تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 2452|ئىنكاس: 32

مۇنبەردىكى  بىر گۈزەل [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تىرىشچان ئەزا

АZАР让开撒`oLАР╰☆κeㄒiD

UID
211
يازما
15
تېما
9
نادىر
0
جۇغلانما
845
تىزىملاتقان
2008-11-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-14
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-16 19:28:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنى  مەپتۇن   ئەيلىدى   مۇنبەردىكى  بىر  گۈزەل  ،
     يۈرۈكۈمنى  چەيلىدى  مۇنبەردىكى  بىر گۈزەل ،
     بولۇپ قالدىم  ئاشىقى   غايىۋانە  ئۇنىڭغا   ،
      ئېنىق  جاۋاپ  بەرمىدى  مۇنبەردىكى  بىر  گۈزەل .

     چىرايىنى  كۆرمۈدۈم ،  ئاقمۇ  ياكى  قارىمۇ ،
     لېۋى  گىلاس ،  يۈزى  ئاي ،  بېلى  مەجنۇن  تالىمۇ ؟
      ياكى  بودەك  يىتىلگەن ئالىتاۋۇس  كالىمۇ ؟
     كۆرسەتمىدى   يۈزىنى،  مۇنبەردىكى  بىر گۈزەل .

     تېما  بىلەن  ئىنكاسى  يايرىتىدۇ  دىلىمنى  ،
     شەيدالارنىڭ جىقلىقى   ئاشۇرۇدۇ  غېمىمنى ،
     بۈگۈن  مانا  ئاۋامغا  ئايان  قىلدىم  سىرىمنى ،
     سۆزنى  ئىلىك  ئالمىدى  مۇنبەردىكى  بىر  گۈزەل .

      ئاۋازىنى  ئاڭلىدىم  خۇش - يېقىملىق  ساز  ئىكەن ،
      مىجەزىمۇ  مۇلايىم  خۇددى  ئىللىق  ياز  ئىكەن ،
      گەپ  ئەگىتىپ  سىنىسام ،  سەزگۈر ،  سىرلىق  بالىكەن ،
      كۆڭۈل   بەرسەم  ئالمىدى ،  مۇنبەردىكى  بىر  گۈزەل .

      مۇنازىردە   ئەل  بىلەن  تالاشقىنى  رام  قىلدى ،
      ئۇرغۇپ  تۇرغان  ئەقلىنى  كۆز - كۆز  قىلدى ،  دام   قىلدى،
      نىمىشقىدۇ  ۋەسلىنى  مېنىڭ  ئۈچۈن  كام قىلدى،
      سۆيگۈ  كۈيى  چالمىدى  مۇنبەردىكى   بىر  گۈزەل .

      بايان  قىلسام   كۆڭلۈمنى  گەپ  ئوينىتىپ  قاچىدۇ،
       پات - پات  خۇلق  چىقىرىپ ،  ئىشق  ئوتى   چاچىدۇ ،
      ماڭا  باقماي  ،  ئۆزگىنىڭ   قۇچىقىدا  ياتىدۇ ،
       تەكلىپ   قىلسام  كەلمىدى  مۇنبەردىكى  بىر  گۈزەل ،

      كۆرمىسىڭىز  مېنى  يا   قانداق  ئاشىق ؟  - دەيدۇ  ئۇ ،
      شۇنداق  تاتلىق  سۆز قىلىپ  ، يۈرۈكۈمنى  يەيدۇ  ئۇ ،
      تىغ  ئۇرۇشتا  كۆكسۈمگە  بىسى  ئۆتكۈر  چەيدو  ئۇ ،
      يا  توققۇزى  تەلمىدى  ، مۇنبەردىكى   بىر  گۈزەل ،

      <  دا  ئەي  ،  ما  چىڭ  >*  دەپ  يۇردۇم ،  تىللىسىمۇ  ، ئۇرسىمۇ ،
      كالتەك  ئېلىپ  قولىغا  قوغلىسىمۇ ،  سۈرسىمۇ ،  
      ماڭا  غەزەپ  ،  باشقىغا  چىشنى  يېرىپ  كۈلسىمۇ ،
      مەندەك  دەرتكە  قالمىدى  مۇنبەردىكى  بىر گۈزەل ،

      بوپتۇ  مېنى  سۆيمىسە ،  ئەركىنلىكى  ئۆزىنىڭ ،
      رازى  پەقەت  ئاڭلىسام ،  قۇلى  بولۇپ  سۆزىنىڭ ،
      بىلسە  ئەگەر  مەن  ئەسلى  گۆھىرىمەن  كۆزىنىڭ ،
      ئاھ - زارىمغا  يەتمىدى  مۇنبەردىكى  بىر گۈزەل  .

ئىملاغا دىققەت قىلىڭ.مەنبە ئەسكەرتىڭ،-باشقۇرغۇچى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
2091
يازما
1546
تېما
53
نادىر
0
جۇغلانما
50500
تىزىملاتقان
2010-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-13
توردا
46 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-16 21:28:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىيالنى ئاز  قىلىڭ  ، بىر كۈنلىرى سىزنىڭ مەقسىتىڭىزنى بىلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس ..........

ئىشەنچسىز مۇھەببەت كىشىنى تۇنجۇقتۇرىدۇ !!

يېڭى يۇلتۇز

ساپ ئەقىدە ئاز س

UID
2829
يازما
7
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
80
تىزىملاتقان
2010-6-14
ئاخىرقى قېتىم
2010-6-19
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-16 21:38:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ سىزنىڭ تۇنجى ئاشىق بولغىنىڭىزمۇ ؟ ھەئە دىيىلسە گەپ يوق . خو ...مۇرادىڭىزغا يەتكەيسىز .
ياق دىيىلسە ئىلگىركىمۇ ھېسسىيات ھازىقىمۇ ھېسسىيات ، بۇ ھەقىقىي ئاشىقلىق ئەمەس .
بەك قىينالسىڭىز 3 كۈن مۇنبەرگە كىرمەڭ ئۇنتۇپ قالىسىز .

بىلىم باشقا ، ئەخلاق باشقا .

UID
1259
يازما
106
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
3589
تىزىملاتقان
2009-1-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-12
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-16 21:40:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر كۆرۈپلا خىيالجان بوپ قالدىڭمۇ ئاشىقى،
ئويلاپ تېخى ئۆزۇڭچە - <<مەن گۈزەلنىڭ مەشۇقى>>.
سەبرى قىلىپ كۈتمەستىن ئاغرىنامسەن يەنىلا،
تەقەززادا كۆزۈڭدە قۇرۇمىسا ياش يۇقى.
[s:2]  [s:2]  [s:2]  [s:2]  [s:2]  [s:2]

دائىملىق ئەزا

..ئىھ  سىنىڭ كۆز

UID
2827
يازما
529
تېما
66
نادىر
0
جۇغلانما
18115
تىزىملاتقان
2010-6-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-11
توردا
29 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-16 21:45:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى  شئىر بۇلىدىغان گەپلەركەن

مەن ئىزدىنىۋاتمەن لىكىن سىلەر بىلەن بىرگە،

Rank: 8Rank: 8

UID
2533
يازما
967
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
42690
تىزىملاتقان
2010-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-11
توردا
274 سائەت

ئىلغار باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2010-6-16 22:03:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاھاھا...مەن ھەجەپ كۈلىۋەتتىم دىسە...

ئۆتەر-كېچەر، يىلتىزى يوق بىر نېمىلەر ساڭا ئەسقاتمايدۇ.

UID
2838
يازما
27
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
300
تىزىملاتقان
2010-6-15
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-6
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-16 22:24:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ قىزغا ئاتاپ نەسىر يېزىپ باقامسىز يە؟   

بۇ تىمىغا يېزىلغان ئىنكاس ئەمەس .

ئىشتان چۈشۈپ قالغىچە پىرقىراپ ئۇسسۇل ئوينايمەن!

يېڭى يۇلتۇز

سېنى سېغىندىم

UID
1981
يازما
10
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
130
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2010-6-13
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-16 22:26:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا.....سەۋدايىلار جىقىيىپ قاپتىيا نەچچە كۈندە.
قانداق ئاشىقلىق ئۇ مۇنبەردە قىلغان سۆزىگە قاراپلا ئاشىق بولۇپ قالىدىغان،بۇنى قىزىقىش
دېسەك توغرا بولارمىكى،كۆرمىگەن ئادەمگە ئاشىق بولغىلى بولمايدۇ.

پىكىر قىلىۋاتىمەن،دېمەك مەن تېخى ھايات!

تىرىشچان ئەزا

ئىنسان ئارمان بى

UID
2276
يازما
240
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
2500
تىزىملاتقان
2010-5-30
ئاخىرقى قېتىم
2011-2-27
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-16 22:29:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانداق گۇزەلدۇر ئۇ سىزنى شۇنچە رام قىلۋالغان

ئىنسان ئارمان بىلەن ياشاپ ،ئارمان بىلەن ئۆلىدۇ.

UID
2042
يازما
155
تېما
9
نادىر
0
جۇغلانما
5586
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-1
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-16 22:31:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 2قەۋەتتىكىsaturn يوللىغان 2010-06-16 21:38 غا قارتىلغان  :
بۇ سىزنىڭ تۇنجى ئاشىق بولغىنىڭىزمۇ ؟ ھەئە دىيىلسە گەپ يوق . خو ...مۇرادىڭىزغا يەتكەيسىز .
ياق دىيىلسە ئىلگىركىمۇ ھېسسىيات ھازىقىمۇ ھېسسىيات ، بۇ ھەقىقىي ئاشىقلىق ئەمەس .
بەك قىينالسىڭىز 3 كۈن مۇنبەرگە كىرمەڭ ئۇنتۇپ قالىسىز .

ماۋۇ تورداشنىڭ سۇزىنى مەن قوللايمەن

ئادەملەرنىڭ بىلىمى ئاشتى ياشاش قىيىلاشتى.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش