- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 79
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 2269
- تىزىملاتقان
- 2010-5-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-12-29
- UID
- 1997
- يازما
- 79
- تېما
- 21
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 2269
- تىزىملاتقان
- 2010-5-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-12-29
- توردا
- 14 سائەت
|
مۇھەببەت ئىزھارى (ئاقگۈل914)
ھەر كۈنى شۇنداق، سەن زادىلا خىيالىمدىن چىقمايسەن.كۈندە ياستۇققا بېشىمنى قويۇشۇمغىلا سەن يەنە خىيالىمغا كىرىۋالىسەن.
سەن بىلەن تۈنجى كۆرۈشكەندىلا يۈرىكىمگە مۇھەببەت ئوتى ياققان ئىدىڭ.
مۇھەببەت ئەسلىدە ئىككى تەرەپنىڭ ئوخشاش دەرىجىدە ھېس قىلىشى، ئوخشاش ئىپادىلىشى بولغاندىلا،ئاندىن مۇكەممەل بولغان بولىدۇ،ئاندىن ئۇنىڭدىن ياخشى نەتىجە چىقىدۇ. ئىككى تەرەپ ئوخشاش خوشال بولىدۇ.
ئاشىقىم،مەن ساڭا شۇنچىلىك ئىجىل بولدۇم.شۇنچىلىك سەمىمىي مۇھەببەت باغلىدىم. بۇ توغرۇلۇق بۇرۇنمۇ مەن ساڭا:مەن ئەزالدىن بىرىنى مۇشۇنداق ياخشى كۆرۈپ باقمىغان،ھەر مىنۇت سېنىلا كۆرسەم دەيمەن.ھەممە جايدا سەن ئۈچۈن باش ئۇرۇپ تولغىنىمەن.
كۈنلەر تۈنلەرنى قوغلاپ بىر - بىرلەپ ئۆتمەكتە. مەن ئارامىمنىمۇ،خاتىرجەمسىزلىكىمنىمۇ يوقاتتىم.ساڭا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىم
ئۈچۈن ھەمىشە سېنى ئەسلىمەي تۇرالمايمەن.
مەن ساڭا لايىق كېلەلمەيمەنمىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن. بۇنداق دېگىنىم ھەرگىز قورۇق گەپ ئەمەس ھەم كەمتەرلىكىمدىنمۇ ئەمەس،
پەقەت مۇشۇنداق چاغلاردا بارلىق ئاجىزلىقلىرىم بىراقلا ئاشكارىلىنشقا باشلايدۇ.
دۇنيادا ھايات تۇرۇپ سەن بىلەن مۇھەببەتلىشەلمىسەم،بۇ مەن ئۈچۈن قانچىلىل زور ئازاب - ھە!سەندى ئايرىلەپ كۆڭلۈم قانداقمۇ تىنسۇن؟سېنىڭ ئىشىق نۇرىڭغا چۆمۈلگەنىكەنمەن ئەمدى ئۇنىڭدى جۇدا بولمىقىم مۇمكىنمۇ؟ئاھ،مۇمكىن ئەمەس. مەن سېنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمدىن ئۆكۈنمەيمەن؛ھازىر ھېلىھەم سېنى ياخشى كۆرىمەن. بەلكى سېنى مەڭگۈ ياخشى كۆرىدىغانمەن.
سەندىن ئايرىلىپ مۇشۇنداق ئازابلىق ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىپ قاتتىق ئازابىنىۋاتقان بولساممۇ،لېكىن بۇنىڭدىن قىلچىمۇ ئاغرىنمايمەن.
ئىلگىرى ھەمىشە ئازاب،ھەسرەت ۋە ئۈمىدسىزلىك گىرابىدا ھەپلىشىپ يۈرەتتىم.لېكىن بۇنىڭغا سەۋرې قىلىپ قىزلارچە غۇرۇرۇمنى يوقاتماي كەلدىم.شۇڭا،مەن ئەڭ ئاچچىق ئازابقىمۇ بەرداشلىق بېرىمەن.
قەيەردە سەن ئاشىقىم؟سەن مېنىڭ پۈتۈن ئاۋازىم بىلەن چاقىرىشىمنى ئاھۇ زارىمنى ئاڭلاۋاتامسەن؟مېنىڭ ھالسىز،مىسكىن ھالىمنى كۆرۈۋاتامسەن؟
قېنى سەن،ئاشىقىم،قېنى سەن؟
مۇھەببەت نېمىدىگەن ئۇلۇغ،مەن نېمىدېگەن ئاجىز ھە!
مەنبە:يۈرەك سۆزلىرىم
|
|