ ماھىرلار كۆپ. بۇنىڭدەك ئوخشاش كۈچتىكى كوماندىلار ئۇچرىشىشىنى كۆرۈش توپ مەستانىلىرىغا نىسبەتەن ناھايىتى ھوزۇرلۇق ئىش"،دىگەن.


ھەرئىككى ماھىر ئۆزىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ماھارەتلىرى ئارقىلىق ئىككىدىن توپ كىرگۈزدى ، ئەمما C رونالدو بىلەن مېسسىينىڭ قايسىسىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى پاراڭلار ، مۇنازىرىلەرنىڭ ئۈزۈلگىنى يوق ، مۇنىرىئوۋ بۇ سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەردى : " مېنىڭچە دۇنيادىكى ئەڭ نادىر پۇتبول ماھىرى كىم دىگەن بۇنداق گەپلەرنى چەكلەش زۆرۈر ، چۈنكى بۇ ئىككىلى ماھىر تاشقى پىلانىتدىن كەلگەن" ، دىگەن. بۈگۈنكى مۇساىبقىدىكى تەڭلىشىش بۇندىن كىيىنكى بۇ ئىككى ماھىرنىڭ رىقابىتىنىڭ تېخىدىنمۇ كەسكىن بولىدىغانلىقىدىن دىرەك بىرىدۇ. ئىككىلى ماھىرنىڭ قابىلىيىتىدىن گۇمانلانغىلى بولمايدۇ ، ئەمما ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدىكى ئىككى كوماندىدا ئوينىغان ئىپادىسىنى قىياس قىلىش تەس.
(ئەلكۈيى تەنتەربىيەسى تېمىسى ، باشقا تور بېكەتلەرگە روخسەتسىز يۆتكەشكە بولمايدۇ)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   news تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-9 12:45  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
44623
يازما
23
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
23
تىزىملاتقان
2012-7-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-12
توردا
34 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-9 12:57:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلار ھەقىقەتەن يامان ،مەن يەنىلا مىسىسىنى ياخشى كۆرىمەن .ئۇنىڭ سۇرىتى  س لوناردىندى سەل ئىتتكتەك ھىس قىلمەن .مۇشۇكتەك چاققان .

UID
46473
يازما
32
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
32
تىزىملاتقان
2012-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-21
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-9 13:17:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە بۇ مۇسابىقە مەن كۆرگەن مۇسابىقىلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ قىززىغان مۇسابىقە بولدى ، تۈنۈگۈن پۈتۈن دۇنيادىكى ئاخباراتلاردا مۇشۇ گەپلا بولدى ، مەن تېخى ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدە بۇ توغرىسىدا ھىچقانداق مۇنازېرە بولماس چېغى دەپ ئويلىسام بۈگۈن بۇ مۇنبەردە تېشىلدى بۇ مۇسابىقە ئەھۋالى.
مېسسىي بىلەن كىرىستىئانو رونالدو نۆۋەتتىكى دۇنيا پۇتبول سەھنىسىدىكى قابىلىيەتلىك ئاتامانلار ، خۇددىي مۇسابىقە ئاياغلاشقاندىن مېسسىي دىگىنىدەك بۇ ئىككىسىنىڭ تۇتۇشىشىنى پۈتۈن دۇنيادىكى توپ مەستانىلىرى ئۈمىد قىلغان ھەم كۈتكەن ئىدى. ئەمما توپ مەستانىلىرى جۈملىدىن مەن ھەممىدىن ئويلىمىغان تەڭلىشىپ قىلىشى بولدى ، دەسلەپتىكى س رونالدونىڭ توپى بىلەن بۇ مۇسابىقە مۇشۇنداق ئاياغلىشىپ كېتىدىغان بولدى دەپ ئويلىغان ئىدىم ، ئەمما ئويلىمىغان نەتىجە يۈز بەردى. بۇ ئىككى ماھىرنىڭ ھەر ئىككىسى ئىككىدىن توپ ئۇرۇپ  2: 2 نەتىجە بىلەن كىيىنكى مەيداننىڭ ئاياغلىشىشىنى ھىچكىشى ئويلاپممۇ باىمىغان ، چۈنكى ھەممىمىزگە ئايان بولغىنىدەك توپ يۇمىلاق نەرسە ، بۇنداق خەلىئارالىق چوڭ مۇسابىقىدە ئۇ ئىككىسى ھەرگىزمۇ ئۆز-ئارا دىيىشىۋىلىپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈرەلمەيدۇ ، ئەمما ھەر ئىككىسىنىڭ ئەڭ ياخشى ماھارىتىنى كۆرسەتكىنىنى پۈتۈن دۇنيا پۇتبول مەستانىلىرى ھىس قىلدى.
ئىككىىسىدىن قايسىسىنى تاللاشقا كەلگەندە مەن ئىزچىل مېسسىينى ياقتۇرۇپ كەلدىم ، چۈنكى ئۇ ئۈستىدىكى دوستىمىز ئېيىتقىنىدەك سۈرئەت جەھەتتە تېز بولۇپلا قالماستىن يەنە توپ ماھارەت جەھەتتە ، بەدەن ساپا ھەممىدىن مېنىڭ قول قويۇدىغىنىم ئۇنىڭ ئۆز كوماندا ئەزالىرىنى يىتەكلەش جەھەتتە قابىليىتى بار . س رونالدومۇ قابىلىيەتلىك ئەمما ئۇ ماڭا ئازراق شەخسىيەتچىدەك كۆرۈنىدۇ ، شۇ سەۋەبتىن كوماندا ئەزالىرىدىن ئۈستۈن تۇرۇشنىلا ئويلايدىغاندەك ، ئۆزى بىلەنلا بولۇپ ئۆز كوماندىسىدىكى باشقا سەبداشلىرى بىلەن تازا كارى بولمايدىغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ.
ئىشقىلىپ نۇرغۇن سەۋەبلەر مېنى مېسسىينى قوللاشقا چاقىرىدۇ ، باشقىلار قانداق قارايدىكىن.
ئۇنىڭ بۇ يىللىق ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا يەنە بىر قېتىم ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!!


باھا سۆز

marcelo  MENGQA,,MESSI,,YAMANRAKMEKIN,DAP,OYLUDUMGU,KIQIK,PEL,U  يوللىغان ۋاقتى 2012-11-7 17:33:29

UID
37998
يازما
10
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2012-5-11
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-26
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-9 13:47:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرنىمە  دىمەك تەس   

UID
47852
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-10-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-9
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-9 14:50:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇسابىقە ئەھۋالىدىن قارىغاندا ھەر ئىككىلى چولپان ئۇزىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ئىپادىسىنى نامايەن قىلىپ تاماشىبىنلارغا ئېسىل ماھارىتىنى سۇندى شۇنداقلا دەۋرىمىز پۇتپۇل سەھنىسىدە يېڭى مۆجىزە ياراتتى بىز ئۇلارغا ئاپىرىن ئېتماي تۇرالمايمىز  ! ئۇيغۇر پۇتبۇلچىلقىمىزنڭمۇ دۇنيا پۇتبۇل سەھنىسىدە ئەنە شۇنداق شۆھرەت قازىنىشىغا تىلەكداشمەن .

UID
47859
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-10-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-9
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-9 16:13:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئككى يۇلۋاس سۇقۇشسا ئۇۋچىغا پايدا

UID
47870
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-10-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-9
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-9 22:45:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئىزچىل مىسسىنى ياقتۇرمەن ،مىسسىنى ياقتۇرغىنىم ئۇچۇنلا ماختىغىنىم ئەمەس مىسسى ھەقىقەتەن  سۈرئەت جەھەتتە تېز بولۇپلا قالماستىن يەنە ئۇنىڭ ئالداش ماھارىتى ،مىسسى پۇرسەت كەلسە ئۇنىڭ 4-5 ئادەمنى ئالداپ ئۆتۇپ توپ ئۇرۇش ماھارىتىگە بەك قايىل ، ئاندىن قالسا مىسسى ئۆزى توپ ئۇرۇشقا پۇرسەت تاپالمىسا سەبداشلىرىغا توپ ئۇرۇشىغا ھالقىلىق پاس تاشلاپ بېرىشىمۇ بەك قالتىس، رونالدو بۇ جەھەتتە ھەقىقەتەن مىسسىغا يەتمەيدۇ ،رونالدۇمۇ ئالداپ قويىدۇ ،لىكىن رونالدونىڭ ھازىرغىچە مىسسىگە ئوخشاش 4-5 ئادەمنى ئالداپ ئۆتۇپ توپ ئۇرغىنىنى كۆرمىدىم،ھەمدە سەبداشلىرىغا ھالقىلىق توپ تاشلاپ بەگىنىنىمۇ ئاسان كورگىلى بولمايدۇ، ئەڭ ئاخىردا مىسسنىڭ كىچىك پئېل كوماندىنىڭ غەلبىسىنى ئەڭ مۇھىم ئورونغا قويدىغان روھى تەرىپلەشكە ئەرزىيدۇ ، مىسسىنى ۋە بارسىلونا كۇلۇبىنى ياخشى كۆردىغان تورداشلارنىڭ 11598352 قۇشۇۋىلىشى ئۇمۇد قىلىمەن .

UID
21731
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-1-1
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-15
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-9 23:39:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن  c  رونالدو غا ئىشىنىمەن

UID
47876
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2012-10-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-17
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-10 03:28:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككىلىسىنى ياختۇرمايمەن

UID
44542
يازما
152
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
152
تىزىملاتقان
2012-7-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
53 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-11 23:40:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ھەر ئىككىسىنى ياخشى كۆرىمەن   مىسسى مۈشۈكتەك چاققان ، يەنە ھەممىدىن كوماندىنىڭ مەنپەتىنى ئۈستۈن كۆرىدۇ ، كىرىستىئانو رونالدونىڭ ماھارىتىمۇ قالتىس .....  ئۇلار راسلا تاشقى پىلانىتتىن كەلگەن ....  بىراق ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقىدىمۇ  ناھايىتى  ياخشى  نەتىجىلەر قولغا كەلدىغۇ .... ئەگەر ئارسلانلىرىمىزمۇ شۇلاردەك قالتىس تېرىنىرلارنىڭ قولىدا مەشىقلەندۈرۈلۈپ ، شۇلاردەك ئەۋزەل شارائىتتا توپ تېپىش پۇرسىتىگە ئېرىشسە چوقۇم ئۇلارنىڭ ئىچىدىنمۇ بۇنداق تاشقى پىلانىتتىن كەلگەن دەپ تەرىپلىنىغاندىن بىر ئىككى ئەمەس بىرنەچچىسى چىقىدۇ ، شاكىچىك ئەزىمەتلىرىمىز ئىچكىرى ئۆلكىلەردە قالتىس نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى ...  رەھىم - شەپقەت قىلماي15: 1نەتىجە بىلەن قارشى تەرەپنى يېڭىپ تېخى مۇسابىقىگە چۈشمىگەن كوماندىلارنى قورقۇتىۋەتتى شۇڭا مەن بۇ تاشقى پىلانتتىن كەلگەن شاكىچىك توپچىلارنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىمەن .....  

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش