تۈركىيە:ئۇيغۇر رايونىدا 100مىلىيار توننا 31تۈرلۈك مەدەن بايقالدى!
ئاپتورى: جىھان
تۈرك تىلىدىن تەرجىمە قىلغۇچى :تاھىر ئىمىن
مول يەر ئاستى بايلىقلىرى بىلەن تونۇلغان جۇڭگونىڭ غەربى شىمالىدىكى شنجاڭ ئۇيغۇر ئۆز ئەرك (ئاپتونوم ) بۆلگىسى (رايونى)دا 100مىلىيارد توننىلىق 31 يېڭى مەدەن مەنبەلىرى بايقالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
شنجاڭ دۆلەت زىمىن بايلىق ئىدارىسنىڭ بىلدۇرۇشىگە قارىغاندا،تۆت يىلغا يېقىن ئىلىپ بىرىلغان تىرىشچانلىقلار نەتىجىسدە بۇ يىلنىڭ ئاۋغۇست ئېيىدىن باشلاپ كۆمۈر،تۆمۈر ،قوغۇشۇن ۋە سېنىك قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 100مىلىيارد توننىلىق 31 يېڭى كان بايلىق مەنبەسى بايقالغان.
جۇڭگو خەلقلەر ئارا رادىيو ئستانسسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا،بايقالغان بايلىقلار مەزكۇر بۆلگە (رايون)نىڭ ئۈستۈنلۈككە ئىگە بايلىقلىرىغا تايانغان يەر ئاستى بايلىقى سىتراتىگىيسى ۋە يېڭى شەكىلدىكى سانائەتلىشش نشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن زور كاپالەتتۇر.
خەۋەردە،شنجاڭدا جەمئى 7مىلىيارد 472مىلىيون يۇۋەن (بىر مىلىيارد 230مىلىيون دوللار)سەرپ قىلىنىپ 1243تۈر يولغا قويۇلىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىندى.سۆز تېمىسى بولغان تۈرلەر دائىرسىدە ،31 يېڭى كان بايلىقى تۈرى بايقالدى.خەۋەرگە ئاساسلانغاندا،بۇنىڭ بىلەن 335مىلىيار 700مىلىيون توننىلىق كۆمۈر زاپىسى،1مىلىيارد 100مىلىيون توننىلىق تۆمۈر زاپىسى ،5 مىلىيون 600مىڭ توننىلىق قوغۇشۇن-سېنىك زاپىسى ۋە 260مىڭ توننىلىق ۋولفىرام –قەلەي زاپىسى ئاشتى.بۇنىڭدىن باشقا،11چوڭ مېتال ئىزدەش بازىسى ۋە 7 مېتال ئېچىش مەركىزى قۇرۇلدى.
خەۋەردە بۇنىڭدىن باشقا يەنە،ئىككى يۈزدىن ئارتۇق جۇڭگو ۋە چەتئەل كارخانىلىرىنىڭ 100مىلىيارد توننىلىق تۈرلۈك كان بايلىقى مەنبەسى بايقالغان ئۇيغۇر بۆلگىسى (رايونى)غا 100 مىلىيارد يۇۋەن قىممىتىدە مەبلەغ سالغانلىقى قەيت قىلىندى.
ئۇيغۇر بۆلگىسى ئۆزىنىڭ سىتراتىگىيلىك ئورنى ۋە يەر ئاستى –يەر ئۈستى بايلىق مەنبەلىرى بىلەن چىن (جۇڭگو)نىڭ ئەڭ جىددى ئېنىرگىيە ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇشتا ئەڭ زور رول ئوينايدۇ.138تۈرلۈك قىممەتلىك ماددا بايقالغان شنجاڭدا چىن (جۇڭگو)نىڭ ئومۇمى نېفىت بايلىق زاپىسىنىڭ 30%ى،تەبئى گاز بايلىق زاپىسنىڭ 34% ى بار.
بۇنىڭدىن باشقا بېيجىڭ چىن (جۇڭگو)نىڭ 12-بەش يىللىق دۆلەت ئېقتساد ۋە تەرەققىيات پىروگىراممىسىغا ئاساسەن ،شنجاڭ ئۇيغۇر ئۆز ئەرك (ئاپتونوم) بۆلگىسى (رايونى)نىڭ 2015-يىلىغا قەدەر مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ نېفىت ۋە تەبئى گاز بازىسى بولۇشىنى نشانلاۋاتىدۇ ۋە بۇنىڭغا مۇناسۋەتلىك مەبلەغ سىلىش ئشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. چىن (جۇڭگو)نىڭ نېفىت ۋە تەبئى گازنى ئاساس قىلىپ بۇيەرگە سالىدىغان مەبلىغى 2017-يىلىغا بارغاندا، تەخمىنەن بىر تىرىلىيون 500مىلىيارد يۇۋەن (236مىلىيارد دوللار)بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
چىن (جۇڭگو)كۆرسەتكەن تېرىشچانلىقلىرىنىڭ نەتىجىسدە ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا مەزكۇر بۆلگە (رايون)دا 50مىلىيون570 توننا خام نېفىت بايقالغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.
(ئاخىرىدىكى بىر جۇملە بايان قسقارتىلدى)
مەنبەسى:تۈركىيە خەۋەر ئىمپورت تورى
ئادېرسى:
http://www.haberimport.com/haber ... sfedildi-123338.htm