كۆرۈش: 1119|ئىنكاس: 6

كۆزدىن كۆڭۈلگىچە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
47569
يازما
14
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
14
تىزىملاتقان
2012-10-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-26
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 13:18:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرى، ئاخىرى پارقىراپ تۇرغان سۈپسۈزۈك سۇ يۈزىدىن ئۆزەمنىڭ چىراينى كۆرۈپ قالدىم. تۇنجى قېتىم ناھايىتى ئېنىق ۋە روشەن ھالدا ئۆزەمنى كۆردۈم. سۇ يۈزىدىكى ئۆزەمگە ئۇزاق-ئۇزاق تىكلىدىم. ئەسىلى مەن مۇشۇنداق سىياقتكى بىز قىز ئىكەنمەن-دە !بۇرۇن مەن ئۆزەمنىڭ چىرايىمىنى، سىمايىمنى، ئوبرازىمنى خىيال تەسەۋۋۇرۇمدا بەك، بەك گۈزەل دەپ ئويلاتتىم. ھەتتا ئۆزەمدىن مەنمۇن بولۇپ يۈرگەن چاغلىرىم بولغان. باشقىلار مېنى ماختىسا، ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرىسە شۇلارغا بەكمۇ ئىشنىپ كىتىپىمەن.
سۇپسۈزۈك سۇ  يۈزىكى ئۆزەمنىڭ ئاشۇ سىيماسىنى كۆرۈپ بىر ئاز خىيال سۈرگەندىن كېيىن، ئويلانغاندىن كېيىن، بۇرۇن مەن گۈزەل دەپ ئويلىغان كۆزۈمدىن تامچە-تامچە ياشلار خۇددى يامغۇر تامچىسىدەك سۇ يۈزىگە تۆكۈلۈپ، جىمجىت سۇ يۈزىدە چىم-چىم داۋالغۇش پەيدا قىلدى. كۆڭلۈممۇ، ئاشۇ خىيالىي دۇنيارىمنىڭ ئەڭ گۈزەل، ئەڭ سۈزۈك ئاسىمنىدا لەگلەك كەبى ئىگىز-ئىگىز پەرۋاز قىلىۋاتقان ھېس-ھاياجانلىرىممۇ ،سۈيۈزىدە تۈرۈم-تۈرۈم بولۇپ كەتتى. مەن ئەمدى ھەرقانچە تىكىلىپ قارىساممۇ كۆزۈمدىن سيرىلىپ چۈشكەن ياش تامچىلىرى سۈزۈك سۇ يۈزىنى داۋالغۇتىۋەتكەچكە، ئۆزەمنى، ئۆزەمنىڭ ھەققىي چىرايمنى سۇ يۈزىدىن زادىلا ئېنىق كۆرەلمىدىم. ئەمدى باشقا يەرگە قارىساممۇ كۆزۈمدە يەنىلا شۇ داۋالغۇپ كەتكەن سۇ يۈزىدىكى غۇۋا تۇتۇق تېخمۇ تۇتۇق بىر چىراي ئەكس-ئەتتى.
مۇشۇ دالغۇپ كەتكەن سۇ يۈزىدەك كۆڭلۈم، يىغلاپ تۇرۇپ كۆزۈمگە نەسىھەت قىلدى.بەزىدە مەن كۆرىمەن، بەزىدە سەن كۆرىسەن.ھەققىي بىر ئىنساننىڭ كۆڭلى بىلەن كۆزى ناھايىتى ياخشى ھەمراھ، دۇستدۇر. بۇنداق نازۇكلۇق قىلما! ئەسىلىدە مەن ساڭا نەسىھەت قىلغان قىلغان ئىدىم. ھەممە نەرسىگە قاراۋەرمە، ۋاپا كەلمەيدۇ، ماڭا قارا! مەن ساڭا ئەڭ گۈزەل ساپ نەرسىلەرنى كۆرسىتىمەن. سىرتقى دۇنيادا كۆرگىنىڭ كۆپىنچىسى سىرتقى شەكل، رەڭگارەڭ، گۈزەل ئەمما مەزمۇنى ياكى جىسمى ساڭا تولىمۇ نائېنىق ھەم سەن ھەرقانچە قىلىپمۇ ئېنىق كۆرەلمەيدىغان، چۈشىنىپ يىتەلمەديغان نەرسىلەر. ماڭا قارا! پەقەت ماڭىلا قارا، شۇ چاغدا سەن تېخمۇ سۈيۈمۈك گۈزەل بولۇپ كۆرۈنىسەن.
كۆل بويىغا بېرىشقا ئامراق ئىدىم. ئەمما ئەمدى سۈ يۈزىگە قاراشتىن، سۇ يۈزىدكى ئۆزەمنى كۆرۈشتىن قورقىۋاتىمەن.
مەن ئاخىرى كۆڭۈل ئەينىكىمدە ئەكىس-ئەتكەن ئۆزەمنى ئېنىق كۆردۈم.كۆزۈمگە ئىشىنىپ، كۆڭۈلنى ئۇنۇتقان كۈنلىرىمگە ئۆكۈندۈم. ئەي كۆڭۈل، ئەمدى مەن بۇ دۇنيانى سەن ئارقىلىق كۆرەي دەيمەن.

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
44618
يازما
31
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
31
تىزىملاتقان
2012-7-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-19
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 14:03:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كونىلاردا كۆز كۆڭۈلنىڭ ئەينىكى دەيدىغان سۆزبار

UID
19619
يازما
13
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
13
تىزىملاتقان
2011-12-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-22
توردا
30 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 14:43:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنىسى بەك چوڭقۇرمۇ نىمە  مەن تازا چۈشنۈپ كىتەلمىدىم نىمىنى ئىپادىلمەكچى بولغانلىقىڭىزنى

UID
47569
يازما
14
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
14
تىزىملاتقان
2012-10-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-26
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 17:11:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەم ئۆزىنى ئەسىلىدىكى ئۆزىنى كۆرەلمەيدۇ، بىلەلمەيدۇ بەزىدە. باشقىلارنىڭ بىزگە بەرگەن باھاسى تولىمۇ  نىسپىي بولىدۇ، بىراق بىز بەزىدە باشقىلارنىڭ باھاسىنى بەك مۇھىم دەپ بىلىپ كۆڭلىمىزدىكى ئۆزىمىزنىڭ ھەقىقىي ئوبرازىنى ئۇنتۇپ قالىمىز.

UID
47657
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2012-10-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-4
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-4 10:55:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كوز كوڭۇلنىڭ ئەينىكى ،راس مىنى خاتا تۇنۇپ قالمىدىڭىز، لىكىن شۇ مىجەزىم ئوساللىشپ كەتكەندە،ئەڭ يىقىن ئادەممنىمۇ رەنجىتىپ قويىدىكەنمەن،

UID
14849
يازما
30
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
210
تىزىملاتقان
2011-9-7
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-20
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-8 08:50:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«سىرتقى دۇنيادا كۆرگىنىڭ كۆپىنچىسى سىرتقى شەكىل، رەڭگارەڭ، گۈزەل ئەمما مەزمۇنى ياكى جىسمى ساڭا تولىمۇ نائېنىق ھەم سەن ھەرقانچە قىلىپمۇ ئېنىق كۆرەلمەيدىغان، چۈشىنىپ يىتەلمەيدىغان نەرسىلەر.»
«كۆل بويىغا بېرىشقا ئامراق ئىدىم. ئەمما ئەمدى سۈ يۈزىگە قاراشتىن، سۇ يۈزىدكى ئۆزەمنى كۆرۈشتىن قورقىۋاتىمەن.»
مۇشۇ ئىككى جۈملە ماڭا ھەممىدىن ياقتى . بىز سۈنئىيلىكتىن بىزارمەن ، دەيدىكەنمىز ، جان -جىنىمىز بىلەن ھەقىقەتكە ئىنتىلىدىكەنمىز ، ئەمما ھەقىقەتنى تونۇپ يەتكەندە ئۆزىمىز ئۈچۈن پايدىلىق بولمىسا ھەقىقەتتىن ئۆزىمىزنى قاچۇرىدىكەنمىز .

UID
48459
يازما
6
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2012-10-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-13
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-10 16:01:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزۈمنى قۇچاقلاپ ياتمەن كۈندە ،
چۈش بولۇپ يۈرمەن ئايدىڭ كەچلەردە .

         ئۆزلۈك ۋە كېملكننى بىلىپ ياشاش ئادەمنى يۈكسەكلىككە ئېلىپ چىقدۇ .....
  ياخشى يېزىپسز....

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش