تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 610|ئىنكاس: 7

بۆرە ئوغلى روبائىلىرىدىن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
4398
يازما
91
تېما
18
نادىر
0
جۇغلانما
2291
تىزىملاتقان
2010-8-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-7
توردا
28 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-8 10:05:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روبائىلار

ئەخمەدجان توختى

مەي ئىچتىڭ بىر دەملىك ئارام تاپارسەن،
دەردىڭگە ۋاقىتلىق پالاس ياپارسەن.
بەرھەقكى ئىسلامدا كاپىر ئاتىلىپ،
يۈزلىنىپ دوزاققا شۇ دەم چاپارسەن.

دەپتىمىش بىراۋلار غەملەردىن يىراق
پېقىرنى،ئەلەمدىن كەلمەيدۇ پۇراق.
بېشىمدا غەم تولا شۇندىمۇ لېكىن،
نىچۈنكىن مەن كۈلۈپ ياشىدىم بىراق.

ھەسەت يوق ھەر كۈنى قاينىسا كوراڭ،
ۋەياكى گىلەمگە ئالماشسا بوراڭ.
بىللىدۇر دائىما پادا باقساڭمۇ،
ياخشى دوست ئۆزۈڭ شۇ سۇدىكى شولاڭ.

ئېشەككە شاخ تاپسام ئاتنىڭ يېمى يوق
قاخشىما دەپ يەنە كەپتەر دېنى يوق.
ئۆزۈڭنىڭ ئىشىغا ئۆزۈڭ چاپمىساڭ،
بۇ دۇنيا رەھىمسىز ياتنىڭ غېمى يوق.

ئادەمنى دەيدىكىن مايمۇن ئۈممىتى،
كەلمىشى لايدىن يا ئاللاھ  ھىممىتى.
نىمىدىن تۆرەلسۇن ۋەلېكىن بىراق،
ھەممىدىن مۇھىمى قەدىر قىممىتى.

جاھاندىن پۇل دەپلا ئۆتەرلىك ئەمەس،
چۈنكى ئۇ ھىچكىمگە يېتەرلىك ئەمەس.
كىملەردىن قالمىغان دۇنيا ئىكەن بۇ،
قەبرىگە ئەپ بىللە كېتەرلىك ئەمەس.

قاخشىما جاھاننىڭ تارايغىنى يوق،
بۇتلىنىپ چىرايى قارايغىنى يوق.
ئۈمىدكە قېتىلسا تىرىشچانلىقىڭ،
كۈلگەن ئۇ ھىچكىمگە ئالايغىنى يوق.

بۇ كەمدە خۇشاللىق مېنىڭدىن نېرى،
ئەيلىمەك بولدىمۇ ۋەياكى <قېرى>.
شۇندىمۇ چېھرىمدە كۈلكە-تەبەسسۇم،
باش ئەگمەي ئۈمۈدىم ئۇلغايغانسىرى.

كۆزۈگە كىرىپلا كەتكەن ئەشۇ دەم،
بىر بالا تىللىدى ئۇنى دەممۇ-دەم.
توپىدىن بىر سادا:تىللىما بالام
بوۋاڭنىڭ بوۋىسى ئىدىم مەنمۇ ھەم.

يۈرەكقۇ ئەلۋەتتە سوقىشى كېرەك،
ۋەلېكىن سوقسىلا ئەمەستۇر يۈرەك.
ئوخشىماس تومۇردا ئاققان قانمۇ ھەم،
ھەقىقى يۈرەكنىڭ سوقۇشى بۆلەك.

مۈشكۈلگە يولىقسا ئەگەر بىر كىشى،
يالتايماق ئىشىدىن ناداننىڭ ئىشى.
تۆت پەسىل خاس ئەمەس تەبئىەتكىلا،
بولىدۇ ھەر ئىشنىڭ يېزى ھەم قىشى.

قاچانكىن دۇنياغا كۆزمۇ ئاچىدۇ،
ئاتىدىن،ئانىدىن مېھىر تاپىدۇ.
ۋەلېكىن ئارتۇقچە كۆيۈم بالىنىڭ،
بەختىنىڭ شېخغا پالتا چاپىدۇ.

بىزلەرگە دۇنيادا ئازمىدۇ ساۋاپ،
ھاجەتمۇ مەككىنى قىلمىقىڭ تاۋاپ.
پۇل سەۋەپ ئۆلۈم كۆپ،ئوقۇشسىز بالا،
شۇندىمۇ ھەجىگە كەتتۇق ئالدىراپ.


2012-يىلى 13-ئاۋغۇست شەھىرى بورتالا




ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
37509
يازما
191
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
191
تىزىملاتقان
2012-5-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-10
توردا
32 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-8 16:37:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رۇبائىيلار ياخشى يېزىلىپتۇ! 2-،5-كوپلىتلاردا ‹‹لېكىن، بىراق›› دېگەن مەنىداش سۆزلەر تەڭلا قوللىنىلىپ قاپتۇ. ئېغىزدا شۇنداق قوللانساقمۇ، يېزىقتا بۇنداق سۆزلەر ئارقا-ئارقىدىن بىر مىسرادا بىراقلا قوللىنىلمايدۇ.
ئومۇمەن، بۇ رۇبائىيلار خېلىلا ۋايىغا يېتىپتۇ! تاشلىۋەتمەي داۋاملاشتۇرغايسىز!

كۆيۈمچان ئەزا

ھاياتنىڭ ھەققى م

UID
2457
يازما
347
تېما
12
نادىر
0
جۇغلانما
10120
تىزىملاتقان
2010-6-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-8
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-8 17:33:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
10-كۇبلىتنى ئوقۇۋېتىپ ئا.ئۆتكۈرنىڭ«ئەجەپ بىر گۆش ئىكەن بۇ يۈرەك دېگەن .......» شئېرى ئېسىمگە كەپ قالدى،قەلەم قۇۋۋىتىڭىزگە ئاپىرېىن .





UID
4398
يازما
91
تېما
18
نادىر
0
جۇغلانما
2291
تىزىملاتقان
2010-8-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-7
توردا
28 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-9 21:07:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كالىنىڭ بىھۇدە سەمرىپ كېتىشى،
بەرھەقكى ئۇنىڭغا ئەجەل يېتىشى.
پارىخور ئەمەلدار مىسالى كالا،
كۇپايە قىلمايدۇ موللاق ئېتىشى.

UID
34005
يازما
42
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
42
تىزىملاتقان
2012-9-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-9
توردا
24 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-11 10:33:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىپسىز .بارىكاللا بارىكاللا !!!!  2-5 كۇپىلىتتا سۇز ئىشلىتىش تە   خاتالىق يۇق .

باھا سۆز

yvsvpjan  ئۇيغۇر تىلى ئىملاسىنى ۋە گرامماتكىسىنى ياخشى ئۆگەنگەيسىز!!  يوللىغان ۋاقتى 2012-10-13 19:12:34

UID
4398
يازما
91
تېما
18
نادىر
0
جۇغلانما
2291
تىزىملاتقان
2010-8-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-7
توردا
28 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوللىغىنىڭلارغا كۆپ رەھمەت ئەزىزلەر،

UID
6054
يازما
289
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
7403
تىزىملاتقان
2010-9-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-4
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاچانكىن دۇنياغا كۆزمۇ ئاچىدۇ،
ئاتىدىن،ئانىدىن مېھىر تاپىدۇ.
ۋەلېكىن ئارتۇقچە كۆيۈم بالىنىڭ،
بەختىنىڭ شېخغا پالتا چاپىدۇ.

   بۇ مىسرالار بەكمۇ يارىدى ماڭا...ئىلھاملىرىڭىز ئۇزۇلمىگەي...........

UID
50348
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-12-3
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-8
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 10:02 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىسى بىر_بىرىدىن ئېسىل رۇبائىلار ئىكەن، قولىڭىزغا دەرىت كەلمىسۇن !

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش