كۆرۈش: 3604|ئىنكاس: 15

قاراقاشقا كەلدى تۆت ئەدىب (رەسىملىك)     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
38307
يازما
2
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-5-15
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-21
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-1 01:28:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قاراقاشقا كەلدى تۆت ئەدىب

قاراقاشقا كەلدى تۆت ئەدىب،
خۇددى نۇرلۇق چولپاندەك يېنىپ.
كەلسۇن دەيمىز ئۇلارنى يەنا،
مەڭگۈ سولماس گۈللەرنى ئېلىپ.

قاراقاش ناھىيىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپىگە بىنائەن داڭلىق ئەدىب ۋە تەتقىقاتچىلىرىمىزدىن ئابدۇقادىر جالالىدىن، يالقۇن رۇزى، ئابلەھەت ئابدۇرېشىت بەرقى ۋە قۇربانجان ئابدۇقادىر قاتارلىق ئەزىز مېھمانلار 9-ئاينىڭ 26-كۈنى چارشەنبە چۈشتىن كېيىن دىيارىمىزغا مەخسۇس مائارىپ توغرىلىق لىكسىيە سۆزلەش ئۈچۈن كەلگەن ئىدى. بۇلارنىڭ ناھىيەمىزگە تەكلىپ بىلەن لېكسىيە سۆزلەش ئۈچۈن كېلىشى تۇنجى قېتىملىك ئىش بولۇپ، بۇ قاراقاش مەدەنىيەت-مائارىپ تارىخىدىكى تەسىرى ۋە خاتىرە ئەھمىيىتى زور بولغان ئالاھىدە پائالىيەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بۇلار كەلگەندىن كېيىن ئۆز ئارا گۇرپپىلارغا بۆلۈنۈپ، ۋاقىتنى كونتورل قىلىپ، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ يېزا-قىشلاقلىرىدا ۋە ناھىيە ئىچىدە لىكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى ئېلىپ باردى. تۈرلۈك تەييارلىق ئىشلارنى ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى ئورۇنلاشتۇرۇپ بەردى. لىكسىيە باشتىن-ئاخىرى ناھايىتى جانلىق، ياخشى داۋام قىلدى. لىكسىيە ئاڭلىغۇچىلار خۇددى بۆكىنى بىرسى ئېلىپ كەتسىمۇ سەزمىگۈدەك دەرىجىدە جىمجىت ئولتۇرۇپ، ئوتلۇق ھاياجان، قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە لىكسىيە ئاڭلىدى.

قاراقاش ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى 27-چىسلا كەچ سائەت 6:00 دە ئۇلارنى  كۈتۈۋېلىش ۋە دىدارىغا تەشنا بولىۋاتقان ئىلىم ئەھلىلىرىنى ئۇلار بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ، پىكىر ئالماشتۇرۇش مەقسىتىدە ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ يان تەرىپىدىكى غىزاخانىدا داستىخان تەييار قىلدى. داستىخان يىغىلغاندىن كېيىن  بۇ مۆھتەرەم زاتلار ئۆز ئارا دىدار-مۇلاقەتتە بولۇپ ئەركىن پىكىر، مۇلاھىزىدە بولدى ۋە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى، بۇ تۆت ئاقىلنىڭ ناھىيەمىزگە قەدىم تەشرىپ قىلىشى خۇددى قاغجىراۋاتقان يەرگە يامغۇر ياغقاندەك، چۆلدەرەۋاتقان باغۇ-بوستانغا سۇمرۇغ كەلگەندەك خاسىيەتلىك بىر ئىش.

ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن نۇرمۇھەممەت تۇردىئەخمەت



























بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   news تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-3 17:32  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
44618
يازما
31
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
31
تىزىملاتقان
2012-7-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-19
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-1 12:33:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ھەقىقەتەن كۆرۈشكە تىگىشلىك تىما ئىكەن لىكىن بەك قىسقىلا يىزىپسىز ، بولسا شۇ ئۈن خاتىرسىنىڭ مەزمۇندىن ئازراق بولسىمۇ بىزلەرنى خەۋاردار قىلغاچ تۇرمامسىز ...
ئۈن خاتىرسىنى بالدۇراق يوللىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلمەن !

UID
41248
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-7-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-9
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-1 22:39:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي...يالقۇن رۇزىنىڭ لىكسىيە سىنى  ئاڭلىيالمىدىم ..

UID
41104
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2012-6-15
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-15
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-1 23:13:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما بىلەن مەزمۇن تازا ماسلاشمىدىمى قانداق؟ رەسىممۇ ئېچىلمىدى...

يېڭى يۇلتۇز

بىكەت باشلىقى

UID
46004
يازما
33
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
33
تىزىملاتقان
2012-8-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-3
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-2 01:16:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

UID
46721
يازما
26
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
26
تىزىملاتقان
2012-9-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-10
توردا
26 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-2 12:55:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەسىم ئېچىلمىدىغۇ؟  ئادەمنى ئەخمەق  قىلىپ

UID
45847
يازما
34
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
34
تىزىملاتقان
2012-8-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-13
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-2 17:56:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەسىم ئېچىلمىدىغۇ

UID
39312
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
8
تىزىملاتقان
2012-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-3
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 16:01:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەلقىمىزنىڭ قەلىب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان سۆيۈملۈك زىيالىيلىرىمىزنىڭ ھەربىر قەدىمى ئۇتۇقلۇق ۋە بەرىكەتلىك بولغاي!

UID
15294
يازما
30
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
90
تىزىملاتقان
2011-9-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-18
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-4 14:22:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭكىدە نورمال ئىچىلىۋاتىدىغۇ

كۆيۈمچان ئەزا

ئەتىكى مائارىپ ئۈچۈن داۋاملىق

UID
3725
يازما
369
تېما
9
نادىر
0
جۇغلانما
8390
تىزىملاتقان
2010-7-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-19
توردا
68 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-4 16:37:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپ ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بوپتۇ.ئەدىپلىرىمىزنى خوتەننى بىر چاڭ چىقىرىپ قايتىپ كەپتۇ-دە!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش