تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 21118|ئىنكاس: 74

سۇپىر كېلىنچەكنىڭ كارۋاتتىكى سەتچىلىكى ئاشكارلاندى     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
11145
يازما
47
تېما
8
نادىر
0
جۇغلانما
1037
تىزىملاتقان
2011-5-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-5
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-6 13:30:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان سۇپېر كېلىنچەك رولىنى ياراتقان ئارتىس دىئاننا(رۇس مىللىتىدىن)نىڭ ئاتاقلىق رىجىسور بەھرام ياقۇبوۋ بىلەن مېھمانخانىدا بولۇپ ئۆتكەن كارۋاتتىكى سەتچىلىك كۆرۈنۈشى كىم تەرىپىدىندۇر ئوغۇرلۇقچە سىنغا ئېلىنىپ جەمئىيەتكە تارقلىپ كەتكەن. كىشلەر يانفونىنىڭ كۆكچىش ئىقتىدارى بىلەن بىر-بىرىگە ئەۋەتىشىپ يۈرگەن. ھەتتا بۇ كۆرۈنۈشلەر چىگرا ئاتلاپ ئۈرۈمچىدىكى ياشلار ئارىسىدىمۇ تارقىلىپ كەتكەن ئىدى. بۈگۈن تور ئاقتۇرىۋىتىپ بۇ ھەقتە يېزىلغان بىر پارچە زىيارەت خاتىرىسىنى ئۇچرىتىپ قالدىم. يامداپ يۈرۈپ ئاران دېگەندە رۇسچىدىن تەرجىمە قىلىپ چىقتىم. كۆرۈپلا قويۇڭلار،شۇنداق ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىمىز،ئۇيغۇر قىزلىرىمىز،ئۇيغۇر چولپانلىرىمىزمۇ ئۇيغۇنىش ئۆزىنى قايتىدىن تونۇش باسقۇچىغا قەدەم قويۇش كېرەك دەپ ئويلىدىم،قوشنىڭىزنىڭ تۈنۈگۈنى،سىزنىڭ بۈگۈنىڭىز بولۇپ قالمىسۇن!


خەۋەر مەزمۇنى

دىئاننا  ‹سۇپېر كېلىنچەك› ئوبرازى ئارقىلىق مىڭلاپ يۈرەكلەرگە ئورناپ كەتتى. ‹ئىچ كۈيئوغۇل› كېيىن يەنە مەشھۇر بولدى. ئىجادىنى مودېل سۈپىتىدە باشلىغان بۇ قىز، ئەسلىدە رۇس مىللەتىگە مەنسۇپ بولسىمۇ، ئۆزبېك كېلىنى ئوبرازىنى قايىل قىلارلىق ھالدا ياراتتى. دىئاننانىڭ ئۆزبېك كىنوسىغا كىرىپ كېلىشى ھەققىدە سۆز ئاچقاندا سۆزسىز بەھرام  ياقۇبوۋنىڭ نامى تىلغا ئېلىنىدۇ. ئەگەر بۈگۈنكى كۈن بىلەن باغلىساق، بۇ ياش ئارتىسقا ئامەت كۈلۈپ باققان ئىدى. بىر ئوبراز  ئارقىلىق پۈتۈن جۇمھۇرىيەتكە تونۇلۇشى، ئەل مۇھەببىتىنى قازىنىشى ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرىنىمۇ رەشىككە سېلىپ قويدى.نام قازىنىمەن دەپ يىللاردىن بېرى ئىقتىدارىنى كۆرسىتىشكە ئىنتىلىپ كېلىۋاتقان قىزلار ئازمۇ؟ 2009 يىلنىڭ ياز ئېيىدىن باشلاپ دىئانناغا نېمىشقىدۇر ئامەت يۈز ئۆرىگەندەك...سەۋەبىنى ياخشى بىلىسىز. بىھايا ۋىدىئو قايسىدۇر يول بىلەن تارقالدى-يۇ، ھەممىسىنى قالايمىقان قىلدى.
بىراق بىز بۈگۈن ئومۇمىي گەپ-سۆزلەردىن، مۇنازىرىلەردىن يېراق تەرزدە، ئارتىستنىڭ ئۆزى بىلەن يۈزمۇ-يۈز سۆھبەتلىشىشنى لازىم تاپتۇق. چۈنكى بۇ ۋەزىيەتتە ئەڭ ئېنىق دەلىل ۋە پىكىر ئۇنىڭدىن باشقا بىر ئىنساندا ئەمەس. دىئاننا بىزگە قاتتىق قايغۇغا چۈشكەنلىكىنى، ھەتتا ئۆز ئۆيىگە بېكىنىپ ھېچكىم بىلەن گەپلەشمەيۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. تېلىفونلارغا ئومۇمەن جاۋاپ بەرمىدى. ئۇنى چۈشىنىشكە بولىدۇ، بىراق خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغان كىم بار؟ ئاداشمايدىغان كىم بار؟ خەلقتىن قاچانغىچە يوشۇرنۇپ يۈرۈش مۇمكىن؟
دىئاننانىڭ يېقىن دوستلىرىدىن بىرى زىيارەتنى قوبۇل قىلىشقا ماقۇل بولغانلىقى ھەققىدە خەۋەر ئېلىپ كەلدى. ئۇچرىشىش پەيتىنىمۇ بەلگىلىدۇق. دىئاننانىڭ بۇرۇنقى ھالىتىدىن ئەسەر يوق ئىدى. يۈزىدە غەمكىنلىك، زورىغا تەبەسسۇم ئېچىپ، جاۋاپ بېرىشكە تەييارمەن دېگەن مەنىدە تىك قارىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدە ياش يالتىرايتتى. گەپنى نەدىن باشلاشنى بىلەلمىدىم.


دىئاننا


-بۇ شۇم خەۋەردىن قانداق خەۋەر تاپتىڭىز؟
-(يىغلىغان ھالدا) دوستۇم ئېيتتى. ئۇ باشقا بىر دوستىدىن كۆچۈرۈپ ئالغان ئىكەن. ئۇ دوستى چارسۇ بازاردا نۆۋەتتە تۇرغىنىدا باشقىلارنىڭ يانفونىدىن كۆچۈرۈپ ئاپتىكەن.
-بۇ ھەقتە ئىشتتىڭىزمۇ؟
-مەن ئۆلۈپ بولدۇم، مەن ئۈچۈن ھايات تامام بولدى. مەن تېرىك مۇردىغا ئايلىنىپ بولدۇم.
-كۆز ئالدىڭىزدىن نېمىلەر ئۆتتى؟
-ئەڭ ئاۋۋال خەلق ئالدىدىكى ھۆرمەت ئېتىبارىم، مۇخلىسلىرىم (چوقۇنغۇچىلىرىنى دېمەكچى) مۇھەببتى. .. مەن ئەمدى قانداق قىلىپ؟.....(يىغلىدى)
-ئائىلە ئەزالىرىڭىز، قوشنىلىرىڭىز ھەم قايغۇغا چۈشكەندۇ؟
-بۇ ھالنى دۈشمىنىمگىمۇ مۇۋاپىق كۆرمەيمەن. ئۆيدىكىلەرنىڭ قايغۇسىنى تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمەن، قوشنىلىرىمنىڭ غەيرى قاراشلىرى جېنىمغا تەگدى. دوستلىرىم، ئائىلەمدىكىلەرنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن سەل ئۆزۈمگە كەلدىم.
-قانداق ئويلايسىز؟ بۇ ۋىدىئو قانداق تارقالدى؟ كىمگە كېرەك بولدى؟
-بۇ ماڭا قاراڭغۇ، بىراق ئېنىق بىلىمەن. بۇ تاساددىپىي سادىر بولغان، ئۇنىڭ قانداق تارقالغانلىقى ھەققىدە مەندە مەلۇمات يوق.
-بەھرام ياقۇبوۋ بىلەنسىزنى ئىجادىي ھەمكارلىقتىن باشقا يەنە نېمە باغلايدۇ؟
-ھېچنەرسە، مەن ئۇنى ئىجادكار سۈپىتىدە ھۆرمەت قىلىمەن.
-بەلكى ئىجاد جەريانىدا سىزدە ئۇنىڭغا نىسبەتەن مۇھەببەت ئويغانغاندۇر؟ بەلكىم سىز ئۇنىڭغا مىننەتدارلىق ھېسياتى تۈپەيلى..... (نېمانداق قېلىن خەق بۇ؟)
-بەلكىم سۆيگەندۇر، بۇ تۇيغۇنى ئۇ ماڭا ئىزھار ئەتمىگەن، سەنئەتنىڭ بەزى چىرىك يوللىرى بار، ۋاقتى كەلگەندە ئاشۇنداق يوللاردىن ئۆتۈشكە مەجبۇر بولىدىكەنسەن.
-بۇ يولسىز باشقا ئىلاجى يوقمىدى؟
-بىلمىدىم، لېكىن خاتانى ئىنسان ئويلاپ قىلارمىدى؟ ئويلىماي بېسىلغان قەدەم تۈپەيلى بۇ كۈنگە قېلىشىمنى بىلسەم شۇ ۋاقىتتا خاتاغا يول قويارمىدىم.
-ۋىدىئونى ئۆزىڭىزمۇ كۆردىڭىزمۇ؟
-بۇ نامەردنىڭ ئىشى، ئۇنى كۆرۈپ چوڭ خاتالىققا يول قويغىنىمنى بىلدىم، تۆۋە قىلدىم
-بەھرام ياقۇبوۋنىڭ ئائىلىسى بىلەن قانداق مۇناسىۋەتتە ئىدىڭىز؟
-ناھايىتى ياخشى ئىدۇق، ئۇنىڭ رەپىقىسى بىلەن كونسىرتلارغا، كۆرگەزمىلەرگە بىرگە باراتتۇق.
-ۋەقەدىن كېيىن ئۇنىڭ رەپىقىسى بىلەن گەپلەشتىڭىزمۇ؟
-ئەلۋەتتە، خېلى كۆپ گەپلەشتۇق. ئۇ ئائىلىسىنىڭ نامىنى ھىمايە قىلىشىمنى سورىدى، بىراق مېنىڭ نامىمچۇ؟ مەن ۋەدەمدە تۇرمىدىم.
-باشقا ئارتىستلار قانداق پوزىتسىيەدە بولدى؟
-بىر خىزمەتدىشىم، ئىسمىنى ئېيتمايمەن، ھېچ خاۋاتىرلەنمەن، مەن ۋە باشقا نۇرغۇنلارمۇ شۇ يولدىن ئۆتۈشكە مەجبۇر بولغانمىز، دېدى. ئۆتكەندە بىر تاماقخانىغا چۈشلۈك تاماققا بارغان ئىدىم، ‹بۇ دىئانناغۇ› دەپ مەسخىرە قىلغانلار، رەسىمگە تارتىشقا ئۇرۇنغانلارمۇ بولدى
-نېمىلەرنى ئۈمىد قىلىسىز؟
-ھەممىسىنىڭ ئىزىغا چۈشۈپ، كەسپىمنى داۋام ئىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن
-كەلگۈسىڭىز، ئائىلىڭىز، پەرزەنتىڭىز ھەققىدە ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟
-قانداق قىلىپ ئويلاي؟ بۇ ھەقتە قايسى قىز، قايسى ئايال ئارزۇ قىلمايدۇ دەيسىز؟
-خەلق، مىڭلىغان مۇخلىسىڭىز ئالدىدا سۆزلەش ئىمكانىيىتى بولغىنىدا نېمە دېگەن بولار ئىدىڭىز؟
-كەچۈرەلىسىڭىز مېنى كەچۈرۈڭ، مېنى كەچۈر ئۆزبېگىم. مېنى خەلق تونۇتتى، شۇ ئىنسانلار ماڭا مېھىر بەردى. مەن ھايات يولۇمدا بىر مەرتە ئاداشتىم، خاتا قىلدىم، گۇناھ قىلدىم... توغرا، ئىنسانلار مەندىن نەپرەتلىنىشكە، مەندىن ۋاز كېچىشكە ھەققى بار، بىراق مەن سىزلەرنىڭ مۇھەببىتىڭىزگە تەشنامەن، بۇنىڭسىز ياشىيالمايمەن. قىلمىشىمغا تۇشلۇق جازالاندىم، قەلبىم پارچە پارچە بولدى، دىلىم ۋەيران بولدى.

بۇ ھال ھەركىمنىڭ يۈرىكىنى غەش قىلىشى ئېنىق ئىدى، قىزنىڭ كۆزلىرىدىن سىرغىغان ياش قىلمىشىدىن مىڭ ئەپسۇس ئىكەنلىكىنى، ئىنسانلارنىڭ كەچۈرۈشىنى ئۆتۈنۈنگىنىدىن دېرەك بېرىۋاتاتتى. پاتقاققا پېتىپ قالغاندا قول سۇنماسلىق، ئېغىر كۈندە ئۇنىڭ بېشىغا دەشنام تاشلىرىنى ئېتىش مۇسۇلمانغا خاس ئەمەس. دىئاننا ئۆكسۈنمە، ئىنسانلار ئۇ قەدەر باغرى تاش ئەمەس. خاتاسىنى تەن ئالغانلارنى خەلق چوقۇم كەچۈرىدۇ.
خەۋەر تۈگىدى. يەنە بىر ماتىرىيالدا مۇشۇ ۋەقەدىكى ئەر باش پىرسوناژ، پىشقەدەم رىژىسور بەھرام ياقوبۇۋنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋىرى يوق ئىكەنلىكى، پەقە شۇ ۋىدىئودىكى ئەرنىڭ ئۆزىگە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغانلىقىنى بايان قىلغانلىقى قەيت قىلىنىپتۇ.....
ئۆزبېكىستان سەنئەت تورىنىڭ يەنە بىرى بولغان سەيياد تورىدا مۇشۇ ھەقتە ‹بىھايا ۋىدىئولار كىمگە كېرەك؟› ماۋزۇلۇق ئوچىرىك ئېلان قىلىنىپ، دىئانناغا چاپان يېپىلغان. بىراق دىنىمىزدا زىنا قىلغان ئىككىلا تەرەپ گۇناھكار سانىلىدۇ. ئۇلارنى كەچۈرۈشنىڭ ئۆزىمۇ گۇناھ.
لېكىن مېنى ھەيران قالدۇرغان يېرى، كۆپ ساندىكى كىشىلەر يەنىلا كەچۈرۈش تەرەپدارى ئىكەن. ئۇلارنىڭ قارىشىچە سەنئەتكارنىڭ ئەخلاقى مۇھىم ئەمەس، ئۇلارنىڭ ياراتقان ئوبرازى مۇھىم ئىكەن. بۇ ھالەتنى ھوللىۋوتنىڭ ھالىتى بىلەن سېلىشتۇرۇپ قالدىم. مەسىلەن روبېرت دونىي ئەينى ۋاقىتتا زەھەر چەككەنلىكى بىلەن سېسىق نامى چىقىپ كەتكەن، جۇلىيە روبېرت نېشە سەۋەبلىك ئانا بولۇشتىن مەھرۇم بولغان. شۇنداقتىمۇ ئۇلار يەنىلا داڭلىق چولپان بولۇپ يۈرمەكتە. تېخى بەخرامان ھالدا ‹ھوللىۋوتتا ھېچكىم سېنىڭ ئەخلاقلىق بولغىنىڭ ئۈچۈن ھەق بەرمەيدۇ› دېگەندەك سۆزلەرنى قىلغان. ئۆزبېكلەر ياۋروپانىڭ، روسلارنىڭ تەسىرىنى يۇقتۇرۇپ مىللىي مەدەنىيەتىنى، دىنىنى ئۇنتۇشقا باشلاپتۇ. خۇدايىم بىز ئۇيغۇرنى ئۇنداق ئاقىۋەتتىن ساقلىسۇن. يېقىندىن بۇيان چىقىۋاتقان سەنئەتكارلارنىڭ سەتچىلىك خەۋەرلىرى ئۈزۈلمەي قۇلىقىمغا يېتىپ تۇرىۋاتىدۇ. خېلى كۆپ قېرىنداشلىرىمىز شۇ سەنئەتكارلاردىن رەنجىگەنلىكىنى، بۇرۇنقىدە ھۆرمەت قىلمايۋاتقانلىقىنى دېدى. شۇ دوستلارنىڭ ئەخلاق ۋە دىن جەھەتتىكى مەيدانىدا قەتئىيلىكى مېنى قايىل قىلدى.

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
7667
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
186
تىزىملاتقان
2010-12-3
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-6
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-6 14:32:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
         ئوخ ، نىمىش بۇ ئەمدى .
    ئۇلارغۇ شۇنداق قىلسۇن  ،دىيارىمىزغا كىم تارقاتقاندۇ بۇ داپشاق ۋىدىئونى ، كىملەردە باردۇر   ئەمدى بۇ يۇزى قىلىن نەرسە .

باھا سۆز

SARDAR0407  ۋاي ئاللاھ !!! ئنساپ بەسۇن ...  يوللىغان ۋاقتى 2012-10-10 10:59:46

UID
12103
يازما
79
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1339
تىزىملاتقان
2011-6-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-30
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-6 14:45:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ ئايالىنى تۇنۇمايمەن ھەم ئۇنىڭ ئۈستىدە بولۋاتقان ئۇ پاراڭلاردىنمۇ خەۋەرسىز، بىراق شەخسەن مەن ئۇ ئايالىنى كەچۈرۋىتىش تەرەپدارى ئەمەس.  قۇرۇپ كەتسۇن «سەنئەتكارنىڭ ئەخلاقى مۇھىم ئەمەس، ئۇلارنىڭ ياراتقان ئوبرازى مۇھىم» دىگەن پاراڭ!

UID
15294
يازما
30
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
90
تىزىملاتقان
2011-9-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-29
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-6 15:28:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۇپىر كىلىنچەكتە رولنى ياخشى ئاپتىكەن بۇ قىز . ۋاي توۋا ،،،،قانداق ئىش بۇ ،

UID
8922
يازما
101
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2231
تىزىملاتقان
2011-1-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-5
توردا
11 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-6 15:31:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چالما كزەك قلش كرك

باھا سۆز

ئۇيغۇرۇم  ئەسلى بۇ ئىنكاسقا ئۆزىڭىزنىڭ كۆز قارىشىڭىزنى يازغان بولسىڭىز بەك ياخشى بۇ  يوللىغان ۋاقتى 2012-10-6 16:10:47

UID
47635
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
8
تىزىملاتقان
2012-10-3
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-5
توردا
34 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-6 15:32:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرۇن مەن  خېلى قول قويغان سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ ئايالچە رول ئالغىنىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم شۇنداق غەش بولغانتى،قىزىقچىلىقنىڭ ،تەربىينىڭ باشقا يولى بولمىغاندىكىدەك...

UID
37030
يازما
75
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
75
تىزىملاتقان
2012-4-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-25
توردا
31 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-6 16:08:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ قاراشتا  باشقىلارغا ئوخشاش ئەمەس  ، دىئاننا خاتا قىلغانلىقىنى ئۆزى ئېتراپ قىپتۇ ،ۋە مۇخپىرلارنىمۇ قوبۇل قىپتۇ . دىمەك دىئاننا ئۆزىنىڭ خاتالاشقانلىقىنى ھەم پۇشايمان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى دىگەن گەپ . ئىسلام قائىدىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا زىنا قىلىش كەچۈرگىسىز گۇناھ ھېسابلىنىدۇ . لېكىن پەيخەمبىرىمىز،«ئۆز گۇناھىنى تۇنۇپ تۆۋبە قىلسا  شۇ بەندىنىڭ گۇناھى مەغپىرەت» دىگەن . دۇنيادا خاتالاشمايدىغان ئىنسان يوق ، بەلكىم دىئاننامۇ مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مۇشۇ ئىشنى قىلىپ كېيىن قاتتىق پۇشايمان قىلغان بولىشى مۇمكىن . دىمەك كەچۈرۋەتسەك  تامامەن بولىدۇ دەپ ئويلايمەن .
ئەگەر دىئاننا ‹‹مەن بۇنداق ئىشنى قىلمىدىم ›› دەپ‹‹بەھرام ياقۇبوۋ››دەك تېنىۋالغان بولسىمۇ ، بىز يەنە دىئانناغا ئىشىنىشىمىز مۇمكىن ئىدى. لېكىن ، دىئاننانىڭ ۋىژدانى ئۆز خەلقىنى ئاداشنى ياخشى كۆرمىگەن گەپ.

باھا سۆز

insan520  مېنىڭچىمۇ شۇ  يوللىغان ۋاقتى 2012-10-21 02:21:10
想你  مەنچىمۇ بۇ خەۋەرگە ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ،،ھەممىسى قۇرۇق گەپ  يوللىغان ۋاقتى 2012-10-7 23:46:37
nur903  قۇرۇق گەپ  يوللىغان ۋاقتى 2012-10-7 17:21:41

UID
33159
يازما
14
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
14
تىزىملاتقان
2012-6-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-23
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-6 16:58:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي  رۇس بولسا ئىمانسىز دىگەن گەپ  نىىمە كارىمىز  ئۇلار بىلەن بىز پەقەت ساۋاق ئالساق بولدۇ خالاس .

كۆيۈمچان ئەزا

ئاللاھ ئاشىق مەن

UID
2781
يازما
75
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2056
تىزىملاتقان
2010-6-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-2
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-6 18:17:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەنئەتچىلەر كەتمەن چاپسىمۇ ،  كەتمەندىن نۇمۇس قىلىپ توۋا قىلىپ  يىغلايدۇ .........؟

UID
47744
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-10-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-6
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-6 18:56:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارتىسنىڭ ھەممىسى ئاشۇنداق زىناخور نىمىلەر  ئۆزمو دەپتىغۇ  بۇنداق ئىشنى ھىممە ئارتىسلار بىشىدىن ئوتكىزدۇ دەپتىغۇ  بۇلارغا پول بەسە سىرىق كىنۇ ئىشلەشتىنمۇ يان مايدىغان نىمىلەر بۇ  ئىمانسىزدا ھايا ۋە غورور نىمىش قىلىۇ     مۇشۇ ئارتىس دىگەن نىمىلەرنى كۆرسەم كۆزۆمگە ئىتتىنمۇ سەت كۇرنىدۇ

باھا سۆز

UMIDIM  ئۇلۇغ ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ دىلىغا ئىنساب بەرسۇن  يوللىغان ۋاقتى 2012-10-24 22:23:28
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش