كۆرۈش: 1568|ئىنكاس: 8

چەتتە ئوقۇش‹سوغوققانلىق›بىلەن ئويلىنىشقا مۇھتاج [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

UID
122
يازما
40
تېما
38
نادىر
1
جۇغلانما
955
تىزىملاتقان
2008-10-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-19
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-7 14:02:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

جۇڭگو چەتكە چىقىپ ئوقۇشتىكى بىرىنچى چوڭ دۆلەت بۇلۇپ «چەتكە چىقىپ ئوقۇش قىزغىنلىق»ى«سوغوققانلىق بىلەن ئويلىنىش»قا مۇھتاج

ئەلكۈيى تورى ئوغۇز 7-كۈنى مەخسۇس خەۋىرى: ئىجتىمائىي پەن ماتىرياللار نەشىرىياتى ئېلان قىلغان خەلقئارا ئىختىساسلىقلار كۆك تاشلىق كىتابى:«جۇڭگونىڭ چەتكە چىقىپ ئوقۇش تەرەققىيات دوكىلاتى»دېگەن كىتابىدا كۆرسىتىلىشىچە،جۇڭگودا چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسپىتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى كىشى سانىنىڭ %14نى ئىگەلىگەن بۇلۇپ،دۇنيا بۇيىچە بىرىنىچى ئورۇندا تۇرىدۇ.«ئاممىبابلاشتۇرۇش»كىچىك ياشتىكىلەرنىڭ جۇڭگونىڭ چەتكە چىقىپ ئوقۇشتىكى ئالاھىدىلىكى بۇلۇپ قالدى.
چەتكە چىقىش بۇسۇغۇسىنىڭ تۆۋەنلىشى نۇرغۇن جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنى چەتكە چىقىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى،شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،چەتئەلىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سەۋىيىسى تەكشى ئەمەس بولغانلىقتىن دۆلەتكە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقى بوشىشىپ قېلىشتەك مەسىلىلەرگە ئۇچىرىماقتا.بۇ ئەسكەرتىش چەتئەلدە تۇرۇشلۇق جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنى ۋە ئاتا ئانىلاردىن چەتكە چىقىش بىر خىل ئېقىن بولماستىن،سوغوققانلىق بىلەن ئويلىنىشى  تەلەپ قىلىدۇ.

چەتكە چىقىپ ئوقۇش قىزغىنلىقى بارغانسىرى ئۆرلەۋاتىدۇ


«خەلقئارا ئىختىساسلىقلار كۆك تاشلىق كىتابى:چەتكە چىقىپ ئوقۇش تەرەققىيات دوكىلاتى»دا كۆرسىتىلىشىچە،2008-يىلدىن باشلاپ دۆلىتىمىزنىڭ چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش نىسپىتى %20ئەتىراپىدا ئۆرلىگەن ،2011-يىلى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى كۆلەمدە ،33.97مىلىيون ئادەمگە يەتكەن.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ياۋرۇپا ئامرىكىدا ئوقۇش پۇلى يىلدىن-يىلغا ئۆرلىگەن،لوندون سىياسىي ئىقتىسادىي ئۇنۋېرسىتىتى،ئاخبارات ئۇنۋېرسىتىتى قاتارلىق ئادەتتىكى بىر يىللىق ئوقۇش تۈزىمىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ماگىستىرلىقىنىڭمۇ 2005-2006 -يىلغىچە بولغان ئوقۇش پۇلى 11958فونىدسىرلىڭ،2011-2012 -يىلغىچە بولغان ئوقۇش پۇلى 15888فونىستىرلىڭغا ئۆرلەپ ،2012-2013-يىلغا كەلگەندە 16512فونىستىرلىڭغا يەتكەن.
ئەمما،جۇڭگودا ئۆزى ھەق چىقىرىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ئوخشاشلا يۇقىرلىماقتا.كۆك تاشلىق كىتاپتا كۆرسىتىلىشىچە،نۇرغۇنلىغان ئوقۇش راسخوتىنى ئۆزى چىقىرىپ چەتكە چىقىپ ئوقۇيدىغان

ئوقۇغۇچىلارنىڭ «ئامىبابلىق»قى ھازىرقى چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى بۇلۇپ قالدى.قىسمەن مەكتەپلەر ھەتتاكى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ۋە ئائىلە باشلىقلىرىغا «پۇل خەجلىسىلا ئوقۇشقا چىقالايدىغان»تەسىرلەرنى بېرىپ قويدى.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە،ئوقۇشقا چىقىشنىڭ«تۆۋەن ياشلىشش»ى كۈنسىرى كۆرىنەرلىك بولماقتا.تۇللۇق ئوتتۇرىنى پۈتۈرۈش ئالدىدىكى ئوقۇغۇچىلار بارغانسىرى تۇللۇق كۇرۇسنى چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغان بولدى،ئوتتۇرا مەكتەپنى بىۋاستىلا چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارمۇ يۇقىرى سۈرئەت بىلەن ئۆرلىمەكتە.


چەتكە چىقىپ ئوقىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار نۇرغۇن سىناقلارغا ئۇچىرايدۇ


ئوقۇشنى مۇۋاپىققەيەتلىك تاماملاپ،كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت تېپىش چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاخىرقى نىشانى،ئاز بولمىغان چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمىتىدە ئۇتۇقلار بولغان بولسىمۇ ،بىراق ئەمەلىيەتتە ئوقۇشقا چىقىىرىش ۋاستىچىلىك ئورۇنلىرىنىڭ ئېيتىقىنىدەك ئۇنداق «كەلگۈسى پارلاق بۇلالىغان»نى يوق.
دۆلىتىمىزدىكى ئائىلىلەرنىڭ كىرىمنىڭ كۈنسىرى ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ،ئاز بولمىغان «مائارىپتا تەشۋىشلىنىش كېسىلى»سەۋەبىدىن ئائىلە باشلىقلىرى قارغۇلارچەپەرزەنتلىرىنى چەتئەلگە چىقىرىپ ئوقۇتۇشنى تاللاۋاتىدۇ.چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇغان ئوقۇغۇچى جاڭ مىن ئاتا-ئانىسىنىڭ تەلىپى بويىچە كانادانىڭ تورونتۇ ئۇنۋېرسىتىتىدا تۇللۇق كۇرۇسنى ئوقۇشقا ئىلتىماس سۇنغان،17ياشتىلا يالغۇز بىر ئادەم باشقا ئەللەردە ئوقۇغاچقا تىل ۋە تۇرمۇشقا كۈنەلمىگەنلىكتىن تۇنجى يىلىسىلا مەكتەپتىن«يىللىق قالدۇرۇش»قا ئۇچىرىغان.
ئوقۇشنى تاماملاش بىلەن سېلىشتۇرغاندا،خىزمەت تېپىش چەتكە چىقىپ ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارغا «ئالىكساندىر»دەك تۇيغۇ بەردى.ئەنگىلىيە 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن باشلاپ،«تۇللۇق كۇرۇستىن يۇقىرى ئۇنۋاندىكى چەتئەلدە ئوقىاتقان ئوقۇغۇچىلار ئەنگىلىيەدە ئىككى يىل خىزمەت قىلسا بۇلىدۇ»دېگەن كېلىشمنى بىكار قىلدى،چەتئەلدە ئوقىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ داۋاملىق ئەنگىلىيەدە خىزمەت تېپىش بۇسۇغىسىنى يۇقىرى كۆتۈردى.ئەكىسچە دۆلەتكە قايتىپ خىزمەت قىلىش مۆلچەر ۋاقتى يۇقىرى،كۆنىشى تەس بۇلۇشتەك مەسىلىللەر مەۋجۇت بولماقتا.
چەتتە ئوقۇشتا يۇللۇققان مەسىلىلەرنى تۇللۇق چۈشۈنۈپ يەتمىگەنلىكتىن ،بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ قارغۇلارچە چەتكە چىقىپ ئوقۇشنى «قوغلىشىش»شى مۇنتىزىم بولمىغان ۋاستىچى ئورۇنلارغا ياخشى پۇرسەت يارىتىپ بەردى.
بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلتىماس سۇنىشىنى ۋاستىچىلار مەسئۇل بۇلۇشقا ھوقۇقلۇق،قىسمەن چەتكە چىقىپ ئوقىغان ئوقۇغۇچىلار دۆلەتكە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ھەتتا كىشىنىڭ بايانىنى ۋە قىسقىچە تۇنۇشتۇرىلىشىنىمۇ ئايرىيالمىغان. ئامېرىكا مېئامى ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى مولىينىڭ ئېيتىشىچە،ئۇ ئالدىنقى يىلى ھەققىي مۇقىم بولمىغان ئۈچ ۋاستىچى شىركەتنى ئىزدىگەن بۇلۇپ، ئۇلارنىڭ تۇنۇشتۇرغىنى ئامرىكىدىكى ئەڭ«گوللاپ كۆندۈرىدىغان»ھەم جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ئەڭ كۆپ كەسىپكەن،ۋاستىچىلەر 30مىڭ يۈەن راسخوت ئالغاندىن كېيىنمۇ «ئۈنىمى تۆۋەن ، سۈيلىمىگىچە ئىش بىجىرمەسلىك»تەك ئەھۋاللارغا يولۇققان.


«چەتكە چىقىپ ئوقۇش قىزغىنلىقى»،«سوغوقانلىق بىلەن ئويلىنىش»قا مۇھتاج


بۈگۈنگە كەلگەندە،جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار دۆلەت سىرتىدىكى مەكتەپلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئۇچىرىماقتا.مەسلەن بۇ يىلدىن باشلاپ،دۇنيا بۇيىچە ئالدىنقى 50-ئورۇندا تۇرىدىغان سىندنىي ئۇنۋېرسىتىتى ھۆكىمەت تورىدا جۇڭگو ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپ نەتىنجىسىنىڭ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىشقا كىرىش ئۆلچىمىنى ئېلان قىلغان.
توختىماستن كېڭىيىۋاتقان چەتكە چىقىپ ئوقۇش كۆلىمى ۋە ئىشلەپچىقىرىش مەسىلىلىرىگە نىسپەتەن، فۇدەن ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ پرافىسورى گۇشىياۋمىننىڭ قارىشىچە دۆلەتكە قايتىپ كەلگەندىن كېيىنلا كۆپ پۇل تېپىش ياكى دۆلەت ئىچىدىكى ئوقۇغۇچىلاردىن يۇقىرى بۇلۇشنىلا ئويلىماسلىق كېرەك.خىزمەت تېپىش چەتكە چىقىپ ئوقىغاندىن كېيىن غەلبە قىلغان قىلمىغانلىقنىڭ ئۆلچىمى، ئەمما دەرىجىگە تۇرغۇزۇش ياكى غەلبە مەغلۇبىيەتكە يۈزلىنىش پىسخىكىسىنى چۇقۇم ئۆزگەرتىش كېرەك.بۇلۇپمۇ تۆۋەن ياشتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە باشلىقلىرى چۇقۇم پەرزەنتىنىڭ چەتكە چىقىپ ئوقۇشنى ياقتۇرامدۇ،تۇرمۇشىغا كۈنەلەمدۇ دېگەننى ياخشى ئويلىشىشى كېرەك.

خۇادۇڭ پىداگوكىكا ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ پرافىسورى ۋېن جۈن :ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ دېققەت نەزىرىنى تارتقىنى بىر قىسىم قارا ۋاستىچى ئورۇنلارنىڭ ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتىنى ياراملىق ئەۋلاد بۇلۇپ يېتىشىپ چىقىشىدىكى نۇقتىى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاشقى ئۇچۇر كەمچىل بۇلۇشتەك پىسخىكىسىنى تۇتىۋالغاندىن  كېيىن ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ بارغان.شۇڭىلاشقا ،ئائىلە باشلىقلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلار ئاكتىپلىق بىلەن ئۇچۇرلارنى تۇللۇق چۈشىنىشى كېرەك. مەسلەن،مائارىپ ئورۇنلىرىنىڭ مائارىپ دېپلوماتىيەگە ئالاقىدار نازارەت ئۇچۇر تورىنىڭ قەرەرلىك ئېلان قىلغان چەتئەلدىكى مەكتەپلەرنىڭ تىزىملىكى ۋە ئوقۇش ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرى،ئوقۇغۇچىلار ھۆكىمەت ئېلان قىلغان ئۇچۇرلارنى يىغنچاقلاپ،ھەققىقىي سۈپىتى بولغان چەتكە چىقىپ ئوقۇتۇش ۋاستىچى ئورۇنلىرىنى تاللاش زۆرۆر ،دېدى.

چەتكە چىقىش ئۇچۇرلىرىنىڭ دائىرىسى ھۆكىمەت ۋە جەمئىيەت كۈچىنىڭ بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرىشىگە ئېھتىياجلىق.ۋېن جۈننىڭ قارىشىچە،كەلگۈسىدە مائارلىپ باشقۇرۇش ئورۇنلىرى باشلامچىلىق بىلەن ئۇمۇمىي مەنپئەتلەشكەن جەمئىيەت تەشكىلىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ،چەتئەلگە چىقىش تارىخى بولغان خەلق يۆلىنىشچانلىقىغا ئىگە تور سەھنىسىدە ئىشەنچىلىك خەۋەرلەرنى ئېلان قىلىدۇ،دېدى.


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
19957
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2012-1-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-21
توردا
11 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-7 22:15:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چەتكە چىقىپ ئوقۇشنىڭ مەزمۇنى ۋە مەقسىتى ئوخشىمىغان جەمىئەت كولىكتىپىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئىھتىياجىغا قاراپ ئوخشىمايدۇ ، بىزگە نىسبەتەن چەتكە چىقىپ ئوقۇش نوقۇل ياخشى-باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈشلا ئەمەس بەلكى دۇنيانى چۈشىنىش ،ئۆزىمىزنى چۈشىنىشدىن دىرەك بىرىدۇ مەيلى بىز بىر يىل تۇرساقمۇ چەتكە چىقىپ بىر كۆرگەنگە ئوقۇش ۋە خىزمەت بىلەن شۇغۇنلىنىپ باققانغا يەتمەيدىكەن. مەنمۇ ئەمدى ھىس قىلىۋاتىمەن.

UID
47712
يازما
15
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
15
تىزىملاتقان
2012-10-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-12
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-7 22:27:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چەتكە چىىقپ ئۇقۇش  ئۈچۈن  پۇل بولمىىسا بولما يدۇ   جۇما

UID
22167
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-5-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-8
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-8 01:08:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        ئەڭ ئاۋال تىل شارائىتى ئاندىن ئىقتىسادى شارائىت    ئاندىن قالسا ئۆزىمىزنىڭ يۈرىكىنى تۇتۇپ باقساق بولىدۇ دەپ قارايمەن   .

UID
10525
يازما
358
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
3568
تىزىملاتقان
2011-4-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-22
توردا
160 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-8 11:35:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   شەخسەن مەن شارائىت يار بەرسە چىقىپ كۆرۈپ باققانغا يەتمەيدۇ ، دەپ قارايمەن .

باھا سۆز

مەرت414  بۇنى faruq99 گە يوللىغان ،دىققەت قىلماي سىزگە يوللىنىپ كىتىپتۇ .  يوللىغان ۋاقتى 2012-10-10 13:14:38
مەرت414  شاھزادە ، كەمبەغەل يىگىت ،ھەممىسى بۇنى ئىسپاتلايدۇ....  يوللىغان ۋاقتى 2012-10-10 13:13:37
مەرت414  نەزەر دائىرىسىنى ، بىلىمىنى كۆپەيتىشكە ئەھمىيەت بىرىپ كەلگەن . چۆچەكلەر  يوللىغان ۋاقتى 2012-10-10 13:12:57
مەرت414  قىرىندىشىم ، ئۇيغۇر خەلقى قەدىمدىن تارتىپلا چەتدۆلەتلەرگە چىقىپ ، نەزەر  يوللىغان ۋاقتى 2012-10-10 13:12:08

UID
44618
يازما
31
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
31
تىزىملاتقان
2012-7-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-19
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-8 12:54:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرلاردا تىخى چەتكە چىقىش ئۇنچە يۇقرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلمىگەندۇ...

UID
44618
يازما
31
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
31
تىزىملاتقان
2012-7-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-19
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-8 12:56:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانداقلا بولمىسۇن قايسى دۆلەتكە چىقمايلى ئالدى بىلەن چىقىش نىشانىمىز ئىنىق بولشى كىرەك!

UID
20154
يازما
14
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
14
تىزىملاتقان
2012-6-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-21
توردا
31 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-8 22:17:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئالتە يىل ئىچكىرىي ئۆلكىلەردە ئوقۇپ ھىس قىلىشىمچە ئىچكىرىي ئۆلكىلەردىكى ئالىي مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرىنىڭ چەتئەلگە چىقىپ يۇقىرىي ئۆرلەپ ئوقۇش قىزغىنلىقى دىيارىمىز شىنجاڭنىڭكىدىن كۆپ تۆۋەن.(بۇ يەردە دىيىلىۋاتقىنى پەقەت قىزغىنلىقنىلا كۆرسىتىدۇ ، چىقىۋاتقانلارنىڭ سانىنى ئەمەس)
شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەندىن كىيىن قۇرداشلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىلىرىنىڭ چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشقا نىيەت باغلاپ تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ، گەرچە بەزى شارائىتلارنى ھازىرلاش سەل مۈشكۈل بولسىمۇ يەنىلا ئېرادىسىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم ھەم ئۇلارنىڭ جاسارىتىدىن خۇشال بولدۇم.
مېنىڭچە پۇرسەت بولسا تېخىمۇ ياخشى مەكتەپلەردە يۇقىرىي ئۆرلەپ ئوقۇش ، شارائىت ھازىرلاپ باشقا دۆلەتتىكى ئوخشىمغان مائارىپ مۇھىتىدىمۇ ئوقۇپ بىلىمىنى تېخىمۇ يۇقىرىلاش ئاقىلانىلىكتۇر.

UID
48426
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-10-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-21
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-21 18:18:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئادىلجان قايسى دۆلىتكە چىقسام  بولا؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش