كۆرۈش: 995|ئىنكاس: 5

قارتا ئويناش گۇناھمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
47811
يازما
2
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-10-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-30
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-8 15:05:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سوئال:
بىز بەش ۋاخ ناماز ئوقۇيدىغان بىرقانچە ياش مۇسۇلمانلارمىز. ئەتە-ئاخشام قارتا ئوينايمىز (پۇل تىكىشمەي ئەلۋەتتە). ھەتتا ناماز ۋاقتى بولغاندا ھەممىمىز پالاقشىپ مەسچىتكە بارىمىز. نامىزىمىزنى ئوقۇپلا قارتا ئويناشقا يۈگىرىمىز ۋە ئوينايمىز. بۇ قىلمىشىمىزنىڭ دىنىمىزدىكى ھۆكمى نېمە؟
جاۋاب:
قارتا، دامكا، شىشىخال ۋە شاھمات… قاتارلىقلارنى پۇل تىكىشمەي ئويناش قىماردىن يىراق تۇرمىغانلىق ۋە بىھۈدە ئىشتىن يۈز ئۆرۈمىگەنلىك بولىدۇ. شۇنىڭدەك، بۇ ئىش ئوقۇغان نامازنىڭ ئەسقاتمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ھالبۇكى، ئاللاھ تەئالا قۇرئان كەرىمدە قىماردىن يىراق تۇرۇشقا بۇيرۇغان، بىھۈدە ئىشتىن يۈز ئۆرۈشنىڭ نىجاتلىققا ئېرىشىدىغان مۇئمىنلارنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە ئوقۇلغان نامازنىڭ يامان ئىشلاردىن توسىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. تۆۋەندە مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر ئۈستىدە توختىلىمىز:
1- ئاللاھ تەئالا بىرقانچە گۇناھ توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ:
«يَا أَيُّەَا الَّذِينَ آَمَنُوا إِنَّمَا الْخَمْرُ وَالْمَيْسِرُ وَالْأَنْىَابُ وَالْأَزْلَامُ رِجْسٌ مِنْ عَمَلِ الشَّيْطَانِ فَاجْتَنِبُوەُ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ»
«ئى مۇئمىنلار! ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش، بۇتلارغا چوقۇنۇش، پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىش پاسكىنا قىلىقلاردۇر، شەيتاننىڭ ئىشىدىندۇر. ئۇ ئىشلاردىن يىراق تۇرۇڭلار. شۇنداق قىلساڭلار بەختكە ئېرىشەلەيسىلەر»- مائىدە 5/90.
ئاللاھ تەئالا بۇ ئايەتتە «ئۇ ئىشلارنى قىلماڭلار» دېمەستىن «فَاجْتَنِبُوەُ (ئۇ ئىشلاردىن يىراق تۇرۇڭلار)» دەيدۇ. ئاللاھ تەئالانىڭ بۇ سۆزى «ئۇ ئىشلار» نىڭ مەنئى قىلىنغانلىقىنىلا ئەمەس، بەلكىدە «ئۇ ئىشلار» غا ئېلىپ بارىدىغان ۋە «ئۇ ئىشلار» غا ۋاسىتە بولىدىغان پۈتۈن ئىشلارنىڭمۇ مەنئى قىلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن «ئۇ ئىشلار» نىڭ بىرى بولغان قىمارنى ئېلىپ ئېيتساق:
قىمار ئويناش ئەسۋابلىرى بولغان دامكا، شاھمات، قارتا، شىشىخال ئوشۇق ۋە كۈنىمىزدىكى پۈتكۈل قىمار قوراللىرىنى بىر نەرسە تىكىشىپ ئويناش قىمار ئوينىغانلىق بولىدۇ. ئۇ نەرسىلەرنى بىر نەرسە تىكىشمەي ئويناش قىماردىن يىراق تۇرمىغانلىق بولۇپ ئاللاھنىڭ يۇقىرىدىكى «اجْتَنِبُو (يىراق تۇرۇڭلار)» دېگەن بۇيرۇقىغا بويسۇنمىغانلىق بولىدۇ.
پەيغەمبىرىمىزنىڭ تۆۋەندىكى ئىككى ھەدىسىمۇ يۇقىرىدى ئايەتنىڭ مەناسىنى تەكىتلەيدۇ:
«كىم شىشىخال ئوينايدىكەن قولىنى چوشقىنىڭ گۆشى ۋە قېنىدا بويىغاندەك بولىدۇ» – مۇسلىم ۋە ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.
«كىم شىشىخال ئوينايدىكەن ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلۇلىغا ئاسىيلىق قىلغان بولىدۇ»- ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.
دېمەك، قىمار ئويناش ئەسۋابىنى پۇل تىكىشىپ ئويناش چوشقىنىڭ گۆشىنى يېگەنلىك بىلەن، پۇل تىكىشمەي ئويناش چوشقىنىڭ گۆش ۋە قېنىدا قولنى بويىغانلىق بىلەن ئوخشاش ئىشتۇر، شۇنداقلا ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئاسىيلىق قىلغانلىقتۇر.
2- ئاللاھ تەئالا مۇئمىنۇن (مۇئمىنلار) سۈرىسى دەپ بىر سۈرە نازىل قىلىپ، ئۇ سۈرىدە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە نىجاتلىققا ئېرىشىدىغان مۇئمىنلارنىڭ سۈپەتلىرىنى بايان قىلىدۇ.
«قَدْ أَفْلَحَ الْمُؤْمِنُونَ. الَّذِينَ ەُمْ فِي ىَلَاتِەِمْ خَاشِعُونَ. وَالَّذِينَ ەُمْ عَنِ اللَّغْوِ مُعْرِضُونَ»
«مۇئمىنلار ئەلۋەتتە مۇرادىغا يېتىدۇ. ئۇلار نامىزىدا ئۆزىلىرىنى تۆۋەن تۇتقۇچى ۋە ئاللاھغا ئېھتىرام بىلدۈرگۈچى كىشىلەردۇر. ئۇلار بىھۇدە سۆز- ھەرىكەتلەردىن يۈز ئۆرۈگۈچى كىشىلەردۇر.»- مۇئمىنۇن 23/1-3.
بۇنىڭغا ئاساسەن، بىھۈدە (دۇنياسىغا، ئاخىرىتىگە، ئۆزىگە ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا پايدىسى بولمىغان) سۆز-ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىش مۇئمىنلارنىڭ نامازدىن كېيىنلا كېلىدىغان ئىككىنچى سۈپىتىدۇر.
قارتا، دامكا، شىشىخال ۋە شاھمات… لارنى (پۇل تىكىشمىسىمۇ) ئويناش مۇئمىننى مۇئمىن قىلغان سۈپەتلەرنىڭ ئىككىنچىسىنى يوقاتقانلىق بولىدۇ. چۈنكى مۇئمىن دېگەن دىنى نېمىگە بۇيرۇسا ئۇنى قىلغان، دىنى نېمىدىن چەكلىسە ئۇنىڭدىن يانغان، دىنى ئۇنى قانداق سۈپەتلەر بىلەن مۇئمىن دەپ ئاتىغان بولسا ئۇ سۈپەتلەرنى ئۆزىدە مەۋجۇت قىلغان كىشىدۇر. دۇنياسىغا، ئاخىرىتىگە، ئۆزىگە ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا پايدىسى بولمىغان، ھەتتا زىيىنى بولغان ئىشنى تەرك ئەتمىگەن كىشى بىھۈدە ئىشتىن يۈز ئۆرۈمىگەن بولىدۇ، شۇنداقلا ئاللاھ تەئالانىڭ يۇقىرىدىكى ئايىتىگە ئۇيغۇن ئىش قىلمىغان بولىدۇ.
كۈنىمىزدە ئىلىم ياكى بىرەر ھۈنەر ۋە ياكى بىرەر كەسىپ ئۆگىنىپ ئۆزلىرىنى يېتۈشتۈرۈشنىڭ ئورنىغا قاۋاقخانا، ئويۇنخانا، تاۋكا، ۋاڭبا ۋە دىبالاردا قىممەتلىك ۋاقىتلىرىنى نابۇد قىلىۋاتقان ياشلار ئەنە شۇلارنىڭ قاتارىدىندۇر.
3- ئاللاھ تەئالا نامازنىڭ پايدىلىرىدىن بىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
«… إِنَّ الىَّلَاەَ تَنْەَى عَنِ الْفَحْشَاءِ وَالْمُنْكَرِ …»
«… شۈبھىسىزكى، ناماز قەبىھ سۆز-ھەرىكەتلەردىن ۋە يامان ئىشلاردىن توسىدۇ…»- ئەنكەبۇت 29/45.
ئاللاھ تەئالانىڭ بۇ سۆزى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويىدۇكى، ناماز ئوقۇيدىغان بىر كىشىنىڭ يامان (دۇنياسىغا، ئاخىرىتىگە، ئۆزىگە ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا پايدىسى بولمىغان) ئىشلارنى قىلىشى ئوقۇغان نامىزىنىڭ تەلەپكە لايىق ئوقۇلمىغانلىقىنىڭ، شۇنداقلا ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئەخلاقىغا تەسىر كۆرسىتەلمىگەنلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر.
تىرىشچانلىق بىزدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
37204
يازما
114
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
114
تىزىملاتقان
2012-5-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-15
توردا
72 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-10 15:57:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەرت ئويناشنىڭ دىندا چەكلىنىدىغان لىغىنى بىلمەي دىكەن مەن ، بىراق ئۇنىڭ ئىنتايىن يامان ئاقىۋىتىنى  كۆگەنمەن .
1- ؛دوستۇمنىڭ دادىسى قەرت دىسە جىنىنى بەرگىلى تاس قالاتتى ،ھەتتا بالىلىرىنى قەتر ئوينىشىپ بەمىدى دەپ خاپا بولغىنىنى نەچچىرىت كۆرۇپ ھەيران قالغان ئىدىم (پىنسىيگە چىققان ئادەم)  ئاخرى بۆرەك زەىپلىك كىسىلىگە گىرىپتار بوپ 13يىل قان تازىلىتىپ ، ناھايىتى نۇرغۇن قەرزلەنى تاشلاپ ئمۇشۇيىل 5- ئايدا ئۆلۇپ كەتتى .دوختۇر سەۋەبىنى  نەچچە سائەتلەپ ئولتۇرۇپ ،ۋاختىدا تارەت قىلمىغانلىقتىن دەپ يەكۈنلىدى.
2-، بىرسى دايىم ئۆيىگە دوسلىرىنى چاقىرىپ قەرت ئوينايتتى ، ئادەم تىشىشمىگەندە ئايالى ئوينىشىپ بىرىدىكەن ،تىخى 5ۋاخ ناماز ئوقۇيدىغانلا ئىدى ، ئاخىرى ئايالى قەرتتىكى جۈپتىبىلەن  شەرەتلىك قەرت ئويناش داۋامىدا تىپىشىپ قىلىپ بىر ئوي بۇزۇل دى .
3-قەرتكە بىرىلگەن ئادەمنىڭ ھىچنىمىدىن باشقا ئائىلە ،بالىلا ئالدىدىكى مەس ئۇلىيىتى ئادا بولمايدۇ ،پۈتۈن دىققىتى قەرت بىلەن بوپ ،قەرتنى ھەممىنىڭ ئالدىغا قويىۋىلىپ مۇھەببەتكە ۋە مەس ئۇلىيەت ئىڭىغا تەسىر يىتىدۇ . مىنىڭ ئەڭ ئۆچ ئىشىمنىڭ بىرىمۇ شۇ قەرت .مەيلى كومپىوتېردا بولسۇن ياكى نەچچىيلەن يىغىلىپ ئوينىسۇن ۋاقىت ۋە زىھىن  ئىسراپچىلىغىدىن باشقا نەرسە ئەمەس . كونىلا بىكاغا «قەرتنىڭ ئايىغى قۇرۇق »دىمەيدۇ ، قەرتكە بەرگەن ۋاقىت بىلەن مىھرى  مۇھەببەتنى بالىلاغا بىرىپ ئۇلاغا ياخشى ئۆلگە بولغۇلۇق . بىرەر ھۇنەر ئۇگەنسىمۇ ياكى بىر كىتاپ ئوقۇسىمۇ قەرت ئوينىغاندىن كۆپ ئەۋزەل

UID
34005
يازما
26
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
26
تىزىملاتقان
2012-9-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-19
توردا
18 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-11 10:23:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىن ۋە پەيخەمبىرمىز تۇسقان بۇلسا ئەلۋەتتە گەنا ھ .

UID
44623
يازما
23
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
23
تىزىملاتقان
2012-7-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-12
توردا
34 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-12 10:49:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە مەسىللەرگە دىننى ۋە ئىلمى نوقتىنەزەر بىلەن قاراش ۋە باھابىرىش كېرەك ،ئەمىليەتتە دىن ۋە پەن بىر-بىرىنى چەتكە قاقمايدۇ ،ئەكسىچە بىر بىرنى تۇلۇقلايدۇ ھەم بىر دەرىجە يۇقرى كوتۇرۇپ بىر-بىرىنى مۇكەمملەشتۇردۇ .بىز ماۋۇ ئەمەلىي مەسىلەگە پىكىر يۇرگۇزۇپ باقايلى ،قارتا ئويناش ئەمىليەتتە كوڭۇل ئىچىشنىڭ بىر تۇرى ساغلام بولغان قارتا ئويناش منىڭچە يەنىلا گۇناھ ئەمەس ،كىلىن دىن كىشلەرنى يۇقرى دەرىجىدە چەكلەش ،سىزگە قىلچىلىكمۇ پۇرسەت يارتىپ بەرمەي سىزنى ياخشى ئادەم بۇلۇشقا ئۇندەيدۇ ،بىھۇدە ئاۋارچىلىقتىن ساقلايدۇ ،شۇڭا بەزىدە دىندا دىيىلگەن گەپلەر ئاشۇرۋىتىلگەندەك بىلىندۇ ،لىكىن ئەڭ ئاخىرقى مەخسەت يەنىلا سىزنى ياخشى ئىشىقا ئۇندەشتىن ئىبارەت .سىز ئۆزىڭىنى كونتۇرۇل قىلالسىڭىز ،ھەممە ئىشلانى چىكىدىن ئاشۇرۋەتمەي ساغلام قىللسىڭزى منىڭچە مۇۋاپىق ۋاقىتتا قارتا ئوينىسڭىز گۇناھ ھىساپلانمايدۇ دەپ قارايمەن .يۇلتۇز 3مىسال ئارقىلىق قارتا نىڭ زىنينىىنى ئنتايىن گەۋدىلىك سەرھىلەپتۇ ، تىما ئىسگسىدىنمۇ بەك ئوبرازلىق ھەم قايىل قىلارلىق شەرھىلەپتۇ ،ئەگەر مۇمكىن بولسا قارتا دىن يىرق تۇرساق بولدۇ ،ھازىر دۇنيا ئۇچقاندەك تەرەقىي قىلۋاتىدۇ ، بىزلەر زاماننىڭ قەدىمىگە يتىشۋىلىش ئۇچۇن نەدىمۇ قارتا ئويناشقا ۋاقىت بولسۇ ن ،مۇشۇ ۋاقىتنى ئەھمىيەتىلىك ئىشلارغا سەرىپ قىلايلى ،مېنىڭچە مەسىلىنىڭ ئاچقۇچى دەل مۇشۇ ۋاقىتنى قارتا ئويناش كېرەكمۇ ياكى باشقا ئىشقا سەرىپ قىلىش كېركمۇ دىگەن يەردە .

باھا سۆز

altuntarim09  ئەجەپ كېسىپلا گەپ قىلمايدىكەنسىز.  يوللىغان ۋاقتى 2012-10-13 23:16:43

UID
10188
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2011-3-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-12
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-12 19:29:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

UID
13396
يازما
27
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
87
تىزىملاتقان
2011-7-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-3
توردا
18 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-13 16:21:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ تۇردا قارت ئۇيناپ قويىمەن ..بۇ گۇناھ  ئەمەستۇ ھە

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش