كۆرۈش: 3281|ئىنكاس: 17

مۇناپىق كىم؟   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
47811
يازما
2
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-10-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-30
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-8 15:19:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ماڭا مۇناپىقنىڭ سۇپەتلىرىنى تەپسىلىي ئيتىپ بەرگەن بولسىڭىز؟ ئەرەفات
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
مۇناپىقلىق
مۇناپىقلىق ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ. بىرى كاپىرلىقتىنمۇ يامان. بۇ مۇناپىقلىق، تىلىدا مۇسۇلمانلىق ئاشكارىلاپ، دىلىدا كاپىلىق ساقلاشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ:
1- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلىش ياكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بەزى كۆرسەتمىلىرىنى ئىنكار قىلىش.
2- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى يامان كۆرۈش ياكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بەزى كۆرسەتمىلىرىنى يامان كۆرۈش.
3- ئىسلامنىڭ مەغلۇبىيىتىگە سۆيۈنۈش ياكى غەلىبە قىلىشىنى يامان كۆرۈش.
بۇ مۇناپىقلىقنىڭ خەتىرى ناھايىتى چوڭدۇر. بۇ شەكىلدىكى مۇناپىقنىڭ ئازابى كاپىرنىڭ ئازابىدىنمۇ ياماندۇر. ئاللاھ تەئالا بۇلار توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ:
«شۈبھىسىزكى، مۇناپىقلار دوزاخنىڭ ئەڭ ئاستىنقى قەۋىتىگە تاشلىنىدۇ»- (نىسا 4/145).
بۇ خىل مۇناپىقلارنىڭ سۈپەتلىرى توغرىسىدا ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا شۇنداق كىشىلەرمۇ باركى، ھېچ ئىشەنمەي تۇرۇپ «بىز ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەندۇق» دەيدۇ.
ئۇلار ئاللاھنى ۋە مۇئمىنلەرنى ئالداشقا ئۇرۇنىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلار تۇيماستىن ئۆزلىرىنىلا ئالدايدۇ.
ئۇلارنىڭ قەلبلىرىدە بىر كېسەل بار. ئاللاھ ئۇلارغا يەنە بىر كېسەل ئارتتۇردى. ئۇلارغا، يالغانچىلىق قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن ئەلەملىك بىر ئازاب بار.
ئۇلارغا: «زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار» دېيىلسە، «بىز پەقەتلا تۈزىتىدىغان كىشىلەرمىز» دەيدۇ.
دىققەت، ئۇلار بۇزغۇنچىلارنىڭ دەل ئۆزىدۇر، لېكىن ئۇلار بۇنى تۇيمايدۇ.
ئۇلارغا: «شۇ ئىنسانلار قانداق ئىمان ئيتقان بولسا، سىلەرمۇ شۇنداق ئىمان ئيتىڭلار» دېيىلسە، «ئۇ ئەخمەقلەر قانداق ئىمان ئيتقان بولسا، بىزمۇ شۇنداق ئىمان ئيتامدۇق؟» دەيدۇ. دىققەت، ئۇلار ئەخمەقلەرنىڭ دەل ئۆزىدۇر؛ لېكىن ئۇلار بۇنى بىلمەيدۇ.
ئۇلار مۇئمىنلار بىلەن ئۇچراشقاندا: «بىزمۇ ئىمان ئېيتتۇق» دەيدۇ. شەيتانلىرى بىلەن ئۆزئارا يالغۇز قېلىشقان چاغلىرىدا بولسا، «خاتىرجەم بولۇڭلار بىز سىلەر بىلەن بىللە، بىز ئۇلارنى مەسخىرە قىلماقتىمىز» دەيدۇ.
ئاللاھ ئۇلارنى مەسخىرە قىلىدۇ ۋە ھەددىدىن ئېشىشلىرىدا ئۇلارغا مۆھلەت بېرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىر مۇددەت تېڭىرقاپ يۈرۈشىدۇ.
ئەنە شۇلار، زالالەتنى ھىدايەتكە سېتىۋالغان كىشىلەردۇر. بۇ سەۋەبتىن ئۇلار قىلغان تىجارىتىدىن ھېچبىر پايدا ئالالمىدى. چۈنكى ئۇلار پايدا يولىنى تۇتمىدى.
ئۇلارنىڭ ئەھۋالى شۇ كىشىنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاشكى: ئەتراپنى يورۇتۇش ئۈچۈن بىر ئوت ياقىدۇ، ئوت ئەتراپىنى يورۇتقاندا ئاللاھ ئۇلارنىڭ نۇرىنى ئېلىپ كېتىدۇ ۋە ئۇلارنى قاراڭغۇلۇقلار ئىچىدە تاشلىۋىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار، كۆرەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.
ئۇلار گاستۇر، گاچىدۇر، كوردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەقىقەتكە قايتمايدۇ.
ياكى ئۇلارنىڭ ئەھۋالى قاتتىق بۇلۇتلۇق، گۈلدۈرمامالىق ۋە چاقماقلىق بىر ئاسماندىن قۇيۇلغان يامغۇرغا مۇپتىلا بولغان، ئۆلۈپ كېتىشتىن قورقۇپ چاقماقلارغا قارشى بارماقلىرى بىلەن قۇلاقلىرىنى ئېتىۋالغان كىشىلەرگە ئوخشاشتۇر. ئاللاھ كافىرلارنى قورشاپ تۇرغۇچىدۇر.
چاقماق، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى قۇيىۋەتكىلى تاس قالىدۇ. ئۇلار چاقماق چېقىلسا ئۇنىڭ يورۇقىدا مېڭىۋالىدۇ، قاراڭغۇلۇق باستىمۇ تۇرغان يېرىدە تۇرۇپ قالىدۇ. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىنى گاس، كۆزلىرىنى كور قىلىۋىتەتتى. چۈنكى ئاللاھ، ھەر نەرسىگە قادىردۇر»- (بەقەرە 2/8 - 20).
ئىككىنچى تۈرلۈك مۇناپىقلىق ئىنساننى كاپىر قىلىۋەتمەيدۇ، لېكىن گۇناھكار قىلىدۇ. بۇ مۇناپىقلىق چوڭ گۇناھلاردىن ھېسابلىنىدۇ. بۇ مۇناپىلىقنىڭ ئالامىتىنى مۇنۇ ھەدىسلەر ئوتتۇرىغا قويىدۇ:
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«مۇناپىقنىڭ ئالامىتى ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ: سۆزلىسە يالغان سۆزلەيدۇ، ۋەدە قىلسا ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىدۇ، ئامانەت تۇتسا ئامانەتكە خىيانەت قىلىدۇ»- (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
«مۇنداق تۆت خىسلەت بار، كىمدە مۇشۇ تۆت خىسلەت بولىدىكەن، ئۇنى تەرك ئەتمىگۈچە ئۇنىڭدا مۇناپىقلىقتىن بىر خىسلەت بولغان بولىدۇ. بۇ تۆت خىسلەت: ‹يالغان سۆزلىمەك، ۋەدىگە خىلاپلىق قىلماق، قىلغان توختامنى بۇزماق، جېدەللەشكەندە ئېغىزىنى بۇزماق»- (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
44618
يازما
31
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
31
تىزىملاتقان
2012-7-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-19
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-9 14:03:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىمىنى بۇرۇن كۆرگەندەك قىلمەن ! لىكىن قەيەردە كۆرگەنلىىكىمنى ئىسىمگە ئالالمىدىم ، بۇ مۇنبەردە كۆرگىنىمدىن تولىمۇ خۇرسەن بولسۇن ،
مۇنداق تۆت خىسلەت بار، كىمدە مۇشۇ تۆت خىسلەت بولىدىكەن، ئۇنى تەرك ئەتمىگۈچە ئۇنىڭدا مۇناپىقلىقتىن بىر خىسلەت بولغان بولىدۇ. بۇ تۆت خىسلەت: ‹يالغان سۆزلىمەك، ۋەدىگە خىلاپلىق قىلماق، قىلغان توختامنى بۇزماق، جېدەللەشكەندە ئېغىزىنى بۇزماق»- (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
مىنىڭچە ھەممىمىز دىققەت بەك دىققەت قىلساق بولغۇدەك يالغان گەپ قىلىشمۇ مۇناپىقلىقنىڭ ئالامىتى ئىكەن ، مۇشۇ تەرىك ئەتمىسەك بىزدىمۇ مۇناپىقلىقنىڭ ئالامىتى باردىگەن گەپ ئىكەن، قىنى قايسىمىزدە مۇناپىقلىقنىڭ ئالامىتى يوقكىن...............

UID
10525
يازما
443
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
3653
تىزىملاتقان
2011-4-1
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-29
توردا
225 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-9 17:02:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ھەر يىلى شەھەر بويىچە بىر قېتىم « مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى مۇنەۋۋەر شەخسلەرنى باھالاش پائالىيىتى » ئېلىپ بېرىلىدۇ . ھەرقايسى ئىش باشقارمىلىرى مەھەللىلەردىن تاللاپ چىققان ،ئوڭغاق - دوڭغاق بوپ كەتكەن ،  مەيدىسىگە تاقالغان قىزىل گۈللەردىن ئەس - ھۇشىنى يوقىتىشىپ سەھنىنىڭ پەلەمپەيلىرىگە ئۆمىلەپ دىگۈدەك چىقىپ كېتىۋاتقان بوۋاي - مومايلىرىمىزنى ، ئالاق - جالاق قاراپ تۇرىدىغان چوكان ، ئەركەكلىرىمىزنى كۆرگەندە نىمىشكىكىن تۇرۇپلا مۇشۇ  « مۇناپىق » دىگەن سۆز يادىمغا كېلىپ قالىدۇ ........

باھا سۆز

towa0322  ھا ھا ھا مەندەكلا ئويلاپسىز  يوللىغان ۋاقتى 2012-10-11 16:06:37
altuntarim09  چۈشەندىم.  يوللىغان ۋاقتى 2012-10-9 23:39:48

UID
29309
يازما
187
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
187
تىزىملاتقان
2012-2-11
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-24
توردا
47 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-9 18:14:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇسۇلمانلارنى قايمۇقتۇرۇش،پىتنە-پاسات تېرىپ،جىدەل چىقىرىش ، بىدئەت،ناچار نەرسىلەرنى دىنىمىزدا بار دەپ دىنىمىزنى خۇنۈكلەشتۈرىدىغان، سېتىلمىلار دەل مۇناپىقلار!!

باھا سۆز

altuntarim09  بەكمۇ توغرا دەپسىز.  يوللىغان ۋاقتى 2012-10-9 23:40:31

UID
29309
يازما
187
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
187
تىزىملاتقان
2012-2-11
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-24
توردا
47 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-9 18:21:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇسۇلمان ئۇممىتىنىڭ قايغۇسىغا تەشنا يۇشۇرۇن دۈشمەنلەر دەل مۇناپىقلار!!

UID
37204
يازما
162
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
162
تىزىملاتقان
2012-5-2
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-3
توردا
122 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-10 23:40:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلۇغ ئللاھ ئۆزپاناھىدا ساقلىغاي!  بىلمەستىن ،سەھۋەندىن  ھەم ئاشكارە  يۇشۇرۇن قىپ سالغان گۇناھلىرىمىزنى ئەپۇ قىلغاي!  بىزگە ،ئاتا - ئانىلىمىزغا ۋە پەرزەنتلىرىمىزگە بىلىپ  بىلمەي قىپ سالغان گۇناھلىرى غا مەغپىرەت  ئاتا قىلغاي!

UID
37204
يازما
162
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
162
تىزىملاتقان
2012-5-2
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-3
توردا
122 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-10 23:46:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەراس، مۇشۇ ئىشنى بىر بىلگۇم بار ئىدى  بىلىدىغانلا بولسا  جاۋاپ بەرسىكەن دىگەن ئۈمىدىم بار  ئىدى . پەرزەنت  ئاللاھ تائالانىڭ  بەندىلىرىگە بەرگەن ئەڭ چوڭ ۋە كاتتا ئامانىتى دەپ بىلىمەن ،بالىلانى تاشلىۋىتىش ،ئۇلاغا كۆيۇنمەسلىك ،پەقەت كورسىغىنىلا بىقىىپ قويۇپ   باشقا ئىھتىياجلىرى بىلەن كارى بولماسلىق تەك قىلمىش لامۇ مۇناپىقلىققا كىرەم دىغاندۇ؟

UID
34005
يازما
60
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
60
تىزىملاتقان
2012-9-23
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-15
توردا
52 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-11 10:26:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېلفۇندا يالغان سۇزلەشمۇ گۇناھ بۇلدۇ.

كۆيۈمچان ئەزا

تارىم ئۆركىشى

UID
10314
يازما
113
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
2723
تىزىملاتقان
2011-3-23
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-13
توردا
29 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-12 23:52:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
koygandengiz نىڭ   تەبىرى قىزىق كەپتۇ .

UID
33676
يازما
80
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
85
تىزىملاتقان
2012-3-25
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-30
توردا
54 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-14 00:45:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
koygandengiz يوللىغان ۋاقتى  2012-10-9 17:02
ھەر يىلى شەھەر بويىچە بىر قېتىم « مىللەتلەر ئىتتىپاقل ...

    رايونىمىزدىكى خەلق ھۈكۈمىتى ئىتتىپاقلىق ئېيى، لى فىڭدىن ھۈگۈنىش ئېيى قاتارىدا مۇناپىق ئېيىنى تەسىس قىلغان بولسا، بەلەن ئىش قىلغان بولاتتى. ئىلغار مۇناپىقلارنى باھالاش كومىتېتىنى قۇرۇپ، ئىپادىسى ياخشى بولغان مۇناپىقلارنى تەغدىرلەش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان بولسا تولىمۇ قىزىقارلىق بولاتتى. ئاخبارات ۋاستىلىرىمۇ: ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ۋە دۆلەت دەرىجىلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى بولغان يولداش مۇناپىق لى فىڭدىن ئۆگۈنىپ، ئىلغار ۋە نەمۇنىلىك مۇناپىق بولۇپ باھالاندى، دەپ بەس-بەستە خەۋەر قىلىشقان بولاتتى. ئۇ، چاغدا يىللىق ئىلغار مۇناپىق باھالاش ھەققىدە، ئىدارە-ئورگانلاردىن تۆۋەنگە چۈشكەن چەكلىك سانمۇ تالاشتا قالامىكىن-تاڭ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش