بۇ ئەھۋاللار يېزا مەكتەپلىرىدىلا ئەمەس ،شەھەردىكى مەكتەپلەردىمۇ ئوخشاشلا مەۋجۇت .مەن باشلانغۇچ مەكتەپنى ئاساس قىلىپ سۆزلىسەم ،ھازىرقى ئوقۇغۇچىلاردا ئۆگىنىش قىزغىنلىقى ئىنتايىن سۇز ،ئۇيۇنغا ئامراق،يالغانچى ،تاپشۇرۇق ئشلىمەسلىككە باھانە كۆپ ( مەسلىنى چۈشەنمىدىم ،خەنزۇ تىلىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئادەم يوق ،ماتېماتىكىدا مەسىلە مەنىسى خەنزۇچە بولغاچقا ئشلىيەلمىدىم ....ۋەھاكازالار)ئىشقلىپ يۇقىرىدا ئېيتىلغان مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى دېگىدەك بار . مېنىڭ سىنىىپدىمۇ بۈگۈن ئۈچ ئاساسىي پەن تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلىمىگەن ئوقۇغۇچىلار 15كە يېتىدۇ،قانداق قىلىمىز ؟ ئۈچ ئوقۇتقۇچى باشقا قوشۇمچە پەن دەرىسلىرىنى ئېلىۋىلىپ يېتەكچىلىك قىلدۇق .ئۇلارنى قانچە تەنقىدلەپ ئۆزىمىزنى خوراتقانغا چۇشلۇق ئۇلاردا خجىل بولۇش ياكى ئۆكۈنۈش ئىنكاسى بولمايدۇ . مەن راسلا بىلمىدىم ،مەسىلە زادى نەدىن چىقۋاتىدۇ؟ ئاتا-ئانىلارنى ماسلىشىپ ئائىلىدە يېتەكچىلىك قىلىپ بېرىڭ دېسەك ،ئۇلار ئوقۇتقۇچىلار چىڭ تۇتسا بوپتىكەن ،دەپ مەسئۇلىيەتنى بىزگە ئىتتىرىپ قويىدۇ. باشقا گەپلەرمۇ بار ئىدى ،ئەمما تىلىم ئاجىز كەپ قېلىۋاتىدۇ.
مەن «ئوقۇتقۇچى زالىم بولسا ئوقۇغۇچى ئالىم بولۇرئ»دېگەننى بەك قۇۋۋەتلەپ كەتمەيتىم ،ئەمما ئوقۇتقۇچى ئەخلاقى ، ياخشى گەپ بىلەن تەربىيلەش ،مەسلىنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقىپ ،ئايرىم ئوقۇغۇچىلارغا ئايرىم مۇئامىلە قىلىش، لايىغىدا تەنقىدلەپ تۇرۇش دېگەنلەر راسلا كارغا كەلمىدى،ھازىرقى بالىلارنىڭ دورىسى شۇ زالىملىق ئوخشايدۇ دېگەن قاراشقىمۇ كەپ قالدىم .
بۈگۈن ئوقۇغۇچىلىرىمدىن رەنجىپ قالغان ۋاقتىمدا بۇ تېما ئۇچراپ قالدى ،شۇڭا ئازراق قاخشاپ قويدۇم ،كەسىپداشلار توغرا چۈشىنەرسىلەر

يۇقىرىدىكى بىرىنىڭ زالىم بولۇش گۇڭ كۆتۈرمەيدۇ دېگىنى بىر تەرەپتىن ئويلىساق توغرا گەپ جۇمۇ ،كەلگۈسى ئەۋلادلار ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلاش دەيمىز ، ئەمما بەزى بالىلار بىز ئالدىغا تارتقانسېرى ئارقىغا تىركىشىپ ماڭمايۋاتىدۇ ئەمەسمۇ....