رەھمەت سۆيۈملۈك مۇنبەرداشلىرىم!!ئاللاھ خالىسا،چوقۇم ۋاقتى-ۋاقتىدا داۋاملىق يوللاپ تۇرىمەن.....
-ئاۋۇ بۇتتەك ئولتۇرامسىز؟-دېدى گۈلنار باغچە فونتاننىڭ ئوتتۇرىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھەيكەلنى ئىما قىلىپ،-يۈرۈڭ،مائارىپ ئىدارىسىگە بارىمىز...
-توغرا،جۈيجاڭ تۈنۈگۈن:‹ئەتە سائەت ئون بىرلەردە ماڭا بىر يولۇقۇڭ›دېگەنىدى.پەقەتلا ئۇنتۇپتىمەن.
سەلىم بىلەن گۈلنارمائارىپ ئىدارىسىنىڭ تال بوستانلىق سالقىن ھويلىسىغا كىرگەندە،جۈيجاڭ ئىشخانىسىنىڭ ئالدىدىكى ئورۇندۇقتا ئېگىز بويلۇق،قارىمۇتۇق بىر كىشى ئولتۇراتتى.
-يولداش،جۈيجاڭ بارمىكىن؟-دېدى سەلىم ئەدەب بىلەن.
-بار،ھاكىم بىلەن سۆزلىشىۋاتىدۇ،سىلەرمۇ جۈيجاڭنى ئىزدەپ كەلگەنمۇ؟
يۆلەنچۈكلۈك ئۇزۇن ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان بۇ كىشى سەلىم بىلەن گۈلنارغا ئورۇن بوشىتىپ بېرىپ نېرىغا سۈرۈلدى-دە،كىمگىدۇر ئاچچىقلىغاندەك‹چىرت›قىلىپ ئالدىغا تۈكۈردى.
-سىلەرمۇ خىزمەت يۆتكىلىش ئىشى توغرۇلۇق كەلگەنمۇ؟-دېدى قارىمۇتۇق يىگىت.
-ياق،بىز ئوقۇش پۈتتۈرۈپ يېڭىدىن كەلگەن،ئۆزىڭىز؟
-ھەي...-دېدى يىگىت بۇرنىنى ئايىغى ئاستىغا ‹تىرت›قىلىپ قېقىپ قويۇپ،-بىر يىلدەك بولدى خىزمەت تاشلاپ ياتتۇق.
-نېمە ئۈچۈن؟
-ئەسلىدە مەن ناھىيىلىك ئوتتۇرا مەكتەپتە ياللانما ئوقۇتقۇچى ئىدىم.‹شتات بېرىمىز،مائاشىڭنى ئۆستۈرۈپ بېرىمىز›دەپ قاراڭغۇ تاغ دېگەن كۈن چۈشمەس زىندانغا ئەۋەتىشتى،تۇمشۇق تىرەپ ئىككى ئاي ئاران چىدىدىم.كېيىن پېشىمنى قېقىپ يېنىپ كەلدىم.
-مائارىپ ئىدارىسىدىن نېمە دېدى؟-سورىدى گۈلنار سەلىمگە مەنىلىك قاراپ قويۇپ.
-نېمە دەيتتى،مۇزاكىرە قىلمىدۇق،ئويلىشىپ باقايلى،ئەتە كەل،ئۆگۈن كەل بىلەن بۈگۈنگىچە سۆرىدى،-دېدى ئوقۇتقۇچى قوللىرىنى يېيىپ،-بولدى،ماڭا شتاتمۇ بەرمىسۇن،مائاشىمنىمۇ ئۆستۈرمىسۇن.شەھەردە بىرەر مەكتەپنىڭ ئىشچىلىقىنى بەرسۇن.تەرەتخانا ئادالىساممۇ مەيلى.لېكىن،قاراڭغۇ تاغنى خۇدا كۆرسەتمىسۇن.كالا تېزىكى چوغىغا كۆمگەن كۆمەچنى يېسەڭ،قورسىقىڭنى كۆپۈرۈپ،كىشىلەر ئالدىدا ئىشەنچىلىك ئولتۇرالمىساڭ...قوتۇرماق دېگەن بىر نەرسىسى بار،ئۇنى يېسەڭ پۈتۈن كىرىپ پۈتۈن چىقىدۇ.تېخى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئاجرىتىپ بەرگەن سىنىپى بىر گۇندىخانا،ئادەملىرىنى دېدەمسىز،تۇرغان تۇرقى بىر ياۋايىلار...قىسقىسى،ئانىسىنىڭ ئەمچىكىنى قاتتىق چىشلىگەن ئادەم قاراڭغۇ تاغقا بارىدۇ.
گۈلنار سەلىمگە‹ئاڭلىدىڭمۇ؟›دېگەندەك،زەردە بىلەن بىر ئالىيىۋالغاندىن كېيىن،جۈيجاڭ ئىشخانىسىنى ئىشارە قىلىپ،ئۇنى جەينەكلەپ قويدى.
-ئۇلار سۆھبەتلىشىۋاتقان تۇرسا،-دېدى سەلىم ئاستا پىچىرلاپ.
-ھېچنىمە بولمايدۇ،كىرىۋېرىڭ،ھاكىم بولسا تېخى ياخشى.
-بۇنداق قىلساق...سەت ئەمەسمۇ؟
-ۋىيەي،نېمانداق قىلىدىغاندۇ ئادەمنىڭ جېنىنى چىقىرىپ...بېرىڭ!...
نائىلاج ئورنىدىن تۇرغان سەلىم دېرىزە ئالدىغا كەلدى.ئۇ ئىشخانا ئىچىدىن ئۈنلۈك ئاڭلىنىۋاتقان جۈيجاڭ بىلەن ھاكىمنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ قالدى-دە،يا ئالدىغا،يا كەينىگە ماڭالماي تۇرۇپ قالدى.يۈرىكى ئامبۇردا قىسىۋاتقاندەك ئاغرىۋاتقان سەلىم ئۆز جايىدائۈن-تىنسىز جىم تۇراتتى،لېكىن گۈلنارنىڭ زەردە بىلەن ‹سەلىم ›دېگەن ئاگاھلاندۇرۇشىدىن چۆچۈپ قايرىلدى.ئۇ گۈلنارنىڭ تۈرۈلۈپ كەتكەن قاپاقلىرىغا قارىغانچە ئىشىكنى چەكتى.
جۈيجاڭ سەلىمنى قىزغىن قارشى ئالدى.سەلىممۇ ئورنىدىن ھاكىم بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى.
جۈيجاڭ سەلىمنى كرېسلوغا تەكلىپ قىلغاندىن كېيىن،ئىستاكانلارغا چاي قۇيغاچ،تەكەللۇپ بىلەن ھاكىمنى تونۇشتۇردى.
-بۇ كىشى ئابدۇرېشىت ھاكىم بولىدۇ.ناھىيىمىزنىڭ مائارىپ ۋە چارۋىچىلىق ساھەلىرىگە مەسئۇل.
سەلىم مۈرىسى كرېسلو يۆلەنچۈكى بىلەن تەڭلا تۇرغان ئېگىز بوي،چوققا چاچلىرى چۈشۈپ،چېكىلىرى سۇۋارى ئاقارغان كىشىنىڭ مۇلايىم تەبەسسۇم جىلۋىنىپ تۇرغان يۈزلىرىگە قارىدى.
-خوش،قېنى چاي ئىچىڭ،-دېدى ئابدۇرېشىت ھاكىم كۈلۈمسىرەپ،-ئىسىم- فامىلىڭىز‹سەلىمجان قۇربان›غۇ دەيمەن؟
-شۇنداق.
-سىز ئانچە-مۇنچە شېئىر يازامسىز؟
قۇلاقلىرىغىچە قىزىرىپ كەتكەن سەلىم بېشىنى بىلىنەر-بىلىنمەس لىڭشىتتى.
-پاھ!دۇرۇس،دۇرۇس،فىزىمات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئەدەبىياتتىمۇ كۆزگە كۆرۈنۈشى تېگىل ياخشى ئىقۇ.ئىككى بىسلىق پىچاق مەن دەڭە؟
-ئانچە-مۇنچە ھەۋەس قىلىپ...
-گۈلنار قىزمۇ سىز بىلەن بىر سىنىپتا ئۇقۇغانمۇ؟
-ياق،ئۇ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان...
ئابدۇرېشىت ھاكىم ناھىيىنىڭ مائارىپ ئىشلىرى،قاراڭغۇ تاغقا قۇرۇلۇۋاتقان شۆبە سىنىپ،بۇ چاغقىچە ئۇ يەردىكى بالىلارنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ قارىسىنى كۆرمەي كېلىۋاتقانلىقىنى ھەتتا قاراڭغۇ تاغنىڭ تەبىئىي شەرت-شارائىتىنى،قاتناشنىڭ قولايسىزلىقىدىن گېزىت-ژۇرناللارنىڭمۇ بىرەر ئاي كېچىكىپ بارىدىغانلىقىنى،ھازىرغىچە سىم تۈۋرۈكلىرى ئورنىتىشقىمۇ مۇمكىن بولماي،سىمسىز تېلېفۇن بىلەن ئالاقىلىشىدىغانلىقىغا قەدەر ھەممىنى يوشۇرماي چۈشەندۈردى.
-شۇنداق سەلىم،-دېدى ھاكىم ئېغىر تىنىپ،-بىر مىللەتنىڭ راۋاج تېپىشى ياكى خارابلىققا يۈزلىنىشى شۇ مىللەت مائارىپىنىڭ گۈللىنىش-گۈللەنمەسلىكىگە چەمبەرچاس باغلانغان.بەلكىم مېنىڭ بۇ تونۇشۇم مۇكەممەل ئەمەستۇ،لېكىن مەن شۇنداق قارايمەن.خەير ئۆز سۆزۈمگە كېلەي، قاراڭغۇ تاغ ۋەتىنىمىزنىڭ ئەڭ چەت چېگرا رايونى.ئۇ يەردىكى ئۆسمۈرلەر بىلىمگە تەشنا.ۋەتەن تۇپرىقىدا بۇنداق بىر ئاق چېكىتنىڭ مەۋجۈت بولۇپ تۇرۇشى ھەرقانداق ۋىجدانلىق كىشىنى ئېچىندۇرىدۇ.ئەسلىدە گۈلنارنىمۇ بارسۇن دېگەنىدىم،لېكىن تۇرمۇش شارائىتى تۈپەيلىدىن جۈيجاڭ قېتىلمىدى.
سەلىم جۈيجاڭ،ھاكىملار بىلەن خوشلىشىپ چىققاندا،چۈشلشك تاماق ۋاقتى بولۇپ قالغانىدى.ئۇ گۈلنارنىڭ چىرايىغا تىكىلىپمۇ قارىيالماي ئاسفالىتلىق كوچىلاردا بىردەم ئايلاندى،كېيىن كىچىك دەرۋازىدىكى كىچىك بىر ئاشخانىغا كىرىشتى.يېڭىدىن پەيدا بولغان بۇ كىچىك ئاشخانىلار تولىمۇ ئاۋات ئىدى.بىر-ئىككى ئايالنىڭ تارسىلدىتىپ لەغمەن سېلىشى،ياش يىگىتنىڭ مانتا سانىشى،خېرىدارلارنىڭ ۋاڭ-چۇڭلىرىنى ئۈنئالغۇدىن چىقىۋاتقان داڭلىق خەلق سەنئەتچىسى مەڭلىكخاننىڭ جاراڭلىق ناخشىسى بېسىپ چۈشمەكتە ئىدى.
سېرىق سۆگەت سىيرىلدى،
سىيرىلىشىنى كىم بىلگەن؟
بىز ئىككىمىز ئامراقتۇق،
ئايرىلىشىنى كىم بىلگەن؟
گۈلنار ئېغىر ئۇھ تارتىپ قويدى.ئۇ كۆڭلىدىكى گەپ-سۆزلىرىنى قانچە ئېزىپ ئىچۈرسىمۇ سەلىمنى جۈيجاڭ قېشىغا قايتا كىرىشكە كۆندۈرەلمىدى.
-‹كەملىگەن تەلەيدە ئاناڭنىڭ ھەققى بارمۇ›دەپ ئەجەپمۇ تەلەيسىز ئىكەنمەن،-دېدى گۈلنار زەردە بىلەن پىچىرلاپ،-قوتۇرماچنىمۇ يەپ باقارسىز،ئارپا كۆمىچىنىمۇ ...-گۈلنار پوسۇققىدە كۈلۈۋەتتى،-ئۇ چاغدا پىداكارلىقىڭىزمۇ توزغاقتەك توزۇپ كەتمىسە...
-بولدى،-دېدى سەلىم خۇرسىنىپ،-ئەمدى جۈيجاڭنىڭ قېشىغا ھەرگىز كىرمەيمەن...
سەلىم گۈلنارنىڭ دوق بىلەن ئېيتقان سۆزلىرىنىمۇ،مەسخىرىلىك كۈلۈشلىرىنىمۇ ئاڭلىمىدى.ئۇ ھامان جۈيجاڭنىڭ ‹قوشۇلماي ھەددىمۇ،سەلىمجان ئوڭچىنىڭ بالىسىكەن›دېگەن سۆزلىرىنى ئىچىدە تەكرارلايتتى.ئۇ بۇ سۆزلەردىن بىر ئۆمۈر پىشانىسىگە پۈتۈلگەن ئېغىر قىسمەتنى،تەقدىرىگە بېسىلغان قارا تامغىنى كۆرگەندەك بولغانىدى.‹قالپاقنى قامچا قىلىپ ئۇنى تاغقا پالاپسىز،-دە›دېگەن بۇ سۆز ئۇنىڭ مىسكىن قەلبىنى ئاۋۇندۇرغان بولسىمۇ،يەنىلا ھازىرغىچە تارتىپ كەلگەن دەرد-ھەسرىتى ئېسىدىن چىقمىغانىدى.
-ئادەم بىردەملىك يۈزىنى ئايىغان بىلەن ،كېيىنچە ئارپا مونىكى گالدىن ئۆتمىكى تەسكە چۈشسە،پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا تېپىلماس.بولمىسا ئابدۇرېشىت ھاكىمنىڭ ئۆيىگىلا بېرىڭ.
-ھاكىمنىڭ؟ئۇ...ئۇ سىزنىمۇ بارسۇن دېگەن،جۈيجاڭ قوشۇلمىدى،
-مېنى؟!
گۈلنارنىڭ چوققىسىدىن كىرگەن تىترەك تاپىنىدىن چىقىپ قەتتى.ئۇ مۇدىر قىيناغىسىغا،جۈيجاڭغا‹شەھەردە تۇرغۇم بار›دەپ ئالدىنئالا ئەسكەرتىپ قويغانلىقىغا،قىسقىسى ئۆزىنىڭ دانىشمەنلىكىگە ئىچىدە ئاپىرىن ئوقۇدى.لېكىن ئۇ بۇ سوغۇق خەۋەرنىڭ زەربىسىدە ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ،خۇددى يامغۇردا قالغان چۈجىدەك تۈگۈلۈپلا قالغانىدى،خۇددى يامغۇردا قالغان چۈجىدەك تۈگۈلۈپلا قالغانىدى.
-نېمە بولدىڭىز؟
-ھېچ...ھېچنىمە،قۇلاق سېلىڭ،-دېدى گۈلنار ئۈنئالغۇنى ئىما قىلىپ،-ئەجەپ قىزىق...
مەڭلىكخاننىڭ ئاجايىپ شوخ ناخشىسى ئاشخانىنى كۆتۈرۈۋەتكەنىدى:
ئىشىك ئالدى جۈسەيلىك،
سەيلىمىسەكمۇ سەيلەكلىك.
سەن قارىمىساڭمۇ يارىم،
يېنىمدا بىرى پەيلەكلىك.