كۆرۈش: 1172|ئىنكاس: 4

007 يۈرۈشلۈك جاسۇسلۇق فىلىمىنىڭ 50 يىللىقى توغرىسىدا   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
20154
يازما
14
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
14
تىزىملاتقان
2012-6-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-19
توردا
30 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-6 14:50:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

007 يۈرۈشلۈك جاسۇسلۇق فىلىمىنىڭ 50 يىللىقى توغرىسىدا

ئەلكۈيى تورى ئوغۇز 6-كۈنى خەۋىرى: تۇنجى بۆلۈم 007 فىلىمى 1962-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى رەسمىي قويۇلغان بولۇپ 007 يۈرۈشلۈك فىلىملىرى پۈتۈن دۇنياغا تونۇلغان ، گەرچە بۈگۈنگە قەدەر 50 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ ئەمما 007 فىلىملىرى يەنىلا كىشلەرنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە. 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى 007 يۈرۈشلىك فىلىملىرىنىڭ 50 يىللىق تارىخى خاتېرە كۈنى ئۈچۈن ئىشلەنگەن فىلىم ‹‹SKY FALL›› رەسمىي ھالدا قويۇلىدۇ.

بۈگۈن ئەلكۈيى تورىمىز سىزگە 007 يۈرۈشلۈك فىلىملىرىنىڭ 50 يىللىق خاتېرە كۈنىدە "جامىس بوند"نىڭ تارىخىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتمەكچىمىز. سىزنىڭ قەلبىڭىزدىكى جامىس بوند قايسىسى؟

تۇنجى قېتىم رولغا چىققان كىشى Sean Connery

ئۇ 1930-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى شوتلاندىيە ئىدىنبۇرگدا تۇغۇلغان ، ئۇ Dr. NO ، From Russia With Love ، Gold finger ، Thunderball ، You Only Live Twice ۋە Diamonds are Forever قاتارلىق 007 يۈرۈشلۈك فىلىملىرىدا جامىس بوندنىڭ روللىرىنى ئالغان.





ئىككىنجى قېتىم 007 يۈرۈشلۈك فىلىمىدا جامىس بوند رولىغا چىققان كىشى : George Lazenby

ئۇ 1939-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى ئاۋىستىرالىيەنىڭ Goulburn دىگەن يېرىدە تۇغۇلغان. ئۇ 007 يۈرۈشلۈك فىلىمىدىن On Her Majesty's Secret Service نامىدىكى فىلىمغا رولغا چىققان بولۇپ كىشلەر ئۇنىڭ تەلىيى ھەقىقەتەن يوق ئىكەن ، ئارانلا بىر قېتىم 007 يۈرۈشلۈك فىلىمىغا چىقىشقا پۇرسەت بولغان دىيىشكەن. ئۇ بۇ فىلىمگە چىقىشتىن بۇرۇن رول ئېلىش تەجرىبىسى ئاز بولغانلىقتىن ئۇ رولغان چىققان On Her Majesty's Secret Service نامىدىكى 007 يۈرۈشلۈك فىلىمىنىڭ قويۇلۇش باھاسى ئادەتتىكىدىن تۆۋەن بولغان بولۇپ شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ 007 فىلىملىرىغا رول ئىلىشنى توختۇتۇپ تېلۋىزىيە پروگراممىلىرىغا چىقىشنى ئاساس قىلغان.





ئۈچىنجى قېتىم 007 يۈرۈشلۈك جاسۇسلۇق فىلىمىدا جامىس بوندنىڭ رولىغا چىققان كىشى Roger Moore

ئۇ 1927-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى ئەنگىلىيە لوندوندا تۇغۇلغان ، بوندنىڭ رولىغا 7 قېتىم چىققان. ئۇ رولغا چىققان 007 يۈرۈشلۈك جاسۇسلۇق كىنولاردىن Juncture ، The Man With The Golden Gun ، The Spy Who Loved Me ، Moonraker ، For Your Eyes Only ، Octopussy ۋە A View To A Kill بار. ئۇ 007 فىلىملىرىغا ئەڭ كۆپ چىققان ئارتىسلارنىڭ بىرسى بولۇپ 58 ياشقا كىرگىنىدە 007 فىلىملىرىغا رولغا چىقىشتىن چىكىنگەن ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەلچىسى بولۇپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى نامرات ئۆسمۈرلەرگە ياردەم بېرىشنى باشلىغان.






تۆتىنجى قېتىم 007 يۈرۈشلۈك جاسۇسلۇق فىلىمىدا جامىس بوندنىڭ رولىغا چىققان كىشى Timothy Dalton

ئۇ 1946-يىلى ئەنگىلىيەنىڭ Wales نىڭ ColwynBay دا تۇغۇلغان ، ئۇ ئىتالىيە بىلەن ئىرلاندىيە ئارىلاش قانلىق بولۇپ 007 فىلىملىرىغا 2 قېتىم رولغان چىققان  ، ئۇ رولغا چىققان 007 جاسۇسلۇق فىلىملىرىدىن The Living Daylights ۋە Licence to Kill بار.



بەشىنجى قېتىم 007 يۈرۈشلۈك جاسۇسلۇق فىلىمىدا جامىس بوندنىڭ رولىغا چىققان كىشى Pierce Brendan Brosnan

ئۇنىڭ چىرايى مېنىڭچە ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولسا كېرەك ، Pierce 1953-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى ئېرلاندىيەدە تۇغۇلغان بولۇپ 007 يۈرۈشلۈك فىلىملىرىغا 4 قېتىم جامىس بوندنىڭ رولىغا چىققان. ئۇ چىققان 007 فىلىملىرىدىن Goldeneye ، Tomorrow Never Dies ، The World Is Not Enough ۋە Die Another Day قاتارلىقلىرى بار.




ئالتىنجى قېتىم 007 يۈرۈشلۈك جاسۇسلۇق فىلىمىدا جامىس بوندنىڭ رولىغا چىققان كىشى Daniel Craig

ئۇ 1968-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى ئېنگلاندنىڭ Cheshire دىگەن يېرىدە تۇغۇلغان. ئۇ جامىد بوندنىڭ رولىغا 3 قېتىم چىققان بولۇپ ئۇلار Casino Royale ، Quantum of Solace ۋە  Skyfall قاتارلىق كىنولار بار.








بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   news تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-6 15:11  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
12103
يازما
79
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1339
تىزىملاتقان
2011-6-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-6
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-6 14:59:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
007فىلىملىرى  ئىچىدىكى مەن بىر قەدەر ياقتۇرغان ئوبرازلار Roger Moore (ياۋا غاز پىدائىيلىرىدىكى شاۋىن رۇلىنى ئالغان) كىشى بىلەن 5-قېتىملىق فىلىمگە چىققان كىشى بولغان،  بۇ كىنولاردىكى رومانتىك مەنزىرلەر بەكلا ئۇچۇق ئاشكارا ئىپادىلەنگەن دەپ ئويلايمەن.

UID
37030
يازما
75
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
75
تىزىملاتقان
2012-4-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-25
توردا
31 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-6 15:33:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
007 يۈرۈشلۈك جاسۇسلۇق فىلىمىننى مەنمۇ بەك ياخشى كۆرىمەن . بۇكىشى رولغا چىقسا بەكلا جىددىي چىقىدۇ . بەئەينى راستەكلا  تۇيغۇ بېرىدۇ .  مەن بولۇپمۇ  باش رولچىنىڭ  تاپانچا تۇتقان ھالىتىنى ياخشى كۆرىمەن !  

UID
46475
يازما
64
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
64
تىزىملاتقان
2012-9-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-20
توردا
42 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-6 22:53:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ   5-قېتىملىق  007  نى   بەك   ياختۇرىمەن   ،،،ئۇ ئارتىس  يوقاپلا  كەتتى .

UID
44964
يازما
36
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
36
تىزىملاتقان
2012-8-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-18
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-7 02:16:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇزۇن بولدى بۇ كىنونىڭ داۋامىنى ئىشلىمىگىلى ياكى رولغا ماس كەلگۈدەك ئارتىس چىقمىغانمىكىن .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش