« سېتىلە» دىگەن نامنىڭ كىلىپ چىقىشى تارىخى
مۇختەر مەمىتىمىن
يىڭسار ناھىيسدىن چىقىپ شەرققە 8كىلۇمىتر ماڭغاندا دۇلەت يۇلى 315-لنيە بۇيىغا جايلاشقان بىر يىزا بۇلۇپ،گەرچە نوپۇس،زىمىن جەھەتتە كىچىكرەك يىزا بولسىمۇ.تارىخنىڭ ئۇزۇنلىقى،يىراق ئوتمۇشنىڭ شاھىدى بولۇشى،كۆپلىگەن نامى مەشھۇر زاتلارنىڭ ئانا ماكانى بولۇش سۇپىتى ئوزگە خاس ئورۇپ ئادىتىنى ساقلاپ،بۇ ماكاندا ياشاپ كىلىۋاتقان ئەۋلاتلارنى سىخىيلىق بىلەن بىقىپ كەلمەكتە.مەن مانا مۇشۇ ئانا دىياردا ياشاپ كىلنۋاتقان ئىز ناسار بولۇش سالاھىيىتم بىلەن ئانا دىيارىمىنىڭ ھال-موڭلىرىغا ھەمسەپەر بولۇپ.ئەزىزانە يۇرتۇمنىڭ تارىخغا قاراپ باققۇم كەلدى.لىكىن بۇ يەردە شۇنى ئىيىتماي تۇرالمىدىم:يۇرتۇمنىڭ تارىخى ئارقا كۇرۇنۇشىنى بىلىش مەخسىدە كۆپلىگەن پەشقەدەم ئاتىلار-بوۋىلار.ئانلار بىلەن كۇرۇشتۇم،مىڭ ئەپسۇس!.....ئۇلار پەقەت بۇ يۇرۇتنىڭ نامى،تارىخى ھەققىدە ھىچقانداق بىر نەرسە دەپ بىرەلمىدى.يەنە ئەپسۇس:ئۇزى تۇرۋاتقان مەھەللە نامىنىمۇ بىلمەيدىكەن
ئاللا ئۇلارغا ھىدايەت ئاتاقىلغاي:
ئۇنداقتاىسزسېتىلە دىگەن نامنىڭ كىلىپ چىقىشىغا قىزىقامسىز؟ ئۇنداقتا تۆۋەندىكى بايانلارنى ئاڭلاپ بىقىڭ. سېتىلە دىگەن نامنىڭ كىلىپ چىقىشىدا تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل قاراش مەۋجۇت: بىرىنچى خىل قاراش: سېتىلە يېزىسىدىكى كىشىلەر مۇنداق دەپ قارايدۇ: ئىلگىرى بۇ يېزىدا ئاكا-ئۇكا سېيىتلار ئەڭ بۇرۇن كىلپ ئولتۇراقلاشىقان. كىشىلەر ئۇنى كىم دەپ سورىغاندا، «سېيىتلار» دەپ جاۋاب بەرگەن، كىيىنچە تۈرلۈك گىرامماتىكىلىق ئۆزگخرىشلەر سەۋەبىدىن «ئا» تاۋۇشى «ئە » نۆۋەتلىشىپ سېتىلە دەپ ئۆزگەرگەن دەپ قارايدۇ. بىراق بۇ خىل قاراشنىڭ ھىچقانداق تارىخ مەنبەسى يوق.
ئىككىنچى خىل قاراشتىكىلەر: سېتىلە دىگەن بۇ نامنىڭ كىلىش مەنبەسنى قاراخانىلار سۇلالىسى دەۋرىدىن مەنبە ئىزدەيدۇ. بۇ خىل قاراشنىڭ مەنبەسى مۇ نداق: قاراخانىلار سۇلالىسى 850 –يىلىدىن 1212 – يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن، بىلگە كۈل قادىرخاننىڭ نەۋرسى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مىلادىيە 955- يىلى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كىيىن، ھەسەن بۇغراخان، ھۈسىيىن بۇغراخان، قىلىچ بۇغراخان، نەۋرىسى يۈسۈپ قادىرخان ئاتىىنىڭ ئىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىسلام دىنىنى كىڭەيتىش ئۇرۇشىنى ئىلىپ بارغان. بۇ ئۇرۇشلارنىڭ كۆپىنچىسى يەكەن، يىڭسار، يىڭشەھەر تەۋەسىدە بولغان. قارا خانىلار سۇلالىسىنىڭ خانى ئەلى ئارسلانخان ( مىلادىيە 978-يىلدىن 998-يىلغىچە تەختتە ئولتۇرغان) ئۇدۇن خوتەن بۇدنىس قوشۇنلىرى بىلەن قانلىق جەڭ قىلىپ، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇرۇشتا شىھىت بولغان، بۇ چاغدا يىڭسار ناھىيسىنڭ ئورنى توپلۇق يىزىسىنىڭ مۇزلۇق دىگەن يىرىدە بولۇپ، مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: شەھەر ئىچىدىن 68 كىلومىتىر يىراقلىقتا قۇم شىھىت دىگەن بىر يۇرت بولۇپ، بۇ يۇرت قۇملۇق، شورلۇق، جاڭگاللىق ئىدى، بۇ ئۇرۇشلاردا 2.5 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەرلەر بۇ ئورۇندا ئۇرۇشتا شىھىت بولغان، بۇغراخان نەسەبتىكىلەر، سەركەردىلەر ھازىرقى يىڭساردىكى ئوردا پادىشاھى مازىرى، چۈجە پادىشاھى مازىرى، تىۋىز مازىرى، ھەزىرتى بەگ مازىرى قاتارلىقلارغا دەپنە قىلنغان، قالغان ئەسكەرلەر بۇ جاڭگاللىققا دەپنە قىلىنغان، كىيىنچە كىشىلەر بۇ يۇرتنى «قۇم شىھىت» دەپ ئاتاشتىن «شىھىتلە» دەپ ئاتاشقا ئادەتلەنگەن. كىيىنچە بۇ نام گرامماتىكىلىق تاۋۇشلارنىڭ ئۆزگىرى بىلەن «ش» تاۋۇشى «س» غا ئۆزگىرىپ سېتىلە دەپ ئاتالغان.
ئۈچۈنچى خىل قاراشتىكىلەر: ئۆزىنى سەيىد ئەۋلادى (پەيغەمبىر ئەۋلادى) قىلىپ كۆرسىتىپ،ئەسلىدىكى قوقان،مەرغۇلان،نەمانگان (بۇشەھەرلەر ھازىرقى ئۆزبىكىستىدىكى ۋىلايەتلەرنىڭ مەركىزى شەھىرى) قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن غوجا ئىشان ئەۋلاتلىرى ئولتۇراقلاشقان بىر يۇرت بار بولۇپ، يەرلىكلەر ئۇلارنى سەيىتلەر دەپ ئاتىغان، كىيىنچە بۇ سەيتلەر دىگەن نام تۇرلۇك گىرامماتىكلىق ئوزگىرىشلەرنى باشىتىن كەچۇرۇپ، ئۇلارنىڭ نام ئاتىقى بويىچە ئاتىلىپ يۇرت نامى سېيىتلە دەپ قويۇلغان. بۇ سېيىتلەرنىڭ ئەۋلادلىرى ھازىر سېتىلە يىزىسى(6-كەنىت غۇجا كول) ۋە ماڭشىن يىزىسىنىڭ غوجئىرىق كەنتى ( غوجىلار ئېرىقى) دە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ياشاپ كىلىۋاتىدۇ. دىمەك سېتىلە دىگەن نامنىڭ پەيدا بولۇش تارىخى مەنبەسى يۇقىرقى ئىككى خىل قاراش توغرا دەپ قاراشقا بولىدۇ.
|