تۆۋەندىكىلەر مېنىڭ رومانتىكا ھەققىدە قىلغان پىكىرلىرىم ئىكەن، بۇ تېمىغا يانداش بولغاچقا بلوگىمدىن بۇيەرگە كۆچۈرۈپ قويدۇم! مەنبە:
http://www.teshnayi.com/2012/06/13/312/ تەشنايى تورخاتىرىسى
«رومانتىكا» ۋە بىزدىكى رومانتىكىلىق
« رومانتىك » سۆزىنى سىز قانداق چۈشىنىسىز؟! بەزىدە باشقىلارنىڭ « سىز تولىمۇ رومانتىك ئىكەنسىز» دېگەن باھالىرىنى ئاڭلاپ قالىمىز. بەلكىم بۇ سۆزنىڭ ھەركىمنىڭ كاللىسىدا شەكىللەندۈرىدىغان تۇيغۇلىرى ئوخشاش بولمىسا كىرەك. ئۆزۈمنى ئالسام: تولىمۇ تېنىچ بىر مۇھىتتا تەبىئەت بىلەن مۇڭداشسام، ياكى ئۆزۈمدىكى سەنئەت تۇيغۇلىرى بىلەن رىئال تۇرمۇشتىكى ئىشلىرىمنى مۇكەممەل ماسلاشتۇرۇپ قىلالىسام رومانتىك بولدى دەپ ئويلايمەن. بەزىلەر نوقۇل ھالدا قىز – ئوغۇللار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىلا بۇ سۆز بىلەن سۈپەتلەشكە كۆنگەن، سىزگە ھاياجانلىق تۇيغۇلارنى ئاتا قىلالايدىغان باشقا ئىشلارنى رومانتىك دەپ تەرىپلىسىڭىز ئۇلار قاقاقلاپ كۈلمىگەندىمۇ، زاڭلىق قىلىپ مىيىقىدا كۈلىدۇ. ئۇنداقتا بىز بۈگۈن موشۇ مەسىلە ئۈستىدە بىر تالاش – تارتىش قىلىپ باقايلى!
«رومانتىك» ئاتالغۇسىنىڭ ئوخشىمىغان تىللاردىكى تەبىرى تۆۋەندىكىدەك:
ئۇيغۇرچە لۇغەتتە ئىزاھلىنىشى: كۆتۈرەڭگۈ روھ، يۈكسەك غايە ۋە ھېس – تۇيغۇلار بىلەن سۇغۇرۇلغان قاراشقا ئىگە بولغان.
خەنزۇچە لۇغەتتە ئىزاھلىنىشى:شىئىرىي ھېسياتقا باي، گۈزەل ئارزۇلارغا ئىگە؛ ئەركىن، چەكلىمىسىز (كۆپىنچە ئوغۇل قىزلار مۇناسىۋېتىگە قارىتىلىدۇ)
ئېنگىلىزچە لۇغەتتە ئىزاھلىنىشى:تەپەككۇرغا، باتۇرلۇق روھىغا ۋە ھاياتىي كۈچىگە تايىنىپ كىشىلەرنىڭ ھېس – تۇيغۇلىرىنى ئويغىتالايدىغان؛ سۆيگۈ قاينېمىغا غەرىق بولغان؛(ئادەم، خارەكتىر…) قاتارلىقلارنىڭ ھېسياتقا باي ئىكەنلىكى؛ ئەدەبىي ئەسەر، مۇزىكىلارنىڭ ئەقىلدىن بەكرەك ھېسياتقا تايىنىپ ئىجاد قىلىنىشى.
يۇقارقىلاردىن كۆرېۋىلىشقا بولىدۇكى، رومانتىك ئاتالغۇسىنىڭ ئوخشىمىغان يىللاردىكى مەنىسىدە ئاز تولا پەرىق بار، ئەمما ئاساسىي مەنىسى ئوخشاش. ئۇنداقتا نۆۋەتتە بىز رومانتىك كاتىگورىيسىگە كىرىدۇ دەپ قارىغان ئىشلار قايسىلار؟! بولۇپمۇ ياشلىق مەزگىللىرىمىزدە بىزدىكى رومانتىكىلىق قارىشى قانداق بولىۋاتىدۇ.
مېنىڭچە رومانتىك ئاتالغۇسىنى مەخسۇس ئوغۇل قىزلار ئارىسىدىكى مۇھەببەت دائىرىسىدە قوللىنىش بىر ئاز تەنتەكلىك بولۇپ قالىدۇ. رومانتىك بولۇشنىڭ يەنە بىر خىل ئۇسۇلى: ھېس تۇيۇلىرىمىزنى كىشىلىك تەرەققىياتىمىز ئۈچۈن ئىشلىتىش. يەنى دۇنياغا، تەبىئەتكە ئەنە شۇ كۈچلۈك ھېس تۇيغۇلىرىمىز بىلەن بېقىش. ئەقلىي ۋە جىسمانىي ئەمگەكلىرىمىزنى شۇ خىل كۈچلۈك تۇيغۇلىرىمىزنىڭ قاندۇرلىشى ئۈچۈن دەپ چۈشنىنىش. جىسمانىي ھىرپ – چارچاشلىرىمىزغا شۇ خىل تۇيغۇلارنىڭ تۈرتىكىسىدە تاقابىل تۇرۇش.
ئىنساننىڭ ھاياتلىق پائالىيىتى تۈرلۈك ئامىللارنىڭ تەسىرى ۋە شارائىتنىڭ چەكلىمىلىكىدىن خالىي ئەمەس، ئەمما ئۇ ھەرقانداق شەيئىگە ئۆزگە خاس مەنە ئاتا قىلالايدۇ، روھىي دۇنياسىنى پۈتۈنلەي ئۆزى قۇرۇپ چىقالايدۇ. بۇ جەھەتتىن رومانتىك بولۇش ھەركىشىنىڭ قىممەت قارىشىغا باغلىق بولۇپ قالىدۇ دەپ ئويلايمەن.
ئۇنداقتا تۇرمۇشىمىزدىكى بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇش ھاياتىمىزدىكى رومانتىك ئىشلار تىزىملىكىنى بىرلىكتە تىزىپ چىقمايلىمۇ؟!(تۆۋەندىكىلىرى مېنىڭ قارېشىم)
1. تاڭ ئاتقاندىن كىيىن يىڭى بىركۈننى كۈتىۋېلىش شەرىپىگە ئىرىشىش.
2. سەھەر تۇرۇپ روھىي چىنىقىش ئېلىپ بېرىش، ساپ ھاۋانىڭ ھوزۇرىنى سۈرگەچ بەدەن چىنىقتۇرۇش.
3. باشقىلارغا تەبەسسۇم بىلەن بېقىش.
4. ئۆز ئەجىرىمىز بىلەن تاپقان پۇلىمىزنى باشقىلارغا ئوخشاش ئۇسۇلدا خالىغانچە خەجلىمەي، زۆرۈر ئىستىمالدىن ئاشقىنىنى مەنىۋېيىتىمىزنى بېيىتالايدىغان،كىشىلەرگە بىزدىكى رومانتىكىلىقنى ھېس قىلدۇرالايدىغان ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا سەرپ قىلىش.
5. ۋاقىتلىق ئازاپقا دۇچار بولۇش ھەمدە شۇخىل ئازاپ ئىلكىدىن لەززەت ئېلىشنى بىلىش.
6. تەبىئەتكە چەكسىز يىقىلىشىش، نۇرغۇن كىشىلەر خىيالىدا تەلپۈنىدىغان ئەمما ئەمەلدە قىلالمايدىغان ئىشلارنى قىلىش (مەسىلەن: ئاددىي – ساددا كىنىش، سەھرانىڭ توپىلاڭ يوللىرىدا يالاڭئاياغ ئويناش، قۇشلا بىلەن سايرىشىش، كىپىنەكلەردىن ھوزۇرلىنىش….).
7. مەيلى ئۈگۈنۈشتە ياكى تۇرمۇشتا بولسۇن باشقىلار بىلەن بولغان رېقابەتتە ئېشىپ چۈشۈش.
8. ئۆز – ئۆزى بىلەن مۇھەببەتلىشىش، ئەرلەر غۇرۇرىنى ،قىزلار ئەخلاق، ئىپپىتىنى ھاياتى بىلەن تەڭ ئورۇندا قويۇپ قوغداش ۋە شۇ يولدا كۆرەش قىلىش.
9. ئۆزىگە چەكسىز ئىشىنىش، باشقىلارغا ھەۋەس قىلماسلىق.
10. كىشىلەر ئارىسىدىكى ئەڭ پاك قەلىبكە ئىگە بولۇش. قەلبىنى پاك تۇتۇشتىن كىيىنكى تۇيغۇلاردىن ھوزۇرلىنىش.
يۇقارقىلار پەقەت ۋە پەقەت مېنىڭ ئاددىيلا بولغان رومانتىك قارىشىم. سىزنىڭمۇ ئۆزگىچە قاراشلىرىڭىز بارغۇ دەيمەن، ئۇنداقتا باھا كۆزنىكى سىزگە ئېچىۋىتىلدى!!