بۇ توغرىسىدا ھېكايە يېزىشنىڭمۇ ئانچە زۆرۈرىيتى ۋە ئۈنىمى يوق، ئوغۇل-قىزلىرىمىز پەقەت ھەققە قايتسا، ھەقنى ئىسلامدىن ئىزدىسە ھەممىنى يەنى؛ ئىپپەت نۇمۇس، ھايا ۋە يۈزى تۆۋەنچىلىكنى تاپالايدۇ، ئىسلامدىن تاپقاننى ھەرگىز يوقىتىپ قويمايدۇ، مەيلى ئۇ ئادەم بار ياكى يوق يەردە بولسۇن ئىپپەتلىك ياشايىدۇ، مېنى ئاللاھ كۆرۈپ تۇرىدۇ، دېگەن ھىس كاللىسدىلا بولىدىكەن ئىپپەت-نۇمۇس ئۆزلىكىدىن ھاسىل بولىدۇ، يازغۇچىلىمىز ھەرقانچە تەسىرلىك ۋە ئەھمىيەتلىك ئىپپەت توغرىسىدا ھېكايە يازسىمۇ بەلكىم ئازراق تەسىر قىلىشى مۇمكىن، لىكىن ئىپپەتسىزلىكنى تۈپ يېلتىزىدىن يوقۇتىشى ناتايىن.
مەن بىر مېسال كەتۈرەي، مەسىلەن ئوغرىلىق ۋە ئىپپەتسىزلىك (زىنا قىلىش)دەيلى؛ ئىسلام دىنىدا ئوغرىلىق ۋە زىناخورلىقنى قاتتىق چەكلەيدۇ، ئوغرىلىق قىلغانلارنىڭ قولىنى خەلق ئالدىدا قولىنى كېسىدۇ، بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ ئۈنىمى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ بۇنى كۆرگەن خەلق ئوغرىلىقتىن ئۆزىنى تارتىدۇ ۋە خەلق ئالدىدا قولى كېسىلىشنى نۇمۇس دەپ بىلىپ ئوغرىلىق قىلمايدۇ، ئەگەر ئوغرىلىق قىلغان كىشىنى تۇرمىدا بەش ئالتە يىل ياتقۇزسا ئۇ تۇرمىدىن چىققاندىن كېيىن يەنە شۇ ئوغرىلىقنى قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن قول ئۈزەلمەيدۇ، بەزى ئالىملارنىڭ تەتقىق قىلىشىچە ئوغرىلىق قىلغان كىشىنىڭ قولنىڭ بېغىشىدىن كىسىشتىمۇ ناھايىتى چوڭ ھېكمەت بارلىقىنى، قولنىڭ بېغىشىدىن كېسىلگەندە شۇ ئوغرىدىكى ئوغرىلىق قىلىش ھۈجەيرىلىرى ئۈزۈپ تاشلىنىدىغانلىقى بىلگەن،
زىناخورغا كەلسەك زىناخورنى چالما كىزەك قىلىپ جازالايدۇ، بۇ زىناخورنى خەلق چالما كىزەك قىلىدۇ، چالما كىزەك قىلىش جەريانىدا خەلق بۇنىڭدىن نەپرەتلىنىشتىن بەكرەك زىنا قىلىشتىن ئۆزىنى تارتىدۇ ۋە سەسكىنىدۇ، بۇ خىل تۇيغۇ زىناخور چالما كىزەك قىلىنغاندا ئىنساننىڭ تەبىيتىگە تەبىيلا سىڭىپ كىتىدۇ،
شۇنىڭ بىلەن خەلق ئارىسدا ئۈچ تۆت زىنا خور ۋە ئوغرىنى جازالاش بولغاندىن كېيىن زىناخور ئوغرى يوق دىيەرلىك ئازلايدۇ، خەلق باياشات ۋە خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۇرىدۇ، ئىپپەتسىزلىك تۈپ يېلتىزىدىن تۈگەيدۇ،
http://adris.cn